logo

trugen jacn

يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا ۋاپات بولدى

gayrat abdulla

بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئاخپاراتچىلىقىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئاخپاراتچىلىقى ۋە پىروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان يازغۇچىمىز غەيرەت ئابدۇللا،2016-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن ئاۋال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 10:10 مىنۇت ئۆتكەندە كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولدى.
يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا  1952 – يىلى 3 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ئاقسۇ شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1970 – يىلىغىچە ئاقسۇ شەھەرلىك 1 – باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان، 1970 – يىلىدىن 1972 – يىلىغىچە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئېگەرچى يېزىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان. 1972 – يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىل – ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ئۇ شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە  مۇخبىر، مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە 1982 – يىلىدىن 1983 – يىلىغىچە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاخبارات تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاسپىرانتۇرىيەسىدە بىلىم ئاشۇرغان، 1985 – يىلىدىن 1987 – يىلىغىچە مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇغان.
يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلىگەن 40 يىلغا يېقىن ئاخباراتچىلىق ھاياتىدا گېزىت تەھرىرلىكىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئىشلەپ، گېزىت خەۋەر – ماقالىلىرىنىڭ سۈپەتلىك، گېزىت بەتلىرىنىڭ رەڭدار بولۇشىغا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ كەلگەن ھەم سەمەرىلىك ئاخبارات ئەسەرلىرى بىلەن كەڭ جامائەتچىلىك ئىچىدە مۇئەييەن تەسىرلەرنى قوزغىغان. ئۇ تەھرىرلىگەن ۋە ئۆزى يازغان ئاخبارات ئەسەرلىرىدىن 20 نەچچىسى ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك ھەر خىل ئاخبارات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. غەيرەت ئابدۇللا 1996 – يىلى ئالىي مۇخبىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە «ئون مۇنەۋۋەر ئاخبارات خادىمى»نىڭ بىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاھىدە تۆھپىسى بار مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس، ئاپتونوم رايون بويىچە 1 – دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر كەسپىي تېخنىك خادىم بولۇپ باھالانغان ۋە جۇڭگو ئاخباراتچىلىرىنىڭ ئالىي شان – شەرىپى − «فەن چاڭجياڭ ئاخبارات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا «تارىم» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆردۈم تامچىدىن» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم قويغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كۆپلىگەن لىرىك شېئىرلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىندى ۋە بۇ شېئىرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن «گۈل زېمىن» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىندى. مۇشۇ مەزگىللەردە ئوتتەك قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئەل ئارىسىدا جاپالىق مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان غەيرەت ئابدۇللا خەلق تۇرمۇشىدىن ئۆز ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە داۋاملىق مول ئوزۇق ئالدى ۋە تەدرىجىي نەسرىي ئەسەرلەر ئىجادىيىتىگە كۆچۈپ، بىر نەچچە يىل ئىچىدە «پەگاھتىن تۆرگە»، «ئەقىدە»، «تەخمىنەن مۇدىر»، «شۇنداقمۇ ئاتا بار»، «رەسمىيەت»، «تاشۋاي»، «بەرھەق مەسلىھەت» قاتارلىق20 گە يېقىن ھېكايە، نەسر، ئوچېرك، ئەدەبىي خاتىرىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەشۇ ئەسەرلىرىدىن تاللاپ تۈزۈلگەن «تىيانشان بويلاپ» ناملىق ھېكايە، نەسرلەر توپلىمى ئۇنىڭ ئەينى چاغلاردىكى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن