logo

trugen jacn

خىتاي روھىيىتى: ئائىلىدىن جۇمھۇرىيەتكىچە

مەمتىمىن ئەلا

 

خىتاي روھىيىتى: ئائىلىدىن جۇمھۇرىيەتكىچە

خىتاينىڭ مەۋجۇتلۇقى غەربنىڭ دۇنيا تارىخى ھەققىدىكى بايانلىرىغا مەسىلە تۇغدۇرىدۇ. ئىنجىل خىتايلار ھەققىدە ھېچنېمە دېمىگەن. خېگېل ئۈچۈن دۇنيا تارىخى ئىپتىدائىي خىتاي بىلەن باشلىنىپ، گېرمان مەدەنىيىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىدىغان مۇكەممەللىكى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. فۇكۇيامانىڭ «تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى» دېگەن قارىشى پەقەت گېرمانىيىنى ئامېرىكا بىلەن ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ، خالاس. لېكىن، غەرب تاسادىپىي ھالدا شەرقتە ئۇزاق تارىخقا ۋە سەلتەنەتلىك ئۆتمۈشكە ئىگە كەڭ ئىمپېرىيە سۈپىتىدىكى بۇ خىتاينى بايقاپ قالدى. يېڭى دۇنيا بارلىققا كەلدى.

–ياڭ گەن

دۇنيا قەدىمكى تارىخىدا گرېك مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشى، گۈللىنىشى ۋە يوقىلىشى قانچىلىك ھەيران قالارلىق بولغان بولسا، خىتاي مەدەنىيىتىنىڭمۇ دۇنياغا كېلىشى، گۈللىنىشى ۋە يوقىلىشى شۇنچىلىك ھەيران قالارلىقتۇر. بولۇپمۇ، تاكى تاڭ سۇلالىسىغىچە گۈللىنىپ، ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئىدىيە سىستېمىسىنى ياراتقان ۋە كېيىن تارىخ سەھنىسىدە ئۇنچە بەك كۆرۈلۈپ كەتمەيدىغان خىتايلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن تارتىپ ئاستا-ئاستا قەد كۆتۈرۈشى تېخىمۇ ھەيران قالارلىقتۇر. گرېكلار بىلەن خىتايلار مەدەنىي دۇنيانىڭ جۇغراپىيىسىدىكى ئىككى قۇتۇپنىلا ئەمەس، بەلكى ئىككى خىل دۇنيانى سىمۋوللايدۇ—غەرب ۋە شەرق. گرېكلار غەرب ئەقلىيەتچىلىكىنىڭ ئاساسىنى ياراتقان بولسا، خىتايلار شەرق مەنىۋىيەتچىلىكىنىڭ ئۆزگىچە بىر ۋارىيانتىنى ياراتتى. ئەقلىيەتچىلىكتە غەربلىكلەر ئانالىتىكىلىك تەپەككۈر ئۇسۇلى ئارقىلىق دۇنيانى يەككىلىك شەكلىدە ئويلىسا، مەنىۋىيەتچىلىكتە خىتايلار دۇنيانى پۈتۈنلۈك شەكلىدە ئويلىدى.[i]  سوقرات «ئۆزۈڭنى تونۇ» دېگەن بولسا، سۇنزى «ئەگەر دۈشمەنلىرىڭنى ۋە ئۆزۈڭنى بىلسەڭ، ھېچقانداق ئۇرۇشتا يېڭىلمەيسەن؛ ئەگەر دۈشمىنىڭنى بىلىپ، ئۆزۈڭنى بىلمىسەڭ، ئۇرۇشنىڭ بىرىدە يېڭىپ، يەنە بىرىدە يېڭىلىسەن؛ ئەگەر ھەم دۈشمىنىڭنى ھەم ئۆزۈڭنى بىلمىسەڭ، ھەرقانداق ئۇرۇشتا يېڭىلىسەن.» دېدى. سوقرات خاتا قارىلانغان بولسىمۇ دېموكراتىيىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالغان بولسا، خىتايلار ئۆلۈمدىن قېچىشنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇرۇنۇشى سۈپىتىدىكى «36 پەنتى» نى بىر-بىرىگە ئىشلىتىش بىلەن ئاۋارە بولدى. سوقرات ئەخلاقىي ھاياتنىڭ ئەقلىي تەرتىپى ھەققىدە ئىزدەنگەن بولسا، خىتايلار ئەخلاقتىن ھالقىپ كەتكەن بوشلۇقتا ھەقىقەتنىڭ تەرتىپىنى بۇزدى—نەيرەڭۋازلىق. گرېكلار ئالەمنى بىلىشنىڭ چوقۇم ئۆزىنى بىلىشتىن باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىسە، خىتايلار دۈشمىنىنى بىلمەي تۇرۇپ ئۆزىنى بىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى. گرېكلار ئۈچۈن، ئادەمنىڭ تەپەككۈرى بىلەن دۇنيانىڭ قۇرۇلمىسى ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك ماسلىق مەۋجۇت بولۇپ، ھەر ئىككىسى ئوخشاش لوگىكىلىك قۇرۇلمىغا ئىگە. دۇنيانى ئادەمنىڭ ئەقلى ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ، چۈنكى دۇنيا ئەقلىيدۇر. ۋەھالەنكى، خىتاينىڭ تەپەككۈرىدە، دۇنيا بىر-بىرىگە قارىمۇ قارشى كۈچلەر، شەيئىلەر ۋە ئېنېرگىدىن تەركىپ تاپتى—دۇنيا مۇئەننەس(阴)بىلەن مۇزەككەر (阳)ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك ھەرىكەت، ماسلىشىش ۋە گارمونىيىنىڭ ھاسىلاتىدۇر. بولۇپمۇ، گرېكلەر ئۈچۈن، دۇنيا بىلەن ئادەم (مېتافىزىكا)، ئادەم بىلەن ئادەم (ئەخلاق) ۋە ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئويى (لوگىكا) ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئەقىل ئارقىلىق باغلىنىدۇ؛ خىتايلار ئۈچۈن، دۇنيا بىلەن ئادەم  (بىر پۈتۈنلۈك)، ئادەم بىلەن ئادەم (قائىدە-يوسۇن) ۋە ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئويى (ھېكمەت) پاراسەت ئارقىلىق باغلىنىدۇ.

خىتايلار پەخىرلىنىدىغان 5000 يىللىق مەدەنىيەت، تاڭ-سوڭ سۇلالىرىدىكى ھايات شەكلى ۋە گۈللىنىش، تۆت چوڭ كەشپىيات، سەددىچىن سېپىلى، «تارىخنامە» ۋە سۇنزى قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيىلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى غەربنىڭ ئىدىيە تارىخىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتمىدى. خىتايلارغىمۇ غەربنىڭ ئىدىيىسى بولۇپمۇ گرېك ۋە كېيىنچە رىم ئىدىيە مەدەنىيىتى ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتمىدى، گەرچە ئۇ غەرب بىلەن يىپەك يولى ئارقىلىق ئالاقە قىلىپ تۇرغان بولسىمۇ. دېمەك، خىتاي يېپەك يولىنىڭ خاسىيىتىدە غەربتىكى رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن مۇئەييەن دائىرىدە سودا مۇناسىۋىتى قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ ھاللاردا ئۆز-ئۆزىگە بېكىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى قۇلتۇرال پۇرسەتلىرى ۋە قۇدرىتىگە تايىنىپ ياشىدى، گۈللەندى ۋە خارابلىقنى بېشىدىن كەچۈردى.

ئۇزاق ئەسىرلەرگىچە، شەرق بىر ياقتا، غەرب يەنە بىر ياقتا ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىۋەردى. غەرب بىلەن شەرقنىڭ—جۈملىدىن شەرقىي ئاسىيانىڭ—مۇناسىۋىتى كۆپ ھاللاردا 13-ئەسىردە ۋىنېتسىيىلىك سودىگەر ماركو پولونىڭ يۈەن سۇلالىسىغا قىلغان زىيارىتى بىلەن ئاستا-ئاستا غەرب زېھنىيىتىگە، تەپەككۈرىگە ۋە ئەدەبىياتىغا كىرىشكە باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، خىتايغا بارغان مىسسىيونېرلار، سودىگەرلەر، سىياسىي تەۋەككۈلچىلەر ۋە باشقىلار سوڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ ئۆزىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىدىن قېلىپ، ھۇنلارغا، ئۇيغۇرلارغا، موڭغۇللارغا ۋە مانجۇلارغا بوي سۇنغان خىتايلارنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە پىلان تۈزۈشكە باشلىدى. بولۇپمۇ، يېڭى دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى خىتايلارنىڭ بېكىنمىچىلىكىگە قاتتىق زەربە بەردى. بۇ زەربە تاكى خىتاينىڭ دەرۋازىسى ئۇلار چەتئەللىك ئالۋاستىلار (洋鬼子) دەپ ئاتايدىغان غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئەپيۇن ئۇرۇشى بىلەن قوپاللىق بىلەن چېكىلمىگۈچە تولۇق ھېس قىلىنمىدى. ئەپيۇن ئۇرۇشى ئوتتۇرا ئەسىرچە تېرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئاستا، سۈلكەتلىك ۋە رايىش رېتىمىغا كۆنۈپ كەتكەن خىتايلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ قۇدرىتى ھەققىدىكى بالىلارچە ئىشىنىشلىرىنى خىتاينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغا قەدەر تارقالغان ئەپيۇن بىلەن تېخىمۇ  ئەللەيلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خىتايلار تېخىمۇ تىرەن خام خىيالغا غەرق بولدى—ئۆزىنى ئۇنتۇشنىڭ ناتىۋان ئەمما خەتەرلىك چۈشىگە ئاتىدى. خام-خىيال ئىلكىدىكى خىتايلارنى ئىدارە قىلىۋاتقان چىڭ سۇلالىسى غەربلىكلەرنىڭ خىتايلار بىز ئىجاد قىلغان دەپ پەخىرلىنىدىغان ئوق-دورىنى ئىشلىتىدىغان ئىلغار قوراللىرىنىڭ سايىسى ئاستىدا بىر قاتار تەڭسىز شەرتنامىلەرگە قول قويۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭدىن تارتىپ، خىتاينىڭ يۈز يىللىق «دۆلەت ئار-نومۇسى» (百年国耻) باشلاندى.

غەربلىكلەر خىتاينى 1584-يىلى خىتايغا دىن تارقىتىشقا بېرىپ ۋە ئۇ يەردە يەرلىشىپ نۇرغۇن دىنىي ۋە غەيرىي دىنىي مۇئەسسەسىلەرنى قۇرغان جېزيۇت جامائىتىنىڭ[ii] ماتتىئو رىكى ۋە گونزالېس دې مېندوزا قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ ياۋروپاغا يوللىغان خەتلىرىدىن چوڭقۇر چۈشىنىشكە باشلىدى. ئۇلارنىڭ خىتايلارغا بولغان قارىشى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بېقىپ، قىزىقىش، قايمۇقۇش، قايىللىق، كەمسىتىش ۋە قورقۇنچ قاتارلىق تەركىپلەرگە ئىگە بولدى. خىتايلارنىڭ غەربلىكلەرنى «چەتئەللىك ئالۋاستىلار» دەپ قارىشىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەر خىل مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ كەلدى.

ئالدى بىلەن خىتايلارنىڭ غەربلىكلەرنى قانداق ئىدراك قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى. 16-ئەسىردە چەتئەللىك دىن تارقاتقۇچىلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ خىتايلار بىلەن ئۇچرىشىشى ئۇلارنىڭ چەتئەللىكلەر ھەققىدىكى تۇنجى تەسىراتىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ تەسىراتلار كۆپ ھاللاردا غەربلىكلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىنىڭ ۋە خاراكتېرىنىڭ قانداقلىقىغا مەركەزلەشتى. غەربلىكلەرنىڭ خىتايلار بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان تاشقى قىياپىتى خىتايلارنىڭ ئىدراكىدا قورقۇنچلۇق قىلىپ سۈپەتلەندى.  يەن سوڭجيەن «يات يەرلەر خاتىرىسى» دېگەن ئەسىرىدە غەربلىكلەرنى «يىرتقۇچ، ئۆزگىرىشچان، قوپال ۋە تەربىيىسىز» دەپ تەسۋىرلىسە،[iii]  خىتاينىڭ خې ئاۋ دېگەن يەنە بىر زىيالىيسى ئۆزى ئۇچراتقان پورتۇگالىيىلىكلەرنى «ئاچكۆز»، «ۋەھشىي» ۋە «خۇددى بۈركۈتتەك ئۆزىنىڭ ئولجىسىدىن كۆزىنى ئۈزمەيدىغانلار» دەپ تەسۋىرلىدى. غەربلىكلەرنىڭ مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەلبىي تەسۋىرلىرى ئۇلارنىڭ خىتاي ئاممىۋى ئىدراكىدىكى ئوبرازىنىڭ سەلبىي بولۇشىغا يول ئاچتى. بۇ خىتايلارنىڭ قەدىمكى ئىدراكىدىكى مۇنداق بىر ئوي ئادىتىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقاردى: خۇددى شىمالدا ياشايدىغانلار—مەسىلەن، ھۇنلار ۋە خىتاي بولمىغان باشقا مىللەتلەر—خىتايلار تەرىپىدىن قەدىمدىن «ۋەھشىي، تەربىيىسىز ۋە قائىدىسىز» دەپ ئاڭقىرىلغاندەك، غەربلىكلەرمۇ ئۇلارنىڭ ئىدراكىدا «ۋەھشىي، ئالۋاستى ۋە تەربىيىسىز» دەپ ئاڭقىرىلدى. بۇنىڭدىكى ئورتاقلىق شۇكى، ياتۋاشلىققا ئۇچراشقاندا، خىتاي زېھنىيىتى قورقۇنچ ھېس قىلدى؛ ئۆزىنىڭ قورقۇنچىنى بېسىش ئۈچۈن، ئۇلار قارشى تەرەپنىڭ ئوبرازىنى ھەددىدىن زىيادە بۇرمىلىدى، كەمسۇندۇردى ۋە سەلبىيلەشتۈردى. بۇ ئارقىلىق، ئۇلار ئۆزىنىڭ قورقۇنچىنى بۇرمىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولدى. يەنى ، بۇ ئارقىلىق ئۇلار ئۆزىنىڭ كوللېكتىپ قورقۇنچىنى ئۆزىگە بولغان نارسىستىك (ئۆزىگە مەپتۇن بولۇش) ھېسسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يوقاتماقچى بولدى.

