logo

trugen jacn

ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى: بىر مىللەتنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتەك بۇنداق ۋەقە ناتسىستلاردەۋرىدە يۈز بەرگەن

ئۇيغۇر بوۋاينىڭ كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 9-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ ئالىي مۇھەررىرى، ھەپتىلىك تاشقى خەۋەرلەر پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى مارىي كېسسىل 4‏-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر گېزىتنىڭ يىراق شەرقتىكى مۇخبىرى ھيۇگو رەستول بىلەن 29 يىلدىن كېيىنكى خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۈپ، ئۇيغۇرلارنى كەڭ كەلۆەملىك قاماش مەسىلىسى ھەققىدە تور سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن.

سۆھبەت داۋامىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېلار 2‏-دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدىكى ناتسىستلارنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سېلىشتۇرۇلۇپ، ھازىر ئۇيغۇر رايونىدا يۈزبېرىۋاتقان بىر مىللەتنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتەك بۇنداق ۋەقەنىڭ دۇنيادا پەقەت ناتسىستلار گېرمانىيەسىدە يۈز بەرگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق بۇ گېزىتنىڭ مەزكۇر تور سۆھبىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى «تەربىيەلەش لاگېرلىرى» نىڭ بىر قىسىم ئىچكى ئەھۋالى ئاشكارىلىنىپ، خىتاينىڭ ھەرىكىتى ناتسىستلارنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا سېلىشتۇرۇلۇشقا باشلىغان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلدى.

«ۋال سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ تور سۆھبىتىدە مارىي كېسسىل، بېيجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا رەسمىي ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بېرىىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغانلىقىنى، بۇ خەۋەرلەرنىڭ قانچىلىك ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى سورايدۇ. ھيۇگو رەستول مەزكۇر مەسىلىگە چۈشەنچە بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى زور كۆلەملىك يىغىۋېلىش ياكى تەربىيەلەش لاگېرلىرىنى قۇرغانلىقى، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 10% بۇ لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، «شىنجاڭدىن نەق ئۇچۇر ئېلىش بەك مۈشكۈللۈكىنى، بىراق خەۋەرلەردىكى دىققەت قوزغايدىغان نۇقتا شۇكى، خىتاي ھۆكۈمەت مەنبەئەلىرىدىن ئالغان پارچە-پۇرات ئۇچۇرلار ۋە ھۆكۈمەتنىڭ لاگېرلاغا دائىر قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىك توختامنامىلىرىدىكى ئۇچۇرلار بىرلەشتۈرۈلسە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىر-ئىككى يىل مابەينىدە زور كۆلەملىك يىغىۋېلىش ياكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى قۇرغانلىقىنىڭ ئايدىڭلىشىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن. ھيۇگو رەستول يەنە، بۇ لاگېرلارغا مۇسۇلمان نوپۇسىنىڭ 10% ئى قامالغانلىقىنى، بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەلۋەتتە بۇ يەردىكى بىر ئىستىبدات ھاكىمىيەت بولسىمۇ، لېكىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بىرلا ۋاقىتتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتەك بۇنداق ھادىسە دۇنيادا پەقەت ناتسىستلارگېرمانىيەسىنىڭ چوڭ قىرغىنچىلىق دەۋرىدىىلا يۈز بەرگەنلىكى، بۇنىڭ شۈبھىسىزكى، قورقۇنچلۇق «ۋارۋارلارچە بىر قىلمىش ئىكەنلىكى» نى تەكىتلەيدۇ.

سۆھبەت داۋامىدا ھيۇگو رەستول يەنە مارىي كېسسىلنىڭ ئۇيغۇرلار تىبەتلەرگە ئوخشاشلا خىتاي ئېمپىرىيەلىرىنىڭ تارىخىي پارچىسى ئەمەسلىكى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ رايوننىڭ ئىلگىرى مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكىنى، لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 70 يىلدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، بۇ رايوننىڭ 20 ‏-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ شەرقىي تۈركىستان، دەپ ئاتالغانلىقىنى، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئاشۇ دەۋرنى خاتىرىلەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئىسلامنىڭ مۆتىدىل سۈننىي مەزھىپىگە مەنسۇپ تۈركى خەلق ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ 1949‏-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، نۇرغۇن خىتاي كۆمەنلىرىنى بۇ رايونغا يەرلەشتۈرىشكە باشلىغاندىن بۇيان ئۆز ۋەتىنىدە ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانلىقى، ھازىر ئۇلارنىڭ رايوندىكى ئومۇمى نوپۇسنىڭ 50% گە يەتمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە چەتكە قېقىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تىلىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇشى، ساقال قويۇشى، پەرزەنتلىرىگە دىنىي ئىسىملارنى قويۇشى، ئىسلام ھەققىدە دىنىي تەربىيە بېرىشىنى چەكلەپ، ئۇلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىماقتا. ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ تىزىملىكى ناھايىتى ئۇزۇن. بۇلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدۇ» دەپ تەكىتلەيدۇ.

