logo

trugen jacn

ئۇيغۇردا تۈركىيە چۈشەنچىسى

image (2)

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

1. ئۇيغۇردا تۈركىيە چۈشەنچىسى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئانادولۇ توپراقلىرىغا سەپەر قىلغان قېرىنداشلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى تارىختىن بېرى ئاساسەن ئەدەبىي يوللار بىلەن يېڭىلىنىپ تەرىقەتچىلەر، ھاجىلار ۋە سودا كارىۋانلىرىنىڭ ھىكايىلىرى بىلەن بېيىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىكى ”غېرىپ سەنەم“ داستانىدا دىيار باقىر (تۈركىيەنىڭ غەرىبى جەنۇبىدىكى بىر شەھەر)شەھرىنىڭ زىكىر قىلىنىشى بۇنىڭغا بىر مىسال بولۇپ ياڭراپ تۇرۇپتۇ. ياقۇپ بەگ زامانىدا دىيارىمىزدا ئوسمانلى سۇلتانى ئابدۇلئەزىزخان نامىغا خۇتبە ئوقۇلغان. مۆھتەرەم تارىخچىمىز موللا مۇسا سايرامى ئۆزىنىڭ غېرىپ خانىسىدە مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ يېزىپ چىققان تارىخ كىتابىنى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ مەھكۇم ۋەتىنىدىن تولىمۇ ئۇزاقتىكى تۈرك خەلىپىسى ئابدۇلھەمىدخانغا ئارمىغان قىلىپ ”تارىخى ھەمىدى“ دەپ ئاتىغان. ئەپسۇسكى بۇ كىتابنىڭ تۈركىيە تۈركچىسىدىكى نەشىرى بۈگۈنگىچە يورۇق كۆرمەپتۇ. بۇ كىتاب ئەينى دەۋىردە ئابدۇلھەمىدخاننىڭ قولىغا يەتمىگىنى ئازدەك، ئۇ زاتنىڭ بۈگۈنكى نەۋرىلىرىنىڭمۇ قولىقىغا يەتمەپتۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋىي ئاخبارات ۋاستىلىرى بىلەن ئېرىشكەن ئانادولۇ تۈركلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتى 1883- يىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىغان ”تەرجىمان“ ناملىق گېزىتكە تۇتىشىدۇ. جەدىتچىلىك ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى ئىسمائىل غاسپىرالى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بۇ گېزىت 35 يىل چىقىرىلىپ  ئۇيغۇرلارغا ئۆزى ۋە تۈرك باغىرلىرى ھەققىدە ئەمەلىي مەلۇمات بەرگەن. مۇشۇ مەلۇماتلار تۈرتكىسىدە ئۇيغۇرلاردا زامانىۋىي مائارىپنىڭ ئۇلى سېلىنغان. جەدىتچە (يېڭىچە) ئوقۇتۇش ئۇسۇللىلىرى قاناتلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىش دائىرىسى كېڭەيگەن. مۇشۇنداق ئاخباراتلار نەتىجىسدە تۈرك توپراقلىرىنى ئىشغالدىن ئازات قىلىش يولىدىكى قۇرتۇلۇش ئۇرۇشىغا ئۇيغۇرلار تارىم ۋادىسىدىن كېلىپ جانلىرىنى ئاتىغان. شۇ قېتىم قاتنىشالمىغانلىرى يىللارچە تۈركىيەگە كېلىپ شېھىدلەرنى ياد ئېتىپ چاناق قەلئە زىيارىتىگە بېرىشنى پەرز ھەجنىدىن كېيىنكى بىر بۇرچ بىلىپ ئادا قىلىپ كەلگەن.
ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن باشقا 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دىيارىمىزغا زامانىۋىي مائارىپنى ئېلىپ كەلگەن ئەھمەد كامال ۋە دىيارىمىزدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا بارغان زىيالىلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانادولۇ تۈركلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بېيىتقان. ئەخمەت كامالنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئىستانبۇلدا ئوقۇپ مىللەتنى ئاقارتىش يولىدا جان بەرگەن مەمتىلى ئەپەندىمۇ ئەركىنلىك، مەرىپەت ۋە ئۇيغۇرلۇق-تۈركلۈك سۆيگۈسىنىڭ پەرۋىشكارلىرىدىن بولغانىدى.