خىتايلاردىكى كوللېكتىپ نارسىسسىزم، لۇ شۈنچە ئېيتقاندا «AQ» چە ئۆزىگە مەپتۇنلۇق، 1840-يىللىرىدىن باشلانغان ئەپيۇن ئۇرۇشىدا چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ، خىتاي غەرب تەرىپىدىن ھەر جەھەتتىن بوزەك قىلىنىشقا ئۇچرىدى. بۇنىڭ بىلەن، خىتايلار ئۆزىنىڭ ئەسىرلىك خام خىيالىدىن ئاچچىق رېئاللىققا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى. خىتايلارنى رېئاللىقىغا يۈزلىنىشكە مەجبۇرلىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئۇلارنىڭ 1895-يىلى خىتاي-ياپونىيە ئۇرۇشىدا ئېچىنىشلىق يېڭىلىشىدۇر. بۇ يېڭىلىش خىتاي زىيالىيلىرىغا قاتتىق سىلكىنىش ئېلىپ كەلدى—ئۇلار ئۆزى بىلەن كۇلتۇرداش دەپ قارىلىدىغان شەرقىي ئاسىيالىق ياپونىيىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇ قەدەر تەرەققىي قىلىپ كەتكەنلىكىنىڭ سىرىغا قىزىقتى ھەم ھارسىندى. ئۇلارغا غەربنىڭ ئاھانەتلىرىگە قارىغاندا ياپونىيىنىڭ ئاھانىتى تېخىمۇ ئېغىر كەلدى—چۈنكى، ئۆزىنى ياپونلۇقلارغا ئىلىم ئۆگەتكۈچى دەپ قارايدىغان خىتايلار ياپونلارنىڭ ئۆزىنى يېڭىۋېلىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمىدى. ئۆزى چۈشەنمەيدىغان غەربنىڭ ئاھانىتى ئۇنچە ھار كەلمىگىنى بىلەن، ئۆزى پەس كۆرىدىغان ياپونلارنىڭ ئاھانىتى قاتتىق ئېغىر كەلدى. شۇڭلاشقىمۇ، خىتايلار يۈز يىللىق ئار-نومۇسنىڭ سەۋەبىنى ئۆزى بىلەن شەرقىي ئاسىياداش بولغان ياپونلاردىن كۆپرەك كۆردى—چۈنكى، ئۇلار بىخەتەررەك، ئاددىيراق ۋە ئاسانراق دۈشمەن ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار ياپونىيىنىڭ قۇدرەت تېپىش يولىنى ئۆزىگە تەدبىق قىلىش ئويىدا بولدى—غەربتىن ئۆگىنىش. خىتاي زىيالىيلىرىدىن كاڭ يۆۋېي بىلەن لياڭ چىچياۋ يېڭىچە مائارىپ ئېچىشنىڭ ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  مەسىلەن، 1905-يىلىدىكى سانائەتلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ماقالىسىدا، كاڭ خىتايلارنى خۇددى ياپونلاردەك غەربنىڭ كانچىلىق، سودا-سېتىق ۋە سانائەت ئىلىملىرىنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشكە چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ زىيالىيلار ئانتى-مۇستەملىكىچىلىك تەرەپدارىمۇ بولدى. ئىلىم-پەن ئارقىلىق، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش 20-ئەسىر خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئاساسلىق ئويلىنىش تېمىلىرىنىڭ بىرى بولدى. ئەمما، كوممۇنىستلارنىڭ 1949-يىلى ھوقۇق ئېلىشى خىتاينىڭ غەرب ھەققىدىكى ئوتتۇرا ئەسىرچە ئىدراكىنى قايتىدىن جانلاندۇردى—«ئامېرىكا ئىمپېرىيالىزمى ۋە مۇشتۇمزورلۇقى.» غەرب خىتايلارغا دۈشمەن سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىندى. بۇ ئارقىلىق، ئۇلارغا بىر قورقۇنچ سېلىنىپ، ئۇلارنى پەقەت كوممۇنىستلارلا قۇتقۇزىدىغان پىسخىك ھالەت سۈنئىي شەكىللەندۈرۈلدى. خىتاي كوممۇنىستلىرى خەلقنىڭ غەرب ھەققىدىكى قورقۇنچى ئارقىلىق، ئۆزىنى بىردىنبىر نىجادچى ۋە قۇتقۇزغۇچى قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقاردى. شۇنىڭدەك، خەلقنىڭ دىققىتى خىتاي دۆلىتىدىكى ئىنتايىن ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەردىن خىتاينىڭ سىرتىدىكى تەسەۋۋۇرىي دۈشمەنگە تىكىلدۈرۈلدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، 1980-يىللىرىدىلا خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئستا-ئاستا ئىللىشقا باشلىدى.

ئەمدى، غەربنىڭ خىتايلارنى قانداق ئىدراكلىغانلىقىغا قاراپ باقايلى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە، فرانسۇز مىسسىيونېرلار خىتاي كۇلتۇرىغا قارىتا ھەۋەسلىنىش ۋە ئۇنى ماختاش تەرەپدارى بولدى. ئۇلار خىتايلارنىڭ كوڭزىچىلىق ئاساسىدىكى ئەخلاق سىستېمىسى، ئەمەلدارلىق ئىمتىھان تۈزۈمى ۋە مۇتلەق ئىمپېراتۇرنىڭ خەلقىگە قانچىلىك كۆيۈنىدىغانلىقىنى ماختاپ كۆككە كۆتۈردى. ئەمما، ئاشۇ ۋاقىتتا خىتاي جەمئىيىتىدە ئەۋج ئالغان بۇددىستلارنىڭ زىيادە مۇراسىم پەرھىزلىرى، قىز بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش، بالا سودىسى، ھەممە يەرنى قاپلىغان نامراتچىلىق، تەرىقەتچىلەرنىڭ (داۋچىلارنىڭ) ھەددىدىن ئاشقان ئىسراپخورلۇقى قاتارلىقلار ئۇلارنىڭ قەلىمىگە ئېلىنمىدى. مۇشۇ ماختاشلارنىڭ تەسىرىدە فرانسۇز مۇتەپەككۈرى ۋولتېر دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىنىڭ خىتايلاردىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە مۇنداق دېدى: خىتايلار شۇنداق مەدەنىيەتلىككى، ھەتتا چىڭگىزخاننىڭ  تاشيۈرىكىمۇ سىپايە خىتايلارنىڭ ئەخلاقىي ساپلىقىدىن ئېرىپ كەتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «باشقا دۆلەتلەردە قانۇن جىنايەتلەرنى جازالاشقا ئىشلىتىلسە، خىتايدا ئۇ تېخىمۇ كۆپ ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ—ئۇلار پەزىلەتنى تارتۇقلايدۇ.»[iv] توماس جېففېرسونمۇ خىتاي مەدەنىيىتىگە—جۈملىدىن خىتايلارنىڭ «تەبىئىي ئاقسۆڭەكلىكى» گە—بولغان مەپتۇنلۇقىنى ئىزھار قىلدى. ئەمما، 1740-يىللىرى كانتونغا بارغان ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئادمىرالىنىڭ خىتاي ھەققىدە يازغان ساياھەت خاتىرىسى غەربلىكلەرنىڭ خىتايلارغا بولغان قارىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى:   «قۇۋلۇق-شۇملۇق، ساختىلىق ۋە ھەر تۈرلۈك ھايانكەشلىككە بېرىلىشتە نۇرغۇن خىتايلارنىڭ تەڭدىشى يوقتۇر. ئەمما، مۇشۇ تالانتلارنىڭ بىرلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ كرىزىسلىق ئەھۋاللاردا ئەمەلىي قوللىنىلىشىدا، ئۇلارنى ھېچقانداق بىر چەتئەللىك دورىيالمايدۇ… خىتايلارنىڭ قوشنىلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئېسىللەشكەن ئەخلاققا ئۆزىنى ئاتاۋاتقاندەك كۆرۈنۈشىنىڭ سەۋەبى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ دۇرۇسلۇقى ۋە خەير-ئېھسانىدا  ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قىياپىتىدىكى يۈزەكى تەكشىلىك ۋە ئۇلارنىڭ ھېسسىيات ۋە زوراۋانلىقنىڭ بارلىق ئالامەتلىرىنى بېسىشقا داۋاملىق دىققىتىنى بېرىپ تۇرۇشىدۇر.»[v] ۋولتېرنىڭ خىتاي ھەققىدىكى ئىجابىي باھالىرىنى مونتېسكيۇ بىلەن غوسسو قاتتىق تەنقىدلىدى. مونتىسكيۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش قانۇنلىرى ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرمەستىن، بەلكى ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، چۈنكى خىتاينىڭ ھۆكۈمدارلىرى خەلقىنى پاراسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى قورقىتىش بىلەن باشقۇرىدۇ. ئامېرىكىلىق مۇتەپەككۈر رالف ۋالدو ئېمېرسېن مۇنداق دەيدۇ: خىتاي ئەگەر دۇنيا تارىخىغا كىرمەكچى بولسا، چوقۇم غەرب تەرىپىدىن قايتىدىن گۈللەندۈرۈلۈشى كېرەك. چۈنكى، ئۇ تا ھازىرغىچە دۇنيانىڭ بالىلار ئوينايدىغان مەيدانى بوپ كەلدى.[vi] بۇنىڭغا قارىتا كارل ماركس مۇنداق دېدى: غەربنىڭ ئىمپېرىيالىزمى بىلەن مۇستەملىكىسى خىتاينىڭ كاپىتالىزمنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنۇپ، ئىشىكنى تاقىۋېلىشتەك بېكىنمىچىلىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى.  مانا مۇشۇ تارقىلىش تەلتۆكۈس ئەمەلگە ئاشقاندا، خىتايدا يېڭى سوتسىيالىستىك ئاڭ شەكىللىنىدۇ.

20-ئەسىرگە قەدەم قويغاندا، خىتاينىڭ غەربلىكلەر نەزەرىدىكى ئوبرازى شەرقىي ئاسىيادىكى ئاجىز، قالايمىقان ۋە تەرتىپسىز مىللەت بولۇشتىن ئاستا-ئاستا ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدىغان ۋە ھەتتا ئاز-تولا رومانتىك پۇراققا ئىگە مىللەتكە ئايلىنىشقا باشلىدى. ئەمما، خىتايدىكى كوممۇنىستلار بىلەن گومىنداڭنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى خىتاينىڭ غەربنىڭ نەزەرىدىكى ئوبرازىغا ئۈمىدسىزلىك ئاتا قىلدى. بولۇپمۇ، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 1949-يىلى غەلىبە قىلىشى ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكىنى قوزغىدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئاجىزلىتىشنى كۆزلىگەن غەرب خىتاي بىلەن يېقىنلاشتى ۋە شۇ ئارقىلىق خەلقئارا كوممۇنىزمنىڭ يەرشارىۋى تەسىرىنى غەلىبىلىك ھالدا كونترول قىلدى.

خۇددى ماركس ئالدىنئالا كۆرگەندەك، خىتاي كاپىتالىزمنىڭ نۇرغۇن ئامىللىرىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ سوتسىيالىزم ئىدىيىلىرى بىلەن تونۇشۇشقا، ئۇنى تارقىتىشقا، ئۇنىڭ مەسلەكلىرىنى ئۆزىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى قىلىشقا ۋە ئاخىرى 1949-يىلى ئۆزىنىڭ سوتسىيالىستىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئەمما، ماركسنىڭ پەرىزىنىڭ ئەكسىچە، خىتاي سوتسىيالىزمنى بىردىنبىر ئىدېئولوگىيە قىلماستىن، ئەكسىچە تەدرىجىي ھالدا ئۆزى ئىلگىرى ئەكسىلئىنقىلاۋى ئىدېئولوگىيە دەپ قارىغان كاپىتالىزمنىڭ بەزى تەركىپلىرىنى قايتىدىن ئۆزلەشتۈردى ۋە ئۇنى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى قىلدى.

خىتاي تەپەككۈرىنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭدا قارىمۇ قارشى ۋە زىت ئامىللارنىڭ بەزىدە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىدۇر. غەربنىڭ فورمال لوگىكىسىدا ھۈكۈمدە زىتلىق بولۇش تەپەككۈرنىڭ كېسەلمەنلىكىنى بىلدۈرسە، خىتاي تەپەككۈرىدە زىتلىقنى مەلۇم ئېھتىياج، قاراش ۋە رامكا ئېھتىياجىدىن قوللىنىشقا بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن، سىياسىي قۇرۇلمىسىنىڭ سوتسىيالىستىك، ئەمما ئىقتىسادىي جەريانلىرىنىڭ كاپىتالىستىك ئېلېمېنتلىرىغا ئىگە ئىكەنلىكى خىتاينىڭ ئۆزگىچىلىكىنى—جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگىلىكىنى—بىلدۈرىدۇ. ئۇ دۇنيادىكى ھېچقانداق بىر تۈزۈمگە ئوخشىمايدۇ. مانا مۇشۇ تۈزۈم ئاستىدىكى خىتاي دۆلىتى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدىن تارتىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئىشلار ساھەسىدە سەل قارىغۇسىز بىر يەرشارىۋى كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى.

خىتاينىڭ كۆتۈرۈلۈشى دۇنيانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ بىردىنبىر يەرشارىۋى سۇپېر كۈچلۈكىگە خىرىس قىلدى. ئىلگىرى غەرب تەرىپىدىن «شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىلىرى» دەپ قارالغان خىتايلار بىردىنلا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىدا سەل قارىغۇسىز رول ئويناۋاتىدۇ—دۇنيانىڭ بەشتىن بىر ئاھالىسىگە ئىگە خىتاي يەرشارى بازىرىغا كىرگەندىن كېيىن، دۇنيادا يىلدا ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان كىيىملەرنىڭ يېرىمىغا دېگۈدەك «خىتايدا ئىشلەنگەن» دېگەن ماركا چاپلىنىدىغان بولدى؛ ھەر يىلى دېگۈدەك كومپيۇتېرلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى خىتايدا ئىشلەپ چىقىرىلدى؛ خىتاينىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يېقىنقى زامانغىچە %10 تىن ئارتىپ ماڭدى. مانا مۇشۇنداق يول بىلەن، خىتاي دۆلىتى ئىسلاھات باشلىغان 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا 300 مىليوندەك دېھقانلىرىنى شەھەرلەشكەن ۋە مودېرنلاشقان تۇرمۇشقا ئۇلاشتۇردى—بۇنى ئورۇنداش ئۈچۈن ياۋروپاغا 200 يىل كەتكەنىدى. قىياس قىلىنىشىچە، خىتاي دۆلىتى 2050-يىلدىن ئىلگىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد بوپ قالىدۇ.

