logo

trugen jacn

مەرھۇم ئېزىز دوستۇم غەيرەت ئابدۇللا

gayrat abdulla

مەرھۇم ئېزىز دوستۇم غەيرەت ئابدۇللا

مەھمەت ئەمىن ھەزرەت
ۋەتەندىكى تور بەتلىرىنى كىزىۋېتىپ بىر تور بېتىدە “غەيرەت ئابدۇللا ۋاپات بولدى” دىگەن بىر خەۋەرگە تويۇقسىز كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ۋە بىردىن يۈرۈگۈم يېرىدىن قوزغالغاندەك بولدۇم.ئۇ سەھىپىنى ئاچتىم.غەيرەتنىڭ 2016.يىلى 2.ئاينىڭ 2.كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10:10 دا ۋاپات بولغانلىغى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.خەۋەرنىڭ بېشىغا قەدىناس دوستۇم غەيرەتنىڭ ياش ۋاختىدا چۈشكەن بىر رەسىمى قويۇلغان بولۇپ،رەسىمنىڭ ئاستىغا غەيرەتنىڭ ماڭا تونۇش بولغان ئۆز قەلەم پۇچۇركىسى بىلەن “غەيرەت ئابدۇللا” دىگەن خەت يېزىلغان. قەدىناس دوستۇم غەيرەتنىڭ ئۇ رەسىمىگە قاراپ ئۇنىۋەرسىتىتتىكى ھاياتىمىز كۆز ئالدىمغا كەلدى.چۈنكى ئۇ رەسىمنىڭمۇ بىر مەنىلىك ئەسلىمىسى بار ئىدى.؛ ئۇ رەسىم 1972.يىلى 12.ئاينىڭ بىر ئاخشىمى ئۇرۇمچىنىڭ شاوشىزى دىگەن كۇچىسىدىكى بىر رەسىمخانىدا چۈشكەن رەسىم ئىدى. ھىكايە مۇنداق ئىدى؛ مەن، غەيرەت ۋە ئەبەيدۇللا ئىبىراھىم بىر ياتاقتا ئىدۇق.سول يېنىمىزدىكى ياتاقتا سىنىپ ساۋاقدىشىمىز قۇربان مامۇت ياتاتتى ۋە ھەر ئاخشىمى چامىدانىدا يۇشۇرۇپ ساقلايدىغان كەستىيوم،بورۇلكىسىنى چىقىرىپ كىيەتتى،گىلاستۇكىنى تاقايتتى.ئاندىن كارىدۇرنى بويلاپ ماڭاتتى،ئارقىدىن بىزنىڭ ياتتاققا كىرەتتى ۋە گىزىت قەغىزىدىن ئۇزۇن بىر تاماكا ياساپ،بازاردا ساتىدىغان يەرلىك تاماكىدىن تولدۇرۇپ ئوتنى تۇتاشتۇراتتى. قۇربان تاماكىنى شۇراپ ئولتۇرۇپ ھەسرەتلىك بىر ھىسسىيات بىلەن “ بىر كۈنى بۇ كەستىيوم،بورۇلكىنى كىيىپ،گىلاستۇكنى تاقاپ كوچىلارغا چىققىلى بۇلىدىغان كۈنلەر كىلىدۇ” دەيتتى. بىز كۈلۈشەتتۈق.بۇ كەستىيوم،بۇرۇلكىنى دادىسى مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇن قۇربان كۇچاردا تۇلۇق ئورتا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا ئېلىپ بەرگەن ئىكەن.مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا قۇربان بۇ كىيىملەرنى يۇشۇرۇن ساقلاپ كۈيۈپ كۈل قىلىۋېتىشتىن ساقلاپ قالغان ئىكەن.بۇنداق غەرىپچە كىيىم كىيىش ھازىرمۇ مەنئى قىلىنغان بولغاچقا كىيىپ كوچىغا چىقالمايتتى. بىر كۈنى ئاخشام قۇربان يەنە كەستىيومىنى كىيىپ بىزنىڭ ياتاققا كىردى.مەن ھاياتىمدا كەستىيوم كىيىپ باقمىغان ئىدىم. قۇرباندىن “مەن بىر كىيىپ باقايمۇ؟” دەپ سوردۇم. قۇربان مەمنۇنىيۇەت بىلەن كەستىيومىنى چىقىرىپ ماڭا كەيگۈزدى ۋە “سىزگە بەك يارشتى” دەپ ماختىدى. غەيرەت “مەنمۇ كەستىيوم كىيىپ باقمىغان،كىيپ باقايچۇ” دىدى.غەيرەت،غەيرەتتىن كىيىن ئەبەيدۇللا،ئۇنىڭدىن كىيىن ئوڭ يان تەرەپ ياتاقتىكى قەدىردان دوستۇم قۇربانجان تۇردى نۆۋەتلىشىپ كەستىيومنى بىر قېتىمدىن كىيىپ چىقتى. (قۇربانجان تۇردى يۇرتى ئاتۇشتا 10 نەچچە يىل بۇرۇن ۋاپات بولدى.ناھىيىتى ئەقىللىق،خوشپىل،سۆھبەتخۇمار دوستۇم ئىدى. ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي). غەيرەت “بۇ كىيىم بىلەن بىر رەسىمگە چۈشۈۋالمايلىمۇ؟” دىۋىدى، بۇ تەكلىپ ھەممىمىزگە ياغدەك ياقتى. ئاخشام سائەت 8 ئىدى. قۇربان مامۇت كەستىيوم،بورۇكلا ئۈستىگە قىشلىق چاپىنىنى كېيدى. ھەممىمىز بىللە يولغا چىقتۇق. كوچا ئاپتۇۋۇزى بىلەن شاوشىزىگە كەلدۇق.مەممىمىز كەستىيوم كىيىپ،گىلاستۇك تاقاپ ئايرىم،ئايرىم رەسىمگە چۈشتۇق. رەسىڭە چۈشۈپ بولۇپ كوچىغا چىقساق سائەت 10 دىن ئېشىپ كىتىپتۇ.ئاپتۇۋۇزمۇ توختاپ كىتىپتۇ.پىيادە مېڭىپ كىچە سائەت 12 لەردە ياتاققا كەلگەن ئىدۇق.يۇقىرىدىكى ئۇ رەسىم  شۇ رەسىمدۇر
جان دوستۇم غەيرەت بىلەن 1972.يىلى 7.ئايدا ئۇنۋىرسىتىتىتقا كەلگەن تۇنجى كۈنى تونۇشتۇم ۋە بىر ياتاققا تەخسىم قىلىندۇق. بىر ياتاقتا 4 يىل بىللە ياتتۇق،بىر سىنىپتا 4 يىل بىللە ئوقۇدۇق. بىر قېتىممۇ بىر-بىرىمىزنى رەنجىتمىدۇق. غەيرەت ئاقكۆڭۈل،مەرت،دوستقا سادىق،كۆپ كىتاپ ئوقۇيدىغان،شىىرى ھىسسىياتقا باي،پاكىز يۈرەك ئىگىسى ئىدى.جاراڭلىق ئاۋازى ۋە تۇلۇپ-تاشقان ھىسسىيات بىلەن شىىر دىكلىماسسىيە قىلىشتا ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئاز ئۇچىرايدىغان تالانت ئىدى. دادىسى ئابدۇللا ئاكا ئاقسۇدا تۇنۇلغان پىشقەدەم مائارىپچى ئىدى.(ئابدۇللا ئاكا مىھرىۋان بىر ئاتا ئىدى. ئۈرۇمچىدە،تەتىللەردە ئاقسۇدىن ئۆتۈشتە ئۆيىدە كۆپ قېتىم پاراڭلاشقان ئىدىم.ۋەتەنپەرۋەرلىك تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك،ھەر زامان ۋەتەن،مىللەت قايغۇسى بىلەن ياشاپ كەلگەن ئالىجاناپ بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ئىدى.) مەدىنىيەت ئىنقىلاۋىدا مەنىۋى ۋە جىسمانى زۇلۇم كۆرگەن،غەيرەتمۇ جىن-شەيتاننىڭ بالىسى،دىيىلىپ يەكلەنگەن بولغانچقا،قەلبىدە ئىجتىمائى تۈزۈم ۋە مۇستەملىكىچىلەرگە قارشى كۈچلۈك نەپرەت بار ئىدى

