logo

trugen jacn

ئابدۇۋەلى ئايۇپ: كۆرۈملۈك ۋە كۆرۈنمەس ساۋاپ


ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

شارائىىتتىكى يېتىشسىزلىك ئىنساننى بەزى كەمچىللىكلەرگە سۈكۈت قىلدىغان قىلىپ كۆندۈرۈپ قويىدىكەن. يۇرتىمىزدىكى كىچىك بالىلارنى ئالدىراپ قالغىنىمىزدا ھاجەتخانا بولمىسا يول بويىغا، ياكى سەل خالى يەرلەرگە توسۇۋېتىدىغان ئىشلار ئانچە ئەيىپ ئېلىنمايدۇ. ئەيىپ ئالاي دېسەكمۇ ماڭدامدا بىر ئاشخانا، دورىخانا تېپىلغان بىلەن نەچچە يۈز چامدامدا بىر ھاجەتخانىنىڭ ئۇچرىمىقى بەسى مۈشكۈل بولغاچقا ئەيىپ ئالماي كۆنگەن بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەمما تۈركىيەدە بەك ئەيىپ سانىلىدىكەن. چۈنكى  تۈركىيەدە مەسجىد كۆپ، مەسجىدلەرنىڭ ھەممىسىدە ھاجەتخانا بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاجەتخانىلار ماگىزىن، ئاشخانا، سودا سارايلىرى ۋە باشقا ئورۇنلاردا ئومۇملاشقانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر چوجۇقلىرىنى خالىغان يەرگە ھاجەتلەندۈرمەيدىكەن. بۇ يەردە چوڭ بولۇۋاتقان كىچىك بالىلارمۇ تەرەتخانىدىن باشقا ئوچۇقچىلىقتا ھاجەتكە كۆنەلمەيدىكەن.

قاماقتا بىر ئۆلىما بىلەن كامىرداش بولۇپ قالدىم. بىر ياش ئىنىمىز «سوپى» دەپ ياراتمايدىغان بۇ كىشى بەكمۇ تىرىشچان ئىدى. مەندىن تۈركچە سۆزلۈكلەرنى ئاڭلاپ ئىشتىياق بىلەن يادىلاپ كېتەتتى. بىر كۈنى ئۇستاز قومۇشكۆل (ۋېيخۇلىياڭ) غا كۆركەم بىر جامە سېلىنغانلىق خۇش خەۋىرىنى ئاڭلاتتى. ئەپسۇسكى، ھاجەتخانىسى بىلەن مۇستەھەپخانىسى تېخى پۈتمەپتۇ. مەن ئۈرۈمچىنىڭ بەزى كىچىكرەك مەسجىدلىرىدە مۇستەھەپخانىلا بولۇپ، ھاجەتخانا بولمىغانلىقتىن بەك قىينالغان كۈچۈرمىشىم بولغاچقا سەۋەبىنى سورۇدۇم. ئېيتىلىشىچە جامائەت يەرلىك كىشىلەر بولغاچقا ھازىرچە بەك زۆرۈر ئەمەس دەپ قارىلىپتۇ. ئويلاپ باقسام قەشقەردىكى بەزى مەسجىدلەردىمۇ چوڭراق ھاجەتخانا يوق ئىدى. بولۇپمۇ جۈمە كۈنلىرى بۇنداق كىچىك ھاجەتخانىلارغا بىراقلا نەچچە يۈز ئادەم كىرىپ، قىستاڭ قىلىۋەتكەچكە سەلكىن شامالغا ئەگەشكەن «خۇشبۇي» نامازدىكى دېماقلارنى بىئارام قىلاتتى. بەلكىم قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى بەزى مەسجىدلەرنىڭ كۆرىنەرلىك يەرلىرى كەڭ، ھاجەتخانىسىنىڭ تارلىقى شارائىت مەسلىسىدىن باشقا، زۆرۈرىيەتنى ھىس قىلىش مەسىلىسى ۋە تاھارەت-پاكىزلىقنى ئەڭ موھىم بىلىش ياكى بىلمەسلىك مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن.