20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى ئەللىك يىلىدا ئۇيغۇلارنىڭ جاھان يېڭىلىقلىرى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بۇرۇنقى دەۋىردىكىدىن پەرقىلىق ھالدا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا تايىنىپ داۋام قىلدى. ئۇيغۇرلارغا يېڭى دۇنيا ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىككى مەنبەلىك بولۇپ بىرى جەدىتچىلىك تەشەببۇسچىلىرى چىقارغان ”ۋاقىت“، ”شۇرا“ قاتارلىق گېزىتلەر ۋە قەشقەردىكى «يېڭى ھايات»، «ئاڭ»، ئۈرۈمچىدىكى ”ئەرك“ قاتارلىق زامانىۋىي مەنىدىكى مەتبۇئاتلاردۇر. يەنە بىرى ماركىسىزىم تەرغىباتچىلىرىنىڭ شەرق ھەقىقىتى، قازاق ئېلى قاتارلىق نەشىر ئەپكارلىرى ۋە ۋەتەندىكى ”شىنجاڭ گېزىتى“، تۈرلۈك ناملاردا غۇلجىدا بېسىلغان گېزىتلەردۇر. جەدىتچىلەرنىڭ ئۇيغۇر چۈشەنچە دۇنياسىدىكى تەسىرى دىيارىمىزدا كومۇنىستىك ھاكىمىيەتتىن تىكلەنگەندىن كېيىن ئەمەلىي كۈچ سۈپىتىدە ئاياقلاشقان. نەتىجىدە روسچىلاشقان ماركىسىزىم تەرغىباتىنىڭ تەسىرى بولسا تېخىمۇ ئومۇملاشقان. مەسىلەن، بۈگۈنكى ئۇيغۇرچىدا ۋىنگىرىيە، گىرىتسىيە، گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ناملىرى رۇسچە تەلەپپۇزى بويىچە ئۆزلەشكەن بولۇپ، تۈركچىدىكى ماجارىستان، يۇنانىستان ۋە ھوللاندا دېگەن بويىچە قوبۇللانمىغان. تۇنجى تۈركۈمدىكى چەتئەلدە ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تۈركىيە ۋە سوۋېت مەنبەلىك بولۇشىمۇ ئۇيغۇرلاردا تۈركىيە تەسىرى بىلەن روسىيە ئەتكىسى (تەسىرى) نىڭ تەڭلا مەۋجۇدلىقىنى دەلىللەيدۇ. تەبىئىكى، كومۇنىستىك تۈزۈمدىن كېيىن تۈركىيە تەسىرى ئىمكانسىزلاشقان.
ئىككى مىڭىنچى يىللارغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى دۆلىتىمىز مەتبۇئاتنىڭ تەشۋىقاتىدىن، مائارىپتىن ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ مەلۇماتلىرىدىن ئوزۇقلىنىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارغا ئەسەرلىرى ئەڭ بۇرۇن يېتىپ كەلگەن نازىم ھىكمەت دېگەن كىشى ئىكەن.  بۇندىن باشقا ئەسەرلىرى ئەڭ بۇرۇن بىزگە يېتىپ كەلگەن ئەزىز نەسىن، ساباھەتتىن ئەلى قاتارلىقلارنىڭ كومۇنىستىك پىكىردىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىغا خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
ئەلۋەتتە، تۈركىيە رىياللىقىنىڭ ئەدەبىي قاتلىرى سىياسى مەۋقەلەردىن مۇستەسنا بىر شەكىلدە ئۇيغۇرنىڭ نەزەرىگە سۇنۇلمايمۇ قالمىغان. مەسىلەن، كەرىمە نادىر، رەشات نۇرى گۈنتەكىن، ياشار كامال قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىش بىلەن سۆيۈلگەن مەرھۇم تۇرسۇناي ساقىم خانىم تۈركلۈك مۇھەببىتى چوڭقۇر قەدىردانلىرىمىزدىن ئىدى.  1993-يىللىرىغۇ دەيمەن. بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بىر قېتىملىق تۈركولوگىيە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئوقۇغۇچى بولۇشۇمغا قارىماي ياندىن قاتنىشىۋالغانىدىم. يىغىندا تۇرسۇناي ساقىم خانىم بىلەن باشقا بىر ئۇستاز ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرچىمىزنىڭ ئورتاق تۇركچىنىڭ بىر پارچىسىمۇ ئەمەسمۇ دېگەن مەزمۇندا مۇنازىرە بولغانىدى. تۇرسۇناي خانىم تۈركلەرنىڭ ئورتاق تىلغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇ ئورتاقلىقنى كۈچلەندۈرۈش ۋە داۋام قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
خەنچىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تولۇق ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دۇنيا تارىخى دەرسلىكىدە ئۆتۈلىدىغان ئوسمانلى خەلىپىلىكى، مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك ھەققىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بېيىتقان دەپ قاراشقا بولىدۇ. جوڭگۇدا -يىللاردىن بېرى كۈندە يېرىم سائەت ئاڭلىتىلىپ كېلىۋاتقان مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر پروگراممىسىدىكى تۈركىيەگە ئائىت مەزمۇنلار ۋە باشقا گېزىت ژورناللاردىكى ھەر خىل مەقسەدلەر بىلەن يۈرگۈزۈلگەن تەشۋىقاتلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ بېيىشىغا خۇرۇچ بولغان. خۇلاسىلىگەندە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ تاكى ئىككى مىڭىنىچى يىللارنىڭ باشلىرىغىچە ئۇيغۇرلاردىكى تۈركىيە ھەققىدىكى چۈشەنچە دېگىنىمىزدە ئاساسەن زىيالىلار قاتلىمىدىكى چۈشەنچىنى كۆزدە تۇتۇش بىراز ئەقىلگە مۇۋاپىق، چۈنكى ئاۋامدا تۈركىيە ھەققىدىكى مەلۇماتللارنى ئومۇمىيۈزلۈك كۆرۈش، چۈشىنىش ۋە ئىنكاس قايتتۇرۇش پۇرستى ۋە ۋاستىسى كاڭتاشا بولمىغان. بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسىچە، ئىككى مىڭىنىچى يىللاردىن كېيىنكى تۈركىيە قىزغىنلىقى ئۇيغۇر تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئاممىۋىي ھاياجان بولۇپ تەسىرى چوڭقۇر، دائىرىسى كەڭ ۋە ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بىر ئېقىمدۇر. بۇ ھەقتە پەرقلىق ماۋزۇلاردا داۋاملىق بايان قىلىمىز.
ئىلاۋە:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، 2006- يىلدىن باشلاپ تۈركىيە ھەققىدە بىر يۈرۈش خاتىرە يازغانىدىم، ئەمما «قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژورنىلىدىكىلەر  يازغانلىرىمنى يا ئېلان قىلماي يا ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتماي ساقلىتىپ كەلدى. بۈگۈن ئاخىرى كۈتۈشتىن زېرىكىپ خاتىرەمنى سىلەر بىلەن توردا يۈز كۆرۈشتۈرۈشنى قارار قىلدىم. بۇ قېتىملىق «ئۇيغۇرلاردا تۈركىيە» سەرلەۋھىلىك يۈرۈشلۈك يازمامنى يېزىشتىن مەقسەد ئۈچىنجى قېتىملىق ئۆزگىرىش مارشىغا چەۋەنداز توپلاشتۇر، ئوقۇرمەنلەرنى يېڭى نۆۋەتلىك ئۆزگىرىش خۇشاللىقىغا سەپەرۋەر قىلىشتۇر. يېقىندىن بۇيان بۇرۇن باشلانغان مارشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلاردىن خەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئۇلارغا دائىم ئىلھامچى، ئۈندەكچى ۋە مەسلەھەتچى بولۇپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلدىم. يازغانلىرىم 15 پارچىغا يەتكەندە كۈنىگە بىر پارچىدىن ئېلان قىلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلىرىمدە ئاڭلىق ۋە ئىزچىل تىرىشچانلىقنى تەرك ئەتمەيدىغان، مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈنلەردىن ئۈمىدسىزلەنمەيدىغان، ئۆگىنىۋېلىشنىڭ خۇرسەنلىكىگە ئېرىشەلەيدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ماڭا بەكمۇ تەخىرسىز بىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەن يېزىشتىن باشقا ئۈنۈملۈك ئۇسۇلنى بىلمەيمەن. مەن ئوقۇرمەنلىرىمگە يېتەلمەس مەنزىللەر، كۆرۈنمەس كەلگۈسىلەر ئۈچۈن ۋەزخان ئەمەس، بەلكى ھايات مۇساپىسىدىكى غەمخان بولۇشنى بەكرەك ئارزۇ قىلىمەن. شۇڭا بۇ يازمىلىرىمنىڭ يېڭى يىلدا يېڭىچە ئادەت، يېڭىچە نىشان ۋە يېڭىچە ئۇتۇقلارغا تۈرۈتكە بولۇشنى ئاللاھتىن تىلەيمەن

http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=43198

Share
2275 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.