غەيرەت ئاقسۇنىڭ كەپلىن ناھىيەسىدىن ئىدى.كەلپىنلىك زىيالىلاردىن تاغىسى مەھەممەت ئىمىن(شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىت ئەدىبىيات ئوقۇتقۇچىسى)، غەنىزات غەيرانى،ئابدۇللا تالىپ، خۇداۋەردى سېلىم بىلەن غەيرەت ئارقىلىق تۇنۇشقان ئىدىم.بۇلۇپمۇ خۇداۋەردى سېلىم مىنىڭ سىياسى ھاياتىمغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن پەۋقۇلئاددە تالانت ۋە ۋىجدان ئىگىسى ئىدى. خۇداۋەردى سېلىم كونا تۇرمىداش دوستلىرى بولغان تۇرغۇن ئالماس،ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر،ئابلىز مەخسۇم،ئابدۇشۈكۈر يالقۇنلار بىلەن مېنى تۇنۇشتۇرغان ئىدى. غەيرەت تونۇشتۇرغان خۇداۋەردى سېلىم بولسا مەھمەت ئەمىن بۇغرا، ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن ھەمكارلاشقان بىر زىيالى بۇلۇپلا قالماستىن،ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئاز كۆرىلىدىغان مۇتەپەككۇر ۋە مىللى داھى سۈپىتىگە ئىگە قەيسەر ئىرادە ئىگىسى ئىدى. ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شىڭشىسەي،گومىنداڭ ۋە گۇڭسەنداڭ تۇرمىلىرىدا ئۆتكۈزگەن بۇ يۇقسۇل ئامما گىگانىت پىكىر ئىگىسىنىڭ مىنىڭ يىتىلىشىمدىكى يىتەكچىلىك رولىنى ھىچبىر زامان ئۇنۇتالمايمەن. غەيرەت بولمىسا ئىدى،كەلپىنلىكلەر “خۇداۋەردى ساراڭ” دەيدىغان بۇ دەۋىردىن ھالقىغان تالانت ۋ غايە ئىگىسى ئۇستاز بىلەن تۇنۇشۇشۇم مۇمكىن بولمىغان بۇلاتتى
بىزنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش تەقسىماتىمىز 1976.يىلى 6.ئايدا بولدى.سىنىپىمىزدىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلار تەخسىم قىلىندى. يالغۇز مەنلا تەخسىماتتىن مەھرۇم قىلىندىم. ساقچى نازارىتى، مىنىڭ ئەكسىل ئىنقىلاپچى،ئىكەنلىگىم،تەخسىم قىلماي تۇتۇپ تۇرۇلىشىم كىرەكلىگى توغرۇلۇق شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى پارتىكومغا ئۇختۇرۇش چۈشۈرۈلگەنلىگى ئۈچۈن “سانسىڭبەنلۇ” دەپ ئاتايدىغان ئەدىبىيات پاكولتىتى ياتاق بىناسىدا يالغۇز قالغان ئىدىم

