logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي پاراتلار چەتئەل مۇنازىرە بەتلىرىدە بۆلۈنۈش پەيدا قىلدى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقىلاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى خەلقئارا ئاخباراتلاردىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىنىپ، تور دۇنياسىدىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا. بۇ خىل قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنىڭ ئىنكاسىنىڭ نېمە بولۇۋاتقانلىقى ئېنىق بولماسلىق بىلەن بىرلىكتە، چەتئەللەردىكى مۇنازىرە بەتلىرىدە بۇ ھەقتە كۈچلۈك مۇنازىرىلەر بولدى. ئۇنداقتا، بۇ مۇنازىرىلەردە نېمىلەر دېيىلمەكتە، تورداشلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىنكاسلاردا قانداق پەرقلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا؟

گۇمىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئارقا-ئارقىلاپ «ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈش، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» تېمىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتلەر خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم نوپۇزلۇق تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچراۋاتقاندا، دۈشەنبە كۈنى يەنى 27-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە خىتاي قوراللىق قىسىملىرى يەنە قوراللىق كۈچ كۆرسىتىپ، ھەيۋە قىلغان. 10 مىڭدىن ئوشۇق قوراللىق ئەسكەر قاتناشقان بۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەربىي پاراتىدا تانكا ۋە تىك ئۇچارلارمۇ قوللىنىلغان. خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئەلۋەتتە بىردەك بۇ مانېۋىرلارنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ كۈچلۈك ھىمايىسىگە ئېرىشكەنلىكىنى، ھەر جاي، ھەر ساھە ئاممىسىنىڭ تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش ھەققىدە قەسەم قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بىز قەشقەردىكى بىر قىسىم جايلارغا تېلېفون قىلىپ كىشىلەرنىڭ بۇ پاراتقا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر تېلېفوننى ئېلىپ سوئالنى ئاڭلىغاندىن كېيىنلا تېلېفوننى ئۈزۈۋەتتى. جاۋاب قايتۇرغانلارمۇ سوئاللىرىمىزنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋابلىدى. تېلېفونىمىزغا چىققان بىر ئۇيغۇر كىشى دائىرىلەرنىڭ شۇنداق پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بەك بۇ ئىشلارنى چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز يەنە ئۇ كىشىدىن، ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەقە چىقىرىۋاتقان كىشىلەر ھەقىقەتەن ھۆكۈمەت ئېيتقاندەك دىنىي ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرمۇ، دەپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدۇق. بىراق ئۇ كىشى بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىز قەشقەردىكى يەنە بىر مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇ يەردىكى خىتايدىنمۇ بۇ پاراتلار ۋە قەشقەرنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە سوئال سورىدۇق. ئۇمۇ بىزگە بۇ پاراتلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەممە جايدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۇ قەشقەرنى بىخەتەر ياكى ئەمەس دەپ باھا بېرەلمەيمەن، دېدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسەتكە، ۋەزىيەتكە، مىللەتلەر مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان ھەرقانداق بىر ئىش ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىش دائىرىلەرنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان ناملار بىلەن جازالىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇنازىرە تور بەتلىرىدىمۇ بۇ خەۋەرگە قارىتا بىر مۇنازىرە قوزغالمىغان. ئەمما چەتئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىدە بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرى كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى. «شاڭخەيلىك» ناملىق خەۋەر تور بېتىدە دۈشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئون مىڭ قوراللىق ئەسكەر قاتناشقان ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلگەنلىكى رەسىملىك خەۋەر قىلىنغان. بۇ تور بەتنىڭ فېيىسبۇك تورىدىكى سەھىپىسىدە خەۋەرگە نەچچە يۈز ئىنكاس يېزىلغان. ئىنكاسلارنىڭ ئومۇمىي ئېقىمىغا قارىغاندا، خىتاي بولمىغان تورداشلار ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكىتىگە ھەيران قالغان ياكى ئۇنى ئەيىبلىگەن. بەزى تورداشلار ئىنكاسلىرىدا ھەربىي پاراتنى گىتلېرنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى فاشىست ئەسكەرلىرىنىڭ پاراتلىرىغا ئوخشاتقان بولسا، بەزىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتتىن نېمىشقا بۇنچە چۆچۈپ كەتكىنىنى سورىغان. بىر تورداش ئىنكاسىدا «تېررورلۇق ئارقىلىق تېررورلۇقنى قانداق يوقاتقىلى بولىدۇ؟» دەپ يازغان. يەنە بىر تورداش ئىنكاسىدا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئەلۋەتتە مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ، ئەمما مەن شۇنداقتىمۇ پىكرىمنى دېسەم، بۇنىڭغا ئوخشاش قورال كۈچى ئارقىلىق ۋاقىتلىق غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاقىۋەتتە يەنىمۇ ئېغىر زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ يازغان.

