logo

trugen jacn

مارى ھولىزمان: بىزنىڭ غايىمىز ئىلھام توختىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش

ilham-4

ئەكرەم

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯕﻼﺵ

ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

25 – ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا چاقىرىلىدىغان ئىلھام توختىغا ئائىت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توغرىسىدا مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگەن «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن باش شتابى گېرمانىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ۋە فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتايشۇناش مارى ھولىزمان خانىم بۈگۈن ر ف ئا ئارقىلىق ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە يىغىن ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈش ئىستەكلىرىدە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى بىر قىسىم ئاكادېمىكلار، كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسەتچىلەر ئىلھام توختى ھەم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىن د ئۇ ق باش شتابىنىڭ تەشەببۇسى ھەم ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپلەردىن قوللىشى، «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ تەشكىللىشى، خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشى، ياۋروپا پارلامېنتىدىكى مىللەت ۋەكىلى ئىلخان كۈچۈكنىڭ پىداكارلىقى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلماقتىكەن.

فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم يىغىننىڭ مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇمكىن قەدەر ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ دىققىتىنى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە جەلپ قىلىشنىڭ ئاساسىي نىشان، ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نائىل قىلىشنىڭ تۈپ مەقسەت، ئىلھام توختىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشنىڭ ئاخىرقى غايە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مارى ھولىزمان خانىم مۇنداق دېدى: «بىز 25 – ماي كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختى توغرىلىق بىر يىغىن تەشكىللەۋاتىمىز. مەقسىتىمىز: ياۋروپا پارلامېنتىدىكى تېخىمۇ كۆپ مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ ئىلھام توختىغا بولغان ھېسداشلىق ۋە قوللاشلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش.»

مارى خانىم يەنە شۇلارنى تىلغا ئالدى: «پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى سەۋەبلىك مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، بۇ جازانى ئىنتايىن ناھەق بىر جازا دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا لايىق نامزات دەپ تونۇشىنى ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈش، شۇنداقلا ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تىلەشتىن ئىبارەت ئاخىرقى غايىمىزنى جاكارلاش.»

ئەنۋەرجان ئەپەندىمۇ بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ۋە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەقسىتى ھەققىدە تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەنچە بېرىپ، ئىلھام توختى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق چارىلەرگە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ ئىنسانىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، ئۆزلىرىنىڭ يەنە ئىلھام توختى ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.

فىرانسىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، خىتايشۇناش مارى ھولىزمان خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ مەنىسى بىلەن پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ مەنىسى بىر گەپ. ئىلھام توختى بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ لايىق نامزات. ئىلھام توختىنىڭ پىكىرلىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زىيانلىق ئەمەس، ئەكسىچە پايدىلىق ئىدى دەپ قارايمىز. ئىلھام توختى ئىزچىل ھالدا پىكىر ئەركىنلىكى پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرىنى تىلغا ئالدى. ئۇ ھېچقاچان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلغان ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىشىنى ئىنتايىن ئېغىر خاتالىق، بەلكى جىنايەت دەپ قارايمىز.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى بولسا، ئىلھام توختى مەسىلىسى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھەق – ھوقۇقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2014 – يىلى 15 – يانۋار تۇتقۇن قىلىنىپ، 23 – سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

مارى خولىزمان خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «ئىلھام توختىغا ئوخشاش ھەرقانداق بىر زىيالىينىڭ خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، پۈتۈن دۇنيادا ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئەقەللىي بىر پىكىرنىمۇ قوبۇل قىلالمايۋاتقان بولسا، ئۇ ھالدا خىتايدا بۇنداق بىر ھوقۇقنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا بىز، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ يىغىنىمىزغا يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت قىلىشىنى، كۆپلەپ ۋەكىل قاتناشتۇرۇشىنى ۋە ئىلھام توختىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى قوللىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.»

ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىنىڭ خاتىمىسىدە، بۇ نۆۋەت 25 – ماي ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىننىڭ ئومۇمى مەزمۇنى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ساخاروف مۇكاپاتىغا لايىق نامزاتلىقى توغرىسىدا ئىزاھاتلار بېرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

27 – ئاپرېل خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ مارتېن ئەننالس مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىلھام توختىنى قوللاش سادالىرى چەتئەلدە يەنىمۇ كۈچەيدى.

ئۆتكەن ئاي يەنە بېرلىندا چاقىرىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/mary-holzman-ilham-toxti-05142016223610.html

Share
1261 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.