12751662_955350527887002_160928408_oئارقىدىكىلەر: غەيرەت ئابدۇللا،ئەبەيدۇللا ئىبىرايىم. ئالدىدىكىلەر: مەھمەت ئەمىن ھەزرەت،ئابدۇللا سۇلايمان.1975.يىلى ياز.ئۈرۈمچى

ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ 1975.يىلى يىڭى ئوقۇش مەۋسىمى باشلىنىشى بىلەنلا قاراقاش ناھىيەلىك،خۇتەن ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىدىن ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق ساقچى ئىدارىسىدىن بىر ساقچى بولۇپ ئۈچ ساقچى مىنى ئۇدا 3 ئاي ئۇنىۋىرسىتىت قوغداش بۆلۈمىدە ۋە بۇ بۆلۈمنىڭ باشلىقى ھەبىبۇللا مۇئەللىمنىڭ نازارىتىدە سۇراق قىلغان ئىدى.(ھېبىبۇللا مۇئەللىم ئەسلىدە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىدى.ئۇ ئادەمنىڭ ھەر ۋاقىت مىنى قوغداش،ئاسىراش،ھىسداشلىق قىلىش پۇزىتسىيىسىدە بولغانلىغىنى ئۇنۇتقىنىم يوق) ئۇلارنىڭ مەخسىدى؛ مىنىڭ 1968.يىلى قاراقاشتا بىر ئەكسىل ئىنقىلاۋى تاشكىلات قۇرغانلىقىمنى ئىقرار قىلدۇرۇش ئىدى.(بۇ ئۇزۇن بىر ھىكايە.بۇ يەردە تەپسىلاتىنى يازمايمەن) ئامما ئۇلارنىڭ قولىدا ئىسپات يوقلىغىنى مەن ياخشى بىلەتتىم.مەن باشتىن-ئاخىر رەت قىلىپ كەلدىم. بىر كۈنى ئۇنىۋىرسىتىت قوغداش بۆلۈم باشلىغى ھېبىبۇللا مۇئەللىم مىنى چقىردى ۋە مەكتەپ مۇدىرى ئەنۋەخان بابانىڭ كۆرىشىدىغانلىقىنى ئەيتتى. ئەنۋەرخان بابا مىنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ شۇنداق دىدى؛ “ 1968.يىلى سەن ئوقۇۋاتقان ئەدىبىيات پاكۇلتىتىنىڭ بىر سىنىپىدىن 23 ئوقۇغۇچىنى گۇڭئەنتىڭ تۇتۇپ كەتكەن. ئۆتكەن يىلى ئو ئوقۇغۇچىلاردىن 17 نەپەرنى بىزگە قايتۇرۇپ بەردى. ھەممىسى تۇرمىدا ساراڭ قىلىنىپتۇ. ساناتورىيەدە بېقىۋاتىمىز.بىز ئوقۇغۇچىلارنى تۇرما ئۈچۈن ئەمەس،جەمىيەت ئۈچۈن تەربىيلەيمىز. سىنىڭ ئۇنىۋىرسىتىتقا قوبۇل قىلىنىش ئارخىۋىڭ پاكىزە. مەسەلە يوق.ئەگەر ساڭا تۆھمەت چاپلىغان بولسا،سەن ئىتىراپ قىلمىساڭلا،بىز سىنى گۇڭئەن تىڭغا بەرمەيمىز. ھەقىقەتتە چىڭ تۇر.” ھەقىقەتەن ساقچىلار كېيىن يۇقاپ كەتتى. ئامما ئوقۇش پۈتتۈرۈش ھارپىسىدا يەنە پەيدا بولدى ۋە مىنى سۇراق قىلىشقا باشلىدى
يازلىق تەتىل بولغاچقا ياتاق بىناسىدا يالغۇز قالدىم.باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھىچ بىرسى مىنى يوقلىمىدى،بەلكى مەندىن قورقۇپ كوچىدا ئۇچىراشساقمۇ كۆرمەسلىككە سېلىپ ئۆتۈپ كىتىشتى.يالغۇزلا غەيرەت ئىككى كۈندە بىر قېتىم مىنى يوقلاپ كىلىپ تۇردى.يىڭى ئوقۇش يىلى باشلاندى.بىناغا ئوقۇغۇچىلار تولدى. 9.ئاينىڭ 9.كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىدى.