logo

trugen jacn

خىتاينىڭ دىنىي باستۇرۇش يېڭى دەلىلى -مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى

fb86397c-db2f-42b0-b1df-5782be82e50e

گۈلچېھرە

اڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدا دىننى سۇسلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ يىل بولۇپمۇ خوتەن، قەشقەر قاتارلىق ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق چەكلىمىلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.

مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزانلىق ئىبادەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش، مەسچىتكە كىرىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئىسپاتلىق ئىنكاسلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسى ناۋا يېزىسى گاپائارىش كەنتى «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» تارقاتقان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ خىل چەكتىن ئاشقان رامىزانلىق تەدبىرلىرى، بىر قىسىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان تېمىغا ئايلاندى. ئۇلار «خىتاي بۇ كىنىشكا ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئەسەبىيلەرچە زۇلۇم، چەكتىن ئاشقان قانۇنسىز دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ دەلىلىنى تەييارلىدى» دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەش سىياسىتىنى «دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش»، «دىنىي كەيپىياتنى سۇسلاشتۇرۇش» دېگەندەك ناملاردىكى بىر قاتار چەكلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ رامىزاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي دىنىي ھەق ‏- ھوقۇقلىرى تېخىمۇ زور تەقىبلەشكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

مەلۇم بولغاندەك، خىتاي دائىرىلىرى بەلگىلىمە چىقىرىپ 18 ياشقا توشمىغانلارنىڭ، ئاياللارنىڭ، ئوقۇغۇچى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرلىرىنىڭ مەسچىتكە كىرىشىگە يول قويماي كېلىۋاتقان ئىدى ۋە مەھەللە، رايون ئاتلاپ مەسچىتكە كىرىشنىمۇ قانۇنسىز دەپ بەلگىلىمە چىقاردى، ئەمدى بۇ چەكلەش بەلگىلىمىلىرىگە يەنە بىر يېڭى تەدبىر قوشۇلغان. يەنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە يېقىندا ئاشكارىلانغان بىر سۈرەتلىك ئۇچۇرغا قارىغاندا، رامزان ئېيىنىڭ كىرىشى بىلەن خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدىكى دائىرىلەر ناۋا يېزىسى گاپائارىش كەنتى ئىسلام دىنى جەمئىيىتى نامىدا مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى كونترول قىلىپ، تەرەۋى ناماز ئوقۇشىغا، رامىزانلىق نورمال ئىبادەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى تارقاتقان.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، بۇ خىل كىنىشكىنى بېجىرىشمۇ مۈشكۈل بولۇپ، كىنىشكىسى يوق مۇسۇلمانلار مەسچىتكە كىرگۈزۈلمەيدىكەن، بۇنىڭ بىلەن جامائەتنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئىبادەتلەرنى قىلىش ئۈچۈن مەسچىتكە كىرىشى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك توسالغۇغا ئۇچرىغان.

مەزكۇر ئۇچۇر بەزى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ۋە تور ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى، ۋاشىنگتوندىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى تارقاتقان «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» يېڭىلىق ئەمەس، پەقەت يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان دىنىي چەكلەش سىياسىتىنىڭ بىر دەلىلىنىڭ ياسىلىپ چىقىشى» دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى خەلقئارانىڭمۇ كۆزىتىشى ئاستىدا، بولۇپمۇ رامىزاندا، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي باستۇرۇشلىرىنىڭ كۈچىيىدىغان پەيتى ئىكەنلىكى دۇنيا جامائەتچىلىكىگىمۇ ئايان بىر مەسىلە، رامزان كىرىشى بىلەنلا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان خىتاينىڭ باستۇرۇشى ۋە بۇنىڭغا قارشى بىر قانچە قېتىملىق ھۇجۇم ۋەقەلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى يەنىمۇ دىققەت تارتماقتا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇل دىرېكتورى ت.كۇمار ئەپەندى ۋاشىنگتون ئىشخانىسىدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق چەكلەش سىياسەتلىرىگە مەخسۇس ئىنكاس قايتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى:
‏-خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق باستۇرۇشلىرىغا ئائىت دوكلات تەييارلىدۇق، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق باستۇرۇشىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشى ۋە رامىزانلىق ئىبادەتلىرىنى قىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاتتىق چەكلەنمەكتە، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە، رامىزانلىق ئىبادەتلىرىگە قاراتقان چەكلىمە سىياسەتلىرىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز. بۇ مەسىلە داۋاملاشماقتا، بىز خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق دىنىي چەكلىمىلىرىنى بىكار قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزانلىق دىنىي ئىبادەتلىرىنىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىمىز!»

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مەسچىتكە كىرىش كىنىشكىسى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە كىرىشىنى كونترول قىلىش تەدبىرىنىڭ باشقا جايلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلغان ياكى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر بەلكىم بۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ رامىزانلىق تەدبىرى بولسىمۇ، باشقا جايلارغىمۇ كېڭەيتىپ يۈرگۈزۈلۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ توپلىشىپ نارازىلىق بىلدۈرۈش قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/meschit-kenishke-06292015151449.html

Share
1504 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.