logo

trugen jacn

تۈركىستان چىنى سارتلىرىنىڭ مىللىي تارىخى ھەققىدە بىر رىجا

غالجات يېزىسىدىن: نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت ئوغلى

ئوسانماز (خورىماس) كەندىنى ئىنسان بىلەنلەر خەلققە خىزمەتتىن،
مەردۇمەند ئولان، مەزلۇمە ئەل چەكمەز ئاھانەتتىن.

مىللىي تارىخنى بىلىش، ھەر ئادەم ئۆز ئاتا-بوۋىسىنى تونۇش، ئۇرۇق ۋە قېرىنداشلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى تۈرلۈك ھاللىرىنى، يەنى: ئۆرپ ئادەتلىرىنى، ئىلىم ۋە مائارىپ، ھۈنەر ۋە سانائەت، سودىگەرچىلىكتە قايسى دەرىجىدە بولغانلىقىنى، دۇنيا مەئىيشىتىدە قانداق يول بىلەن يۈرگەنلىكىنى،ۋە بۇرۇن يۈرگەن يول بۇلارنى سائادەتكە چىقاردىمۇ يا بالاكەس پالاكەتكىمۇ؟ كىملەر بىلەن دوست ۋە كىملەر بىلەن دۈشمەن بولغىنىنى ئۆگىنىپ، بىلىپ، ئاندىن ئىبرەت ۋە تەجرىبە ھاسىل قىلماق- دېمەك بولغانلىقىدىن ھەر ئاتا-بوۋىسىنى ياخشى كۆرۈپ، سۆيگەن كىشىلەرگە، توغرىسى ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار بولۇشنى تىلەگەنلەرگە بىلىشى مۇتلەق تېگىشلىك بىر ئىشدۇر.

شۇڭلاشقىدۇركى، تەرەققىي قىلغان ۋە مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ يەتتە ياشلىق بالىلىرىدىن باشلاپ يەتمىش ياشلىق قېرى ئاۋاملىرىغا قەدەر ھەممىسى ئۆز تارىخلىرىنى بىلىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئىپتىخارلىنىدۇ.

ھالبۇكى، بىزنىڭ بالا-چاقا ئاۋامىمىز تۇرسۇن، ھەتتا ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلىرىمىزمۇ بىلمەيدۇ (ئەلۋەتتە مۇتلەق كۆپ قىسىم) . «بۇ نېمە ئۈچۈن شۇنداق؟» دېگەن سوئالغا: « بىزنىڭ بوۋىلىرىمىز تارىخ يازمىغان ئىكەن؛ يازسىمۇ ئۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەت بەرمىگەچكە تارىخ ئۆز-ئۆزىدىن يوقىلىپ كەتكەن ئىكەن! بىزلەر بولساق تارىخىمىز خاتېرىلەنمىگەن، تارىخسىز بىر قەۋم بولۇپ قالغان ئىكەنمىز. ئەلۋەتتە، بىزنىڭ تارىخىمىزمۇ يېزىلىپ قالغان بولسا ئىدى، بىزمۇ شۇلاردەك بىلىپ قالار ئىدۇق» دېگەن جاۋابنى بېرىدىغانلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي. ئۇلار بۇ دەۋالىرىدە بىرئاز ھەقلىقدەكمۇ كۆرۈنىدۇ. چۈنكى تارىخى خاتېرىلەنمىگەن، ماھىيسى (يۇلتۇزى) قاراڭغۇلۇقتا قالغان بىر قەۋمنىڭ كېيىن كەلگەنلىرى ھەم نادان بولسا، ئۇ ئەلنىڭ ئۆتمۈشى ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەكنىڭ ئىنتايىن تەسلىكى ھەركىمگە ئاياندۇر.

