logo

trugen jacn

ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى دە پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت غا ئېلىپ چىقىشى كېرەكلىكى توغرىلىق ماقالە ئېلان قىلىندى

ئامېرىكىدىكى «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» ناملىق تور ژۇرنىلىنىڭ ئوبزورچىسى توم روگان 25‏-ئۆكتەبىر ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ب د ت غا ئېلىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

توم روگاننىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكىنىڭ ب د ت د تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە بۇيرۇق بېرىپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى يىغىنغا چاقىرىشى، ياۋروپانى بىپەرۋالىقتىن ۋە خىتاينىڭ مەبلىغىگە باش ئېگىشتىن قۇتقۇزۇشى، خىتاينى ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا قىستىشى لازىم ئىكەن.

توم روگان مەزكۇر ژۇرنالدا ئېلان قىلغان «ترامپ ئارىنى ئېچىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرىنى ب د ت غا ئېلىپ چىقىشى كېرەك» ناملىق ماقالىسىدە يەنە مۇنداق دېگەن: «بىز ئاندىن كېيىن ئۇيغۇر كرىزىسىنى پەيدا قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتا دەرھال ئېمبارگو قويۇشنى باشلىشىمىز كېرەك. بەلكى، خىتاي (خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ) قارار لايىھىسىنى رەت قىلىدۇ. ئەمما يەنىلا كېچىكسىمۇ ئىككى غەلىبىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.»

توم روگاننىڭ قەيت قىلىشىچە، بىرىنچىدىن بۇ شى جىنپىڭنىڭ قىلمىشىغا قارىتا دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغايدىكەن. بۇ ئۇنى قاتتىق ئالاقزادە قىلىپ، ئۇنىڭ پەقەت ئىقتىسادى مەنپەئەتىنىلا چىقىش قىلغان ھايانكەشلىك ئاساسىدىكى تاشقى سىياسىتىنى پالتىلايدىكەن. ئىككىنچىدىن بۇ ئامېرىكىنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى رەھبەرلىكىنى نامايان قىلىدىكەن.

تام روگان ماقالىسىدە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ھەدىسى ۋە ھاممىسىنىڭ يېقىندا غايىب بولغانلىق ۋەقەسىنى تىلغا ئالغان. ئۇ ماقالىسىدە روشەن ئابباس ئۆز ئائىلە ئەزالىرىنىڭ غايىب بولۇشىنى بېيجىڭنىڭ ئۆزىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

توم روگان ئاخىرىدا يەنە مۇنداق دېگەن: «روشەن ئابباسنىڭكىدەك ۋەقەلەر نوقۇل كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دەپ قارالماسلىقى كېرەك. بۇ ۋەقەلەر 2‏-قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇشىنىڭ بەدىلىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ شۇنىڭدەك نېمە ئۈچۈن دۇنيانى بىز تەرەپكە تارتىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

توم روگاننىڭ ماقالىسى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى خورلاشقا ئىشتىراك قىلغان خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جازالاشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلان قىلىندى.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-mesilisi-10262018174533.html

Share
2709 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.