logo

trugen jacn

ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە يۈز ئونمىڭ كىشى يەر-زېمىنلىرىدىن كۆچۈرۈۋېتىلىدىكەن

بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردىن، ئۇيغۇر ئېلىدا ئىككى يىل ئىچىدە يەنە يۈز ئونمىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانىدىن كۆچۈرۈلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

بۇ ھەقتە «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە تەڭرىتاغ تورى قاتارلىق خەۋەر تورلىرىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا «نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش» دەپ نام بېرىلگەن قۇرۇلۇشقا سېلىنىدىغان مەبلەغنى يەنىمۇ كۆپەيتىپ، ئىككى يىل ئىچىدە يۈز ئونمىڭ ئادەمنى ئۆي-ماكانىدىن كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بىر قانچە يىلدىن بېرى، «نامراتلارنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق يۆلەش»، «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» دېگەندەك سىياسەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى يۇرت-زېمىنلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلىماقتا. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، يۇقىرىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئۆي-ماكانسىز، ئىگىلىكسىز قېلىشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ھالبۇكى خىتاي قول قويغان ئالاقىدار خەلقئارا قانۇنلاردا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ يەر-زېمىنلىرىدىن كۆچۈرۈشكە بولمايدىغانلىقىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

رادىيومىز ئىلگىرى قۇمۇلنىڭ تاغلىق رايونلىرىدىن بىر تۇتاش شەھەر ئەتراپىدىكى تۆۋەن ئىجارىلىك ئۆيلەرگە كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىمۇ، يەر-زېمىنىدىن ئايرىلغان بۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈمەت سالغان تار-تاپچۇق بىنا ئۆيلەردە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ ياشاشقا مەھكۇم بولغانلىقى، ئەكسىچە بۇ جايلارغا كەلگەن خىتاي ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ھەسسىلەپ پايدا ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-kochurush-03282017171849.html

Share
1228 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.