logo

trugen jacn

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئۆسمە

Abduveli Ayup
ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 ئە. ئوسمان بىلەن ئە. ئۆمەر 93- يىللىرى بېيجىڭدا لېكسىيە سۆزلىگەندە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىر كېسەلچان ئانىغا ئوخشىتىلغان ئېدى. ئە. ئوسمان ئۆزىنى دورا ئىزدەپ كەتكۈچى، ئە. ئۆمەرنى كېسەل بېقىپ قالغۇچى قىلىپ تەسۋىرلىگەنىدى. ئويلاپ باقسام ئەدىپلەرنىڭ جەمئىيەتنى كۈزىتىش ئۇسۇلىمۇ شىئېرىي بولىدىكەن، ھەم ئاددى، ھەم ئوبرازلىق ھەمدە قوبۇل قىلىشقا قولاي. ئەگەر ئۇيغۇر جەمئىيىتى شۇلار دېگەندەك بىر كېسەكچان ئانا بولغان بولسا داۋاسى ئاسان ئېدى. ئەپسۇسكى، جەمئىيىتىمىز تۈمەنلىگەن كېسەل ۋە مىليۇنلىغان ساغلام ئاتا-ئانىلاردىن تەشكىل تاپقان. ئەمما ھەيران قالارلىقى، ئۈرۈمچىدە بەزى يەرلەردە پەقەت ئۇيغۇر كۆرۈنمىگەن بىلەن دوختۇرخانىلا بولسا چوقۇم ئۇيغۇر بار. جۈملىدىن ئۈرۈمچىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەڭ ئاز رايۇندىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا بىمارلارنىڭ كۆپى ئۇيغۇر ئاندىن قالسا قازاقكەن. شۇڭا چېكىمخۇمارلىق سەۋەبىدىن مەن بىلەن لىئۇداۋەن، تەڭرىتاغ ۋە كۆكتاغ قاماقخانىلىرىدا بىللى ياتقان مەھبۇسلارنى ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە يامراۋاتقان ئۆسمىگە ئوخشاتقۇم كەلدى.

1.  بىز قايسى مىللەت؟
    قاھار بىلەن قاماقخانىدا تونۇشتۇم. ئەتىدىن كەچكىچە مۇڭلۇق قازاقچە ناخشىلارغا غىڭشىپ كامىردىكى بىمەنە قىلىق ۋە پاراڭلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشنى بىلىدىغان 17 ياشلىق بۇ بالا بىلەن ئۇزاققا قالماي سىرداشلاردىن بولۇپ قالدۇق. قاھارنىڭ يېشى كىملىكتە ھازىرقى يىشىدىن چوڭ يېزىلىپ قالغاچقا كامىرداش بولۇپ خېلى ئۇزاق بىللە بولدۇق. قاھار ئالتايلىق بولۇپ كامىرنىڭ ئاشپىزى (تاماق ئىلىش، قاچا يۇيۇش قاتارلىق ئىشلارغا مەسئۇل) ئىدى. ھەرقىتىم تاماق ئۇسۇشتىن بۇرۇن «بىسمىللاھ» دەپ پىچىرلاشلىرى ئۇنىڭ پاكىزە چىرايىنى تېخىمۇ نۇرلۇق كۆرسىتەتتى. قاھار ساقچىلار پاراڭلاشماسلىق، قاتتىق نازارەت قىلىشنى تاپىلىغان سىياسى مەھبۇسلار بىلەنمۇ ئىككىلەنمەي يېقىن ئۆتۈۋىرەتتى. قانداقلا تەسەۋۋۇر قىلماي ئۇنىڭ ئوغۇرلۇق بىلەن تۇتۇلغانلىقىنى جەزىم قىلالمايتتىم. ئۇيغۇر تارىخىنى خېلى مۇكەممەل بىلىدىغان، بىكارلا بولسا بىر بۇلۇڭدا خىيال سۈرىدىغان بۇ ئۆسمۈر پەقەتلا ئوغرىغا ئوخشىمايتتى. 13 يىشىدىن باشلاپ قاھار ئىچكىرىگە ئوغرىلارغا ئەگىشىپ كىرىپ كەتكەن ئىكەن. جوڭگۇنىڭ شەرقى شىمالىدىن باشقا ئۆلكىلەرنى ئاساسەن ئايلىنىپ چىقىپتۇ. پاراڭلاشقانلىرىمىزدا ئاساسەن ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى تىلغا ئالاتتى يۇ، ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئارىلاشتۇرمايتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە تاقىشىدىغان سۇئاللارنى سورىمايتتىم.