ئۇرۇمچىدە ھاۋا تۇتۇق،سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى. كوچىلاردىكى سىم تۈگرۈكلىرىگە بىكىتىلگەن يۇقىرى ئاۋازلىق كانايلاردىن ماۋزىدوڭنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. ئارقىدىن “تۆت كىشىلىك گۇرۇھ” تۇتۇلدى. مىنى سۇراق قىلىۋاتقان ساقچىلار يۇقاپ كەتتى.بىراق مەن يەنىلا تەخسىم قىلىنماي تۇتۇپ تۇرۇلدۇم.ئوقۇغۇچى بولمىغانلىقىم ئۈچۈن مەكتەپ تاماق بەرمەيدۇ.ئىشىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن مائاشىم يوق.ئاتا-ئانام بولمىغاچقا ئاىلەمدىن پۇل ئىۋەتىدىغان ھىچ كىمىم يوق ئىدى.ھايات قېلىشىم ئۈچۈن ئەڭ ئاز كۈندە بىر نانغا ئىھتىياجىم بار ئىدى
غەيرەت شىنجىاڭ گىزىتىگە تەخسىم قىلنىنغان ئىدى.ئىشتىن چۈشۈپ سامسا،نان،مىيۋە-چىيۋە ئېلىپ ئاخشامدا ياتىغىمغا كۈلۈپ كىرەتتى. ( بۇ ياتاقتا بىز 4 يىل بىللە ياتقان ئىدۇق).غەيرەت 5 ئاي مائاشىنىڭ يېرىمىنى ماڭا سەرىپ قىلدى.مەنىۋىي جەھەتتىن ماڭا يار-يۈلەك بولدى. ئىھتىياجى چۈشكەندە ئەمەس،سىنىڭ ئىھتىياجىڭ بولغاندا يېنىڭدا بولغان كىشى ھەقىقى دوستۇڭدۇر. غەيرەت ئەنە شۇنداق دوست ئىدى
ئۈرۈمچىنىڭ قىش ئايلىرى ئىدى.11.ئاينىڭ بىر كۈنى ئۇنىۋىرسىتىتنىڭ خىزمەت بىناسىغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلار بۆلۈمىگە كىردىم. بۆلۈم باشلىغى ئايشەم(تاتار) ئاپپايغا، ياتاق خىزمىتىگە مەسئۇل كىشىلەرنىڭ مىنىڭ ياتاقتىن چىقىپ كىتىشمنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىغىنى،تەخسىماتىم توغرۇلۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى ئەيتتىم.ئايشەم ئاپپاي “ئالدىراشلىقتا سىزنىڭ بارلىغىڭىزنىمۇ ئۇنۇتۇپ قاپتىمەن.ۋەزىيەت ياخشىلىنىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن كېيىن سىزنى ساقچىلار ئىزدەيدىغان ۋەزىيەت قايتىپ كەلمەيدۇ. تۈنۈگۈن مەدىنىيەت نازارىتىنىڭ نازىرى ئايىم ئېزىز بىلەن بىر يىغىندا ئىدىۇق. “شىنجاڭ مەدىنىيىتى” جورنىلى 10 يىلدىن بىرى توختاپ قالغان ئىكەن.بىزگە جورنالنى چىقىرالايدىغان بىر ئەدىبىيات ئوقۇغۇچىسى بىرىڭ،دىگەن ئىدى. مەدىنىيەت نازارىتىغا بارامسىز؟” دىدى. “ئەلبەتتە” دىدىم.ئايشەم ئاپپاي رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ قولۇمغا بەردى.ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسىنىڭ تېلىپۇنىدىن گىزىتخانىغا تېلىپۇن قىلىپ غەيرەتنى تاپتىم ۋە خوشخەۋەرنى يەتكۈزدۈم. بىر ۋېلىسىپىت تېپىپ ئۇنىۋىرسىتىتقا كىلىشىنى ئېيتتىم
