logo

trugen jacn

مىللىتىمىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟

مىللىتىمىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟

تارىموغلى
2017-يىلى 4-ئاۋغۇست

ھەممەيلەننىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، ھازىر ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىش ئىمكانىيىتىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالدى.  خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى بىر مىللەت سۈپىتىدە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ تەل-تۈكۈسيوق قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى ئۆز ئورۇنلىرىدىن ئازراقمۇ قىمىر قىلالمايدىغان، ئۆز ئاۋازىنى ئازراقمۇ چىقىرالمايدىغان بىر دەرىجىدە قاتتىق قامال ئىچىگە ئېلىۋالدى.  شۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۇلار ھازىر ئۆزىگە پايدىلىق خەلقئارالىقپۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ياشاۋاتقان ماكانلارغىمۇ قول سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ چەت ئەللەرنىڭ بەزى جايلاردىكى ئوقۇش ۋە ياشاش ئىمكانىيىتىنىمۇ يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق قانداش خوشنىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقمايدىغان، ھەتتا ئۇيغۇرلارنى سېتىپ خەجلەيدىغان بولۇپ قالغىنىغا ھازىر خېلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى.  تۈركىيە تاكى يېقىنغىچە ئۇيغۇرلارغا بىر ئاز ئىگە چىقىپ، ئۇيغۇرلارنى بىر ئاز قانات ئاستىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى.  ئەمما ئالدىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پوزىتسىيەسىدىمۇ بىر قىسىم يامان ئۆزگىرىشلەر ۋۇجۇتقا كېلىشكە باشلىدى.  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇيغۇرلارغا “خەتەر ئاستىدا قالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز” دەيدىغان قاراش بىلەن ھېسداشلىق ۋە ياردەم قىلىپ باقمىغان.  بۇ جەھەتتىكى ئەھۋاللار ھازىر كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ ناچارلىشىش تەرەپكە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ.  شۇنداق قىلىپ، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشى ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىگە قالدى.  ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەقدىرىنىڭ قانداق بولىشىنى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىلا بەلگىلەيدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندى.

چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن مەسىلىلەر ئىچىدە مۇنداق ئىككى خىل ئېغىر مەسىلە بار.  ئۇنىڭ بىرى، زامانىۋى دۇنيا بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ۋە زامانىۋى دۇنيا بىلىملىرىنى ئىشلىتىپ خىزمەت قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاۋاتقانلار ئىچىدە مىللەتنىڭ غېمىنى ئانچە يېمەيدىغان، مىللەتنىڭ نېمە بولىشى بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغانلار ھېلىھەم ناھايىتى كۆپ ساننى ئىگىلەۋاتىدۇ.  زامانىۋى دۇنيا بىلىملىرىدە ئانچە كۆپ ئوقۇيالماي، ئادەتتىكى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ ياشاۋاتقانلار ئىچىدە ئۆزلىرىدە دىنغا ئا’ئىت خاتا چۈشەنچىلەرنى يېتىلدۈرۈۋېلىپ، شۇنىڭ بىلەن ياكى ئۆزلىرىنىڭ كىچىك بالىلىرىنى توغرا تەربىيلەپ ماڭالمايۋاتقان، ياكى «مەدرىس ئاچتىم»، «قۇرئان كۇرسى ئاچتىم»، «مەستچىت ئاچتىم»، دەپ، باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى توغرا تەربىيىلەپ بېرەلمەيۋاتقان ئەھۋاللار داۋام قىلىۋاتىدۇ.  كىچىك بالىلارنى زامانىۋى ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن تەربىيىلىمەي، دىن ۋە قۇرئان ئۆگىنىشكە سېلىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى ھېچ قانداق دىنىي ئاساس ۋە ئىلمىي ئاساسقا ئۇيغۇنلاشتۇرمىغان ھالدا ھەددىدىن زىيادە ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، شۇنىڭ بىلەن بالىلارنى كىچىكىدىلا كاردىن چىقىرىپ كەتىۋاتقانلارمۇ ناھايىتى كۆپ ساننى ئىگىلەۋاتىدۇ.

يۇقىرىدا دېگىنىمدەك، ھازىر بىز ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پەقەت ئۆزىمىزلا ئىگە چىقمىساق بولمايدىغان بىر ھالەتكە كېلىپ قالدۇق.  ھازىر مۇسۇلمانلار خەتەر ئاستىدا ئەمەس.  مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ھازىر 1.6 مىليارد كېلىدىغان بولۇپ، بۇ سان بارغانسېرى ئۆرلەپ مېڭىۋاتىدۇ.  ھازىر مۇسۇلمانلار دۇنياسى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمىگە ھاجەتمەن ئەمەس.  ھازىر باشقا تۈركىي مىللەتلىرىدىنبولغان قان-قېرىنداشلارمۇ بىرەر خەتەر ئاستىدا ئەمەس.  بولۇپمۇ ئۇلاردىن ئۇيغۇرلار ياردەم قىلمىسا بولمايدىغان بىرەرسى مەۋجۇت ئەمەس.  ئەمما بىز ئۇيغۇرلار ھازىر ئىنتايىن چوڭ خەتەر ئاستىدا.  ئۆزىمىزنى بۇ چوڭ خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇشتا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇشى بىلەن ۋەتەن ئىچىدىكىلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىرى بارغانسېرى يوق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.  چەت ئەلدىكىلەرنىڭبۇ خەتەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان ھەربىي كۈچى ۋە ئىقتىسادىي كۈچى يوق.  مۇشۇنداق ئەھۋالدا چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار قانداق قىلىشى كېرەك؟  ھازىرقىدەك ۋەزىيەتتىكى مىللەت چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟  چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ياشىغاندا مىللەتكە يۈز كېلەلەيدۇ؟  چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ياشىغاندا مىللەتنى ساقلاپ قېلىش ئىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشالايدۇ؟

مەن چەت ئەلدىكى مۇستەقىل تەپەككۇر قىلالايدىغان بارلىق ئۇيغۇر پەننىي زىيالىيلار بىلەن بارلىق ئۇيغۇر دىنىي زىيالىيلارنى يۇقىرىدىكى سو’ئاللار ئۈستىدە ئويلىنىپ ۋە ئىزدىنىپ، بىلىدىغانلىرىنى يېزىپ چىقىپ، ئۇنى چەت ئەلدىكى ۋەتەنداشلارغا سۇنۇشقا، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خەلقكە يېتەكچى بولۇش رولى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمەن.  ئەگەر سىز بۇ ئىشقا ئاۋاز قوشماقچى بولسىڭىز، ئۆزىڭىز « مىللىتىمىز چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلاردىن نېمىلەرنى كۈتىدۇ؟» دېگەن چوڭ تېما ئاستىدا بىر كىچىك تېمىنى تاللاپ، شۇ تېمىغا ئا’ئىت بىر پارچە ماقالە تەييارلاپ، ئۇنى مۇشۇ چاقىرىقنىڭ ئاستىغا چىقىرىپ قويۇڭ.  مەن بۇ ئىشنى قوللاپ بەرگەن بارلىق قېرىنداشلارغا ئالدىن-ئالا رەھمەت ئېيتىمەن.

Share
1431 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.