ئەڭ يېڭى خەۋەر
ئاسىيە ئۇيغۇر: بۇزغۇچى: چېن چۈۋەنگو ۋە ج ك پ ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى
ئىتالىيە پايتەختى رىمدىكى «ئەركىنلىك يۈرۈشى» دە ئۇيغۇرلار ۋە ئىلھام توختى مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى
ئىلھام توختىغا «ۋاسلوۋ خاۋېل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» بېرىلدى
ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق ھاياتىنىڭ 5-يىلىدا
ئىلھام توختى 2019-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
9-ئاپرېل كۈنى خىتاينىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى بىر دوختۇرخانا مەمۇرىيىتى مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر بىلەن بىمارلارنىڭ «شىنجاڭلىقلار» نى كۆرگەن ھامان قوغداش بۆلۈمىگە خەۋەر قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا گۇاڭشى تەۋەلىكىدە تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئاممىنى «گۇمانلىق كىشىلەر» گە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان:
«بىرىنچى، ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن كەچ سائەت 17:30 غىچە خىزمەت ئورنىدا بولىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر سەزگۈرلۈكنى كۈچەيتىپ، «گۇمانلىق كىشىلەر» نى، يەنى «شىنجاڭلىقلار» نى بايقىغان ھامان قوغداش بۆلۈمىگە خەۋەر قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، كەچ سائەت 17:30 دىن سەھەر سائەت 8:00 گىچە دوختۇرخانا تەۋەسىدە چارلاشنى كۈچەيتىپ، «گۇمانلىق كىشىلەر» نى، يەنى «شىنجاڭلىقلار» نى بايقىغان ھامان باش ئاپپاراتقا خەۋەر بېرىش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئامال بار قورۇ سىرتىدىكى پائالىيەتلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىپ، بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.»
يۇقىرىقى ئۇقتۇرۇشتا «گۇمانلىق كىشىلەر» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەندە تىرناق ئىچىگە ئالاھىدە قىلىپ «شىنجاڭلىقلار» دەپ ئەسكەرتكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يەردىكى «گۇمانلىق كىشىلەر» دەپ ئاتالغانلارنىڭ ياكى ئاتالمىش «شىنجاڭلىقلار» نىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنى «تېررورلۇق گۇماندارلىرى» سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitayda-uyghur-04132015143102.html
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.