ياتاققا كىلىپ يوتقان-كۆرپىلىرىمنى تېڭىپ،سومكامنى تەييارلاپ تۇردۇم. غەيرەت بىر سائەت ئىچىدە يىتىپ كەلدى.مىنى قۇچاغلاپ تەبىرىكلىدى.كۆزلىرىگە ياش تولدى.غەيرەت مەندىن بەكىرەك سۈيۈنگەن ئىدى.ياتاق،سومكىلىرىمنى ۋېلىسىپتقا يۈكلەپ ئىكىمىز نۆۋەتلىشىپ ۋېلىسىپىتنى يىتىلەپ داشىمىڭ دىگەن يەردىكى مەدىنىيەت نازارىتىنىڭ كونا بىناسىغا كەلدۇق.كادىرلار بۆلۈمى رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ ئىشخانامنى كۆرسەتتى ۋە بىر ئۈستەل،بىر ئۇرۇندۇق بەردى. بىراق ياتىدىغان يەر بولمىغاچقا بىر قانچە كۈن ئىشخانىدا يېتىپ تۇرۇشۇم ئۇختۇرۇلدى. غەيرەت بىلەن تاماق يىيىش ئۈچۈن كوچىغا چىقتۇق. غەيرەت “ئەمدى بىر يۈكتىن قۇتۇلدۇم جۇمۇ.” دىدى كۈلۈپ كىتىپ.غەيرەت خوشپىل ۋە چاقچاقچى ئىدى.تاماق يىدۇق.پۇلىنى يەنە غەيرەت تۈلىدى.يانچۇغۇمغا يەنە بىر مىقتار پۇل تىقىپ قويدى. مەن پۇلنى قايتۇرۇشقا تىرىشتىم. غەيرەت “مائاشىڭىز چىققۇچە خەجلەلەپ تۇرۇڭ” دىدى ۋە ۋېلىسىپىتقا مىنىپ گىزىتخانا تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك كىتىپ قالدى.غەيرەت بىلەن ئۇ كۈنى بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنىمىز بۇ يازمىنى يېزىۋاتقىنىمدا كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئادلىمدىن ئۆتۈۋاتىدۇ.ئۇ كۈنلەردە ئۈرۈمچىدە بىر يېرىم مىليون نۇپۇس بار ئىدى. ئامما مەن يالغۇز ئىدىم.يېنىمدا يالغۇزلا غەيرەت بار ئىدى. ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئېغىر كۈنلىرىدە غەيرەت ئازاپلىرىمنى ئورتاقلاشقان،يۈكۈمنى كۆتۈرۈشكەن ئىدى
غەيرەت پەقەتلا ئېغىر كۈنلىرىمدە ئەمەس،خوشاللىق ۋە مۇبارەك كۈنلىرىمدىمۇ مىنىڭ يېنىمدا ئىدى. مەن 1979.يىل ئاخىرى توي قىلماقچى بولدۇم.توي، قىزنىڭ يۇرتى بولغان غۇلجا شەھىرىدە بۇلاتتى. غۇلجىغا ماڭا ھەمىرا بولۇپ بارىدىغان ئۈرۈمچىدە تۇققانلىرىم يوق ئىدى. غەيرەت ئىدارىسىدىن 15 كۈنلۈك رۇخسەت سورىدى،مەن بىر ئايلىق رۇخسەت ئالدىم. توي ئۈچۈن يىققان پۇلۇم يىتەرلىك ئەمەس ئىدى. يېقىنلاردىن قەرىز ئالدىم . غەيرەت بىلەن يولغا چىقتۇق. ئاپتوبۇستا غەيرەت بىر باغلام پۇلنى سومكىسىدىن چىقىرىپ ماڭا ئۇزاتتى. “بۇ نىمە پۇل؟” دەپ سورىدىم. “غۇلجىدىكى ئاغىنىلەر،بىز تارانچىلارنىڭ تويى بەك مەسرەپلىك بولىدۇ.   ئىختىسادى جەھەتتىن ياخشىراق تەييارلىق قىلىپ كىلىڭلار” دىگەن ئىدى. بىر ئاز قەلەم ھەققى ئالدىم،بىر ئاز ئىدارىدىن قەرىز ئالدىم.پۇلىڭىزغا قوشۇپ قويۇڭ”دىدى. مەن غەيرەتكە پۇل توغرۇلۇق ھىچ نىمە دىمىگەن ئىدىم.ئامما،ئۇ مىنى چۈشۈنۈپ بار-يوق پۇلىنى ماڭا بەردى.بۇ پەقەتلا ئاتا-ئانا،بىر تۇققان قېرىنداشلارنىڭلا ئەقلىگە كىلىدىغان غەمخورلۇق ئىدى.