   بىركۈنى قاھار تۇيۇقسىز –ئابدۇۋەلى ئاكا، بىز قايسى مىللەت؟ دەپ سوراپ قالدى. مەن قاماقتىكى كامىراغا قاراپ ئىھتىيات بىلەن  كۈلۈپ قويدۇم. ئۇ تەشۋىشلىنىشلىرىمگە پەرۋامۇ قىلماي ھىكايسىنى باشلىدى– بۇ مەن مەكتەپكە كىرىپ تۇنجى قىتىم توغرا جاۋاب بەرگەن سۇئال. شۇ چاغدا سىنىپتا مەندىن باشقا ھىچكىم توغرا جاۋاب بىرەلمىگەن ئىدى. ئاينۇر مۇئەللىم مىنى تۇنجى قىتىم ماختىغان، دېدى ئۇ قىزىشىپ سۆزلەپ. قاھارنىڭ قىزغىن چىرايىغا سەپ سېلىپ قاراپ قويدۇم. بەلگىلىمە بويىچە ئىكىمىزنىڭ پاراڭلىشىۋاتقانلىقى بىلىنىپ قالمىغىدەك ئارىلىق قالدۇرۇپ ئولتۇردۇم. بۇ ئۇنىڭ ھىكايىسىنى باشلايدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئېدى.
   قاھار ئالتە ياشقا كىرگەن يىلى ئاتا- ئانىسى ئالتايدىن ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەپتۇ. دەسلەپتە بىر ئائىلە كىشىلىرى قاھارنىڭ بوۋا- مومىسى بىلەن بىرگە تۇرۇپتۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن ئاتا- ئانىسى باشقا بىر مەھەللىدىن ئۆي ئىلىپ كۆچۈپ كىتىپتۇ. قاھار بوۋىلىرىنىڭ قىشىدا قاپتۇ. بوۋىسى قاھارغا بەكمۇ ئامراق ئىكەندۇق. بوۋاي ئەتىگىنى ئاخشام مەسجىدلەرگە قاھارنى ئەگەشتۈرىۋالىدىكەن. ئۇنىڭ ھازىر بىلىدىغان ئايەتلىرىنى شۇ چاغلاردا بوۋىسىدىن ئۆگىنىۋالغان ئىكەن. بىر يىلدىن كېيىن قاھار ئاتا- ئانىسىنىڭ مەھەللىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرىپتۇ. بۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇيغۇر- خەنزۇ ئارىلاش ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇپ ئەسلى ئۇيغۇرچە مەكتەپ ئىكەن. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازلاپ كەتكەنلىكتىن خەنزۇ- ئۇيغۇر ئارىلاش ئوقۇيدىغان بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن. قاھاردىن باشقا بالىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك خەنزۇچە يەسلىدە ئوقۇغان، ياكى خەنزۇچىنى سۇدەك سۆزلىيەلەيدىغانلاردىن ئىكەن. شۇڭا قاھار خەنزۇچە ئۆتۈلىدىغان ماتىماتىكا ۋە خەنزۇچە مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات كىتابى  ئۆتىلىدىغان دەرسكە پەقەت يېتىشەلمەپتۇ. خەنزۇچە دەرستە ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئاھاڭدا خەنزۇچە سۆزلىشىنى دوراپ كۈلكە چىقىرىدىكەن. بىر كۈنى خەنزۇچە دەرس ئوقۇتقۇچىسى ئاينۇر مۇئەللىم ئوقوغۇچىلاردىن – بىز قايسى مىللەت؟ دەپ سوراپتۇ. بىرەيلەن «ئۈرۈمچى مىللىتى» دەپ جاۋاب بىرىشىگىلا قالغانلار ئەگىشىپتۇ. پەقەت قاھارنىڭلا گەپ قىلماي ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن مۇئەللىم قاھاردىن سوراپتۇ. قاھار بوۋىسىنىڭ ئۆگەتكەنلىرى بويىچە – بىز ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ مىللىتى، بىز مۇسۇلمان مىللىتى. دەپ جاۋاب بەرگەندە مۇئەللىم ئۇنى ماختاپ كىتىپتۇ ۋە ھەممەيلەنگە « بىز مۇسۇلمان، ئۇيغۇر مىللىتى» دەپ ئۆگىتىپتۇ. ئەمما شۇندىن كېيىن ساۋاقداشلىرى ئۇنى «ئۇيغۇر» دەپ مازاق قىلىدىكەن.  خەنزۇچە بىرەر گەپنى توغرا تەلەپپۇز قىلالماي قالسا «خەنزۇچىنى ئۇيغۇردەك تەلەپپۇز قىلىدىكەن» دەپ قاھارغا ئىما قىلىدىكەن. پەقەت ئاينۇر مۇئەللىم بار چاغدىلا ساۋاقداشلىرى قاھارنى مازاق قىلالمايدىكەن.