مارىي كېسسىل سۆھبەت داۋامىدا يەنە چەتئەل ئاخباراتىنىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى لاگېرلارغا دائىر ئۇچۇرلارغا قانداق قاناللار ئارقىلىق ئېرىشىۋاتقانلىقىنى سورايدۇ. ئۇ چەتئەللىك ژۇرنالىستلار ۋە ئىلمىي تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ رايونغا كىرىشى بەك مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى، كومپارتىيەنىڭ تىبەتكە ئوخشاشلا بۇ رايونغا كىرگەن-چىققانلارنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، چەتئەل ئاخباراتىنىڭ لاگېرلار ھەققىدىكى خەۋەرلەردە يەرلىك مەنبەلەر ۋە مەخپىي ئۇچۇرلارغا تايىنىۋاتقانلىقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھيۇگو رەستول مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە بەزى ژۇرنالىستلار بۇ رايونغا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ لاگېرلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ھەر خىل قاناللار ئارقىلىق ئېرىشىۋاتقنالىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ جەھەتتىكى خەۋەرلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققان مەھبۇسلار شۇنداقلا بەزى دوكلاتلاردىكى ھۆكۈمەتنىڭ لاگېرلارغا ئالاقىدار رەسمىي مەلۇماتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغ ئاتايىنىۋاتقنالىقىنى بىلدلرگەن.

ئۇ يەنە، ئۇيغۇر رايونى خىتايدىكى ئىخەتەرلىك سېلىنمىسى ئەڭ تېز كۆپەيگەن رايون ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بىر يىل ئىچىدە 100 مىڭ ساقچى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھيۇگو رەستول، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بىخەتەرلىك سېلىنمىسى 2016‏-يىلى 3.90 پىرسەنت، 2017‏-يىلى 92% كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، يېقىنقى بىر يىلدا بۇ رايوندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا 100 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل سەرپ قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر رايونغا تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنى قۇرۇپ، شەھەر كوچىلىرىنى قامال قىلغانلىقى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈز تونۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ يانفونىغا تەكشۈرۈش يۇمتالى قاچىلاش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى، ئاپتوموبىللارغا ئىز قوغلاش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، كومپارتىيە كادىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئائىلىلەردە تۇرۇپ، ئۇلارنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، پۇقرالارنى سوراق قىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

ھيۇ گو رەستول مارىي كېسسىلنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ۋەزىيەت «ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە ئوخشايدىكەن» دېگەن سۆزىگە جاۋابەن ئۇنىڭغا ھەقىقەت ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغانلىقىنى، بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتى يىغىۋېلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئەۋرىشكىسىنى توپلىنىپ، DNA ئامبىرى قۇرۇلغانلىقى، چەتئەلگە چىققانلار ۋە ناماز ئوقۇيدىغانلارنىڭ لاگېرلارغا سولىنىۋاتقنالىقىنى، پىچاق تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، مەزكۇر رايوندا پىچاق سېتىۋېلىشنىڭ قىيىنلاشقانلىقىنى، قاتتىق ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ ئائىلىلەرگە قەدەر كېڭەيگەنلىكىنى، ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىنى تەقىب قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، غەربتىكى نۇپۇزلىق گېزىت-ژۇرنال، رادىيو-تېلۋىزىيە قاناللىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خىل سۈھبەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغاشتا ئەھمىيىتى ناھايىتى زورئىكەن.

ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقىاتچىسى قاھار بارات«ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ سۆھبەت پروگراممىسىنى مۇئاييەنلەشتۈرۈپ، لاگېرلارنى قانداق ئاتاشنىڭ بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. دوكتور قاھار بارات يەنە غەرب ئاخباراتىنىڭ لاگېرلاغا قاراتقان دىققىتىنى ئەمەلىيەتكە سېلىشتۇرغاندا يېتەرلىك، دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ۋول سترېت ژۇرنال گېزىتى» نىڭ مەزكۇر سۆھبىتى يېقىندىن بېرى غەربتىكى نۇپۇزلۇ ق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن لاگېرلار ھەققىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ بىرى. يېقىندا«دۆلەتلىك خەلق رادىئوسى» بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ مۇخبىرى گېررىي شى بىلەن ۋە شۇنداقلا ئامېرىكىدىكى «دۆلەتلىك باھا» گېزىتىنىڭ ئالىي مۇھەررىرى جەي نوردلىنگېر ئامېرىكىدىكى سىياسىي پائالىيەتچى، ئادۋوكات نۇرى تۈركەل بىلەن لاگېرلار ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

Share
1315 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.