logo

trugen jacn

ھىندىستاننىڭ 3 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇش قارارى نارازىلىق قوزغىدى

image

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

جامۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتى بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئابدۇخالىق، ئادىل ۋە ئابدۇسالام قاتارلىق 3 ئۇيغۇر مۇساپىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. ئارقىدىنلا جامۇ-كەشمىر ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

لېكىن ھىندىستان «بۈيۈك كەشمىر گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جامۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتى قارارىنى بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن ئاۋۋال ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى بۇنىڭدىن 6 ئاي بۇرۇن قارار قىلىپ بولغان.

«بۈيۈك كەشمىر گېزىتى» 21‏-نويابىر خەۋىرىدە، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ جامۇ-كەشمىر ھۆكۈمىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىغا ئەۋەتكەن يوليورۇقىنى ئېلان قىلدى. ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2016‏-يىلى مارت ۋە ماي ئايلىرىدا يوللىغان يوليورۇقىدا، «بۇ مەسىلە مىنىستىرلىق تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىندى. نۆۋەتتە لېخ رايونلۇق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان خىتاينىڭ (ئۇيغۇر) پۇقرالىرى ئادىل، خالىق ۋە ئابدۇسالامنى كەلگەن دۆلىتىگە قايتۇرۇش قارار قىلىندى» دېيىلگەن.

د ئۇ ق قۇرۇلتىيى بولسا، ھەرقانداق ئۇيغۇر مۇساپىر خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئاقىۋىتى خەتەرگە قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «ھىندىستان دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇش قارارىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ كۆرسەتتى.
قۇرۇلتاي باياناتچىسى دىلشات رىشىت چارشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ھەرقانداق خىتايدىن قېچىپ چىققانلارنى قايتۇرۇۋەتكەن بولسا، دېمەك ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ناھايىتى خەتەرلىك بولىدۇ. بۇنىڭدىن خەلقئارادىكى تەشكىلاتلار تولۇق مەلۇماتقا ئىگە. بۇنداق ئەھۋالدا ھىندىستانغا قېچىپ چىققانلارنى قايتۇرۇۋېتىدىغان بولسا، ئۇلار تېخىمۇ ئېغىر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بىز ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن، بۇ قايتۇرۇش قارارىنى قايتىدىن قاراپ چىقىشى ۋە توغرا قارار چىقىرىشىغا بارلىق كۈچىمىز بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.»

چارشەنبە كۈنى بىز يەنە، ھىندىستاننىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئەلچىخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، د ئۇ ق نىڭ چاقىرىقىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى سورىدۇق. ئەلچىخانىنىڭ بىر ئاخبارات ئەمەلدارى، سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىشىمىزنى، تېلېفوندا جاۋاب بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بىز ئەلچىخانا ئەمەلدارىغا سوئالىمىزنى ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋابى كەلمىدى.

ئادىل، ئابدۇسالام ۋە ئابدۇخالىق ئۈچەيلەن 2013‏-يىلى 6‏-ئايدا لاداق يولى بىلەن ھىندىستانغا قېچىپ چىقىپ، ھىندىستاننىڭ لاداقتىكى سۇلتان چۇسكۇ دېگەن جايىدا ھىندى-تىبەت چېگرا ئامانلىق كۈچلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن.

چېگرا ئامانلىق كۈچلىرى ئۇلارنى لاداق رايونلۇق ساقچى دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دائىرىلەر ئۇلارنى چېگرادىن رۇخسەتسىز كىرىپ، ھىندىستان چېگرا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ، 18 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر مۇساپىرلار 18 ئايلىق قاماق جازاسىنى ئۆتىگەن بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئۇلارنى قويۇپ بەرمەي، لاداقنىڭ لېخ رايونلۇق تۈرمىسىدە داۋاملىق تۇتۇپ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن مۇساپىرلار جامۇ-كەشمىر يۇقىرى سوتىغا ئەرز سۇنۇپ، پاناھلىق سورىغان.

ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ قارارى پاكىستان، جامۇ‏-كەشمىر ۋە ھىندىستاندىكى بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر خان چارشەنبە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ 3 ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ مەسىلىسىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئۆمەر خان: «ھازىر بىز ئويلاۋاتىمىز، ماۋۇ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئادەملىرى نەدە دەپ، چىقسۇن تالاغا ئىنسانلىق دەپ، بىز ئۇيغۇرلارغا، بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا دىققەت قىلسۇن. ماۋۇ ئۇيغۇرلارغا بىر رەھىم قىلسۇن دۇنيا، كۆرسۇن ماۋۇ بىز ئۇيغۇرلارنى. بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىمىسا، يەم بولىدۇ بۇ ئۇيغۇرلار. بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىپ كەتسە، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتسە، دۇنيا قانداق كۆرىدۇ» دېدى.

ئۆمەر خاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئىلگىرى پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىن تۇتۇپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. ئۆمەر خان، ئەگەر ھىندىستان بۇ ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى چىقمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «3 يىل بۇرۇن ئافغانىستان 23 بالىنى تۇتۇپ بەردى. شۇ بالىلارنىڭ ئىچىدىن ئوبۇل ھەسەن دېگەن بىر بالىنىڭ 5 بالىسى پاكىستاندا بار. بىر ئائىلىدىن 5 بالا پاكىستاندا ھازىر. تۇرمۇشى ياخشى ئەمەس. ئەمدى شۇ، مانا بىز بېقىۋاتىمىز، ئوبۇل ھەسەننىڭ بالىلىرىنى پاكىستاندا ھازىر. ماۋۇ پاكىستان بولسۇن، ئافغانىستان بولسۇن، ھىندىستان بولسۇن، ھەممىسى ئۇيغۇرنى تۇتۇپ بېرىۋاتىدۇ. پاكىستاندا بىر ئۇيغۇر قالمىدى، ئاكا. ھەممە ئۇيغۇرنى تۇتۇپ كەتتى.
بىز ئويلىغانتۇق، ئەمدى ھېچ بولمىسا، ھىندىستان ئۇنداق قىلماس دېسەك، ھىندىستانمۇ قىلىۋاتىدۇ بۇنى. پاكىستاندىن نۇرغۇن بالىلارنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى، بىرمۇ بالىنىڭ خەۋىرىنى ئالالمىدۇق. ئافغانىستاندىن 23 بالىنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى، بىرمۇ بالىنىڭ ئۇچۇرى يوق. ئەمدى ھىندىستان ئۆتكۈزۈپ بەرسە، ئۇلارنىڭمۇ خەۋىرى يوق بولىدۇ.»

ھىندىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى‏-«پۇقرالار ئەركىنلىكى خەلق ئىتتىپاقى» بولسا، ھىندىستاننىڭ خەلقئارا مۇساپىرلار قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىشى، ھېچ بولمىسا ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا ئۆزىنى ئاقلاش پۇرسىتى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

«پۇقرالار ئەركىنلىكى خەلق ئىتتىپاقى» باياناتچىسى ۋ. سۇرەش سەيشەنبە كۈنى «بېنار خەۋەرلەر» تورىغا بەرگەن باياناتىدا، «ھىندىستان مۇساپىرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى خەلقئارا قانۇنغا ئەمەل قىلىپ، ئۇلارغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك. ئورنىغا كەلمەيدىغان قارار بېرىشتىن بۇرۇن، ئۇلارغا ئادۋوكات تۇتۇش ھوقۇقى بېرىلىشى كېرەك» دېگەن.

جامۇ-كەشمىردىكى خەلقئارا ئادالەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇنبىرى ناملىق تەشكىلات، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى 18 ئايلىق قاماق جازاسىنى توشتۇرغاندىن كېيىنمۇ، ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى داۋاملىق تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى تەنقىدلەپ، «جامۇ-كەشمىر دائىرىلىرى ئاممىۋى بىخەتەرلىك قانۇنىنى خاتا ئىشلەتتى» دەپ تەكىتلىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/hindiatan-uyghur-11232016133507.html

Share
881 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.