    قاھار توققۇز ياشقا كىرگەندە ئانىسى تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭغا شۇندىن باشلاپ كۈن تۇتۇلغاندەك تۇيۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ ئېسىلىشلىرىغا پەرۋا قىلماي ئانىسىنى كارىۋاتقا ئوخشاش بىر نەرسىگە سېلىپ ئىلىپ كەتكەن كىشىلەر بەكمۇ ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن قۇرۇق قول قايتىپ كېلىشىپتۇ. ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي قاھار بوۋىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن قاھارنىڭ دوپپا كىيىۋالغان بوۋايلارنى كۆرسىلا يىغلىغۇسى كېلىدىكەن.
   قاھارنىڭ دادىسى ئۆيدىن يىراقراق بىر رايۇندا ئىشلەيدىكەن. خىزمەت ئورنى ئۆيىدىن يېراق بولغاچقا چۈشلىرى ئۆيگە قايتالمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن قاھار مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئاشخانىلاردىن دادىسى بەرگەن پۇلغا تاماق ئېلىپ يەيدىغان بولۇپتۇ. بەزىدە ئاينۇر مۇئەللىم قاھارنى ئۆيگە ئېلىپ كىتىپ تاماق ئىتىپ بېرىدىكەن. يازلىرى چۈشلۈك ئارام ئېلىش ۋاقتى ئۇزۇن بولغاچقا ئاينۇر مۇئەللىم تاماقتىن كېيىن قاھارغا كىتاب ئوقۇپ بېرىدىغان بوپتۇ.    شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىتابقا ئامراق بولۇپ قاپتۇ. ئاينۇر مۇئەللىمنىڭ ئۆيىدە ئوقىغان «ئاق پاراخوت»، «ھازىرقى بالىلار كارامەت»، «ئاقساق بۇغا»، «قاچقۇن ۋە ئۇنىڭ ئايالى»، «باياۋاندىكى گۈلخان»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» دېگەن ئەسەرلەرنى قاھار ئاساسەن تولۇق بايان قىلىپ بىرەلەيدىكەن.
    قاھار 11 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇيغۇر سىنىپتىكى بالىلار بەكلا ئاز قالغانلىقى، قالغانلارنىڭ خەنزۇ سىنىپقا يۆتكىلىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك مەكتەپ قاھارنى قالغان ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوخشاش يىللىقتىكى خەنزۇ سىنىپلارغا بۆلىۋىتىپتۇ. ئاينۇر مۇئەللىممۇ مەكەپتىن كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭدى كېيىن قاھارغا مەكتەپتە ھىچكىم قالمىغاندەك تۇيۇلىدىغان بوپتۇ. مەكتەپكە بارغۇسى كەلمەيدىكەن، ئەمما چۈشلىرى ئاچ قېلىشتىن قورقىدىكەن. ئارام كۈنلىرى دادىسى سىرتقا ئەتىگەن چىقىپ كەتكەنچە كەچكىچە قايتىپ كېلەلمەي قالسا ئۆيدە ئاچ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالىدىكەن.