غۇلجىدا قىز تەرەپكە تاپشۇرىدىغان مال تىزىملىكى،قىزنىڭ جەددى-جەمەتىنىڭ تىزىملىكى قۇلىمىزغا يىتىپ كەلگەندە چىقىمنىڭ ھەقىقەتەن قانچىلىك كۆپ بۇلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يەتتۇق.غەيرەت يۈگۈرۈپ يۈرۈپ بارلىق ئالىدىغان،قىز تەرەپكە تەسلىم ئېىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدى.بىر تەرەپتىن ئوغۇل تەرەپنىڭ توي يىرىنى ھازىرلىدى. مەمتىمىن ھۇشۇر ئوغۇل تەرەپنىڭ ئوي ئىگىسى بولۇشقا قورا-جايىنى  ئېچىپتۇ.جاپپار قاسىم (ۋاپات بولدى.ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي) قىيۇم سۇپى قاتارلىق دوستلارمۇ بىزگە پۇت-قول بۇلۇپ ھەمكارلاشتى.مەمىتىمىن ھۇشۇر تويغا داۋۇتجان ناسىر،ھىسام ئاكىلارنى چاقىرىپ كۆڭللۈك ئۆتكۈزۈپ بەردى
توي 1980.يىلى 1.ئاينىڭ تۇنجى ھەپتىسى بولدى.غەيرەت بەك چارچىدى. تويدىن كىيىن ۋاختى توشۇپ قالغاچقا ئۈرۈمچىگە قايتتى. مەن ئۈرۈمچىگە قايتىش ئالدىدا،بىزگە ياردەملەشكەن دوست-بۇرادەرلەر بىلەن خوشلاشقىلى باردىم.جاپپار قاسىمنىڭ ئۆيىگە بارسام ئايالى بار ئىكەن “ جاپپار تاشقىرغا چىقىپ كەتتى،ھازىر كىرىدۇ” دىدى. جاپپار بىر پەستىن كىيىن كىرىپ كەلدى. جاپپار “كەچۈرۈڭ. غەيرەت پوچتىدىن پۇل ئەۋەتىپتىكەن ئالغىلى كىتىپ قاپتىمەن”دىدى. ئەسلىدە بىلسەم،غەيرەت ئۈرۈمچىگە كىتىدىغان چاغدا پۇلى بولمىغاچقا جاپپار قاسىمدىن قەرىز سۇراپ تۇرغان ئىكەن.جاپپار پۇل بىرىپتۇ،ئامما قايتۇرۇشىڭىزغا كىرەك يوق.” دىگەن بولسىمۇ،يەنىلا غەيرەت ئۈرۈمچىگە بېرىپلا ئالغان پۇلنى ئېۋەتىپ بىرىپتۇ
مەن،توي ۋە تويدىن كىيىنكى تۇققانلارغا سالامغا بېرىش رەسمىيەتلىرىنىڭ ئالدىراشچىلىغىدا،غەيرەتكە كىتىدىغان پۇلۇڭ بارمۇ؟ دەپمۇ سورىماپتىمەن. ئۇ،قەرىز ئېلىپ كىتىپتۇ.جاپپارنىڭ ئۆيىدىن چىقتىم ۋە كۆزلىرىمگە ياش تولغان ھەلدا ئۆيگە كەلدىم.دوست ئۈچۈن پىداكارلىق قىلىدىغان جان دوستلار كۆپ بولىشى مۇمكىن.ئامما مەن،ھاياتىمدا جان دوستۇم غەيرەتتىن ئارتۇق بىر پىداكار دوستنى كۆرمىدىم
غەيرەت مەندىن كىيىن توي قىلدى.ئالىدىغان قىزى غەيرەتنىڭ دادىسى ئابدۇللا ئاكىنىڭ ئىككى تۇققان ئىنىسى ئىمىن گايىتنىڭ قىزى مۇنەۋۋەر قىز ئىدى.ئىمىن گايىت شىنجاڭ رەسىملىك جورنىلىنىڭ مەسئۇلى ئىدى ۋە مەشھۇر پۇتۇگراپچى ئىدى. گىزىخانىدا ئولتۇراتتى.غەيرەت دادىسىنىڭ تەۋىسسىيەسىگە بويۇن ئىگىپ مۇنەۋۋەر بىلەن توي قىلىشقا رازى بولدى. مۇنەۋۋەر گۈزەل ۋە مۇلايىم،مەدىنىيەتلىك قىز ئىدى.غەيرەت مىنىڭ تويۇمدا يىگىت قولدىشى بولغىنىغا ئوخشاش،مەمنۇ ئۇنىڭ تويىدا يىگىت قولدىشى بولدۇم.قۇلۇمدىن كىلىشىچە پىداكارلىق قىلىشقا تىرىشتىم. تويدىن كىيىنمۇ ئاىلىچە ئارىلىشىپ ئۆتتۇق. 1982.يىلى مەن بېيجىڭ كىنو ئىنىستوتىغا ماستىرلىق ئۈچۈن ئوقۇشقا كەلدىم. غەيرەت ئوخشاش بىر زاماندا بېيجىڭ مەركىزى پارتىيە مەكتىۋىگە ئوقۇشقا كەلدى.يەنە بېيجىڭدە شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى بىللە ئۆتتۇق.ئوقۇشنى تۈگۈتۈپ يەنە ئۈرۈمچىگە بىللە قايتتۇق