شۇنداقتىمۇ، خىتاي بىر پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەت شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھۆرمەت قىلىنىشى، قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى، ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى، مۇھىت ئاسراش  ۋە سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتە ئىنتايىن قالاق دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ، سىياسىي باستۇرۇش، ھاكىممۇتلەقچىلىك، قانۇنىي ئوچۇق-يورۇقلۇقنىڭ كەمچىللىكى قاتارلىقلار ئۇنىڭ دۇنياۋى ئوبرازىغا قارا سايە تاشلاپ تۇرىدۇ. بۇ مەنىدىن، خىتاي ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان بىلەن، سىياسىي كۇلتۇرى تەرەققىي قىلمىغان بىر دۆلەتتۇر. تۆۋەندىكى مۇلاھىزىمىزدە خىتايلارنىڭ زادى قانداق بىر پىسخىك قاتلاملارغا ۋە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭ كوللېكتىپ روھىيىتىنىڭ تۈپكى قۇرۇلمىلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايان قىلىمىز. شۇ ئارقىلىق، دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بىر ھاكىممۇتلەق دۆلەتنىڭ تېشىدىن قارىماققا پارقىراق، ئەمما ئىچىدىن چىرىپ كەتكەنلىكىگە نەزەرىمىزنى ئاغدۇرىمىز. ئاخىرىدا شۇنداق خۇلاسىلەيمىزكى، خىتايلار مۇرەككەپ پىسخىك تەركىبلەرگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوڭ دۆلەتچىلىك—يەر شارىۋى كۈچ بولۇش—سىندرومىغا گىرىپتار بولغان. بۇ سىندرومنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىك شۇكى، خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە چوڭ دۆلەت بولغانغا تۇشلۇق كۇلتۇرال ئىمكانلارغا ۋە ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەستۇر. ئۇ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ماس كەلمىگۈدەك دەرىجىدە يىرىكدەپ قالغان روھىيىتى بىلەن، زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنىچىلىك ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا ئۆزىنى ئىزدىگۈچىدۇر. ئۇ ئەخلاقىي قىممەت، شەخسنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە قانۇنىي تەرتىپ يوقالغان بوشلۇقتا پۇل، ھوقۇق ۋە زوراۋانلىققا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ مەنىسىزلىشىۋاتقان ھاياتىغا مەنە ئاتا قىلىش ئۈچۈن تىركەشگۈچىدۇر.

1

خىتاي جەمئىيىتىدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى فرويىدنىڭ روھانالىز ئىلمىگە ئاساسەن تەتقىق قىلغان پىسخولوگ ۋۇ جىخوڭنىڭ «گىگانت بوۋاقلار دۆلىتى» (巨婴国)دېگەن كىتاۋى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كىتابخانىلاردىن يىغىۋېلىندى. گەرچە بۇ كىتابنىڭ يىغىۋېلىنىشى توغرىسىدا ھۆكۈمەتنىڭ ھېچقانداق بىر رەسمىي چۈشەندۈرۈشى بولمىسىمۇ، خىتاي تورچىلىرى شۇنى قىياس قىلدىكى، ئېھتىمال كىتاب خىتاي تەشۋىقات بۆلۈمى تەرىپىدىن خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە پىسخىكىسىغا قارىتا بىھۆرمەتلىك قىلغان دەپ قارىلىپ يىغىۋېلىنغان بولۇشى مۇمكىن. ئاپتور كىتاۋىدا فرويىدنىڭ ئادەمنىڭ جىنسىيەت پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى ھەققىدىكى نەزەرىيىسىنى[vii] خىتاي جەمئىيىتىگە تەدبىق قىلدى. بۇ ئارقىلىق،  ئۇ خىتاي جەمئىيىتىدىكى «ئانىسىنىڭ بالىسى»[viii]، قېيىن ئانىلار بىلەن كېلىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە چەت ياقا يۇرتلاردا ئۇنتۇلغان بالىلارنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى روھانالىز ئۇسۇلى بويىچە مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتور كىتاۋىدا «گىگانت بوۋاق چۈشى (خىيالى)» دېگەن ئۇقۇم ئارقىلىق خىتايلارنىڭ قەدىمدىن—جۈملىدىن كوڭزىدىن—تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كوللېكتىۋىزم ۋە ئەۋلاد (پەرزەنتلەرنىڭ) ۋاپادارلىقى قارىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن خىتايلار ئانىسىنى ئىزدەۋاتقان بوۋاقلاردۇر.»[ix] ئۇنىڭ قارىشىچە، ئالتە ئايغا توشمىغان بوۋاقلار ئانىسىغا تايىنىپ ياشايدۇ. ئۇلار ئۆزى بىلەن ئانىسى ۋە تاشقى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئاڭقىرالمايدۇ. ئۇلار ھەممە نەرسىدە ئانىسىغا تايىنىدۇ؛ ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىيالمايدۇ. مانا مۇشۇ ئۈچ نۇقتا خىتايلارنىڭ ئومۇمىي پىسخىكىسىدۇر. خىتايلارنىڭ جەمئىيەت قارىشىدا كوللېكتىۋىزمنى تەكىتلىشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئۆز ئالدىغا ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن مۇستەقىل ياشىيالمايدۇ. شۇڭا، ئۇلار مۇناسىۋەتكە (关系)گە تايىنىش ئارقىلىق، ئىش بېجىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلار كۈچلۈك شەخسلەرگە (مەسىلەن ئانا-ئانىلىرىغا، بولۇپمۇ ئانىلىرىغا) ۋە ھۆكۈمەتكە تايىنىش ئارقىلىق، ئۇلاردىن ئۆزى ئۈچۈن قارار قىلىپ بېرىشنى كۈتىدۇ.

ھازىرچە، ۋۇ جىخوڭنىڭ قارىشى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ توختالماستىن، نەزەرىمىزنى ئۇ تەنقىد قىلغان خىتايلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە كۇلتۇرىنىڭ پىسخىك مەنىسىگە ئاغدۇرايلى. ۋۇنىڭ تەنقىدى ماھىيەتتە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، ئۆرپ-ئادىتى ۋە پىسخىكىسىنىڭ ئاساسى بولغان كوڭزىچىلىققا بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ تەنقىدىگە سەۋەب بولغان خىتاي پىسخىك كۇلتۇرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئاۋۋال كوڭزىچىلىقنى قىسقىچە چۈشىنىپ باقايلى.

خىتايلارنىڭ ئىدىيە تارىخى، كۇلتۇرى، ئوي-پىكرى ۋە قىلمىشىنىڭ قانداقلىقىنى چۈشىنىش چوقۇم كوڭزىدىن باشلىنىشى كېرەك. بۇ ھەرگىزمۇ كوڭزىنىڭ خىتاي ئىدىيە تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر مۇتەپەككۈرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ خىتاينىڭ جەمئىيەت ئېڭى، ئەخلاق قارىشى ۋە  ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىغا يېتەكچى خاراكتېرلىق تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدۇر. بولۇپمۇ ئۇنىڭ خىتاي شەھەر ۋە يېزا-قىشلاق كۇلتۇرىدىكى ئىجتىمائىي ھاياتنى قايسى ئەخلاقىي قىممەت بىلەن تۇتۇپ تۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە يول كۆرسىتىش خاراكتېرلىق تەلىمات ياراتقانلىقىدۇر. ئۇنىڭ ئىدىيىسىنىڭ نېگىزى ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جامائەت ۋە جامائەت بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ماسلاشتۇرۇشتىكى ماھىيەتلىك ئەخلاقىي تەرتىپ ۋە پىسخولوگىيىلىك مېخانىزملارنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدۇر. مانا مۇشۇ سەۋەبلەرگە كۆرە، كوڭزىچىلىق خىتايلارنىڭ ئەسلىدىكى كۇلتۇر، سىياسىي مۇھىت ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە تاللىغان ۋە تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك، چوڭقۇر ۋە تا ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بىر ئىدىيە سىستېمىسىدۇر.

كوڭزىنىڭ ئەخلاق سىستېمىسىدا مۇنداق ئۈچ پرىنسىپال ئىدىيە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ: رەھىمدىللىك(仁)، دۇرۇسلۇق[x](义)ۋە قائىدە-يوسۇن(礼). بۇ پرىنسىپلار تېرىمچىلىق مەدەنىيىتىدىكى خىتايلارنىڭ بىر-بىرى بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ۋە ماسلاشتۇرۇشتا ئىنتايىن زور رول ئوينىدى. بولۇپمۇ، ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇشلار ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق، ئائىلىۋى مۇناسىۋەتنىڭ قېلىپلاشماسلىقىدىن كېلىپ چىققان زىددىيەتلەر ۋە ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقى سەۋەبلىك شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بىر ئۆلچەمنى تۇرغۇزۇشنى جىددىي ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ جىددىيەتنى ئەڭ چوڭقۇر چۈشەنگەن كوڭزى ئۈزۈل-كېسىل  ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئىدىيىسى—خۇددى دۇنيادىكى باشقا كلاسسىك ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئىدىيىسىگە ئوخشاش—مۇنداق بىر ھالەتنى ياراتتى: جەمئىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىدىغان ئىدىيە ئاۋام تەرىپىدىن ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە ئاخىرى ھەممە ئادەمنىڭ ئويى، گەپ-سۆزى ۋە ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدىغان مىزانغا ئايلىنىدۇ. قاچانىكى ئۇ مىزانغا ئايلىنىدىكەن، شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇنى ئۆزگەرتىش ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ.

كوڭزىنىڭ قارىشىچە، رەھىمدىللىك «ئىنسانلىقنىڭ ماھىيەتلىك ئېلىمېنتىدۇر. ئۇنىڭ بۈيۈك ئەمەلىيىتى ئۇرۇق-تۇغقانلارنى سۆيۈشتۇر. دۇرۇسلۇق ھەرىكەتنىڭ نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ماسلىشىشىدۇر. ئۇنىڭ بۈيۈك ئەمەلىيىتى ئەرزىگۈچىنى شەرەپلەندۈرۈشتۇر. ئۇرۇق-تۇغقانلار سەۋەبىدىن سۆيگۈنىڭ تۆۋەنلەش دەرىجىسى ۋە ئەرزىگۈچى سەۋەبىدىن شەرەپكە تاشلىنىدىغان قەدەملەر قائىدە-يوسۇننىڭ پرىنسىپىدا بارلىققا كېلىدۇ.»[xi] رەھىمدىللىكنى ئۆز نۆۋىتىدە ئادىمىيلىك (ھەتتا ئىنسانپەرۋەرلىك) دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن، بىر پوزىتسىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ دۇرۇسلۇق بىلەن قائىدە-يوسۇننىڭ ئاساسىدۇر. رەھىمدىللىكنىڭ مەركىزىدە ئىنسانغا بولغان سۆيگۈ بار. ئەگەر ئاۋام ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى سۆيگۈ ئارقىلىق تەڭشىسە، بىر-بىرىگە شۇ بويىچە مۇئامىلە قىلسا ۋە بىر-بىرىگە ئىززەت-ھۆرمەت يەتكۈزسە، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا ئىناقلىق شەكىللىنىدۇ، جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ. رەھىمدىللىكتە سۆيگۈ باشقىلارغا شەپقەت كۆرسىتىشتىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئىزگۈلۈكنىڭ ئىپادىلىنىشىگە ياردەم بېرىشتىمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇ سۆيگۈنى ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئائىلىسىگە بولغان سۆيگۈ، ئۆزىنىڭ باشلىقىغا بولغان ساداقەتمەنلىك ۋە ئەخلاقتا كامالەتكە يەتكەن ئادەمگە بولغان ھۆرمەت قاتارلىقلاردىنمۇ كۆرۈۋېلىش مۇمكىن.

دۇرۇسلۇق ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قېلىشىغا قارىماي، ئۆزى توغرا دەپ قارىغانغا ئەگىشىشىنى تەرغىب قىلىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر ئالدىنقى شەرت ئۈستىگە قۇرۇلغانكى، ئادەم بارلىق جانلىقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇنىڭدا ئادالەت تۇيغۇسى بار. قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇش ئادەمنىڭ قىلمىشىنىڭ سىپايە ۋە يوسۇنلۇق بولۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە مۇراسىملارنىڭ ئۆرپ-ئادەت قائىدىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى، ئادەمنىڭ جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ ئورنىنى ئاڭقىرىشى ۋە شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىشىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.

«مېڭزى» دا ئادىمىيلىك (رەھىمدىللىك) بىلەن باشقۇرۇش (仁政)دېگەن بىر ئاتالغۇ بولۇپ، مەنىسى ھۆكۈمرانلار ئاۋامنى خۇددى ئاتا بالىلىرىنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۆرۈشى كېرەك، دېگەنلىكتۇر. ھۆكۈمرانلار ئاۋامغا خۇددى ئاتىدەك غەمخورلۇق قىلىشى، ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ بېرىشى، ئۇلارنى تەربىيىلىشى ۋە ئۇلارغا نەمۇنە بولۇشى كېرەك. ئاۋام قورقۇتۇش ۋە جازالاش بىلەن ئەمەس، بەلكى كۆيۈنۈش ۋە غەمخورلۇق بىلەن باشقۇرۇلۇشى كېرەك. بولمىسا، ئۇلار ھۆكۈمرانلاردىن قاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن نومۇس قىلمايدىغان—ھېيىقمايدىغان—بولىدۇ. ئەگەر ئۇلار پەزىلەتلەر (دۇرۇسلۇق) بىلەن يېتەكلەنسە ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى مۇراسىملار ئارقىلىق (قائىدە-يوسۇن) تەرتىپكە سېلىنسا ۋە ماسلاشتۇرۇلسا، ئۇلار نومۇس تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار تەرتىپلىك بولىدۇ. كوڭزى شۇنى تەكىتلەيدۇكى، بۇنداق سىياسەت ھەممىگە پايدىلىقتۇر. ئەمما، ھۆكۈمرانلار ئۇنى ئۇششاق ھېساۋاتچىلىق بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. چۈنكى، ھۆكۈمرانلار مەنپەئەتنى (利) نى كۆزلەپ ئىش قىلسا، شۇنداقلا ئاۋاممۇ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويسا، بۇنىڭ نەتىجىسى قالايمىقانچىلىق ۋە ئازاب چېكىش بولىدۇكى، ھەرگىزمۇ ئىنسانىي ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن ھەقىقىي ئىناقلىق ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بارلىققا كەلمەيدۇ.

