logo

trugen jacn

كەنت سېكرېتارى: ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ساۋاتىنى كىمدىن، قەيەردە چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە ئىكەن ئىكەنلىكىنى، جۈملىدىن دىنىغا ئېتىقاد قىلىش ۋە ئېتىقاد قىلماسلىق ئەركىنلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئەمما ھۆججەت ۋە ئىجرائاتلىرىدا ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نامى ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقەللىي دىنىي مەلۇماتلارنى ئۆگىنىش ۋە قۇرئان ۋە جاينامازنى ساقلىشىنىمۇ چەكلىمەكتە. ئۇنداقتا دائىرىلەر، ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ۋە ئىجرائاتىدىكى بۇ زىتلىقنى ئاھالىلەرگە نېمە دەپ چۈشەندۈرۈۋاتىدۇ؟

كورلا قارايۇلغۇندىكى بىر كەنت سېكرېتارى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۇ، خىتاينىڭ دىنىي سىياسەت توغرۇلۇق نۆۋەتتىكى تەشۋىقاتى بىلەن ئىجرائاتى ئارىسىدا بىر زىتلىق بارلىقىنى يوشۇرالمىدى.

ئۇ بىر تەرەپتىن، نۆۋەتتىكى ئىجرائاتىنىڭ ۋاقىتلىق بىر تەدبىر ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭ «ئەبەدىي ئەمىنلىك» تىن ئىبارەت ئۇزۇن مەزگىللىك بىر پىلاننىڭ ئىجرائاتلىرىدىن بىر پارچە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

سېكرېتار سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئاھالىلەرنىڭ ياكى ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئەقەللىي دىنىي ساۋاتىنى، جۈملىدىن بەش ۋاق نامازنىڭ قائىدىسى قاتارلىق ساۋات خاراكتېرلىك مەلۇماتلارنى كىمدىن ۋە قەيەردە ئۆگەنسە توغرا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئۆزىدىمۇ بىر ئېنىق چۈشەنچە يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى.

ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا يوپۇرغا ۋە پەيزىۋاتتىن ئەھۋال ئىگىلىگەن ۋاقتىمىزدا، ئۇ يەردىكى دائىرىلەر قۇرئانى كەرىمىنىڭ 2012-يىلدىن بۇرۇنقى تەرجىمىسىنى يىغىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى ۋە بۇ ھەقتە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ھۆججىتى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

كورلىدا نۆۋەتتە دىنىي ماتېرىياللارنىڭ نەدە ۋە قاچان بېسىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىنىڭلا يىغىۋېلىنغانلىقى مەلۇم، ئەمما بۇنىڭ يالغۇز كورلىدىلا ئىجرا قىلىنىۋاتقان بەلگىلىمە ئىكەنلىكى ۋە ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ بۇرۇنقى ھۆججىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-09292017235808.html

Share
1482 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.