    قاھار چۈشلىرى مەكتەپ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىسىدا كۈندە تاماق يەپ يۈرۈپ ئاشپەزلەرنىڭ ئۆزىدىن تۆت- بەش ياش چوڭ ئوغلى بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتۇ. ئۇمۇ ئۇيغۇر سىنىپىنىڭ تارقىلىپ كىتىشى سەۋەبلىك ئوقۇشتىن توختاپ قالغان ئىكەن. قاھار غالىپ ئىسىملىك بۇ بالا بىلەن بىللە ئويناپ يۈرۈپ تورخانىلارغا كۆنۈپ قاپتۇ. دادىسى چۈشتە تاماق ئۈچۈن بەرگەن پۇلغا قۇرۇق نان ياكى تەييار چۆپ ئىلىپ يەپ ئاشۇرۇپ قالغىنىغا تورخانىلاردا ئۆزىدەك بالىلار بىلەن ئويۇن ئوينايدىكەن. بارا- بارا چۈشتە پەقەت تاماق يىمەي ئوينايدىغان بوپتۇ. يېڭى كىرگەن سىنىپىدىكى ساۋاقداشلىرى پۈتۈنلەي يات تۇيۇلۇپ ئوقوغىسىمۇ كەلمەي قاپتۇ.
     خەنزۇ سىنىپتا ئوقۇشقا باشلىغان تۇنجى مەۋسۇم ئاخىرلىشىپ نەتىجىسى ئىلان قىلىنىپتۇ. ئاتا- ئانىلار يىغىندىن قايتقاندىن كېيىن دادىسىدىن تۇنجى قېتىم قاتتىق تاياق يەپتۇ. بۇ مەۋسۇمدا ئۆتۈلگەن دەرسلەردىن قاھار ئاساسەن ئۆتەلمىگەن ئىكەن. شۇندىن كىيىن قاھارنىڭ دادىسى ھەركۈنى كەچتە تاپشۇرۇققا يىتەكچىلىك قىلىدىغان بولۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە تاپشۇرۇقنى دادىسى ئىشلەيدىكەن قاھار تىل ئىشتىدىكەن. بۇ جەرياندا دادىسى بىلەن قاھارنىڭ مۇناسىۋىتىگە دەز كىتىپتۇ. ئۆيدىن كۈلكە ئۆچۈپ بوران ئۇچۇشقا باشلاپتۇ. قاھارنىڭ تاپشۇرۇق يوق بىر يەرلەرگە كەتكۈسى كىلىدىكەن. قاھار باشلانغۇچنى تۈگەتكەن يازلىق تەتىلدە ھېلىقى ئۆزىدىن چوڭ دوستى غالىپ بىلەن يىراقلارغا كېتىشنى مەسلىھەتلىشىپتۇ. ئۈرۈمچىدىن جىڭجۇغا بارىدىغان پويىزغا ئولتۇرۇپ لەنجوۋغا كەلگەندە نەجىڭنى سورايدىغان سانجىلىق تۇڭگانلارنىڭ قوشۇنىغا تۇتۇلۇپ قاپتۇ. شۇندىن باشلاپ قاھار غالىپ بىلەن بىر توپ ئوغرىلارنىڭ ئارىسىغا سىڭىپ كىتىپتۇ. ئوغرىلىق قىلالماي تاياق يەپتۇ، ئاچ قاپتۇ. سوغۇقتا مۇزلاپ ئىسسىقتا ئاغرىپ قىينىلىپتۇ. ئۈرۈمچىدىكى چېغىدىلا تاماكا چېكىشنى ئۆگەنگەن قاھار ئاق چېكىشنى باشلىغاندىن كېيىن ئىچكىرىگىمۇ كۆنۈپ قاپتۇ
     قاھار ئالاھەزەل ئىچكىرىدىكى شەھەرلەردە سەييارە ئوغۇرلۇق قىلىپ نەنجىڭ، شاڭخەي ئەتراپىدا تۇرغانغا بىر يىلدىن ئاشقاندا توختىماي ئىزدەپ باغرى قان بولغان دادىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپتۇ. سۈرۈشتۈرۈپ ئاران تاپقان دادىسى نېمە دېسە قىلىپ بېرىدىغان بولۇپ قاھارنى ئەيۋەشكە كەلتۈرۈپتۇ. ھەمدە قوشۇننىڭ باشلىقىغا دېگىنىنى بىرىپ قۇتقۇزۇپ چىقىپتۇ. ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېتىپ ياخشى- يامان گەپلەرنى قىلىپ نەسىھەت قىپتۇ. بوۋىسىنىڭ دوستلىرىنى ئارىغا سىلىپ يۈرۈپ قاھارنى بىر ئۆلىماغا دىن ئوقىغىلى تۇتۇپ بىرىپتۇ. ئەمما قاھار ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا ئۆزىنى قەتئىي تەبىئىي ھىس قىلالماي كۆنەلمەپتۇ. ئۇ گەرچە ئوغۇرلۇق، مۇز چېكىش، قىمار ئويناش دېگەندەك ئىشلارنىڭ خاتالىقىنى بىلسىمۇ، شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىغان بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئازادە يۈرەلەيدىكەن، ئۆزىگە خۇشاللىق تاپالايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىچكىرىگە قېچىپتۇ. دادىسىغا تۇتۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ھىچبىر شەھەردە ئۇزۇق تۇرماپتۇ. بىرەر- ئىككى يىلدىن كېيىن ئىچكىرىدە ئوغۇرلۇق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنى بۇرۇنقىدەك ئاسان قويىۋەتمەيدىغان، تۇتىۋالغان ھامان ئۈرۈمچىگە نەزەربەنت قىلىپ ئىلىپ كىتىدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر قېتىم قاھارلارنىڭ ئۇيغۇر، خەنزۇ، تۇڭگانلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇنى ئىچكىرىدىن چېكىنىپ ئۈرۈمچىدە بىر شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارخانىنى بۇلاۋاتقاندا تۇتۇلۇپتۇ. قاھار ساقچىنىڭ قولىدا تۇرۇپ دادىسىغا تېلىفون قىلغانىكەن كۆرۈشىشنى رەت قىپتۇ.
