logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدە 32 نەپەر ھەج ئىشلار كادىرى خىيانەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان

HAC

ئەركىن

2015-u0116-pmj.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ھەج ئىشلىرىدا خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش، ھوقۇقىنى سۇيىئىستېمال قىلىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغان 32 نەپەر كادىرنىڭ ئىچىدە، ئاتۇش شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى، قوشۇمچە شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى يالقۇن تۇردى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللىي ئىشلار كومىتېتى ھەج ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى ئەنىۋەر تۇردى قاتارلىق كىشىلەر بار.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، يۇقىرىقى 2 شەخس خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ رەسمىي دېلو تۇرغۇزۇپ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلغان.

بىراق، ئۇلاردىن ئاتۇش شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئاقدان ئابلامۇت، شەھەرلىك سۇ ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى چۈنمىڭ قاتارلىق بىر قانچە ئەمەلدار قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇلغان. بەزى ئەمەلدارلار ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان. 6 ئەمەلدار قوش جاۋابكارلىققا تارتىلىپ، ھەم پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان، ھەم ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

جازاغا تارتىلغان ئەمەلدارلار ئىچىدە ئاتۇشتىكىلەر زور سالماقنى ئىگىلىگەن. ئاتۇش شەھەر ئەتراپىدىكى مەلۇم يېزىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر خانىم، كىشىلەرنىڭ كۈچلۈك ھەج قىلىش ئارزۇسى پارىخورلارغا يوچۇق ئېچىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھازىر ۋەزىيەت يامان، ھۆكۈمەت ئۆزى بىر تەرەپ قىلمىسا، ئاتۇش كىچىك شەھەر بولغاچقا ئۇلارنىڭ نەپسى يوغىناپ كېتىپ، كېيىن قانداق بولار بۇ ئىشلار دېمەي، يوقتىنمۇ ئېلىپ، باردىنمۇ ئېلىپ، شۇنداق قىلغاچقا، بۇ يىل بۇ سىرلار چىقىپ قالدى. ئاللاھ ئۆزى بىر يولغا سېلىپ، ھۆكۈمەتكە ئىنساپ بېرىپ بىر يولغا سالار.»

ئۇيغۇر ئېلىدە ھەجگە بېرىش مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى تەلەپ قىلىدىغان ئىنتايىن مۈشكۈل بىر مۇساپە. يۇقىرىقى خانىم يەنە، پارىخور ئەمەلدارلارغا ئۈستەك بېرىش، رەسمىيەت ھەققى قاتارلىق ئامىللار ھەجىچىلەرگە ئېغىر يۈك بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئەمدى ئۇ يەرگە بىر جاننىڭ قايغۇسىنى قىلىپ، بالا – چاقا ھەممىدىن تېشىپ، باياشات بولغاندا شۇ يەرنى كۆڭلى تارتىپ، ئۇ دۇنيالىقىنى دەپ بارىدىغان يەر. ئۇنىڭغا نى تەسلىكتە يىغىدۇ ئۇ پۇلنى. ھەم يۇرتقا چاي بېرىپ، ئۇرۇق – تۇغقانلارغا قىلمىسا يەنە بولمايدىكەن، ھەرەمگە باردى، دېگەندىكىن.

ئىككى قاتلام ھۆكۈمەتكە بىر پۇل تۆلىسە، ئۇنىڭغا مەن ھەل قىلىپ بېرىمەن سېنىڭكى دېسە، ئۇنىڭغا بىر پۇل تۆلەپ. ئۇيغۇردا ئۆزىمىزنىڭمۇ ئەقلىمىز كەم. بۇ يىل بارمىسام كېلەر يىلى بارارمەن، دېمەيدۇ. ئاشۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنىڭ ئايىغى مۇشۇنداق چۈشۈپ، بىر بۇغداي نەچچە بۇغداينى بۇزۇپ مۇشۇنداق بولۇۋاتىدۇ. بارغىچە كۆزىمىزگە ئوت كۆرۈنۈپ كېتىپ، ھېچنېمىگە قارىماي شۇلارغا بېرىدىكەنمىز، مەن ئاسانراق ھەل قىلىپ بېرىمەن دېسە. بۇ ئۇلارغىمۇ يامان، بىزنىڭ ئەقلىمىزنىڭ كەملىكىدىنمۇ بۇ ئىشلار بولۇۋاتىدۇ مانا.»