ئارتۇچتا بەلكى ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بىر مەسجىد ماجراسى بولغانلىقى يادىمدا. ئىككى باي مەسجىدنىڭ سېلىش پۇرستىنى تالىشىپ ئاخىرى جىدەللىشىپ كەتكەنىكەن. 2011-يىلى ئۇ مەسجىدكە باردىم. ھەقىقەتەن ئۆزگىچە، ئاپئاق چىرايلىق ياساپتۇ. ئەمما ھاجەتخانىسى يەنىلا كىچىكرەك. تۈركىيە مەسجىدلىرىدەك مۇنچا ئورۇنلاشتۇرۇشقا بەلكى شارائىت يوق بولغىيدى. شۇنىڭ بىلەن ئويلاپ قالغانتىم، ئىككى باي مەسجىد سېلىشنى تالاشقىچە بىرسى مەسجىد سالسا يەنە بىرى يۇرتنىڭ مەينەت سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەۋرەز ئورناتقان بولسا، شۇ باھانىدە ھەممە ئۆيدە مۇنچا ئومۇملاشسا، مەسجىدمۇ سۇلۇق، مۇنچىلىق ھاجەتخانىغا ئېرىشكەن بولسا ھە! دەپ.

ئارتۇچ مەشھەد (شىھىدلىك)كە جايلاشقان سۇتۇق بۇغراخان مەقبەرىسى يېنىدىكى مەسجىدنى قايتا سېلىشمۇ يۇقارقىدەك زىددىيەتكە سەۋەپ بوپتۇ. گەرچە بۇرۇنقىدەك جىدەل چىقمىغان بىلەن تالىشىشلار خېلىلا كەسكىن بوپتۇ. ئويلاپ قالدىم، ھازىر يېزىلاردا ئەخلەت بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بەزىلەر بۇنى ئىتىقادنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكى، جامائەتىچىلىكنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىگە باغلاپ، ھەتتا مىللەتنىڭ ئىللەتلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈشمەكتە. بۇرۇن يېزىدىكى ئەخلەتلەر سېسىيدىغان، بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان چىقىرىندىلار ئىدى. ھازىر دەۋىر ئۆزگەردى. ئەخلەتلەر كۆمسىمۇ سېسىماس، كۆيدۈرسىمۇ يوقالماس ھالغا كەلدى. شۇڭا شەھەردىكىدەك ئەخلەت ساندۇقلىرى، ئەخلەتلەرنى توشۇپ كېتىدىغان خادىملار ۋە ماشىنىلار يېزىلاردىمۇ بولۇشى كېرەك. بولمىسا ھازىرقىدەك ئەخلەت دۆۋىلىرى پەيدا بولىدۇ-دە كىشىلەر ئەخلەتلەرنى بۇرۇن سۇ ئىچكەن ئۆستەڭلەرگە تۆكۈشكە مەجبۇر بولىدۇ. شۇ مەسجىد سېلىشنى تالاشقانلارنىڭ بىرى ئاشۇ ساۋاپ ئۈچۈن تەييارلىغان پۇلىغا ئەخلەت ساندۇقلىرىنى ئورنىتىپ ۋە ئەخلەتلەرنى توشۇيدىغان ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغان بولسا ھە! بەزىدە ساۋاپنىڭ يولى مەسجىد سېلىشتىنمۇ كەڭمىكىن دەيمەن.

مائارىپتىن قاقشىماي مائارىپچىنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىمىزگە مايىل قىلساقمۇ ساۋاپمىكىن دەيمەن. بۇرۇن ساۋاپ ئۈچۈن مەكتەپ سالىدىغانلار چىقىپ تۇرىدىغان ھازىر يوقاپ كەتتى. چۈنكى مائارىپ بارغانچە جامائەتتىن يىراقلاپ ھازىرقى ئالۋۇندەك ھالەتكە ئۆتتى. ئەمما ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى ئاۋامدا ئىزچىل بىر خىل. يەنە بىر تۈركۈم بور تۇتماس مۇئاشلىقلرمۇ بار، ئۇلار موللىلار. ساۋاپ ئىزدىگەنلەر شۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاشىغىلا بېقىندۇرۇپ قويماي رامازانلاردا يوقلاپ تۇرسا، يوقنىڭ تاماسىنى قىلغاندىن بارنىڭ قەدرىنى قىلىپ، ئۇلارغا بۇ مىللەتنىڭمۇ باش پاناھ بولالايدىغانلىقىنى ھىس قىدۇرسىمۇ ساۋاپمىكىن دەيمەن. ھازىر ئەڭ جاپاغا قالغىنى شۇ ئوقۇتقۇچى بىلەن موللىمىزكەن يۇرتىمىزدا. ئىككىلىسى ياخشىلىقنى تەرغىپ قىلىش ئەمەس توسۇشقا زورلىنىدىكەن. شۇڭا بۇرۇنقى مەكتەپ، مەسجىد سېلىشقا ئاتىغانلىرىمىزنى مەھەللىمىزدىكى كىنىشكىلىق موللام ۋە پارتىيلىك مۇئەللىملەرگە بەرمىسەكمۇ چىرايلىق سالام بەرسەك. سالامدىن قەلبى ئېرىپ موللىمىز «جامائىتىمىزدە رادىكال يوق» دەپ چىڭراق تۇرسا، مۇئەللىملەر بالىمىزنى «يەنە روزا تۇتۇپ كەپسەن ھە!» دەپ سىلكىمەي، «شۇجى كەلسە سېنى جازالايدۇ، مېنىمۇ ئىشتىن ھەيدەيدۇ، مېنى ئايا جېىنىم بالام » دەپ بېشىنى سىلاپ قويسىمۇ ھىساپ. مۇئاش ھۆكۈمەتنىڭ ئەمما مۇئاشلىقلار ئۇيغۇر بولغاندىكىن تىل ئۇقىشالايمىز، تىلدىن دىلغا يول بار.