    ئىچكىرىدىكى كەچمىشلىرىنى بايان قىلىپ بېرىۋاتقاندا كۆزەتسەم، قاھار ئاق چەككەنلەرگە ھىسداشلىق قىلاتتى. ئەمما زەھەر توشۇپ ساتقۇچىلار، ئادەم سودىسى قىلغۇچىلار ۋە قوشۇن ئۇيۇشتۇرغانلارغا نەپرەتلىنەتتى. شۇنچە پاراڭلىشىپمۇ ئۇنىڭ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغىنىنى ھىس قىلمىدىم. پەقەت ئۆزىنىڭ بىخەستەلىك قىلغىنىدىن، تېلىفۇن ئىشلەتكىنىدىن، ساقچىلارغا ئالدىنىپ ئىقرار قىلغىنىدىن ھەسرەتلىنەتتى. شۇنچە پاراڭلىشىپمۇ ئۇنىڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن چېنىقىشتىن باشقا بىرەر ئەھمىيەتلىك ئىشنى تىلغا ئالغىنىنى ئاڭلىمىدىم.
    ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر كىتابلارنى ئاساسەن ئوقۇپ چىققان، تېلىۋىزوردا خەلقئارا خەۋەر بىرىلگەن ھامان ھەممىنى ئۇنتۇپ ئەستايىدىل كۆرىدىغان ۋە مەن بىلەن شۇ ھەقتە قىزغىن پاراڭلىشىپ كىتىدىغان بۇ بالا ھەرقانچە ئويلىساممۇ ئوغرىغا ئوخشىمايتتى. ئەپسۇسكى، ئۇ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلمايدىغان، جىنايىتىنى يوشۇرمايدىغان ئوغرى ئىدى. قاھار ئانىسىدىن، بوۋىسىدىن، ئاينۇر مۇئەللىمدىن ۋە ئاخىرىدا دادىسىنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قەلبى قۇرۇقدالغاندىن بۇيان كۈچ ۋە پۇلدىن بۆلەك نەرسىگە ئىنتىلمەيدىغان بولۇپ قالغاندەك قىلاتتى. قاھار مېنىڭ ئويغا چۆكۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ قاماقخانىنىڭ كىچىككىنە ھويلىسىغا چىقىپ كەتتى. ئاستا كەينىدىن چىقتىم. ئىككى مىتىردىن ئاشىدىغان تامنىڭ ئۈستى تۆمۈر بىلەن رىشاتكىلىنىپ سىم تور بىلەن توقىۋىتىلگەن ئىدى. كۈندۈزدە مەھبۇسلارنى بىر قانچە سائەت ھاۋالاندۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلغان يەتتە كۇۋادىرات مېتىر كېلىدىغان بۇ شامالدىما تۆمۈر قەپەزگە ئوخشايتتى.