كوڭزىنىڭ قارىشىچە، خاتا قىلمىشنى جازالاش ئاۋامنى قورقىتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمىنى چوقۇم قىلىشى كېرەكلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاۋامغا قائىدە-يوسۇن ئۆگىتىلسە، ئۇلار ئىجتىمائىي قائىدە-يوسۇنلارنى قەلبىدىن قوبۇل قىلىدۇ ھەمدە يۈزىنىڭ چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خاتا قىلمىشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. شۇنىڭغا كۆرە، رەھىمدىللىك، دۇرۇسلۇق ۋە قائىدە-يوسۇنغا ئىگە ھۆكۈمرانلار بىلەن باشقۇرۇلىدىغان جەمئىيەت ھەر ۋاقىت قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان جەمئىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ مەنىدىن، كوڭزى قائىدە-يوسۇنلۇق بولۇشنى قاتتىق تەكىتلەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئارقىلىق ئاۋام نېمىنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى—ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ دائىرىسىنى—بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئاۋامنى ئىدېئال ھەرىكەت ئۆلچىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىش «يۈزىنى يوقىتىپ قويۇشتىن»–ئۆزىگە مۇۋاپىق ئىجتىمائىي ئورۇن ۋە نوپۇزدىن قۇرۇق قېلىشتىن—دېرەك بېرىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، رەھىمدىللىك، دۇرۇسلۇق ۋە قائىدە-يوسۇننىڭ مۇناسىۋىتى شۇكى، ئالدىنقىسى ئادەمنىڭ قەلبىنىڭ پوزىتسىيىسىنى، ئوتتۇرىسىدىكى قەلبنىڭ ئەگىشىشى كېرەك بولغان توغرىلىق ۋە ھەققانىيلىقنىڭ ئۆلچىمىنى، ئاخىرقىسى ئالدىنقى ئىككىسىنىڭ جەمئىيەتتە ئەمەلىيلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئالدىنقىسى بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى بولمىسا، ئۇ پەقەت سۆيگۈنىڭ ھەممىگە قارىقويۇق ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىدۇ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ئورنىتىلمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، ئۆلچەم ھېچقانداق ئادىمىيلىكنى ئاساس قىلمايدىغان شەپقەتسىز ئۆلچەمگە ئايلىنىدۇ، ئاۋام ئۇنى ھەقىقىي ھالدا ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچى مىزانى قىلمايدۇ. ئەگەر ئوتتۇرىدىكىسى بولۇپ، ئاخىرقىسى بولمىسا، دۇرۇسلۇق ئابستراكت ئىدىيە سەۋىيىسىدىلا توختاپ قالىدۇ، ئاۋامنىڭ ھەرىكىتى تەرتىپكە سېلىنمايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ ئەكسىچە بولسا، ئاۋام ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچى ئۆلچەمدىن ئايرىلىپ، ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلمەيدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن سىرت، كوڭزىنى يەنە ۋاپادارلىق (孝)چۈشەنجىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتايدەك دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان جەمئىيەت ئۈچۈن، ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم ئىجتىمائىي بىرلىكتۇر، چۈنكى دېھقانچلىق تەلەپ قىلىدىغان تۈرلۈك ئىجتىمائىي روللار ئائىلىدىكى ئەر-ئاياللىق، پەرزەنت بىلەن ئاتا-ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ. بەزى جەمئىيەتلەردە بۇنىڭ ئەكسى كۆرۈلىدۇ—ئائىلىدىكى رول ۋە ھوقۇق تەقسىملىنىشى دېھقانچىلىق تەلەپ قىلىدىغان رول ۋە ھوقۇق تەقسىملىنىشىنى بەلگىلەيدۇ. بۇنىڭدىكى ئەڭ ماھىيەتلىك ئامىل ئائىلىدە كىمنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق شەخس سۈپىتىدە ئۇنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى مەسىلىلەردە قارار بېرىشىدۇر. ئاتىداشلىق (ئاتا مەركەزچىلىكى) ۋە ئانىداشلىق (ئانا مەركەزچىلىكى) جەمئىيەتلىرى مانا مۇشۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

خىتاي جەمئىيتى ئاتىداشلىق سىستېمىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىغا—بولۇپمۇ ئاتىسىغا—مۇتلەق بويسۇنۇشى ۋە ئاتىنىڭمۇ پەرزەنتلىرىگە كۆيۈنۈشى ئائىلىنىڭ ئىناق-ئىتتىپاقلىقىنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئاتا ئۆزىدىكى نوپۇز ئارقىلىق، ئائىلىنىڭ تەبىقە قۇرۇلمىسىنى ساقلايدۇ، رول تەقسىملەيدۇ، ئىمكانلارنى ئۈلەشتۈرىدۇ، سىرتقى دۇنيا بىلەن قىلىنىدىغان مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىدۇ ۋە ئىقتىسادنى باشقۇرىدۇ. كوڭزى ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق قىلىغانلارنى ماختايدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا چوقۇنۇش ئىشىدا ئۆزىنىڭ ۋاپادارلىقىنى ئىپادىلەشكە چاقىرىق قىلىدۇ.

ۋاپادارلىقنىڭ كېڭەيگەن شەكلى ساداقەتمەنلىكتۇر(忠). بۇ ئۆزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىغا سادىق بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. لوگىكىلىق مەنىدىن ئالغاندا، ئائىلىدە ساداقەتمەن بولماي تۇرۇپ، سىرتتا ساداقەتمەن بولغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئۆيدە ئاتىغا سادىق بولماي تۇرۇپ، سىرتتا پادىشاھقا سادىق بولغىلى  بولمايدۇ. كوڭزىنىڭ ئىدىيىسى شۇنى يوشۇرۇن تەكىتلەيدۇكى، پادىشاھقا سادىق بولۇش ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغداشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا، ئاتىغا سادىق بولۇش پادىشاھقا سادىق بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر. بۇ مەنىدىن، ساداقەتمەنلىكنىڭ جەمئىيەتتە ئومۇملىشىشىدا پادىشاھ بىلەن ئاتا بىر-بىرىگە تايىنىدۇ—پادىشاھ پەرزەنتلەرنىڭ ئائىلىدە ساداقەتمەنلىك تەربىيىسى ئېلىشنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھۆكۈمرانلىق بۇرچىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆرىدۇ، چۈنكى ئاۋامنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتمەنلىكى دەل مانا مۇشۇ يولدىن كېلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئاتىمۇ پادىشاھنىڭ بۇ پەزىلەتنى پۈتكۈل جامائەتتە قانات يايدۇرۇشىغا موھتاج بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئارقىلىق ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى نوپۇزىنىڭ دەخلى-تەرۇزسىزلىقى ۋە قانۇنىيلىقىنى قوغدىيالايدۇ. مانا مۇشۇ ئۆز-ئارا تايىنىش مۇناسىۋىتى ئاخىرى كوللېكتىپ ئاڭسىزلىقتا يىلتىز تارتىدۇ—ئائىلىدە ئاتا پادىشاھ بولسا، دۆلەتتە پادىشاھ خەلقنىڭ ئاتىسىدۇر. ئاداققى نۇقتىدا ۋە بۇ بىرلىشىشتە، ئاتىغا قىلىنىدىغان ساداقەتمەنلىك پادىشاھقا قىلىنىدىغان ساداقەتمەنلىككە ئايلىنىدۇ—بۇنىڭ ئەكسىمۇ ھەم شۇنداق بولىدۇ. دېمەك، ساداقەتمەنلىك بىر خىل ھېسسىيات، بۇرچ ياكى ئەخلاقىي قىممەتلا ئەمەس، بەلكى، ماھىيىدىن، بىر ھوقۇق ستراتېگىيىسىدۇر. ئۇنىڭدا ھوقۇققا ساداقەتمەنلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭغا  بوي سۇنۇش ئائىلىدە يېتىلدۈرۈلىدۇ. ھوقۇققا ساداقەتمەنلىك بالىلارنىڭ قەلبىگە كىچىكىدىن تارتىپ ئاتىنىڭ نوپۇزىغا بوي سۇنۇش يولى بىلەن سىڭدۈرۈلىدۇ. كىچىكىدىن مانا مۇشۇنداق تەربىيىدە چوڭ بولغان بالىلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ھوقۇققا شەرتسىز بوي سۇنىدىغان بولىدۇ—بۇنداق جەمئىيەتتە ھوقۇق بىردىنبىر قىممەتكە  ئايلىنىدۇ. چۈنكى، ئائىلىدىمۇ بىر مۇنتىزم ئىنتىزام ئاستىدا ھوقۇققا چوقۇنۇش بولىدۇ؛ بۇ چوقۇنۇش سىرتتا پادىشاھقا چوقۇنۇش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بالىلار شۇنداق بىر قاراشتا يېتىلىدۇكى، ھوقۇق كىمدە بولسا، ئۇ ھەممىنى بېكىتىدۇ، باشقۇرىدۇ ۋە شەرەپكە ئېرىشىدۇ.              شۇنىڭ بىلەن، ھوقۇقدارلارغا بوي سۇنۇش ئاۋامنىڭ ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا مۇتلەق بوي سۇنۇشنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ھوقۇقىغا چوقۇنۇشنىمۇ—ئۇنىڭغا چەكسىز مەپتۇن بولۇشنىمۇ—كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ھوقۇق مەستانىلىقىنىڭ نېمىشقا خىتاي جەمئىيىتىدە ئۇ قەدەر چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىنىڭ سەۋەبىدۇر. چۈنكى، ھوقۇققا بوي سۇنۇش بىر تەرەپتىن ھوقۇققا بولغان قورقۇنچنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئارقىلىق قورقۇنچتىن قۇتۇلۇش ئىستىكىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مانا مۇشۇ مەنىدىن، ھوقۇققا بوي سۇنۇشنىڭ ئەڭ ئېسىل يولى پەيت كۈتۈپ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. شۇندىلا، ھوقۇقتىن قورقۇش ئۇنى ئىگىلەش ئارقىلىق باشقىلارنى قورقىتىشقا ئايلىنىدۇ—ھوقۇقتىن قورقۇش پەقەت باشقىلارنى ئۇنىڭدىن قورقىتالايدىغان بولغاندىلا ئاندىن يوقايدۇ. شۇڭا، ھوقۇققا ئېرىشىش ھاياتنىڭ ئاداققى مەقسىتىگە ئايلىنىشى كېرەك. مانا بۇ كوڭزىنىڭ ساداقەتمەنلىك ھەققىدىكى تەلىملىرى بىلەن بارلىققا كەلگەن خىتاي جەمئىيىتىنىڭ كىچىك كارتىنىسىدۇر. بۇ ھەقتە تۆۋەندە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ توختىلىمىز.

شۇڭا، كوڭزى ئۈچۈن، رەھىمدىل، دۇرۇس ، قائىدە-يوسۇنلۇق ۋە ساداقەتمەن بولۇش ئېسىلزادە (君子)بولۇشنىڭ شەرتلىرىدۇر. ئېسىلزادە جەمئىيەتتە باشقىلار ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىدىغان شەخستۇر. ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى كوڭزىچە يېتىلدۈرۈشى ۋە تەربىيىلىشىنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئېسىلزادىنىڭ ھاياتىدا چوقۇم قىلىشى كېرەك بولىدىغىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ساداقەتمەنلىك بىلدۈرۈشلا ئەمەس، بەلكى يەنە تەرىقەت يولىدا (道)مېڭىشتۇر. ئېسىلزادە كوڭزىچە ئىدېئال ئۆزلۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئىچىدە ئەۋلىيادەك، سىرتىدا خۇددى پادىشاھتەك» (内圣外王)ياشىغۇچىلاردۇر. ئۇلار رېئاللىقتا ئەمەلگە ئاشۇرۇش ناھايىتى قىيىن بولغان ئاداققى ئەخلاقىي ئۆلچەمگە چۈشكۈچىلەردۇر. ئېسىلزادىنىڭ ئەكسى پەسكەش (小人)بولۇپ، پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلىغۇچى شەخسىيەتچىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

كوڭزىنىڭ ئېسىلزادە چۈشەنجىسى ئۇنىڭ ئۈچ پرىنسىپىنىڭ رېئاللىقتا ئەمەلىيلىشىدۇر. ئۇ بۇ ئىدىيىلەرنىڭ قانچىلىك يۈكسەك ۋە ئۇلارنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ قانچىلىك قىيىنلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ قانچىلىك بۈيۈك شەرەپ ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئەمما، پىسخىك نۇقتىدىن، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ئۆزگىچىدۇر—ئۇ ھەممە ئادەم تەقلىد قىلىش كېرەك بولغان غايىۋى پرىنسىپلارنىڭ رېئال ئوبرازى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاتا بىلەن پادىشاھنىڭ بىر-بىرىگە تايىنىشىنى تەھقىقلەيدۇ. ئۇنىڭدا پادىشالاردىن كۈتۈلىدىغان قىممەتلەر قانچىلىك بولسا، ئاتىلاردىن كۈتۈلىدىغان قىممەتلەرمۇ شۇنچىلىك بار. بولۇپمۇ، ئۇ پادىشاھلارنىڭ نوپۇزىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئاتىلارنىڭ پەزىلىتىدىكى نۇقسانلاردىن ھالقىشىغىمۇ پۇرسەت بېرىدۇ. ئېسىلزادىلىك مۇقامىغا يەتكەنلەر ئۆزلىرىنى خۇددى پادىشاھلاردەك سەلتەنەتلىك ھېس قىلالايدۇ؛ ئاتىلارچە ئىپتىخارغا چۆمەلەيدۇ. مانا مۇشۇنىڭ بىلەن، بۇ ئوبراز قانچىلىك رېئال بولۇشىغا قارىماي، يەنە خام-خىيالغا تولغاندۇر—ئۇ رېئال ئادەمگە ئۇ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغان خام-خىيالنى بېرەلەيدۇ. ۋەھالەنكى، بۇ ئىدېئالنىڭ قۇدرىتى ئۇنىڭ رېئال بولۇشىدىن كۆرە، ئۇنىڭ خام-خىياللىقىدىدۇر. بۇ ئوبراز ئارقىلىق ئاۋام ئۆزىنىڭ ھوقۇققا چوقۇنۇشىنىڭ مەركىزىدىكى شەرەپلىنىش تۇيغۇسىنى قاندۇرالايدۇ—ئۆزىنى «ئىچىدە ئەۋلىيادەك، سىرتىدا خۇددى پادىشاھتەك» ھېس قىلالايدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ شۇنداق ھېس قىلدۇرالايدۇ.

كوڭزىنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت سىستېمىسى جەمئىيەتتىكى ھوقۇق باغلىنىشلىرى ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلىشىشنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ مۇنداق بەش مۇناسىۋەت (五伦)ئۈستىگە قۇرۇلغان:  ئىمپېراتور بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلار، ئاتا بىلەن ئوغۇل، ئەر بىلەن خوتۇن، بىر تۇغقان قېرىنداشلار ۋە دوستلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر. يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، يۇقىرىقى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولۇپ، ۋاپادارلىق ئۇنىڭ يادرولۇق پىسخىك ئامىلىدۇر. دەل مۇشۇ ۋاپادارلىق 2000 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ سەرخىللارنى تەربىيىلەش مائارىپىدا ئىجتىمائىي رولنى ئۆتەشنى ۋە ئۆزىگە مۇۋاپىق بۇرچنى ئادا قىلىشنى تەكىتلەيدىغان «ۋاپانامە» (孝经) نىڭ نېگىزلىك مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.

كوڭزى ئىدىيىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان خىتاي جەمئىيىتىنى مۇناسىۋەت جەمئىيتى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدا بىر تەرەپتىن، رەھىمدىللىك، دۇرۇسلۇق ۋە قائىدە-يوسۇن تەكىتلىنىدىغان كوللېكتىۋىزملىق (ھەمكارلىق ۋە ئىناقلىق تەكىتلىنىدىغان) ئامىللارنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئەكسى بولغان شەخسىيەتچىلىك (بەسلىشىش ۋە جېدەل-ماجىراغا تولغان)  خاراكتېرىدىكى ئىندىۋىدۇئالىزمنىمۇ كۆرۈش مۇمكىن.  خۇددى دۇنيادىكى بارلىق ئېتىكىلىق ئۆلچەملەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئوخشاش، خىتاي جەمئىيىتىدىكى كوڭزىچە ئېتىكىمۇ توقۇنۇشقا تولغان—ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى قانائەتسىزلىكلەر.

كوڭزىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەزەرىيىسى تەڭرىنىڭ ئىرادىسى قارىشىدۇر (天命观) . كوڭزى ئۈچۈن، تەڭرى نوپۇزنىڭ مۇتلەق گەۋدىلىنىشى ۋە مۇكەممەل شەخسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بۇيەردىكى تەڭرى قانداقتۇر دىنىي مەنىدىكى تەڭرىنى ئەمەس، بەلكى ئالەمنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى باشقۇرۇش، ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ ئەمىلىگە قاراپ مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش ھەمدە ھوقۇقنى قانۇنىيلىققا ئىگە قىلىش قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆزىنى تەربىيىلىشى ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشىنىڭ ئاداققى مەقسىتى تەڭرى بىلەن بىردەك بولۇشتۇر[xii](天人和一). تەڭرى بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكى(天人和一) قارىشى ئادەمدە مۇنداق ئۈچ خىل پىسخىك ئىنكاس قوزغايدۇ: ئۇنى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزۈش، ئۇنىڭدىن قورقۇش ۋە ئۇنى ساقلاش. بۇ نەزەرىيە خىتايلارنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىدىكى مۇنداق ئۈچ ھالەتنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ—ئالەملىك باغلىنىش ۋە كونترول قىلىش، نوپۇزغا چوقۇنۇش ۋە دېتېرمىنزمغا بولغان ئىچكى مايىللىق. بۇنىڭدىكى مۇھىم نۇقتا شۇكى، قەدىمكى خىتايلارنىڭ ئالەم قارىشىغا كۆرە، پادىشاھلارنىڭ ھوقۇقى تەڭرى تەرىپىدىن ئاتا قىلىنىدۇ ۋە شۇ ۋەجىدىن ئۇلار تەڭرىنىڭ ئوغۇللىرى دەپ ئاتىلىدۇ (天子). شۇنىڭ ئۈچۈن، كوڭزىچىلىق شۇنى ئىشارە قىلىدۇكى، پادىشاھقا قارشى چىقىش ماھىيەتتە تەڭرىگە—ئۇنىڭ ئىرادىسىگە،  بولۇپمۇ تەڭرى بىلەن ئادەمنىڭ بۈيۈك بىرلىكىگە—قارشى چىقىش ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق قارشىلىق قالايمىقانچىلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا، نوپۇزغا چوقۇم چوقۇنۇش كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقىشقا بولمايدۇ.

خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت سىستېمىسى ئۆز ئادەم (自己人)بىلەن ياتلارنى (外人)نى ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئۈستىگە قۇرۇلغان. خۇاڭ گۇاڭگونىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىجتىمائي مۇناسىۋىتى مۇنداق ئۈچ كاتېگورىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ: بىرىنچىسى، ئىپادىلىنىشچان باغلىنىش (مەسىلەن، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش)، ئىككىنچىسى، ئارىلاش باغلىنىش (مەسىلەن، دوستلار ۋە باشقىلار بىلەن باغلىنىش)؛ ئۈچىنچىسى، ۋاسىتىچان (مەلۇم نىشانغا يېتىشتە ۋاسىتە سۈپىتىدە قوللىنىلىدىغان) باغلىنىش (مەسىلەن، ياتلار ياكى ناتونۇشلار بىلەن بولغان قىسقا مۇددەتلىك باغلىنىش).[xiii] بۇ ئۈچ خىل مۇناسىۋەتنىڭ دەرىجىسى، يېقىنلىقى ۋە دەرىجە تۈزۈمى ئاۋامنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ خاراكتېرى، شەكلى، دائىرىسى ۋە ئورنىنى بىلدۈرىدۇ. خىتايدا ھەرقانداق بىر شەخس مۇرەككەپ ئالاقە تورىغا تۇغۇلىدۇ، ئۇنىڭدا ياشايدۇ، گۈللىنىدۇ ياكى خارابلىشىدۇ ۋە ئۆلىدۇ. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت تورىدا دەللاللارنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلار ئىچكى گۇرۇپپا ئازالىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ تەڭشىلىپ مېڭىشىغىلا ئەمەس، بەلكى سىرتىدىكىلەرنىڭمۇ ئۇنىڭغا تەۋە بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇنداق مۇناسىۋەت خىتايچە ئىنتايىن مۇرەككەپ ئالدى-بەردى شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ—ئادىمىيگەرچىلىك (人情)قىلىش، ئۇنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنى قايتۇرۇش. ئادىمىيگەرچىلىك بىر خىل كۆرۈنمەس سوۋغات سۈپىتىدە ئۇنىڭدىن-بۇنىڭغا ئۆتۈپ تۇرىدۇ—ئۇنىڭ قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىشقا بولمايدۇ. كىمىكى ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلسا، يۈز-ئابرويىدىن (面子)دىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

خىتايلارنىڭ ئىجتىمائىي پىسخولوگىيىسىدە مۇنداق ئىككى مەنلىك بولىدۇ—چوڭ مەنلىك (大我)ۋە كىچىك مەنلىك (小我). بۇ بۆلۈنۈش ماھىيەتتە كوڭزىنىڭ مۆتىدىللىك نەزەرىيىسىدىن كەلگەن بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىدىكى ئۆزىنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاتاشقا باغلانغان. چۈنكى، كوڭزىچىلىق شەخسلەرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئارزۇ-ئىستىكى، ھەۋىسى ۋە مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىپ (كىچىك مەنلىك)، ئۆزىنى جەمئىيەتنىڭ ئىدراكىي ئۆلچەملىرى ۋە تەلەپلىرىگە (چوڭ مەنلىك) بېغىشلاشقا ئۈندەيدۇ. ئەلۋەتتە، مۇنداق قىلىش كۆپ ھاللاردا چوڭ مەنلىك بىلەن كىچىك مەنلىك ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لېكىن، كوڭزىچىلىق ئەنئەنىسىدە تەربىيىلەنگەن خىتايلار ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىنى چوڭ مەنلىككە بوي سۇندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. چوڭ مەنلىك خىتايلارغا گۇرۇپپا كىملىكى ئاتا قىلىدۇ. مەسىلەن، ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق گۇرۇپپىلار «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى» (我们是自己/家人) دېسە، بۇ ئۇلارنىڭ چوڭ مەنلىك ھېسسىنى يېتىلدۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خۇ شيەنچىن ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ نەزەرىدە يۈز» دېگەن ئاۋانگارت ماقالىسىدا يۈز (脸) بىلەن يۈز-ئابروي (面子)ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايشۇناسلىق ئىلمىدە يېڭى بىر تەتقىقات بوشلۇقىنى ئاچتى.[xiv] خۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئىدراكىدا يۈز شەخسنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ ئەخلاق نورمىلىرىغا سادىق ياشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىن، «يۈزى بولۇش» شەخسنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئەمرى-مەرۇپلىرى بويىچە ياشاش سەۋەبلىك ئىشەنجكە ئېرىشكەنلىكىنى ۋە قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە، يۈز-خاتىر يۈز-ئابروي مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ—ئۇ بىراۋنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان نوپۇزى، ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە ئابرويىنى بىلدۈرىدۇ. غەربلىكلەرنىڭ قارىشىدىكى يۈز قارىشى خىتايلارنىڭ يۈز-ئابروي قارىشىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەمما ئۇلاردا خىتايلارنىڭ نەزەرىدىكى يۈز (脸)قارىشى يوق. خىتاي جەمئىيىتىدە ئەگەر بىراۋ “不要脸” (تۈز تەرجىمىسى: «يۈزنى كېرەك قىلماسلىق») دېيىلسە، بۇ ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قېلىنلىقى، نومۇسسىزلىقى ۋە ئەخلاقسىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەخلاقىي ئوبرازىغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەتتۇر. ئەگەر بىراۋ “没有面子”   (تۈز تەرجىمىسى: «يۈزى يوق») دېيىلسە، بۇ ئۇنىڭ ئىززەت-ئىكرامغا، ھۆرمەتكە ۋە شان-شەرەپكە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە ئۆزىنى ئەيىبلەش ۋە نومۇس تۇيغۇسى يۈز ئۇقۇمى بىلەن باغلانغان بولۇپ، بىراۋنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا يۈزىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ(丢脸).  يۈز-ئابروينىڭ مەنىسى توقۇنۇش مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ مۇھىملىققا ئىگىدۇر. توقۇنۇشتا باشقىلارنىڭ يۈزىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ئىككى تەرەپنىڭ شۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ قانچىلىك قائىدە-يوسۇنلۇق ئىكەنلىكىنىمۇ بەلگىلەيدۇ. مەسىلەن، خىتايلاردا شۇنداق گەپ باركى، بىراۋنىڭ ئىتىنى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئىگىسىگە يۈز بېرىش-بەرمەسلىكنى ئالدىنئالا ئويلىشىش كېرەك. كۆپ ھاللاردا، توقۇنۇشتا قارشى تەرەپكە يۈز بېرىش مۇھىم ئەخلاقىي ئۆلچەم دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭدەك، «يۈز بېرىش» نىڭ قائىدىسى خىتايلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ دەرىجە پەرقى ئېنىق بولغان بيۇروكراتىك مۇئەسسەسىلىرىدىمۇ ئېنىق ئىپادىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ قانچىلىك ئىشەنجلىكلىكى، ساداقەتمەنلىكى ۋە ئەخلاقىي پەزىلىتى باھالىنىدۇ. شۇڭلاشقا، خىتايلار كۆپ ھاللاردا توقۇنۇشنى مادارا قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىشقا مايىل بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەم ئۆزىنىڭ ھەم قارشى تەرەپنىڭ «يۈزىنىڭ قالماسلىقى» دىن قاتتىق ئېھتىيات قىلىدۇ.

خوش، يۇقىرىقى بايانلاردىن، بولۇپمۇ كوڭزىنىڭ نەزەرىيىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، خىتايلارنىڭ پىسخىكىسىغا قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ بۇنى كوڭزى بىلەن سوقراتنى قىسقىچە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ككرۈپ باقايلى. خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن گرېك (غەرب) مەدەنىيىتى  پەرقلىقتۇر—گرېكلار ئۈچۈن، ياخشىلىق، ھەقىقەت، ئادالەت ۋە گۈزەللىك رېئاللىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى شەرھلەيدىغان ئاداققى ئۇقۇملاردۇر. خىتايلار ئۈچۈن، كوللېكتىپنىڭ ئىجتىمائىي نورمىلار بويىچە ياشاپ، قالايمىقانچىلىق چىقارماسلىق، ئاۋام بىلەن ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە سىياسىي قىممەتلەر بىلەن سىياسىي مۇئەسسەسىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىقلار رېئاللىقنى چۈشىنىشتىكى ئاساسلىق ئۇقۇملاردۇر. ئېتىكا نۇقتىسىدىن، سوقرات بىلەن كوڭزىنىڭ ھەر ئىككىسى بەختلىك ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلانغان. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ  ھەقتىكى خۇلاسىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ—كوڭزى ئۈچۈن، ئىجتىمائىي نورمىلارغا، نوپۇزغا ۋە تەڭرىنىڭ ئىرادىسىگە بوي سۇنۇش بەختلىك ھاياتنىڭ ئاساسى بولسا، سوقرات ئۈچۈن بىلىم بىلەن بىرلەشكەن پەزىلەتلىك ئەمەلىيەت ۋە ھەر ۋاقىت سوئاللىنىپ تۇرىدىغان ھايات بەختلىك ياشاشنىڭ ئاساسىدۇر. كوڭزىچىلىقتا گرېكلەر مەپتۇن بولغان دېموكراتىيە دەيدىغان ئۇقۇم ئەزەلدىن بوپ باقمىغان. سوقرات «ياشلارنى زەھەرلىدى» دېگەن تۆھمەتتە قارىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغاندا، ئۇنى دېموكراتىينىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن چىن دىلىدىن قوبۇل قىلدى. ئەمما، كوڭزىچە ئېسىلزادىدىن دېموكراتىيىگە—شەھەر دۆلىتى بولغان ئافېنانىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي تەرتىپىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن—بېغىشلىنىدىغان بۇنداق ئەخلاقىي جاسارەتنى بىر خىل غايىۋى ئىدېئال سۈپىتىدىلا تېپىشقا بولىدۇ. سوقرات ئۈچۈن، ھەقىقەتنى ھېچكىم مونوپول قىلالمايدۇ—ئۇنىڭغا ھەركىم پەقەت توغرا مېتود بىلەن ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما، ئۇنى ھېچكىم مەڭگۈ ئۆزىنىڭكى قىلىۋالالمايدۇ. تەنقىدكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھەقىقەتلا ھەقىقەت بولۇپ تۇرالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەم ئايان قىلالايدىغان ئەڭ بۈيۈك دانالىق  دەل ئۆزىنىڭ ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتۇر. باشقىلارنى، جەمئىيەتنى ۋە دۇنيانى تەنقىد قىلىشتىن ئىلگىرى، ئالدى بىلەن ئۆزىنى تەنقىد قىلالاشتۇر: خۇددى سوقراتتەك ئىلمىي مەردانىلىق بىلەن:«مەن ئۆزۈمنىڭ ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن» دېيەلەشتۇر. گەرچە، كوڭزىنىڭ قارىشىچە، شەخسنىڭ تەربىيىلىنىشى ۋە ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشى ئۇنىڭ بەختلىك ياشىشىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا تەنقىدىي شەكىلدە قوبۇل قىلىشنى تەرغىب قىلمايدۇ. ئەكسىچە، شەخس ئىجتىمائىي قائىدە-يوسۇن ۋە ئەمرى مەرۇپلارنى كاللىسىغا مەجبۇرىي سىڭدۈرۈشى كېرەككى، ئۇنى تەنقىد قىلسا ۋە ئۇنىڭغا ئۆكتە چىقسا بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، قاتتىق قائىدە-يوسۇنچىلىقنى تەكىتلەيدىغان كوڭزىچىلىق ئاۋامنىڭ ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ۋە ئەقلىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلىشىنى توسىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تەنقىدىي ۋە ئىجادىي قاراشلارغا ئىگە بولۇشىنى رىغبەتلەندۈرمەيدۇ.

كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، خىتاي پەلسەپىسى ۋە پىسخولوگىيىسىدە شەخس ھەققىدە ئويلىنىش يوق دېيەرلىك. بولۇپمۇ، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي پىسخولوگىيىسىدە شەخس ئائىلىنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ بىر ۋارىيانتى، خالاس. ئۇ ئۆزلۈكىدىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، بەلكى ئۇ بىر رامكا (كونتېكست) ئىچىدىلا مەۋجۇت بولالايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىگە قويۇپ چۈشىنىلىدۇ. خىتايلارنىڭ خېتىدىنمۇ شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىر خەتنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ يەككە بۆلەكلىرى ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ قوشۇلمىسىدىن بارلىققا كېلىدىغان رامكىسىمان بوشلۇقتىن كېلىدۇ. پەقەت رامكىدىلا مەنىنىڭ ئەقلىيلىكى شەكىللىنىدۇ. شۇنىڭدەك، ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ مەنىسىمۇ ئۇ تەۋە كىچىك-كىچىك بوشلۇقلار—رامكىلار—ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ئارقىلىق چۈشىنىلىدۇ. ئادەم ھېچ زامان رامكىسىز قالمايدۇ—ئۇ ئاتىسىغا ۋاپادارلىق، قوشنىسىغا يۈزىنىڭ، پادىشاھ-ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىدا ساداقەتمەن پۇقرالىق ۋە ياتلارغا چوڭ مەنلىكنىڭ رامكىسىدا كۆرۈنىدۇ. خۇددى ئۇ ھېچقانداق رامكىسىز ئۆزىنى كۆرسەتمىگەندەك، باشقىلارنىڭمۇ ئۆزىنى رامكىسىز كۆرسىتىشىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇ ھاياتى بويى ئۆزىگە بىر رامكا ئىشلىتىدۇ—ھەتتا ئۆزى بىلەنمۇ روھىدا ھېچ زامان روبىرو، رامكىسىز ۋە ئوچۇق-ئاشكارا ئۇچراشمايدۇ. ئۆزىنى باشقىلار ئۆزىدىن كۈتكەن رامكا بىلەن كۆرىدۇ، كۆزىتىدۇ، باھا بېرىدۇ.

