logo

trugen jacn

چاپچال ناھىيىسىدە ئوچۇق سوت ئېچىلىپ، بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار مەھكۇم قىلىندى

78bb2305-a8fb-4cf5-9fb4-5721f4953d82

ئەركىن

چارشەنبە كۈنى، چاپچال ناھىيىسىنىڭ قاينۇق بازىرىدا ئېچىلغان ئوچۇق سوتتا، دىلمۇرات ئۆمەر، نىزامىددىن توختى قاتارلىق 9 نەپەر ئۇيغۇر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرىسىغا 14 يىللىق ئەڭ تۆۋىنىگە 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن.

بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 23‏-ماي ئۇيغۇر ئېلىدە «تېررورلۇق» قا قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىغاندىن بۇيان، يەنە بىر قېتىملىق «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئادەم جازالىشىدۇر. شۇنداقلا بۇ يەنە، غۇلجا تەۋەسىدە يېقىنقى بىر ئايدىن بۇيان ئېچىلغان 2‏-قېتىملىق ئوچۇق سوت.

ئۆتكەن ئايدا دائىرىلەر غۇلجا تەنتەربىيە مەيدانىدا ئوچۇق سوت ئېچىپ، 55 كىشىگە ھۆكۈم ئېلان قىلغان. ئۇلاردىن 3 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇغان ئىدى.

قاينۇق بازىرىدىكى ئوچۇق سوتتا، دائىرىلەر جازاغا تارتىلغان ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، قاتنىشىش، دۆلەتنى پارچىلاشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق «جىنايەتلەر» بىلەن ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ قايسى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىقى ۋە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئوچۇق سوتلارنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر كونكرېت ئۇچۇرلارنى ئىزچىل كونترول قىلىپ كەلدى.
بىز چاپچال ناھىيەلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ئوچۇق سوت ئەھۋالىنى، مەھكۇملارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىشىغا يول قويۇلغان-قويۇلمىغانلىقىنى سورىغان بولساقمۇ، بىراق قانۇن كومىتېتىنىڭ خادىمى سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇ: بۇ ئەھۋال ماڭا تازا ئېنىق ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى.

بۇ قېتىمقى ئوچۇق سوتتا يەنە، 25 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ۋە 14 كىشىگە جىنايى تۇتۇپ تۇرۇش قارار قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىنىپ، بۇ كىشىلەر ھىجرەت ۋە جىھادنى تەرغىب قىلىش، چېگرا ئاتلاپ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا ۋە دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن.

چاپچال ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر يەرلىك ئاھالە، مەھكۇم قىلىنغان ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئىچىدە قاينۇقلۇق ئۇيغۇرلاردىن 9 كىشى بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: قاينۇقتىن 9 كىشى بارغۇ، دەيمەن. ئومۇمىسى بولۇپ 48 ئادەم ئىكەن، شۇنىڭ ئىچىدە قاينۇقتىن 9 كىشى بارغۇ، دەيمەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قولغا ئالغىنىمۇ بار، ھۆكۈم ئېلان قىلغىنىمۇ بار، توختاتقىنىمۇ بار. توختاتقىنى 29 مۇ خۇدايىم. ھۆكۈم ئېلان قىلغىنى 9 مۇ ئەيتاۋۇر. قولغا ئالغىنى نەچچەرەي مۇشۇنداق قىلىپ، 3 تۈركۈمگە بۆلۈپ تۈگەتتىغۇ.

چاپچالنىڭ بىر مەسئۇل كومپارتىيە ئەمەلدارى «خەلق گېزىتى» گە بەرگەن مەلۇماتىدا، ئوچۇق سوتقا 3 مىڭ ئادەم قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ «تېررورلۇق» قا قارشى «خەلق ئۇرۇشى» سېپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن خىتاينىڭ بۇ ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى خەلق ئۇرۇشى»، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۇقۇم قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، مەھكۇملارنىڭ ئادىل سوتلىنىش ھوقۇقىغا خىلاپ.

