logo

trugen jacn

تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەقپىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇھاكىمە تېمىسى بولدى

DT.Dramı2

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەقپى 25 يىلدىن بېرى ئۇيۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان «سۈلەيمانىيە مۇنبىرى دوكلاتلىرى» تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدىكى تېمىسى «شەرقىي تۈركىستان تراگېدىيىسى» دەپ ئاتالدى. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋرو-ئاسىيا ئىنستىتۇتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ سابىق باش كاتىپى، ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى.

ئىستىقلال مارشى ۋە شېھىتلارنىڭ روھىغا سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلانغان يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ تەتقىقات ۋەقپى مەسئۇللىرىن مېتىن كۆسە ئەپەندى قىلدى. ئارقىدىن تونۇلغان تارىخچى، مىمارسىنان ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور گۈلچىن چاندارلىئوغلۇ خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تۈرك تارىخىدىكى ئورنى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

ئۇ، سۆزىنى ئۆمرىنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا ئاتىغان تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ۋەقپىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە سابىق مۇدىرى مەرھۇم تۇران يازغان ئەپەندىنى ئەسلەش بىلەن باشلىدى. ئۇ، سۆزىدە ھازىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىي ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سىياسەتچى، بىلىم ئادەملىرى، دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ يەردە جەم بولۇشنىڭ ئەھمىيەتىنىڭ ئىنتايىن زور ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندى دوكلاتىدا نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى تېمىلار ئۈستىدە توختالدى دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى، خىتاينىڭ ھازىرقى سىياسىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەم باشقىلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/turkiyede-uyghur-01212015164322.html

Share
1838 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.