مەسجىد سالغان كۆرۈملۈك ساۋاپ، شۇڭا قەشقەر كوچىلىرىدا نەپىس مۇنارىلىرى بىلەن بىر قارىسا ئۈنسىز مۇڭلانغاندەك كۆرۈنۈپ، يەنە بىر قارىسا مانا مەن ئۇيغۇرنىڭ دەپ مەيدىسىگە مۇشتلاۋاتقاندەك بىلىنىدىغان مەسجىدلىرىمىز بار. ئەمما 1،500 يىل بۇرۇن موڭغۇل ئېگىزلىكىدە قۇرغان شەھەرلىرىگە ئەۋرەز يولى قازغان بوۋىلىرىمىز نېمە ئۈچۈندۇر قەشقەردە 90-يىللارغىچە شۇنى پەيدا قىلمىغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل «بېشىغا تەرەت قىلىدىكەن» دېگەن بەتنامغا قالغانمۇ بولدۇق. كۆزىمىز كۆرىدىغان مەسجىدكە ئىتىبار بېرىش بىلەن بىللە كۆزگە تاشلانمايدىغان، ئەمما تاھارەت-پاكىزلىقنىڭ كاپالىتى بولغان ھاجەتخانا، مۇنچالارنى سۇلۇق قىلىۋېتەلىگەن بولساق چەتئەللىك سەيياھلار ۋە چەتئەل كۆرگەن ئەدىپلەر بۇنچە تەنقىدلەپ كەتمەستى

يېزىلىرىمىزدا ۋە شەھەرلىرىمىزدە مەسجىد سالالمىساق ئەۋرەز قېزىپ، ھاجەتخانا سېلىپ، ئەخلەت ماشىنسى ۋە تازىلىقچى ياللاپ پاكىزلىق بەرپا قىلىشقا كۈچىسەك چوڭلار قوناقلىقتىلا ھەق قىلىدىغان، كىچىكلەر خالىغانچە توسۇۋېتىلىدىغان ئىشلارمۇ تۈگەپمۇ قالار بوليىدى. ئىماننىڭ يېرىمى بولغان پاكىزلىقنى ھەرىكىتىمىزدە ئىپادىلىسەك قەلبىمىزدىكى يېرىمىلىقمۇ پۈتۈنلىنەر بولغىيدى. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمى دېگەنىكەن. مەسجىدنى مەھەللىمىزگە سالالمىساق قەلبىمىزگە سالساق، كىتاپلار قانۇنسىز دېيىلسە قۇرئان كۆپرەك ئوقۇساق، ئەرەبچە قىرائەت دىققەت قوزغىسا ئۇيغۇرچە چۈشەنسەك. قەلبىدە ئىلىم ۋە ئىمان بولغانلارنى مۇئاشلىق، كىنىشكىلىك دېمەي، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى بىرلىكنىڭ پەرز قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن قوغدىساق، ساۋاپقا ئېرىشىپمۇ قالاتتۇق دەپ ئويلاپ قالىمەن، ئۆلىمالارنىڭ ئالدىدا ئاقساقاللىق قىلىپ

 

كۆرۈملۈك ۋە كۆرۈنمەس ساۋاپ

Share
1864 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.