logo

trugen jacn

قەشقەردە تىغلىق سايمانلارغا قويۇلغان چەكلىمە ئىلى رايونىدىمۇ يولغا قويۇلغان

image

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

قەشقەر جەنۇبىي ئازادلىق يولى ساقچى پونكىتىنىڭ 26‏-ئاۋغۇست مەلۇم بىر كىشىگە كېسىپ بەرگەن «پىچاق سېتىۋېلىشى ئىجازەتنامىسى» دا، سېتىۋالغۇچىغا پىچاقنى قايسى دۇكاندىن سېتىۋېلىشى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

پىچاق سېتىۋالغۇچىنىڭ پىچاقنى «شىڭفا ئاشخانا سايمانلار مەخسۇس دۇكىنى» دىن ئېلىشى بۇيرۇپ بېرىلگەن. ئىجازەتنامىدە، ئىجازەتنىڭ 2 نۇسخا يېزىلىپ، بىر نۇسخىسى ساقچىدا، يەنە بىر نۇسخىسى دۇكانداردا ساقلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

لېكىن ئىلىدا تىغلىق ئەسۋابلار ساقچىنىڭ ئىجازەتنامىسى بىلەن ئەمەس، خېرىدارلارنىڭ كىملىكىنى تىزىملىتىپ، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن سېتىۋالىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

ئىلىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، ئىلىدا تىغلىق بۇيۇملارنىڭ كىملىكنى تىزىملاپ سېتىلىدىغانلىقىنى دەلىللەپ، مەزكۇر ئامانلىق تۈزۈمى ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سەۋەبلىك يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى: ئۇنى ھازىر تىزىملايدۇ. پىچاق تىپىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى تىزىملايدۇ ھازىر. كىچىك پىچاق بولسىمۇ تىزىملايدۇ.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ خېتىڭلارنى ئېلىپ بارمىسا بەرمەمدۇ؟
ساقچى: ياق.

مۇخبىر: ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلار چىقىرىۋالغان يەرلىك بەلگىلىمىمۇ بۇ ياكى يۇقىرىنىڭ بۇيرۇقىمۇ ئۇ؟
ساقچى: 2 ئاشۇ ساتىدىغان يەر ئۆزى تىزىملايدىغۇ، ئۆزى تىزىملاپلا ساتاتتىغۇ.

مۇخبىر: ياق، لېكىن شۇنداق بەلگىلىمە باركەنغۇ، ھەر بىر ئاھالە ئۆزى تۇرۇشلۇق ساقچىخانىنىڭ قەغىزىنى ئېلىپ كەلسە ساتىدۇ، دەيدىغۇ؟
ساقچى: 2 ياق، ئۇنداق ساقچىخانا قەغەز قىلىپ بەرمەيدۇ. ئاشۇ ساتىدىغان يەردە شۇلارنىڭ تىزىملاش دەپتىرى بار، سالاھىيەت كىنىشكىڭىزنى ئېلىپ، پالانچى، ماۋۇ كۈنى، سائەت مانچە ئۆتكەندە، مۇنچە تال پىچاق ئالدى، دەپ يېزىپ قويۇپ ساتىدۇ ئۇنى.

مۇخبىر ھەرقانداق پىچاقنى تىزىملامدۇ، بىر تال پىچاق ئالسىمۇ تىزىمغا ئالامدۇ؟
ساقچى: 2 تىزىملايدۇ، تىزىملىمىسا بولمايدۇ. لېكىن ساقچىخانىدىن قەغەز ئالمايدۇ. ئاشۇ يەر ئۆزى سالاھىيەت كىنىشكىسىنى كۆرۈپ تىزىملاپ، ساتىدۇ.

مۇخبىر: سالاھىيەت كىنىشكىسى بولمىسا بەرمەيدۇ:
ساقچى: 2 ياق، بەرمەيدۇ. چوقۇم سالاھىيەت كىنىشكا نومۇرى، ئىسمى ھەممىنى يېزىپ ئېلىشى كېرەك.

مۇخبىر: بۇرۇن ئۇنداق بەلگىلىمە يوقتىغۇ؟ بۇ ۋاقىتلىق تۈزۈممۇ دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن چىقىرىلغان ياكى؟
ساقچى: 2 شۇنداق، لېكىن ھازىر ئاشۇنداق تۈزۈم چىقتى. بۇ ۋاقىتلىق تۈزۈم ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇ دائىم شۇنداق يولغا قويۇلىدۇ. تىغلىق ئەسۋابلارنى ساتقان دۇكان چوقۇم ئالغۇچىنى تىزىملاپ ئاندىن سېتىشى كېرەك. بولمىسا، ھازىر تىغلىق ئەسۋابلارنى جىق سېتىۋېلىپ قالايمىقان ئىشلار چىقىرىۋاتىدۇ. بۇ تۈزۈم پۈتۈن شىنجاڭغا ئورتاق، پۈتۈن ھەممە يەردە بار. ھەممە يەرگە ئوخشاش يولغا قويۇلىدۇ.