ئۇنىڭ نىمىلەرنىدۇ ئىزدەۋاتقاندەك كۆككە تىكىلگەن كۆزلىرى ماڭا يۆتكۈلۈپ – ئابدۇۋەلى ئاكا جاۋاب بەرمىدىڭغۇ، بىز قايسى مىللەت؟ رەھمەتلىك بوۋام نىمىشقا مىللىتىمىزنى ئۇيغۇر، دىنىمىزنى ئىسلام دەپ ئۆگەتمەي، بىز ئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ مىللىتى دەيدۇ؟ دەپ سورىدى. – بىزئىبراھىم خەلىلۇللاھنىڭ مىللىتى دېگەنلىك، بىز مۇسۇلمان دېگەنلىك بولۇپ بىزنىڭ دىنىي كىملىكىمىزنى بىلدۈرىدۇ. قۇرئاندىكى مىللەت دېگەن سۆزنىڭ دىن، يول دېگەن مەنىلىرى بار، شۇڭا بەزى ئۇيغۇر ئۆلىمالار دەۋاتقان ئىسلام دىنىمىزدا كافىرۇن –مۇسۇلمان دېگەن ئىككىلا مىللەت بار دېگىنى ئىككى يول بار دېگەنلىكتۇر. ھەرگىز ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنى يوققا چىقارغانلىق ئەمەس. توغرا، دىنىمىزدا ئىككى يول بارلىقى بەرھەق، ئەمما بۇ يولدا نۇرغۇن مىللەت بار. ئىبراھىم خەلىلۇللاھ دېگەن دەل ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام شۇ. غەرب دۇنياسىدا ئىسلام، خىرىستىيان ۋە يەھۇدى دىنلىرى ئوموملاشتۇرۇلۇپ ئىبراھىم ئەنئەنىسى، ئىبراھىم دىنى دېيىلىدۇ. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئاللاھ كىتاب ئىھسان قىلغانلارنىڭ ئورتاق پەيغەمبىرىدۇر. خۇددى ئىسمائىل، ئىسھاق، ياقۇپ، يۈسۈف، داۋۇت، مۇسا قاتارلىق پەيغەمبەرلەر مۇسۇلمان، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىلارغا ئورتاق بولغانغا ئوخشاش. جاۋابىم تۈگىشىگە –ئۇيغۇرلار نېمىشقا ئۇيىشالمايمىز؟ دەپ قالدى. بۇ سۇئال ماڭا بەك ئېغىر كەلدى. كىشىلەر دائىم «ئۇيغۇرلار ئۆم ئەمەس» دېگەن گەپنى تەكرارلايتتى. ئەگەر بىر مىللەت ئوخشاش ئويلاش، ئوخشاش سۆزلەش، ئوخشاش ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئىتتىپاق بولىدۇ، دىيىلىدىغان بولسا مەنچە بۇ ئىتىپاقلىق ئەمەس قۇللۇق ئېدى، بۇنداق ئىتىپاقلىققا ئۆچ ئېدىم. مەنچە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشقۇچىدا ۋە بۇنى ئارزۇلىغۇچىدا مۇستەبىتلىك خاھىشى ئېغىر ئېدى. كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت، سۆز ۋە پىكىرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىشى تارىختىن بېرى بۇ مۇمكىنسىز بولۇپ كەلگەنىدى، بۇ مۇمكىنسىزلىكتىن مەن بەكمۇ مەمنۇن ئېدىم. ئەگەر ئورتاق پاجىئەگە يۇلۇققان ۋاقىتتا تەڭ قايغۇرۇپ، تەڭ قايناپ، بىر تۇتاش ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئۆملۈك دېيىلسە ئۇيغۇرلاردىكى ھەمنەپەسلىككە كۆز تەگمەسلىكنى تىلىگۈم كىلەتتى. « ئۇيغۇرلار ئۇيۇشۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغاندا، ئۇيۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە ئورتاق نىيەت بىلەن بىر مەيدانغا يىغىلالايدىغان مۇنەۋۋەر مىللەت» دەپ ئويلىدىم ئەمما تېشىمغا چىقىرالمىدىم. چۈنكى كامىردا بۇنچە ئۇزۇن ئۇيغۇرچە مۇڭدىشىشنىڭ خەتىرى ئىككىلىمىزگە ئايدىڭ ئېدى. قاھار ئەتراپقا ئەنسىز قاراشلىرىمىدىن ھەممىنى چۈشەندى بولغاي نېرى كەتتى، مەنمۇ سىم تورلارنىڭ يوچۇقلىرىدىن ئاسمانغا قادالغانچە جىمىپ كەتتىم

 

http://bbs.bagdax.cn/thread-29466-1-1.html

Share
2984 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.