logo

trugen jacn

مارالبېشى ناھىيەسى روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان

bcfe6362-399a-4ad2-b5a6-3ae13244fb31

 

ھاجى قۇتلۇق قادىرى

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

رامىزان ئېيى كىرىش بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق چەكلەپ، ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماقتا.

رادىيومىز ئىگىلىگەن بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيەسىدە ھۆكۈمەت مەخسۇس روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ،رامىزان كىرىش بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ھەر كۈنلۈكى يىغىنغا ئۇيۇشتۇرۇش، دېھقانلارنى كەنتكە يىغىلىپ ئۇسۇل ئويناش، ئەمگەك قىلدۇرۇشتەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان شۇنداقلا ئۇلارغا يىغىن ئارىلىقىدا مەجبۇرىي تاماق يىگۈزۈپ، سۇ ئىچكۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئىنكاسلارغا قارىغاندا، مارالبېشى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت رامىزان باشلىنىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ناھىيە بويىچە روزا تۇتماسلىق سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقان. يىغىندا، ناھىيە بويىچە روزا تۇتماسلىق، پارتىيە، ئىتتىپاق ئەزالىرى دىنغا ئىشەنمەسلىك، ئىشى – خىزمەتچىلەر دىنىي پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق تەلەپ قىلىنىپ، پۈتكۈل ئائىللەرگە روزا تۇتماسلىق توغرىسىدا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ناھىيەلىك ھۆكۈمەت يىغىندا مەسچىتلەرنى، دىنىي پائالىيەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ رامىزان ئېيىدا ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىگە يېقىندىن ماسلىشىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

شۇنداقلا يىغىن ئاخىرىدا يەنە 57 نەپەر ئۆتكەن يىللىق رامىزان ئېيىدا خىزمەت كۆرسەتكەن كەنت مەسئۇللىرى ۋە بىر قىسىم كادىرلار نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلانغان.

بىز بۈگۈن، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مارالبېشى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ كادىرى، سېرىق بويا يېزىسىدىكى بىر دېھقان ئايال ۋە شۇنداقلا مارالبېشى ناھىيەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئادۋوكات مۇھەممەتئىمىن مامۇت ئەپەندىلەر بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/maralbeshi-ramizan-06222015201741.html

Share
1414 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.