ئەمما شۈكرىلەر بولسۇن. بىز تۈركلەرنىڭ تارىخى مۈجمەل پېتى قالمىدى. كېچىكىپ بولسىمۇ بىرنەچچە مۆھتىرەم ئىلىم ئەھللىرىنىڭ ئىجتىھادى سايىسىدە يېزىلدى ۋە نەشىر قىلىندى. ئەمما بۇ  «پۈتۈنسۈرۈك تۈرك ئېلىنىڭ تارىخى تولۇق يېزىلدى» دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى، «تۈركىستان چىنى» (ئۇيغۇر ئېلى) دە سانلىرى مىليونلار بىلەن ئۆلچىنىدىغان ساپ تۈرك قەۋمىنىڭ تارىخى تېخىچە مەجھۇل (ئېنىقسىز) دۇر. بۇ ھەقتە «شۇرا» سەھىپىسىدىكى ماقالىلەر يېتەرلىك بولمىغىنىدەك، مۇستەقىل رەۋىشتە يېزىلغان كىتابلاردىمۇ پەقەت قىسقىغىنە مەلۇمات بېرىلىپ ئۆتۈلگەن. ھەتتا بۇ كىتابلاردا «بۇريات تۇڭغۇزلار» ھەققىدە بىر قەدەر مەلۇمات بېرىلگەنكى، تۈركىستان چىنى ھەم تۈركىستان رۇسى (ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى) دىكى تارانچى تۈركلىرى ھەققىدە تېخىچە بىر جۈملە بولسىمۇ يېزىلمىدى. ئەلۋەتتە بۇنىڭغا بىزنىڭ دەيدىغان سۆزىمىز يوق. چۈنكى بىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىمىز مىللىي تارىخ، يەنى: تۈركىستان چىنى سارتلىرىنىڭ تارىخىنى بىلىش. بىز بۇ ھەقتە مۆھتىرەم «شۇرا» ساھىبىغا مۇراجەت قىلىپ، تۈركىستان چىنى تۈركلىرىنىڭ تارىخلىرىنى ھەم «كاشىغەر» دە ھاكىمىيەت تۇتقان خانلارنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى «شۇرا» دا يېزىشنى ئۆتۈنگەن ئىدۇق. «شۇرا» بولسا (1911-يىللىق 3-سان) ئۆز تەرىپىدىن: بۇ ھەقتە قۇدرىتى يېتىشىچە خىزمەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تارىخلىرى خاتېرىلەنمىگەن بىر قەۋم ھەققىدە چەتتىن تۇرۇپ مەلۇمات بېرىشنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسلەتكەن ئىدى. بىز بۇرۇن تۈركىستان چىنى سارتلىرىنىڭ تارىخىنى يېزىشنى مۆھتىرەم «شۇرا» مەجمۇئەسىدىن شەخسىي ھالدا ئۆتۈنگەن بولساق، ئەمدى ئومۇمدىن، مىللىي تارىخمىزنى بىلگەن مۆھتىرەم قېرىنداشلىرىمىزدىن ئۆتۈنمەكتىمىز.

بۇ مۆھتىرەم قېرىنداشلىرىمىز ھەر ھالدا بىلگەنلىرىنى ئايىماي، «شۇرا» مەجمۇئەسىگە يېزىپ، بىزنى مىننەتدار قىلغان بولسا ئىدى. تارىخلىرىنى يېزىشنى ئۆتۈنگەن «تۈركىستان چىنى» دە ھازىر تەخمىنەن 30 مىليون تۈرك مىللىتى بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچە ئىشلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي رەئىس (روھانىي) لىرى بولغان «ئەلەم ئاخۇن» باشقۇرماقتا. بۇ «ئەلەم ئاخۇن» ھەر ئىشنى توغرىدىن توغرا شەرىئەت مۇھەممىدى قانۇنىچە بېجىرىدۇ. ھۆكۈمەت مەمۇرلىرىمۇ «ئەلەم ئاخۇن» نىڭ ھېچ بىر ئىشىغا ئارىلاشماي ياردەمدە بولىدۇ. بۇ يەردە جەمئىيەت ۋە كېڭەش مەجلىسى قاتارلىقلارنى ئېچىشتا مۇسۇلمانلار تامامەن ئەركىن بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ھېچبىر مەنئىي يوقتۇر. غالىپ، مەدەنىي ياۋرۇپا مەملىكەتلىرىنىڭ ھېچ بىرسىدە مۇسۇلمانلارغا بۇنىڭدەك ئەركىنلىك بېرىلمىگەن. ئەمما نەچارەكى، مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن تېگىشلىك پايدىلىنالمىدى. چۈنكى ئاھالىنىڭ كۆپ قىسىمى نادان بولۇپ، مەدەنىيەت دۇنياسىدا مەۋجۈت مۇسۇلمان خەلقىنىڭ ئارقىدا قالغانلىرىدىن سانىلىدۇ. چۈنكى مىللەتنى پىكىر ۋە مەلۇمات بىلەن تەمىن ئېتىدىغان ۋە ئەقىللىرىنى ئاچىدىغان مەكتەپ ۋە مەتبۇئات يوق. ھالبۇكى،يېقىنقى ۋاقتلاردا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يەردە شۆتاڭ (باشلانغۇچ مەكتەپ) لەر ئېچىشقا باشلىغان بولسىمۇ، بۇ شۆتاڭلار ئاھالىگە نىسبەتەن بەك ئاز بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايچە ئوقۇتىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ مەكتەپلەردىن مۇسۇلمانلارغا بەك چوڭ پايدا كېلىشى ناتايىن. بۇنداق ئۇلۇغ بىر مىللەتتە مىڭلارچە مۇنتىزىم باشلانغۇچ مەكتەپ، بىر نەچچە مىللىي گېزىت ۋە مەتبەئە بولماسلىقى ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. بۇ «رىجا» (مۇراجەت) نى مىللىي گېزىتلىرىمىزنىڭ كۆچۈرۈپ بېسىشىنى ئۆتۈنىمىز.

روسىيىنىڭ ئورىنبۇرگ شەھىرىدە نەشىر قىلىنغان «شۇرا» مەجمۇئەسىنىڭ 1911-يىللىق 20-سانىغا بېسىلغان بۇ ماقالە ئەسلى تۈركىيە تۈركچىسى ۋە تاتارچىغا يېقىن ئورتاق تۈركىي تىلدا يېزىلغان بولۇپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئېلىندى

http://www.akademiye.org/ug

 

Share
1836 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.