چاپچال ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال، سوتقا نۇرغۇن ئادەم قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئاپارغانلىقىنى ۋە مەھكۇملارنىڭ ئىچىدە بىر ئايالنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئايال: ئوچۇق سوت چاپچالدا ئېچىلمىدى، قاينۇقتا ئېچىلدى. ياق، بىز بارالمىدۇق، قالايمىقان بارغۇزماپتۇغۇ. ئىشقىلىپ، مەكتەپلەردىن كوممۇنالاردىن قاتنىشىپتۇ، دەيدۇ. بىز ئايال كىشى بولغاندىن كېيىن ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇردۇق. يولدىشىمنىڭمۇ ئىشى چىقىپ قېلىپ ئۇمۇ بارالمىدى. بېزىلەر بېرىپ ئۈلگۈرمىدۇق، ئادەم جىقكەن، دەيدۇ.
مۇخبىر: تۈنۈگۈن سوتلانغانلارنىڭ ئىچىدە سىلەرنىڭ مەھەللىدىن بىرەرسى بارمۇ؟
ئۇيغۇر ئايال: ھە-ياق، چورت يوق.
مۇخبىر: قايسى سۇمبۇللارنىڭ باركەن؟
ئۇيغۇر ئايال: ئاشۇ قاينۇق ئۆزىنىڭ بار ئوخشايدۇ، دېدىمۇ ئىشقىلىپ. جاغىستاي، نىمىنىڭكى غۇلجىنىڭ بار ئوخشايدۇ. چوقۇر يېزىسى بارغۇ، شۇ يەردىن 3-4 بالىلار بار، دەۋاتاتتى. ئارىسىدا بىر ئايال بار، دەمدۇ، ئىشقىلىپ تازا ئېنىق ئۇقمىدىم.
مۇخبىر: بۇلار نېمە، دەپ سوتلانغان بولدى، ئاخىرى شۇنىڭ بىلەن؟
ئۇيغۇر ئايال: شۇ سىياسىي جەھەتتىن سوتلاندىغۇ، دەيمەن.

قاينۇقتىكى ئوچۇق سوت خوتەننىڭ قاراقاش، قەشقەرنىڭ قاغىلىق ناھىيىلىرىدە خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ۋەزىيەت يەنە كەسكىنلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە ئېچىلغان.

20‏-ئىيۇن، قاراقاش ناھىيىسىنىڭ ماڭلاي يېزىسىدا خىتاي تەكشۈرۈش پونكىتى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، پونكىتتىكى 5 ساقچى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ ۋەقەدىن بىر كۈن كېيىن يەنى 21‏-ئىيۇن كۈنى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى قاغىلىق ناھىيىسىدە ساقچى ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلغان 13 ئۇيغۇرنىڭ ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ پىلانلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. بىراق يېقىندىن بۇيان بۇ قارشىلىقلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى بىلەن تەشكىلى مۇناسىۋىتى يوق بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىدىيىۋى تەسىرى بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەشكە باشلىدى.

لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاينىڭ سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئامېرىكا تۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم بۇ قاراشتىكى خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكى ئوچۇق سوت ئېچىش قاتارلىق قالاق ۋاسىلارنى قوللىنىپ باستۇرۇشى مەسىلىنى ھەل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز -ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇشى كېرەك. بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق چارىسىدۇر.

خې چىڭليەن: ئەگەر بىر جۇڭگو زىيالىيسىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن قارىغاندا، مېنىڭچە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى يەنىلا ئۆز-ئۆزىنى ئىدارە قىلغىنى ياخشى. بايلىقنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۇلارنىڭ ئۆزى قارار قىلىشى، يەرلىكنىڭ قانداق تىل قوللىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەشنى ئۇلارنىڭ ئۆزى بېكىتىشى لازىم. مىللىي ئاپتونومىيەدە ئۆز ئۆزىگە خوجا بولۇشى كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلاردا مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا بوي سۇنسىلا بولدى. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا، زىددىيەتنى ناھايىتى كۆپ پەسىيەتتى. يەنە بىر مەسىلە، شىنجاڭ ۋە شىزاڭ قاتارلىق رايونلارنىڭ نوپۇس بېسىمى ناھايىتى ئېغىر، بۇنى يەڭگىللىتىش كېرەك. ئۇ يەرگە كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتىش نىسبەتەن توغرا تاللاشلارنىڭ بىرى، دەپ قارايمەن، دېدى.

خې چىڭليەننىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىنى تېررورلۇق، دەپ قاراش-قارىماسلىق كىشىلەرنىڭ مەسىلىگە قايسى نۇقتىدا تۇرۇپ باھا بېرىشىغا باغلىق. ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھۇجۇمى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كەڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ نەزىرىدە تېررورلۇق ۋە كىشىلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى، دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر مىللىي پەرقنى بىر چەتكە قويۇپ تۇرساق، پۇقراغا قارىتىلغان ھۇجۇم بىلەن ھۇجۇمغا قارشى تەدبىرلەرنىڭ ھەر ئىككىسى ئاۋام پۇقرالارغا زىيانلىق. بىراق باشقا بىر نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، شىنجاڭدىكى ۋەقەلەر قويۇق مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتى تۈسىگە ئىگە، دېدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-sot-06262014145746.html

Share
2327 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.