logo

trugen jacn

قاراقاشنىڭ زاۋا يېزىسىدا 6 نەپەر پىدائىي خىتاي چارلىغۇچى ساقچىلىرىغا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان

0a1d179f-0e35-4df8-8838-54b136a17e35

قۇتلان

2015-u0529-pmq.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

28-ماي سەھەردە شىۋېتسىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان تەشۋىقات مەركىزى» خەۋەر بېرىپ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيە زاۋا يېزىسىدا 6 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىينىڭ خىتاي ساقچىلىرى بىلەن توقۇنۇشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

رادىيومىز بۇ ئۇچۇرغا ئاساسەن قاراقاش ناھىيەسىنىڭ زاۋا يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەردىن نەق مەيدان مەلۇمات ئالدى.

زاۋا يېزىسىدىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايانلىرى بۇ قېتىملىق ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ راستلىقىنى، زاۋا يېزىسىنىڭ ھازىرغىچە جىددىي ھالەتتە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شۇ يەرلىك بىر قىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى بىرقانچە ئۇيغۇر پىدائىي زاۋا يېزىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ كەنتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان خىتاي چارلىغۇچى ساقچى ئەترىتىگە ئۆزلىرى ياسىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم جەريانىدا 2 نەپەر پىدائىي خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. قالغان 4 نەپەر پىدائىي نەق مەيداندىن چېكىنىپ زاۋا يېزىسىنىڭ مەلۇم جايىغا يوشۇرۇنغان. شۇ كۈنىلا 4 نەپەر پىدائىينىڭ رەسىمى كوچا-كوچىلارغا چاپلىنىپ، تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. قاراقاش ناھىيەلىك رادىئو ئۇزېلىمۇ بۇ ھەقتىكى تۇتۇش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان.

زاۋا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر يەرلىك ئۇيغۇر ئەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ تېخى ئەمدىلا 5 كېچە-كۈندۈزلۈك كۆزەتچىلىك ۋەزىپىسىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ھۇجۇم ۋەقەسى 24-ماي (دۈشەنبە) يېرىم كېچە بىلەن 25-ماي (سەيشەنبە) تاڭ سەھەر ئارىلىقىدا يۈز بەرگەن. زاۋا يېزىسىنىڭ ئىگىزئېرىق، باشاقچى ۋە توغىيا كەنتلىرىدىن تەشكىللەنگەن 6 نەپەر ئۇيغۇر پىدائىي يېڭى ئۆستەڭ كەنتىدە چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرىغا ئۆزلىرى ياسىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇم جەريانىدا 2 نەپەر پىدائىي ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي ساقچىلىرىدىن ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى خەۋەر قاتتىق كونترول قىلىنغان بولغاچقا، يەرلىك خەلق بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەن.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بۇ كىشىنىڭ بىدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى سەھەردىن باشلاپ پۈتكۈل زاۋا يېزىسى جىددىي ھالەتكە ئۆتكەن. قېچىپ كەتكەن 4 نەپەر پىدائىينىڭ رەسىمى زاۋا يېزىسىنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىگە چاپلانغان. يېزىلىق پارتكوم بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، زاۋا يېزىسىدىكى نەچچە ئون مىڭ ئاممىنى مەجبۇرىي ھەرىكەتلەندۈرگەن ۋە 4 نەپەر پىدائىينى ئىزدەپ تۇتۇش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بارغان.

ئۇنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاشكارا قىلىشىچە، قېچىپ يۈرگەن 4 نەپەر پىدائىيدىن ئىككىسىنىڭ ئىسمى ئابدۇراھمان ئابدۇخېلىل بىلەن نەبى ئابدۇللا ئىكەن، قالغان ئىككىسىنىڭ ئىسمى مەلۇم ئەمەس. ئۇلارنىڭ 5 كۈندىن بۇيان تۇتۇلغان ياكى تۇتۇلمىغانلىقى شۇنداقلا ئېتىپ تاشلانغان ياكى تېخىچە ھايات ئىكەنلىكى ھەققىدە ھازىرغىچە ئېنىق خەۋەر يوقكەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/qaraqash-zawa-weqesi-05292015233314.html

Share
1473 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.