logo

trugen jacn

موسكۋادا ئېچىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئاخىرلاشتى

5df7faa0-f98e-475a-bb5b-0bcb5de58fe8

خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ پايتەختى موسكۋادا ئاخىرلاشتى.

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

23-چېسلادىن 26-چېسلاغىچە داۋاملاشقان يىغىندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ھىندىستان، گېرمانىيە، شىۋېتسارىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، تەيۋەن، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسىدىن بولۇپ 53 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تەييارلىغان ئىلمىي دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. يىغىن جەريانىدا قىرغىزىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر رەسسام سابىقجان كامالوۋىچ باباجانوف ئەپەندى بىلەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇر رەسسام گۈزەل ئابباس قىزى خانىم قاتارلىقلار رەسىم كۆرگەزمىسى ئاچتى. 24-چېسلا ئاقشام قازاقىستاندىن كەلگەن سەنئەت ئۆمىكى ئۇيغۇر ناخشا، ئۇسۇللىرىدىن ئۆرنەك كۆرسەتتى.

بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى رۇسىيە ۋە ياۋرو ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى بىلەن رۇسىيە ئىلىملەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئورتاق ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن جەريانىدا بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتا زور كۈچ چىقارغان پروفېسسور دوكتور دىمىترى ۋاسىيېفكە تون كىيدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم سوغا قىلىندى

moskwa-uyghur-tetqiqat-2

بىز ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور سېئان روبېرت ئەپەندى، قازاقىستان ئاباي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف ئەپەندى ۋە ئاۋسترالىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

يىغىن ئۇيۇشتۇرغان دوكتور سېئان روبېرت ئەپەندى 3 كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

قازاقىستان ئاباي ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف موسكۋادا چاقىرىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندى يىغىننىڭ بۇرۇنقىغا قارىغاندا مەزمۇن جەھەتتىن بېيىغانلىقىنى، ئۇيغۇر تەتقىقاتى قوشۇنىنىڭ زورايغانلىقىنى بايان قىلدى.

مەمەتئىمىن ئەلا ئەپەندى بۇ يىغىندا ئىلمىي دوكلات بەرگەن مۇتەخەسسىسلەرنى ئۈچ گۇرۇپپىغا بۆلۈپ چۈشەندۈردى.

بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى سېئان روبېرت ئەپەندى 4-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئۇيغۇر تەتقىقات ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى، ئورنى تېخى ئېنىق ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خەلقئارالىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 1-نۆۋەتلىكى 2014-يىلى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 2015-يىلى فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژ بىلەن بېلگىيەنىڭ پايتەختى بېريۇسسېلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/moskwa-muhakime-yighin-10262016153103.html

Share
1136 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.