يۇقىرىدا خىتاي بىلەن غەربلىكلەرنىڭ تەپەككۈرىنىڭ تۈپكى پەرقىدىن شۇنى ئۆگەندۇقكى، خىتايلار بىر ئادەمنى يالغۇز ئويلىمايدۇ ياكى ئويلىيالمايدۇ—ئۇنى چوقۇم بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ ئويلايدۇ. تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېيتساق، يەككە شەخسنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ، ئۇنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش—ئائىلە، جەددى-جەمەت،  يۇرت ۋە كەسپ قاتارلىقلار ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ ۋە تىكلىنىدۇ. شۇنىسى ھەيران قالارلىق ئەمەسكى، خىتايلار قەدىمدە پەرزەنت جىنايەت ئۆتكۈزسە، ئاتىسىنى ۋە ھەتتا يۇرت-جامائەتنى جازالىغان مىللەتتۇر.[xv] چۈنكى، بۇ جازالىغۇچىنىڭ جازالانغۇچىنى يەككە شەخس دەپ قارىماستىن، ئۇنى بىر «كوللېكتىپ شەخس»–بىر جەمەتنىڭ ئەزاسى قاراشتەك ئاڭسىزلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر. مانا مۇشۇ ئاڭسىزلىقتا جەددى-جەمەتنى قىرىۋېتىش ئاشۇ گۇناھقا ۋە جىنايەتكە ئورتاق مەسئۇل بولۇشى كېرەك بولىدىغان «كوللېكتىپ» نىڭ بىراقلا يوقىتىلىشىدۇر. بۇنىڭغا تېخىمۇ ئچكىرىلەپ قارىساق، پەقەت كوللېكتىپنى جازالىغاندىلا ئاندىن شەخسنى جازالىغانلىق بولىدىغانلىقتەك غەلىتە مەنتىقىگە ئېرىشىمىز—چۈنكى، شەخسنىڭ شەخسىيىتى ئۇنىڭدا ئايرىم بولماستىن، بەلكى بىر رامكا ئىچىگە ئورۇنلاشقا، تارقالغان—چېچىۋېتلگەن—بولىدۇ. شۇڭا، رامكىنى پاچاقلىماي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئورۇنلىشىۋالغان شەخسنى ۋەيران قىلغىلى بولمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمرانلىرى تارىختىن بېرى قايتا-قايتا تىلغا ئېلىپ كەلگەن «مىڭى خاتا تۇتۇلسا تۇتۇلسۇنكى، بىرىنىمۇ توردىن قاچۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن  شەپقەتسىز چاقىرىقنىڭ مەنىسى شۇكى، ئەگەر مىڭ ئادەم بىر رامكىغىلا تەۋە بولىدىكەن، ئۇنى خۇددى بىر ئادەمنى يوقاتقاندەك يوقاتقىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىر ئادەمنى تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇ سوقۇنۇپ كىرىۋالغان دەپ قارىلىدىغان مەلۇم رامكىدىكى بارلىق ئادەمنى ۋەيران قىلىشنى تامامەن ئاقلىغىلى بولىدۇ، چۈنكى بۇ يەردە جازالىنىدىغىنى ماھىيەتتە يەككە شەخس ئەمەس، بەلكى كوللېكتىپتۇر.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شەخسنىڭ كىچىك مەنلىكىمۇ ئۇنىڭ ئىدراكىدا چوڭ مەنلىك بىلەن بىللە چۈشىنىلىشكە يېتەكلىنىدۇ—ئۇنىڭغا بوي سۇنۇشقا بۇيرۇلىدۇ. بوي سۇنماسلىق كۆپ ھاللاردا جامائەت ئارىسىدا يۈز-ئابرويىنى يوقىتىپ قويۇشتىن دېرەك بېرىدۇ. يۈزىنى يوقىتىپ قويۇش نومۇسلۇقلا ئەمەس، بەلكى قورقۇنچلۇقتۇر، چۈنكى ئۇ يۈزنىڭ ئارقىسىدىكى ساختا ئېسىلزادىلىك، پەسلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. يۈزىنى يوقاتقان ئادەمنىڭ روھى يالىڭاچلىنىدۇ—ئۇنىڭ روھىنى يېپىۋالغۇدەك ھېچنېمىسى قالمايدۇ. ئاشۇ چاغدا، ئۇ ئۆزىنى ئەيىبلەشنىڭ چەكسىز قاينىمىغا غەرق بولىدۇ. يۈزىنى يوقىتىپ قويۇش ئېلىپ كېلىدىغان تىت-تىتلىق، قورقۇنچ ۋە ئەندىشە خىتايلارنىڭ پىسخىكىسىنىڭ دائىمىي مەزمۇنلىرىدۇر. مانا مۇشۇ ئەندىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن شەخس ئۆزىنى چوڭ مەنلىك بىلەن زىيادە باغلاشقا تۇتۇنىدۇ—ئۆزىنى چوڭ مەنلىكنىڭ رامكىسىغا قويۇش ئارقىلىق، شەخسىيەت بولۇش ئېلىپ كېلىدىغان ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ. بۇ بىر تەرەپتىن شەخسنىڭ كوللېكتىپتا بارغانسېرى شەخسسىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئۆزى ئۈستىگە ئېلىشى تېگىشلىك بولغان مەسئۇلىيەتتىن قېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، شەخس يۈزىنى تۆكۈۋالماسلىق ئۈچۈن، ھەرگىز مەغلۇب بولمايدىغان يولنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدۇ—ئەجدادلىرىدىن مەدەت تىلەش، چوقۇنۇش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش. لۇ شۈننىڭ قەلىمى ئاستىدىكىAQ نىڭ روھىي غالىبىيەتچىلىكى (ئۇنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى پەش قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئۇلۇغ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى) بىزنى ئۇنچە ھەيران قالدۇرمايدۇ. لۇ شۈننىڭ چوڭقۇر پىسخولوگىيىلىك كۆزىتىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بۇ ئەسەردە رېئاللىقنىڭ خىرىسلىرى ئالدىدا ئاللىبۇرۇن ۋەيران بولغان AQ نىڭ ئەجدادىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا سېغىنىش ئارقىلىق تەسكىن تېپىشقا ئۇرۇنۇشى ماھىيەتتە خىتايلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى كوللېكتىپ ئېڭىدىكى خام خىيالنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلۈكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدا قارىماققا كىچىك مەنلىك چوڭ مەنلىككە زىيادە كېڭىيىش ئارقىلىق، شەخسنىڭ ئۆزىنى نارسىسسزملىق شەكىلدە ئىدراك قىلىشى مۇمكىنچىلىككە ئايلانغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ شەخسنىڭ ئۆزىنى ئەجدادىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىنكار قىلىشىدۇر—شەخسسىزلىشىشتۇر. شۇ ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ رېئاللىق ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىشكە ئۇرۇنۇشىدۇر.

خىتاينىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇنىڭ باش-ئاخىرى چىقماس جېدەل-ماجىرا، توقۇنۇش ۋە ئۇرۇش-يېغىلىققا تولغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. بولۇپمۇ، خىتايلار ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلغاندا، نۇرغۇن ئۇششاق بەگلىكلەر ۋە خانلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى؛ ئۇلار پەقەت ياتلار ئارقىلىقلا بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. يۈەن، مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىرىلىرىدا پۈتۈنلەي ياتلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغاندىمۇ، تەپرىقچىلىق كۆتۈرۈلۈپ كەتمىدى. تەپرىقچىلىقنىڭ ئۇزاق مۇددەت داۋاملىشىشى ئاچارچىلىق، ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق، پارىخورلۇق ۋە ئەخلاقنىڭ چىرىكلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بولۇپمۇ، ئاچارچىلىقتىن سىرت، ئارقىمۇ ئارقا يۈز بېرىپ تۇرىدىغان تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە ھاشارەت ئاپەتلىرى،ياتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز پاراكەندىچىلىكلىرى ۋە ھېلىدىن ھېلىغا ئالمىشىپ تۇرىدىغان سۇلالىلەر خىتايلارنىڭ ھاياتىنى تىرەن ئەنسىزلىككە ۋە ئېنىقسىزلىققا دۇچار قىلدى. قىسقىسى،  ئۇلار بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا كەمدىن كەم ئېرىشىپ باقتى. خىتاي تارىخىنىڭ كۆپ قىسمىدا دۆلەت شەخسلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمىدى—يىراق پايتەختتە ۋە چوڭ شەھەرلەردە تۇرىدىغان ئەمەلدارلار ئاۋامنىڭ ھاياتىغا كۆڭۈل بۆلمىدى. ئۇلارنىڭ خەلقپەرۋەرلىكىنىڭ، ئەمەلىي ھايات تەجرىبىسىنىڭ ۋە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكى ئاۋامنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئۆزى ئىگە بولۇشقا ئېلىپ باردى. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ قىلغىنى ئەمەلىيەتتە قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بولماستىن، بەلكى ئاۋامنى كوڭزى مائارىپى ۋە ئائىلىۋى ئىجتىمائىيلىشىش ئارقىلىق، دۆلەتكە ساداقەتمەن بولۇش ۋە جەمئىيەت ئۇلارغا يۈكلىگەن ئىجتىمائىي رولنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاش بولدى. ئاتا ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى، بالا بالىلىق بۇرچىنى ئۆتەشكە مەجبۇرلاندى—بالىدىن چاتاق چىقسا، ئاتا ئۇنىڭغا يېتەرلىك تەربىيە بەرمىدى دەپ قارىلىپ جازالاندى. ئەمما، بۇ مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ مەنبەسى بولغان جەمئىيەت ھەققىدە ھېچقانداق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىدى.

شۇنىڭ بىلەن، كوڭزىنىڭ رەھىمدىللىك، دۇرۇسلۇق ۋە قائىدە-يوسۇن ئۈستىگە قۇرۇلۇشى خىيال قىلىنغان ئىدېئال—ئوتوپىيىلىك—جەمئىيىتىنى شەپقەتسىزلىك، ھەقسىزلىك ۋە قائىدە-يوسۇندىن چەتنەش ئىگىلىدى. بىخەتەرلىك كاپالەتكە ئىگە بولمىغان دۇنيادا بارلىق ئاماللار بىلەن ھايات قېلىشقا تىرىشىش ھاياتنىڭ بىردىنبىر پرىنسىپىغا ئايلاندى—ئاۋام بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئامان قېلىشقا تىرىشتى. كوڭزىچە قاراشنىڭ ئورنىنى يوشۇرۇن تەرىزدا سۇنزىچە قاراش ئىگىلىدى—مەقسەتكە (ھايات قېلىشقا) يېتىش ئۈچۈن، ۋاسىتە تاللىماسلىق (رەھىمدىللىك قاتارلىق پەزىلەتلەردىن ۋاز كېچىش) كېرەك. بۇنىڭغا ئىككىلا يول قالدۇرۇلدى: بىرى، كوڭزىنىڭ يولىدا زىيان تارتسىمۇ ئاخىرغىچە مېڭىش؛ يەنە بىرى، سىرتىدىن كوڭزىچە ئەمىر-مەرۇپلارنى ئىجرا قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ، ئىچىدە ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش. چۈنكى، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاۋامغا ئورتاق بولغان ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە شۇنداق بىر ئاددىي ھەقىقەت ئايانكى، ھايات قېلىش ئۈچۈن، رەھىمسىز بولۇش، يۈز قارىماسلىق ۋە ساداقەتسىز بولۇش كېرەك. چۈنكى، رەھىمدىللىك بىلەن ھايات قالغىلى بولمايدىغان دۇنيا تېگىدىن رەھىمسىز دۇنيادۇر. شۇڭا، رەھىمسىز دۇنيادا ھايات قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دەل ئۇنىڭدەك رەھىمسىز بولۇشتۇر.

نەتىجىدە، رەھىمسىزلىك خىتايلارنىڭ ھۈجەيرە-ھۈجەيرىلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كوڭزىچلىق پەقەت بىر رەسمىيلەشكەن ۋە فورمال مىزان سۈپىتىدە توختاپ قالدى. ئۇ قەلبتە ئەمەس بەلكى يۈزدىلا ئىپادىلەندى. قەلب رەھىمسىزلەشتى. شەخسىيەتچىلەشتى. چۈنكى، شەخسىيەتچىلىكلا شەخسنى ئائىلىسى بويىچە ئامان قېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «ئۆزىنىلا بىلىش، ئۆزگىنى قويۇش» ھايات قېلىشنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىگە ئايلاندى.  ئاۋام ھايات قېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ جەمەتىنىڭ بىرلىكىگە تايىنىدىغان بولدى—ئائىلە بۇنىڭدىكى پرىنسىپال بىرلىك بولدى. ئۆزلەر بىلەن ياتلار ئوتتۇرىسىدا ئېنىق پاسىل شەكىللەندى. «باشقىلارنى خۇددى مېھماندەك كۈتىۋال، ئەمما ئۇنىڭدىن خۇددى ئوغرىدىن ھەزەر ئەيلىگەندەك ھەزەر ئەيلە» دېگەن ھاياتلىق ئۈگۈتى ئىجتىمائىي ئۇيۇشقاقلىق ۋە ئىناقلىقنىڭ ئورنىتىلىشىنى مۇمكىنسىزلىككە ئايلاندۇردى. ياتلارغا ئىشەنمەسلىك ھايات قېلىشنىڭ مۇھىم تاكتىكىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى—سۇنزىچە «سەن ئۆلۈپ، مەن ھايات قالىدىغان» توقۇنۇشچان دۇنيا ئۆزىنىڭ رەزىللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. خىتاينىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىدىكى ئەڭ ئابستراكت ۋە ئەڭ مۇھىم ۋاسىتە بولغان يۈزنىڭ مەنىسىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆزگەردى.