يۇقىرىقى خانىم يەنە، ئەگەر ھۆكۈمەت ھەجنى كەڭ قويۇۋېتىپ، ھېچقانداق چەكلىمە قويمىغان بولسا، ھەج ئىشلىرىدا پارىخورلۇقنىڭ بۇنداق ئەۋج ئېلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چەكلىمە ھەج ئىشلىرىدا پارىخورلۇق ۋە سۇيىئىستېمالنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت كەڭ قويۇۋەتسە، بۇرۇنلاردا شۇ كەڭ قويۇۋەتكەن بولغاندىن كېيىن. شۇ ۋاقىتتا ۋاي خۇدايىم قىچقارتسا باراتتۇق، چېكىمىز يەتسە باراتتۇق، دەپ ئانچە مۇنداق ئۆزىنى ئۇرۇپ كەتمەيتتى. ھازىر ئەمدى ماۋۇ يېڭى بايلار بارمىساق بولمايدۇ، چوقۇم ھاجى خېنىم بولمىساق، ھاجىم بولمىساق بولمايدۇ، دەپ بارىدىغانلارمۇ جىق.

بىزنىڭ بىر ئانىمىز بار ئىدى، ۋاي جان، ھەممىگە چىقارغان ھەرەم، ھەممىگە ياق دېمىگەن ھەرەم دەيتتى. قالغاننى دېمىدىم.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، 2014 – يىلى خىتايدىن 14500 مۇسۇلمان ھەجگە بارغان. بىراق دىنىي زاتلار ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر خىتايدىكى مۇسۇلمانلار نوپۇسىنىڭ خېلى زور سالمىقىنى ئىگىلىسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆتكەن يىلى ھەج قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمىنى تەشكىل قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستان جىددىي رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى سىراجىدىن ئەزىزى، ھەج ئىشلىرىدا پارىخورلۇق قىلىشنىڭ ئىنتايىن ئېغىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خىتاي ھەجنى قويۇۋەتسە، پارىخورلۇق ئازىيىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: «دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھەر بىر مىليون مۇسۇلمان نوپۇسىدىن مىڭ ئادەم ھەج قىلسا بولىدۇ، دېگەن قارارى بار. بىراق خىتاي بۇنىڭغا ئەمەل قىلماي كەلدى. د ئى ھ ت نىڭ قارارى بويىچە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى خىتاي 10 مىليون دېگەن بولسا، ھەر يىلى 10 مىڭ ئادەمنىڭ ھەج قىلىشىغا يول قويۇلۇشى كېرەك. بىراق خىتاي بۇنىڭغا ئەمەل قىلمايۋاتىدۇ. ھەجىچىلەرنىڭ سانى كونترول قىلىنغاچقا، بۇ، پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.

ئەگەر خىتاي ھەجنى قويۇۋەتسە، ھېچكىمنىڭ پارا بېرىپ، ھەج قىلىشقا ئېھتىياجى قالمايدۇ. بۇ ئىشلار ھەجنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا بولۇۋاتىدۇ. ھازىر بەدەل ھەج بىر خىل تىجارەتكە ئايلىنىپ قالغان. قولىمىزدا پاكىت بولمىسىمۇ، بىراق بىزگە ھەج ئىشلىرىغا مەسئۇل كادىرلارنىڭ بەدەل ھەج تىجارىتى قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەلدى.»

سىراجىدىن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنى كونترول قىلغاندىن سىرت، ھەج ئۆمىكىگە مەسئۇل خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى ۋە ھەج مۇلازىمىتىدە ئېغىر مەسىلە بار.

سىراجىدىن ئەزىزى: «ھاجىلار ئاللانىڭ مېھمىنى، دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا ناھايىتى سىلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەر خىل ئېھتىياجلىرىنى قامداش، ئۇلارغا لايىق مۇئامىلە قىلىش ھەج ئۆمىكىدىكى خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى. بىراق ھەج ئۆمىكىدىكى مەسئۇل خادىملارنىڭ ئۇيغۇر ھاجىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى بەك قوپال. خىتاي ھەج ئۆمىكىدە خادىملارنىڭ ئۇيغۇر ھاجىلارغا تەھدىت سېلىپ، قورقۇتۇش، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھەرىكىتىنى كونترول قىلىش ئەھۋالى مەۋجۇت.

ئاللانىڭ مېھمانلىرىغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىش قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنىڭ ھەممىسى ياشانغانلار. خىتاي ياشلارغا رۇخسەت قىلمىغاچقا ئۇلار ھەج جەريانىدا ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچرىماقتا» دېدى.

بىراق، خىتاينىڭ ھەج ئىشلىرىغا مەسئۇل بەزى ئەمەلدارلار ب ب س غا قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرنى ھەر يىلى تەربىيىلەپ يولغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھەجىچىلەر سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارغاندا مەخسۇس خادىملار كۈتۈۋېلىپ، ئۇلارنىڭ رادىكال دىنىي تەشكىلاتلار بىلەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/haj-hadimliri-01162015215942.html

Share
1736 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.