12782436_955346334554088_1049927382_n (1)

دوستۇم غەيرەت ئابدۇللا ۋە مەن.1983.يىلى بېجىڭ

مىنىڭ ئوغۇل،غەيرەتنىڭ قىز پەرزەنتلىرىمىز بولدى. دوستلۇقتىن ئۆتۈپ تۇققان بۇلۇشنىڭ تەسەۋۋۇرلىرىنى قىلىشتۇق. بىراق مىنىڭ يولۇم ۋە غايەمنى غەيرەت ياخشى بىلەتتى.ھىچ بولمىغاندا خىتاينىڭ بوينۇمدىكى مائاش ئاتالغان قۇللۇق سىرتمىغىنى قەتئى چۆرۈپ تاشلاش نىيىتىمگە قارشى چىقمايتتى. مەن ئېىزىز ئانا ۋەتىنىمدىن ۋەتەن ئۈچۈن ئايرىلىشقا قارار قىلدىم.بىر قانچە يىللىق ئىختىسادى تەييارلىقتىن كىيىن 1989.يىلى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلدىم. مەن تۈركىيەگە كىلىپ سىياسى بايانات ئىلان قىلغاندىن كىيىن غەيرەت ۋە باشقا دوستلىرىمنى ساقچىلار چاقىرىپ بىرەر ھەپتە ئەۋارە قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنى ئايىغانلىقىم ئۈچۈن ئالاقىلىشىش تەشەببۇسىدا بولۇنمىدىم.تۇرمۇش،خىزمەت ئەھۋالىدىن.يازغان ئەسەرلىرىدىن خەۋەر تېپىپ تۇردۇم
ئارىدىن دەل 27 يىل ئۆتتى.نۇرغۇن مۇقەددەس غايىلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى كىچىككىنىگە ئوخشاش،جان دوستۇم غەيرەت ۋە باشقا دوسلار بىلەن دىدارلىشىش پۇرسىتىممۇ كىچكتى. ئېزىز دوستۇم غەيرەتنىڭ ئۆلۈمى ئىچكى دۇنيامنى شىددەتلىك بوران-چاپقۇندەك لەرزىگە سالدى.كۆز ياشلىرىمنى تۇتالمىدىم.مۇشۇنداق بىر جان دوستنىڭ جىنازە نامىزىدا بۇلالماسلىق مىنى تېخىمۇ ۋىجدانى ئازاپقا غەرىق قىلدى
ئۇنىڭ ئۈچۈن ماتەم تۇتتۇم.رۇھىغا ئاتاپ قۇرئان ئۇقۇدۇم،دۇئا قىلدىم. ئىنسانلار دۇنيادا ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ؛ ياخشى نىيەتلىك ئادەملەر ۋە يامان نىيەتلىك ئادەملەر.ياخشى نىيەتلىك ئاداملەر دۇنيانى تۈزەشكە، يامان نىيەتلىك ئادەملەر دۇنيانى بۇزۇشقا كۇچ سەرپ قىلىدۇ. كىچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپ تۇرغىنىغا ئوخشاش،ياخشى بىلەن ياماننىڭ دەۋرىمۇ ئالمىشىپ تۇرىدۇ. ۋەتىنىمىزدە يامان نىيەتلىك ئادەملەر بەك كۆپ زامان ھۈكۈم سۈرۈپ كەلدى ۋە سۈرۈۋاتىدۇ.ياخشى نىيەتلىك ئىنسانلار داۋاملىق ئەزىيەت ۋە بېسىم ئاستىدا.دوستۇم غەيرەت ياخشى نىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن ئىدى.ئۇ ئەمەل،شۆھرەت تاماسىدا بۇلۇپ ئۆز روھىنى ئۆز قولى بىلەن زەھەرلىگۈچى، ۋەياكى ئۆز ۋىجدانىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرگۈچى بولمىدى.بىر تەرەپتىن ۋەھشى ۋە شەپقەتسىز ئىجتىمائى تۈزۈمدىن ئۆزىنى قوغداپ،يەنە بىر تەرەپتىن قەلىمى بىلەن ۋەتىنى،مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدى.مۇنەۋۋەر ئەدىبى ئەسەرلىرىنى خەلقىگە مىراس قالدۇرۇپ كەتتى. بىزنىڭ مۇڭدىشىدىغان نۇرغۇن مۇڭلىرىمىز بار ئىدى.تەقدىر بىزگە بۇ پۇرسەتنى بەرمىدى