يۇقىرىقى مۇھاكىمىدە شۇنىسى ئايان بولدىكى، شەخس ھەرۋاقىت جەمئىيەت تەلەپ قىلىدىغان بىر يۈزنى (脸)نى ئاشكارا قىلىشقا مەجبۇر. ئەمما، يۈز شەخسنى باشقىلارغا ئاشكارىلايدىغانلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى يوشۇرىدىغان نىقابتۇر. خىتايلار ئۈچۈن، يۈز بىر نىقابتۇر. مانا مۇشۇ يۈز ئارقىلىق شەخس ھەممە ئەمەلگە ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىغان ئېسىلزادە بولۇشنى (做君子)نامايان قىلالايدۇ؛ ھەم ئاشۇ يۈز ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ساختا ئېسىلزادىلىقى (伪君子)نى يوشۇرۇپ قالالايدۇ؛ ئۆزىنىڭ كىچىك ئۆزلۈكىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغلىشىۋېرىدۇ. جەمئىيەت كۈتكەن تەلەپلەردىن چىقالماسلىق ئارقىلىق، جامائەت ئالدىدا يۈزىنى يوقىتىش خىتايلار ئۈچۈن نومۇستىن—نومۇستىن ئۆلۈشتىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما، دەل مانا مۇشۇ يۈزنىڭ رولىنى بۇرمىلاش ھايات قېلىشقا نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەرنى ياراتتى. يۈز ساداقەتمەنلىك ۋە رەھىمدىللىكنىڭ ئەكس ئېتىش بوشلۇقى ئەمەس، بەلكى نەيرەڭۋازلىقنىڭ ئەكس ئېتىش بوشلۇقى بولدى. يىغىپ ئېيتقاندا، يۈز رەڭۋازلاشتى—پەسلىكنى، شەپقەتسىزلىكنى، ساداقەتسىزلىكنى ۋە ئىككىيۈزلىمىچىلىكنى يوشۇرىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندى.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، خىتاينىڭ ھاياتلىق قارىشىدا نەيرەڭۋازلىق ئەڭ ئاساسلىق تاكتىكىلارنىڭ بىرى بوپ كەلدى. بۇنى خىتاي زىيالىيىسى لى زوڭۋۇ مۇنداق يىغىنچاقلايدۇ: يۈزى قېلىنلىق (نومۇسسىزلىق)، باغرىتاشلىق (قارا يۈرەكلىك) ۋە نەيرەڭۋازلىق خىتايلارنىڭ تارىختىن بېرى غەلىبە قازىنىپ كېلىشىنىڭ ئاساسى بوپ كەلدى. كىمىكى يۈزى نېپىز (يۈزى تۆۋەن) ۋە ئاقكۆڭۈل بولسا، زىيان تارتتى. خىتايلارنىڭ قورقۇنچلۇق ياسالمىلىقى ئۇلارنىڭ باغرىتاش تۇرۇپ، ئۆزىنى كوڭزىنىڭ ئىدىيىسىگە ئەگىشىدىغان ئاقكۆڭۈل ئادەم قىلىپ پەردەزلەشكە ماھىرلىقىدىدۇر.[xvi] لۇ شۈن «AQ نىڭ غەيرىي رەسمىي تەرجىمىھالى» دا يۈزنى ئەزگۈچى سىنىپنىڭ ئېزىلگۈچى سىنىپنى باستۇرۇشىدىكى ۋە ئۆزىنى ئالداشتىكى ۋاسىتە دەپ تەنقىد قىلدى. خىتاينىڭ يەنە بىر زىيالىيسى لىن يۈتاڭ خىتايلارنى نومۇسسىزلىق، ساختىلىق ۋە جىنايەتنى يوشۇرۇش ئۈچۈن «يۈز» ئىدىن پايدىلىنىدىغان مىللەت دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ «يۈز» نى ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق قانۇنغا ئالماشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمما، ھەقىقىي ئىنقىلابنى ماۋ زېدوڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» نامى بىلەن ئېلىپ باردى. ماۋ خىتاي ئەنئەنىۋى ئىدراكىدىكى كۆپ خىل ئۆزگىرىشچان «يۈز» نى «كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسى» گە ئالماشتۇرماقچى بولدى. ئۇ خىتايلارنىڭ نەچچە ئەسىرلىك نىقاۋىنى زورلۇق بىلەن يىرتىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى قورقۇنچلۇق بوشلۇقنى كۆرمەكچى ۋە ئۇنى يېڭى ھەم ئىنقىلاۋى يۈز بىلەن ئالماشتۇرماقچى بولدى. ئۇنى «مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى» دىكى تۆۋەندىكى شوئاردىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ—铁面无情. لېكىن، ئۇ خىتاينىڭ ھايات پەلسەپىسىدىكى ۋاسىتە تاللىماسلىق، باغرىقاتتىقلىق ۋە ياسالمىلىقنى يوشۇرۇپ، ئۇنى نورماللاشتۇرۇپ تۇرىدىغان «يۈز» نى ئۈزۈل-كېسىل ئالماشتۇرالمىدى. يەنە بىر خىتاي زىيالىيسى بو ياڭ خىتايلارنى «قۇل مىجەز» مىللەت دەپ قاتتىق تەنقىدلىدى.  يىغىپ ئېيتقاندا، خىتايلار قەدىمدىن تارتىپ، سىياسىي پەلسەپىسى ۋە ئەمەلىيىتىدە مۇنداق بىر مۇھىم ئۇسۇلنى قوللىنىپ كەلدى—نەيرەڭۋازلىق. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەنىسى ۋاسىتە ئارقىلىق نىشاننى، يۈز ئارقىلىق غەرەزنى ۋە ئادىمىيگەرچىلىك ئارقىلىق قىلتاقنى يوشۇرۇشتۇر.

يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك، خىتاي جەمئىيىتىدە ئائىلە بەش ماھىيەتلىك مۇناسىۋەتنىڭ يادروسىدۇر. ئاتا-ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە ئاتىنىڭ ئوغۇلدىن كۈتىدىغىنى ۋاپادارلىق، ئوغۇلنىڭ ئاتىدىن كۈتىدىغىنى ئۇنى دۇرۇسلۇق ئۆلچىمى بويىچە تۈرلۈك قائىدە-يوسۇنلار بىلەن تەربىيىلەشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا ئوغۇلنى ئۆزىگە شەرتسىز بوي سۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ—بۇ ۋاپادارلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلىدۇر. ۋەھالەنكى، روھئانالىز ئىلمىگە ئاساسلانغاندا، ئاتا بىلەن ئوغۇلنىڭ مۇناسىۋىتى ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ۋاپادارلىق بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. چۈنكى، ئودىفۇس تۈگۈنىدە ئاتا بىلەن ئوغۇل يوشۇرۇن رىقابەتكە چۈشىدۇ ۋە ھەتتا ئۇغۇل ئاتىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ—ھەتتا ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. [xvii] ئاتا، ئانا ۋە ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتە ئۇغۇلنىڭ ئاتىسىغا ھەرۋاقىت ۋاپادار بولۇشى بەلگىلىك نىسبىيلىككە ئىگە. بۇ نۇقتا بىزنى يەنە شۇنداق قىياسقا يېتەكلەيدۇكى، ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشەلمەسلىك ئۆتكۈرلەشسە، ئۈچىنچى شەخس ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۇلارنى بىر-بىرى بىلەن كېلىشتۈرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ—بۇ  شەخس ئادەتتە ئانا بولىدۇ. ئەمما، سىياسىي كۇلتۇر ۋە پىسخولوگىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا، ئەگەر پادىشاھ بىلەن ئاۋام ئوتتۇرىسىدا كېلىشەلمەسلىك كۆرۈلسە، بۇ ياكى ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى (ئودىفۇس تۈگۈنىنىڭ تاماملىنىشىنى) ياكى ئۇنىڭ يەنە باشقا بىر شەخس بىلەن ئالماشتۇرۇلۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ—ئۆگەي ئاتا سۈپىتىدىكى يات ئىرقتىن بولغان پادىشاھلار. ئاۋام مانا مۇشۇ «يات» ۋە «ئۆگەي» پادىشاھلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئاتىسى—پادىشاھى—بىلەن كۆرۈلىدىغان توقۇنۇشنى كېلىشتۈرىدۇ. شۇ مەنىدىن، بىز خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان يات مىللەتنىڭ قولىدا قېلىشنى راۋا كۆرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭغا ئۈزۈل-كېسىل قارشىلىق بىلدۈرمىگەنلىكىنى ئاز-تولا چۈشىنەلەيمىز.

ئەمدى،  يۇقىرىدا قىسقىچە كۆرۈپ ئۆتكەن ۋۇ جىجوڭنىڭ قارىشىغا كەلسەك، ئاتا، ئانا ۋە ئوغۇلدىن (ياكى قىزدىن) ئىبارەت بۇ ئۈچبۇلۇڭلۇق مۇناسىۋەتنىڭ ئائىلە مۇھىتىدىكى پىسخىك قۇرۇلمىسى شۇكى، ئاتا بىلەن ئوغۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش بولغىنىدا ئانا كېلىشتۈرۈشكە چۈشىدۇ. ئەگەر بۇ كېلىشتۈرۈش زىيادە كۆيۈنۈش شەكلىدە ئىپادىلەنسە، ياكى خىتاي جەمئىيىتى ئاتىداشلىقتىن ئانىداشلىققا ئۆزگەرسە، ئانىنىڭ رولى چەكتىن ئاشقان شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ ۋە ئىدراك قىلىنىدۇ. ئوغۇل تەدرىجىي ھالدا، ئاتىدىن يىراقلىشىپ، ئانىغا يۆلىنىۋېلىش خاھىشىنى ئىپادىلەيدۇ—ئۇنىڭ يېتىلىشى دەرۋەقە ئېغىز ياكى جىنسىي ئەزا باسقۇچىدا توختاپ قالىدۇ.

(داۋامى بار)

نەقىللەر

 

[i] نىسبەتنىڭ قارىشىچە، شەرقىي ئاسىيالىقلارنىڭ غەربلىكلەرنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئويلاش شەكىللىرى بار. پۈتۈنلۈكنى ئويلاش شەكلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي ئاسىيالىقلار دىققىتىنى ئېلېمېنتلار ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىگە كۆپرەك بەرسە،  ئانالىتىكىلىق ئويلاش شەكلىدە تەپەككۈر قىلىدىغان غەربلىكلەر دىققىتىنى شەيئىلەرنىڭ ئىچكى سۈپەتلىرىگە بېرىدۇكى، ئۇلارنى ئوراپ تۇرىدىغان رامكا (كونتېكست) غا دىققەت قىلمايدۇ. شەرقىي ئاسىيالىقلار ئۆزلىرىنى نۇرغۇن رول مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە بولغان كەڭ ۋە مۇرەككەپ دۇنيانىڭ پەقەت بىر پارچىسى دەپ قارىغاچقا، دىققىتى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ سىرتىدىكى بارلىق ئىجتىمائىي مۇھىتقا تىكىدۇ. بۇنداق بىر پۈتۈن سىستېمىدا، مەلۇم مەنىدىن، شەيئىلەر بىر-بىرى بىلەن باغلانغان. شۇڭلاشقا، بۇ يەردە قىسمەنلىك ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈنلۈك مەۋجۇتتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە، غەرب كۇلتۇرىغا تەۋەلەر دۇنيانى يەككە ئوبيېكتلارنىڭ بىرىكمىسى دەپ قارايدۇ. قەدىمقى گرېكلەرنىڭ تەپەككۈرىگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، غەربلىكلەر دۇنيانى ئۆزىگە خاس سۈپەتكە ۋە خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئوبيېكتلاردىن تەركىب تاپقان دەپ قارايدۇ. ر. ئې. نىسبەت قاتارلىقلار، «كۇلتۇر ۋە تەپەككۈر سىستېمىلىرى: بىر پۈتۈنلۈك قارشىسىدا ئانالىتىكىلىك بىلىش» (ئىنگلىزچە)، پسىخولوگىيىلىك باھا، 108 (ئاپرېل)، 2001-يىل، 291-310 -بەتلەر. نىسبەتنىڭ قارىشىچە، شەرقىي ئاسىيا رامكىسىدا (كونتېكىستىدە)، «ھەئە» نىڭ رامكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئوخشىمىغان مەنىلىرى بار. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە، «مەن سېنى ئوڭايسىزلىقتا قويماقچى ئەمەسمەن»، «مېنىڭ ئۆزۈمنى ئوڭايسىزلىقتا قويغۇم يوق»، «ياق»، «ئېھتىمال» ۋە ھەتتاكى «ھەئە» دېگەندەك مەنىلىرى بار. نەتىجىدە، شەرقىي ئاسىيالىقلار ھادىسىلەرنى بىر يۈرۈش ئامىللارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ، كۆپ ھاللاردا كەڭرى رامكىغا دىققىتىنى بېرىدۇ، ھادىسىلەرنىڭ ئىچكى خاراكتېرى ۋە تەپسىلاتىدىن نەزەرىدىن ساقىت قىلىدۇ.

[ii]  1534-يىلى سېينت ئىگناتيۇس لويولا قاتارلىق پوپلار تەرىپىدىن كاتولىك دىنىنى تارقىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان جەمئىيەتتۇر.  گەرچە تارىختا مەزكۇر جەمئىيەت بىر نەچچە قېتىملىق تەقىبلەشلەرگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، ئۇلار باشتىن-ئاخىر خرىستيان دۇنياسىدا كاتولىك ئىدىيىسى ۋە مائارىپىدە ئۆزىنىڭ مۇھىم ئورنىنى ساقلاپ كەلدى.  مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرى 16-ۋە 17-ئەسىرلەردە غەربنىڭ ئىلىم-پېنى، ماتېماتىكىسى، ئاسترونومىيىسى ۋە رەسسامچىلىقىنى چىڭ ئوردىسىغا تونۇشتۇرۇپ، خىتاي زىيالىيلىرى بولۇپمۇ كوڭزىچىلىقنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن بولغان كۇلتۇر-ئارا دېئالوگنى ئىلگىرى سۈردى.

