logo

trugen jacn

بەششار ئەسەد: خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيغۇر تېررورچىلىرىغا قاتتىق زەربە بەردۇق

رۇسىيەنىڭ نوپۇزلۇق خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىدىن «Sputniknews» نىڭ تور بېتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، بەششار ئەسەد خوڭكوڭدىكى سۇمرۇغ تېلۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، سۈرىيە بىلەن خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، «شىنجاڭ» دىن تۈركىيەگە كېلىپ، بۇ دۆلەتتىن سۈرىيەگە كەتكەن «ئۇيغۇر تېررورچىلىرى»غا قاتتىق زەربە بەرگەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئەسەد مۇنۇلارنى دېگەن:«سۈرىيەدە 80 دىن ئارتۇق مىللەتتىن تېررورچى ئۇنسۇرلار بار، بۇ ئەھۋال باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىزنى تەقەززا قىلاتتى، بولۇپمۇ ئىستىخبارات ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تولىمۇ ئېھتىياجىمىز بار ئىدى. شۇڭا خىتاي ئىستىخبارات  ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. سۈرىيەدە ھەر خىل مىللەتتىن بولغان تېررورچى ئۇنسۇلار بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ، لېكىن گۇرۇپپا ھالىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارمۇ بار. نۆۋەتتە خىتاي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن بىزنىڭ ئىستىخبارات ئىدارىمىز تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئورنىتىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، بۇ ساھەدە زور تەجرىبىلەرنى ھاسىل قىلدۇق.»

سۈرىيەنىڭ خىتايدىكى ئەلچىسى ئىماد مۇستافامۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، سۈرىيەدە «شىنجاڭ» دىن كەلگەن تەخمىنەن 5000 تېررورچىنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە 2015-يىلى سۈرىيە-تۈركىيە چېگراسىدا قولغا چۈشكەن 913 چەت ئەللىك تېررورچى ئۇنسۇر ئىچىدە 324نىڭ «شىنجاڭلىق »ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.

2015-يىلى ئىيۇلدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تۈركىيەنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى بەزى تۈرك دىپلوماتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىشىغا ياردەم قىلىش بىلەن ئەيىبلىشىگە قارىتا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلىپ قىلىپ، بېيجىڭنىڭ  بۇ باياناتىنىڭ تولىمۇ ئاساسسىز ۋە بىمەنە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى

http://www.trt.net.tr/uyghur/khaelqy-r/2017/03/15/kh-ty-b-laen-haemkrl-sh-p-y-uygur-trrwrch-l-r-g-qtt-q-zaerbae-baerduq-692101#.WMlhnhraEAh.facebook

Share
1354 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.