خىتاي تورداشلار ئاساسەن ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تەدبىرلىرىنى قوللاش پوزىتسىيىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇر تېررورچىلارنىڭ قاتتىق ئەدىپىنى بېرىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي تورداشلىرى ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى تەنقىدلىگەن ياكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىپ ئىنكاس يازغانلارغا «غەربلىك دۈشمەنلەر» «ئىككى خىل ئۆلچەملىكلەر» دەپ ھۇجۇم قىلغان. ئىنكاسلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ئېلىغا بېرىپ باققان ياكى شۇ يەردىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر قىسىم تورداشلار ئۆز ئىنكاسلىرىدا، بۇ جاي بايلىققا تولغان، مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك جاي بولغاچقا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جاينى ئىشغال قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بويسۇندۇرۇلغان خەلق ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىگە كىرىپ چىقسا، خىتاي كىملىكىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى يازغان. ئانتونى ئىسىملىك بىر تورداش ئۆز ئىنكاسىدا «ئۇيغۇرلار مىللەت، ئۆرپ-ئادەت، دىن ھەممە جەھەتتىن خىتايلاردىن تۈپتىن پەرقلىق. ئەگەر كىمكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىنى توغرا دەپ قارايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇ بىر ناتسېستتۇر» دەپ يازغان.

ئۇ يەنە، ئۆزىگە ھۇجۇم قىلغان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تا چىڭ سۇلالىسى مەزگىلىدىلا جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن خىتاي تورداشلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ تېخى يېقىنقى زاماندىلا ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرغان مۇستەقىل خەلقلىقىنى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇ جاينى ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە يەنە سۆزىنى مۇنداق دەپ داۋام قىلغان «خىتاي كومپارتىيىسى كەلدى ۋە ئۇ يەردە زاۋۇتلارنى قۇردى، كۆمۈر، يەر ئاستى بايلىقلىرى، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدىغان بازىلارنى ئاچتى ۋە نۇرغۇن خىتايلارنى بۇ يەرلەردە ئىشلەش ئۈچۈن توشۇپ ئەكەلدى. ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ئىش بەرمىدى. ئۇيغۇرلار پاسپورت ئالالمايدۇ، يا ئىشلىيەلمەيدۇ. سەن ئۇلارنىڭ بايلىقىنى ئېلىپ، ئۇلارغا ئىشلەش ئىمكانى بەرمەي ۋەقە چىقىشىغا ئۆزۈڭ سەۋەب بولۇپ تۇرۇپ، ۋەقە چىقسا يەنە قاقشامسەن؟» دەپ يازغان. بىر قىسىم خىتاي ئىنكاس يازغۇچىلار خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئالاھىدە سىياسەت بارلىقىنى، ئەمما يەنىلا ئۇيغۇرلارنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىۋاتقانلىقىنى يازغان. ئەمما ئۇنىڭغىمۇ بەزى تورداشلار قارشى چىقىپ، ئالاھىدە ئىمتىيازنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، خىتايلارغا بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي تورداشلارنى مېڭىسى يۇيۇلغان، بىچارىلەر، دېگەن.

خىتاي تورداشلاردىكى بۇ خىل ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك خاھىشى ياكى ھەرقانداق بىر ۋەقەدە دەرھال رادىكاللىققا ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلىقىغا باغلايدىغان ئەھۋالنى تېخى يېقىندا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ ئۆزى ئېلان قىلغان ماقالىدە كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇ خىتاي تورداشلىرىدىكى بۇ خىل قارا-قويۇق ئەيىبلەش ۋە ئۆچمەنلىكىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، پەقەت ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنىلا يورغۇلىتىش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى، دەپ كۆرسەتكەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى، ئۇيغۇر سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان ئەپ بېرىۋاتقان تەشۋىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىغا ئوخشاش غەرب ئەللىرىدە خىتايدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلاردىكى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش مەسىلىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئوخشاش لىنىيىنى ياقىلاش خاھىشى يېقىندىن بۇيان كۆزەتكۈچىلەرنى ھەيران قالدۇرۇۋاتقان يەنە بىر مەسىلىگە ئايلاندى. تېخى يېقىندا ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىغا دالاي لامانىڭ كېلىپ نۇتۇق سۆزلىشىگە قارشى ھەرىكەت قوزغىشى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلەرنى غەربتىكى «ئۆز ئىچىگە ئېلىش»، «ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىش» دەيدىغان پرىنسىپلارنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىشى ھەيرانلىق ياراتقان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/maniwer-terror-03012017145432.html

Share
1026 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.