[iii] يەن سوڭجيەن، «يات يەرلەر خاتىرىسى» (خىتايچە)، بېيجىڭ: جوڭخۇا كىتاب ئىدارىسى، 1993-يىل، 324-بەت

[iv] ۋولتېر، «ماقالىلەر» (فرانسۇزچە)،(1771-يىل)، 31-36-بەتلەر

[v]  «جورج ئارسوننىڭ 1704-1740-يىللىغىچە قىلغان دۇنيا ساياھەتلىرى» (ئىنگلىزچە)، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1974-يىل، 351-368-بەتلەر

[vi]  ستۇئارت س. مىللېر، «قارشى ئېلىنمايدىغان كۆچمەن—ئامېرىكىنىڭ نەزەرىدىكى خىتاي ئوبرازى: 1785-1882 » (ئىنگلىزچە)، بېركېلېي: كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 1969-يىل، 86-بەت

[vii]  فرويدنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ جىنسىيەت پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشى تۆۋەندىكى بەش باسقۇچنى بېسىپ ئۆتىدۇ: ئېغىز، مەقەت، جىنسىي ئەزا، يوشۇرۇنلۇق ۋە بالاغەتكە يېتىش باسقۇچلىرى. ئېغىز بوشلۇقى بوۋاق تۇغۇلۇپ، بىر ياش ئەتراپىغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرىنى قولىغا چىققانلىكى نەرسىلەرنى (مەسىلەن، قەلەم، ئويۇنچۇق ياكى ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى)  ئاغزىغا تىقىش  ئارقىلىق، قاندۇرىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچ مەقەت باسقۇچى بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئون سەككىز ئايلىقىدىن تارتىپ، ئۈچ ياشقىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ جىنسىي قوزغىلىش رايونى (erogenous zone) ئېغىزدىن (يۇقىرى ھەزىم يولىدىن) مەقەتكە (تۆۋەنكى ھەزىم يولىغا) كۆچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوۋاقنىڭ ئۆزلۈكى شەكىللىنىپ ماڭىدۇ. بۇنىڭدا ئىد (دەماللىققا بوشىنىشتىن كېلىدىغان ھۇزۇر) بىلەن ئۆزلۈك ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. بۇ توقۇنۇش شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئانا-ئاتا بىلەن شۇ پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. ئۈچىنچى باسقۇچ جىنسىي ئەزا باشقۇچى بولۇپ، ئۈچ ياشتىن ئالتە ياشقىچە داۋاملىشىدۇ. بۇنىڭدا، بالىنىڭ (ياكى قىزنىڭ) جىنسىي ئەزاسى ئۇنىڭ ئاساسلىق جىنسىي قوزغىلىش رايونى بولىدۇ. بالىلىق تەرەققىياتىنىڭ بۇ باسقۇچىدا بالىلار ئۆزىنىڭ، باشقىلارنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ بەدىنىنى ئاڭقىرىدۇ؛ ئۇلار ئۆزىنىڭ جىنسىي قىزىقىشىنى ئۆزىنى يالىڭاچلاش، بەدىنىنى (جۈملىدىن، جىنسىي ئەزاسىنى) باشقىلارغا كۆرسىتىش ئارقىلىق «ئاياللىق» بىلەن «ئەرلىك» نىڭ فىزىكىلىك (جىنسىي) پەرقىنى ۋە «قىزبالىلىق» بىلەن «ئوغۇلبالىلىق» نىڭ جىنسىيەت پەرقىنى ئۆگىنىدۇ. بۇ دەۋردە، ئوغۇلبالىنىڭ ھەل قىلغۇچ جىنسىي پىسخىك تەجرىبىسى ئاتا بىلەن ئوغۇلنىڭ ئانىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بەسلىشىشى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان ئودىفۇس تۈگۈنى (كومپلېكسى) دۇر. تۆتىنچى باسقۇچ يوشۇرۇنلۇق باسقۇچى بولۇپ، ئالتە ياشتىن بالاغەتكە يېتىشكىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ باسقۇچتا، ئۆسمۈر ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى باسقۇچلىرىدا يېتىلدۈرگەن خاراكتېر ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئادەتلىرىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرىدۇ. بالا ئېدىفۇس تۈگۈنىنى ھەل قىلغان-قىلمىغان بولسۇن، بۇ باشقۇچتا ئىنستىڭكىتلىك  قوزغىلىشلار ئۆزلۈككە بارالمايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ قوغدىنىش مېخانىزمى ئۇنى جىنسىي ئەزا باسقۇچىدا بېسىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، قوزغىلىشلار يوشۇرۇنلۇققا ئۆتىدۇ ۋە ئۇلارنى قاندۇرۇش كېچىكىدۇ. ئۆسمۈر ئىستەكلىرى ۋە قوزغىلىشلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ ھۇزۇرىنى ئىككىلەمچى ئوي-جەريانى ئارقىلىق قاندۇرىدۇ. ئىككىلمچى ئوي-جەريانى قوزغىلىشلارنى تاشقى پائالىيەتلەرگە بۇرايدۇ—مەكتەپ، دوستلۇق ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر. بەشىنچى باسقۇچ بالاغەتكە يېتىش باسقۇچى بولۇپ، ئۇ بالاغەتكە يېتىشتىن تارتىپ، تاكى ئۆلگۈچە داۋاملىشىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئاتا-ئانىلاردىن ئايرىلىش ۋە ئۇلاردىن مۇستەقىل بولۇشنى ئىزدەشتۇر. يۇقىرىقى جىنسىي پىسخىك تەرەققىيات جەريانىدا، جىنسىي بوۋاقچىلىق ھادىسىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. يەنى، بالىنىڭ لىبىدو (جىنسىي قوزغىلىش) سىنى قاندۇرۇشىنى جەمئىيەت ۋە ئاتا-ئانىسى تەستىقلىماسلىقى مۇمكىن. مۇشۇ سەۋەبتىن، بالا مەغلۇبلۇق ھېسسىنى تەجرىبىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئەندىشىنى مەلۇم جىنسىي قوزغىلىش رايونى بىلەن باغلايدۇ. ئەندىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، بالا ئۇنىڭدا توختاپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭغا مەپتۇن بولىدۇ. ئۆزىنى ئاشۇ رايونغا مۇناسىۋەتلىك پىسخولوگىيىلىك تېمىلار بىلەن مەشغۇل قىلىدۇ. بۇ تاكى قورامىغا يەتكەندىمۇ داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتېرى ۋە پىسخىپاتالوگىيىسىنى بەلگىلەيدۇ—مەسىلەن، نېۋرۇز، ھىستېرىيە ۋە خاراكتېر قالايمىقانچىلىقى. مەسىلەن، ئېغىز باسقۇچىدا توختاپ قالغۇچىلاردا تۆۋەندىكىدەك پىسخولوگىيىلىك ئاقىۋەتلەر كۆرۈلىدۇ: ئاغزاكىي ئاگرېسىف ھەرىكەتلەر (ھەر دائىم سېغىز چايناش ۋە قەلەمنى ئاغزىغا سېلىۋېلىش)، ئاغزاكىي پاسسىپ ھەركەتلەر (تاماكا چېكىش، توختىماي بىر نەرسە يېيىش). بۇ باسقۇچتا يەنە پاسسىپلىق، ساددىلىق (ئىشىنىشچانلىق—ھەممە نەرسىگە ئاسانلا ئىشىنىپ قېلىش)، پىشىپ يېتىلمەسلىك ۋە مەنۇپىلاتېف (ئادالەتسىز يوللار ئارقىلىق باشقا بىر شەخس، شەيئى ۋە ۋەقەگە تەسىر كۆرسىتىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ) خاراكتېر قاتارلىقلارمۇ كۆرۈلىدۇ

[viii]  «ئانىسىنىڭ بالىسى» دېگەن بو پىسخولوگىيىلىك ئاتالغۇ ئانىسىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارى بار تۇرۇقلۇق (مەسىلەن، ئۆز ئالدىغا ھايات كەچۈرۈش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى قامدىيالاش ۋە توي قىلىش ياكى قىلماقچى بولۇش يېشىغا يەتكەن تۇرۇقلۇق)، يەنىلا ئانىسىغا ھەددىدىن زىيادە يۆلىنىپ ياشايدىغان ئەرلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدا، ئانا باشتىن-ئاخىر ئۇنىڭغا خۇددى بوۋاقتەكلا قارايدۇ، دېگىنى قىلىپ بېرىدۇ. مۇنداق ئەرلەر ئېھتىمال خاراكتېرى تولۇق يېتىلمىگەن بولۇشى، ياكى ماسوكىست (خورلىنىش ئارقىلىق ھۇزۇرلانغۇچى) بولۇشى، ياكى ئۇنىڭدا خاراكتېر قالايمىقانچلىقى بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭدەك، پەرزەنتىگە ھەتتا ئۇلار قورامىغا يەتكەندىمۇ خۇددى بوۋاقتەك مۇئامىلە قىلىدىغان ئانىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسمى نىكاھتىن بەختى كەلمىگەنلەر بولۇپ، ئۆزىنىڭ  بەختسىز تەجرىبىسىنى ئوغلىغا ئېيتىپ بېرىدىغان ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىدە نىكاھقا قارىتا سەلبىي قاراشلارنى يېتىلدۈرىدىغان ئانىلاردۇر. بۇ ئوغۇللار كېيىن توي قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كۆڭۈلسىز نىكاھ ھاياتى ھەققىدە ئانىسى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ ۋە ئانىسىنىڭ قايتا جەزم قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئانا بىلەن ئوغۇل بەختسىز نىكاھ ھەققىدە بىر-بىرىنىڭ قاراشلىرىنى قايتا-قايتا ئۆز-ئارا جەزملەشتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، يىگىتنىڭ نىكاھ ھاياتى ئۇشبۇ سەلبىي قاراش سەۋەبلىك، كۆپ ھاللاردا ئاجرىشىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ياكى، ئۇ قېينئانا بىلەن كېلىن ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش شەكىللەندۈرىدۇ

[ix]  https://theinitium.com/article/20170113-mainland-wuzhihong/

[x]  دۇرۇسلۇق ئۆز نۆۋىتىدە «ھەققانىيلىق»، «دۇرۇس قىلمىش» ۋە «مەنە» قاتارلىق مەنىلەرنىمۇ بىلدۈرىدۇ

[xi]  جامېس لېگېر، «كوڭزى سۆھبەتلىرى، ئۇلۇغ ئۆگىنىش ۋە مۆتىدىللىك نەزەرىيىسى» (ئىنگلىزچە)، كوزىمۇ نەشرىياتى، 2009-يىل، 405-بەت. كوڭزىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى گەپ-سۆزلىرى، باشقىلار بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرى ۋە تەلىملىرى لۇنيۈ (论语) نامىدا ئۇنىڭ شاگىرتلىرى تەرىپىدىن رەتلەپ چىقىلغان. سوڭ سۇلالىسىغا كەلگەندە، كوڭزى سۆھبەتلىرى (لۇنيۈ) باشقا كلاسسىك ئەسەرلەردىن ئۈستۈن قويۇلۇپ، مۇھىم پەلسەپىۋى ئەسەر سۈپىتىدە قارالغان ۋە «تۆت كىتاب» بىرى دەپ ئۇلۇغلانغان. بۇ تۆت كىتابنىڭ قالغان ئۈچى تۆۋەندىكىدىن ئىبارەتتۇر: «ئۇلۇغ ئۆگىنىش»، «مۆتىدىللىك نەزەرىيىسى» ۋە «مېڭزى».

[xii]  تەڭرى بىلەن ئادەمنىڭ بىرلىكى(天人和一) قارىشى كوڭزىچىلىق، داۋچىلىق ۋە بۇددىزمنىڭ مۇھىم نەزەرىيىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئادەمنىڭ فزىئولوگىيىلىك، ئېتىكىلىق ۋە سىياسىي ھادىسىلىرى تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ئەكس ئېتىشىدۇر

[xiii]  خۇاڭ گواڭگو، «كوڭزىچە قىممەتلەرنىڭ مودېرن ئۆزگىرىشى» (خىتايچە)، خىتاي جەمئىيىتى ھەققىدە پىسخولوگىيىلىك تەتقىقاتلار، تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتى، 1983-يىل، 3-بەت.

[xiv]  خۇ شيەنچىن، «خىتاينىڭ نەزەرىدە يۈز»، «ئامېرىكا ئىنسانشۇناسى» (ئىنگلىزچە)، 46، 1944-يىل، 45-64-بەتلەر

[xv]  خىتاي قەدىمقى جەمئىيىتىدە ئەگەر بىر پەرزەنت ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، بۇ ئەڭ ئېغىر جىنايەت دەپ قارالغان ۋە پۈتۈن يۇرت-جامائەت قىرىۋېتىلگەن. چۈنكى، بۇ شۇنى ئالدىنقى شەرت قىلغانكى، ئاتىسى ئۆلتۈرگەن پەرزەنت ئاشۇ يۇرت-جامائەت تەرىپىدىن ياخشى تەربىيىلەنمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ شەپقەتسىزلىك خىتايلارنىڭ ئاتىنىڭ نوپۇزىنىڭ قاتىللىق ئارقىلىق يوقىلىپ كېتىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي قالايمىقانچىلىق چىقىشقا بولغان چوڭقۇر ۋەھىمىسىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ

[xvi]  جيا ۋېنشەن، «21-ئەسىردە خىتاي خاراكتېرى ۋە كىملىكىنى قايتا قۇرۇش» (ئىنگلىزچە)، ئەبلېكس نەشرىياتى، 2001-يىل، 70-بەت

[xvii]  فرويىدنىڭ روھانالىز ئىلمىدە ئوغۇلنىڭ ئانىسى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ۋە ئاتىسىغا بۇ ھەقتە رىقابەتچى بولۇش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. فرويىد بۇ ئاتالغۇنى 1899-يىلى نەشر قىلىنغان ۋە پىسخولوگىيىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر دەپ قارىلىدىغان «چۈشلەرنىڭ تەبىرى» دېگەن ئەسىرىدە تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئاتالغۇ قەدىمكى گرېكتىكى تېبانلىق قەھرىمان ئودىفۇسنىڭ ئاتىسى ئۇقۇشماسلىقتىن ئۆلتۈرۈپ، ئانىسى بىلەن توي قىلغان ئودىفۇسنىڭ تراگېدىيىلىك ھېكايىسىگە ئاساسلانغان. فرويد ئۇشبۇ ئاتالغۇنى ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان ئوغۇل بالىلاردا كۆرۈلىدۇ دەپ قارايدۇ.بۇ ئادەمنىڭ جىنسىي پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشىدىكى جىنسىي ئەزا باسقۇچىدۇر. بۇ باسقۇچ ئادەتتە ئوغۇلنىڭ ئۆزىدە ئانىىسغا بولغان جىنسىي ئىستەكنىڭ ئاتىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، ئاختا قىلىنىۋېتىلىشتىن ئەنسىرەپ، ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرىنى بېسىشى ۋە ئاتىسىنى دوراپ ئەدەب ئەخلاقلىق بولۇشقا تىرىشىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. يەنى ئوغۇل ئانىسىغا ئېرىشىش ۋە ئاختا قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاتىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. ئەمما، ئۆزىنىڭ بۇنداق خىيالىنىڭ رېئال ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئوغۇل ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى خىيالىدا ئاتىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ—ئۇنىڭدەك ئەدەب-قائىدىلىك بولۇشقا تىرىشىدۇ. ئەگەر بۇ مەزگىلدە ئوغۇل بىلەن ئاتا ئوتتۇرىسىدىىكى مۇناسىۋەت زىيادە چەكلىمىچان ياكى زىيادە قوزغىتىش خاراكتېرىدە بولمىسىلا، ئوغۇلدا كېيىنچە ھېچقانداق پىسخىك بىنورماللىق كۆرۈلمەيدۇ. ئەمما، ئەگەر شۇنداق بولسا، ئوغۇل قورامىغا يەتكەندە ئۇنىڭدا بوۋاقلىق پىسخىك بىنوماللىق ھادىسىسى كۆرۈلىدۇ. ئەمما، فرويىدنىڭ يۇقىرىقى قارىشى نۇرغۇن بەس-مۇنازىلەرگە ۋە تەنقىدكە سەۋەب بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە مەشھۇرراقى فرانسۇز پەيلاسوپلىرىدىن جىل دىلۆز ۋە فلىكس گۇئاتاغىلارنىڭكىدۇر. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئودىفۇس تۈگۈنى ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىدېئولوگىيىلىك قۇراشتۇرمىلاردۇر

https://oylar.blogspot.com.tr/

Share
3539 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.