مۇخبىر: تىنچلىق ئۈچۈن بۇنداق تۈزۈم يولغا قويۇلىدۇ؟ بۇنىڭ قانداق سەۋەبى بار؟
ساقچى: 2 سەۋەبى بولمامدۇ، نۇرغۇن ئىشلار چىقىۋاتىدۇ بىلمەمدۇق! ئاڭلىماۋاتامدۇق؟

مۇخبىر: ئەمدى پىچاق ھەممە ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشىدا ئىشلىتىدىغان زۆرۈرىيەت تۇرسا دەيمەنغۇ؟
ساقچى: 2 ياق، ھەممە ئادەم ئۇنداق كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئىشلەتكەن بىلەن بەزى ئادەملەر باشقا يولغا ئىشلىتىۋاتمامدۇ.

لېكىن ئىلى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تىغلىق ئەسۋابلارغا ئىجازەتنامە ئېلىش ياكى كىملىك بىلەن سېتىۋېلىش مەسىلىسىدە بەرگەن ئۇچۇرى بىردەك ئەمەس. ئىلىدىكى باشقا بىر يېزىلىق ساقچى پونكىتىنىڭ خادىمى، پىچاق سېتىۋېلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىش ئۈچۈن ساقچى پونكىتىغا كېلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ساقچى: 3 نېمە بولدى، نېمە ئىشىڭىز بار دەڭ ياكى دېلو مەلۇم قىلامسىز؟

مۇخبىر: ھازىر يېڭى بەلگىلىمە بار ساقچى پونكىتىنىڭ خېتى بولمىسا پىچاق ساتمايدۇ، دەيدۇ. ئاشۇنداق بەلگىلىمە چىقارغانمىتىڭلار؟
ساقچى: 3 ئەتە كېلىڭ ئۇنداق بولسا، خەتنى ئەتە كېلىپ ئېلىڭ، بۈگۈن كەچ كىرىپ كەتتى.

مۇخبىر: چوقۇم خەت ئېلىش كېرەكما؟
ساقچى: 3 ھەئە، ئۇنى ئەتە كېلىپ سوراڭ بولامدۇ.

لېكىن ئىلىدىكى يەنە بىر ساقچى پونكىتىنىڭ كەچلىك كۆزەتكۈچى خادىمى، ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر تۈزۈم بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: سىز ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ بۇنداق بەلگىلىمە بارلىقىنى، بەزىلەر ساقچىنىڭ خېتى كېرەك دەيدۇ، بەزىلەر كىملىكنى تىزىملاپ ساتىدۇ، دەيدۇ. ئىككىسىنىڭ قايسى راست؟
ساقچى: 4 شۇ تەۋەلىكتىكىلەر ئۇقىدۇ- دە، ئۇنى. بىزنىڭ ئالدىمىزغا ھازىرغا قەدەر ھېچكىم كېلىپ باقمىدى. بۇنداق تۈزۈم بارلىقىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوقكەن.

مۇخبىر: بۇنداق ئوقۇتۇش كەلمىدىمۇ سىلەرگە، پىچاق ئالىمەن، دەپ كەلسە خەت قىلىپ بېرىشلار، دېگەن؟
ساقچى: 4 مەن دەرۋازىۋەن، بىز يىغىنغا قاتناشمايمىز. كادىرلار قاتنىشىدۇ يىغىنغا. ھەر قانداق ئۇقتۇرۇش يىغىندا دېيىلىدۇ. بىز دەرۋازىغا قارايدىغانلار يىغىندىكى گەپنى ئۇقمايمىز- دە.

پىچاق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان كۈندىلىك لاۋازىمات. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پىچاق ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ بىر خىل زىننەت بۇيۇمى. پىچاق ئېسىش ئۇلارنىڭ ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا شەكىللەندۈرگەن بىر خىل ئەنئەنىسى.

نۆۋەتتە، بۇ ئەنئەنە ھۆكۈمەت يولغا قويغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ خىرىسىغا كەلگەن.

لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر يەنە، تىغلىق بۇيۇملارغا قويۇلغان چەكلىمە ئۇيغۇر تىغلىق بۇيۇملار قول ھۈنەرۋەنچىلىك سانائىتىگە زەربە بېرىپ، ئۇيغۇر پىچاقچىلىق بازىرىنى كاساتلاشتۇرغانلىقى، ئۇيغۇر پىچاقچىلىق سەنئىتىنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/tighliq-sayman-09092015153351.html

Share
1019 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.