ئىدى. يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا بۇرۇنقى ئىجادىيەتلىرىنى ئۇل تېشى قىلغان ئاساستا يىرىك ژانىر ئىجادىيىتىگە كىرىشىپ، ئارقا – ئارقىدىن راۋاب پېشۋاسى تاشۋايغا بېغىشلانغان بىيوگرافىيەلىك قىسسە − «تاش ئابىدە» ۋە «ئۆز تەقدىرىنىڭ غوجايىنلىرى» ناملىق كىتابلارنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى. مۇشۇ مەزگىللەردە يەنە غەيرەت ئابدۇللا قوشۇمچە ئەدەبىي تەرجىمە بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ داڭلىق يازغۇچى، شائىرلىرىنىڭ بىر قىسىم نادىر ھېكايە، نەسر، شېئىرلىرىنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدى ۋە ئۇ تەرجىمە قىلغان «ياڭ كەيخۇي ناخشىسى» (چوڭ ھەجىملىك داستان)، «زەڭگەر كۆز» (دۆلىتىمىزنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچىسى ۋاڭ مېڭنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن يازغان ھېكايە – پوۋېستلار توپلىمى)، تارىخىي ئوقۇشلۇق « 5000يىلنىڭ مابەينىدە» ( 3- قىسمى)، «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچىلارنىڭ ھېكايىلىرىدىن تاللانما» ( 1- قىسىم «تېرىپىلىق قىز»، 2 – قىسىم «بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى») ۋە يېقىندا تەرجىمە قىلغان ۋاڭ مېڭنىڭ «ئەسسالام، شىنجاڭ» ( 1-، 2 – قىسىم) قاتارلىق كىتابلار ئارقا – ئارقىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللا يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر مۇقامچىلىقىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مۇقامچى پېشۋالىرىمىزنىڭ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنى تارىخىي چىنلىققا سادىق بولغان ھالدا يارقىن بەدىئىي ئۇسلۇبتا يورۇتۇپ بەرگەن «تەۋەررۈك» ناملىق تارىخىي بىيوگرافىيەلىك رومانىنى يازدى ۋە بۇ رومان نەشر قىلىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى، شۇنداقلا بۇ رومان 2011 – يىلى دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى ۋە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىنغان 100 مۇنەۋۋەر كىتاب قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ تەقدىرلەندى. شۇنىڭدىن كېيىن غەيرەت ئابدۇللانىڭ يەنە «ئابرال گۇۋاھ» ناملىق تارىخىي بىيوگرافىيەلىك رومانى نەشر قىلىندى ۋە 1960 -، 1970 – يىللاردىكى مۇشەققەتلىك شارائىتتا ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ قانچىلىك ئەگرى – توقاي، بوران – چاپقۇنلۇق بولۇشىغا قارىماي، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش، ئۆزلىرىگە پاراۋانلىق يارىتىش ئۈچۈن جاپالىق كۈرەش قىلغان ئىلى ئۇيغۇرلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزگىچە يۇمۇرىستىك قايناق تۇرمۇش كارتىنىسى ۋە ئۇلارغا باشلامچى بولغان ئەلسۆيەر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ بەدىئىي ئوبرازى تۇرمۇش ۋە تارىخ چىنلىقىغا سادىقلىق بىلەن يارقىن يورۇتۇپ بېرىلگەن بۇ ئەسەردىن ئوقۇرمەنلىرىمىز خېلى جىق تارىخىي ساۋات ۋە ئۆزگىچە ئېستېتىك زوق ئالدى. تېخى يېقىندىلا نەشر قىلىنغان «ئەقىدە» ناملىق ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمىغا يازغۇچى غەيرەت ئابدۇللانىڭ ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي يېزىقچىلىققا ئۇپرىماس ئەقىدە باغلاپ، ياش چاغلىرىدىلا يالقۇنلۇق مۇھەببەت بىلەن خەلقىمىز تۇرمۇشىدىن ئۆز ئىجادىيىتىگە مول ئوزۇق ئېلىپ، ئۆزگىچە بەدىئىي ئۇسلۇبتا يازغان«تاش ئابىدە»،«ئارماندىن مۇراد»… قاتارلىق ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن نەمۇنىلەر تاللاپ كىرگۈزۈلگەنىدى.
شۇنداق، جاپالىق ئەجىر – مېھنەت غەيرەت ئابدۇللانى جەمئىيەتتە مۇناسىپ تەسىر ۋە ئىجتىمائىي ئورۇنغا ئىگە قىلدى. ئۇ ھايات چېغىدا جۇڭگو ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە «ئون ئىككى مۇقام» تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ئىدى.
بىز مەرھۇم يازغۇچىمىز غەيرەت ئابدۇللانىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋېتى بىلەن مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.ئۇنىڭ ئائىلە – تاۋابات ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=36374&extra=&page=1

Share
2204 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.