logo

trugen jacn

كەلگۈسى 3 يىلدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە بېرىپ ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەر 50 مىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ

8c89a58fc8a9137d701c37

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئۆلكىلەرگە يۆتكەش پىلانىنى بۇ يىلدىن باشلاپ يەنە كۈچەيتىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ يىل ئىشلەمچىلەرنى 15 مىڭغا يەتكۈزۈشنى، كەلگۈسى 3 يىلدا 50 مىڭغا چىقىرىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر يىلى داۋاملىق بۇ ساننى ساقلاپ قېلىشنى پىلانلىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئىچكىرىگە يۆتكەش پىلانى 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بىر مەھەل ئاستىلاپ، 2014‏-يىلى ئاز كەم 7 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. خىتاينىڭ مەزكۇر سىياسىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» نىڭ پارچىسى، دەپ تەنقىد قىلىنغان ئىدى.

بىراق، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى ئىشلەمچىلەرنى يۆتكەشنى يەنە كۈچەيتىشكە باشلىغان.

بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىشلەمچىلەرنى ئىچكىرىگە يۆتكەشنى كۈچەيتىشى، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/xitaygha-yotkesh-01232015163747.html

Share
1582 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.