12751838_955346251220763_1904455543_o

غەيرەت، مەن ۋە غەيرەتنىڭ قېيىناكىسى ئەنۋەر. 1983.يىلى بېجىڭ
غەيرەتنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى سۈرۈشتۈردۈم. يۈرۈگىگە تاقالغان ساختا خىتاي باتارىيەسى، جان-جىگەر دوستۇمنىڭ تۇيۇقسىز ۋە ۋاقىتسىز ئۆلۈمىگە سەۋەپ بۇپتۇ. غەيرەتنىڭ بىنورمال ۋە شۆھبىلىك ئۆلۈمى مىنى تەخىمۇ ئويغا سالماقتا
ئېزىز ۋە قەدىناس دوستۇم غەيرەت! بىز باشقا ئانىلاردىن تۇغۇلدۇق ،باشقا،باشقا يۇرتلاردا چوڭ بولدۇق.ئۈرۈمچىدە تونۇشتۇق.ۋەتەن سۆيگۈسى بىزنى دوست،ئارقىدىن قېرىنداش قىلدى. قېرىنداشنىڭ ئۆلۈمىگە چىدىماق تەس.ۋەتەن ھەسرىتىنىڭ ئۈستىگە سىنىڭ ھەسرىتىڭ يۈكلەندى.ھايات ۋاختىڭدا بەلكى ماڭا ئىھتىياجىڭ بولغان بولغىيتتى.مەن يېنىڭدا بۇلالمىدىم.مەن ئەمدى ساڭا نىمە قىلاي؟ قېرىنداشلىق ۋىجدان بۇرۇچۇمنى نىمە بىلەن ئۆتەي؟ مېنىڭ، سىنىڭ رومانلىرىڭدىن،ئەسەرلىرىڭدىن بىر قانچىنى تاللاپ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىش ۋە نەشىر قىلىش قابىلىيەت ۋە ئىمكانىم بار.تۈرك دۇنياسىغا “غەيرەت ئابدۇللا” ئىسمىنى مۆھۈر قىلىپ بېسىش يولىدا يالقۇنلۇق قەلەم ۋە تەپەككۇرۇمنى سەرپ قىلىش شىجاىتىم بار.بۇ ئارقىلىق ساڭا قېرىنداشلىق بۇرچۇمنى بىر ئاز بولسىمۇ ئادا قىلىشقا تىرىشىمەن
سۈيۈملۈك ئايالىڭ مۇنەۋۋەر خانىم ۋە ئۇماق قىزلىرىڭغا ئۇزاقتىن چوڭقۇر ۋە قايغۇلۇق تەزىيەمنى بىلدۈرىمەن
سەن ئاللانىڭ ھۇزۇرىدا.ئاللا ياتقان يىرىڭنى نۇر،جەننەت قىلسۇن،ئامىن

IMG_1486

Share
4401 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.