logo

trugen jacn

لىرىك شائىر، ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان قۇربان بارات

8c89a58fc8a916faf12a02

لىرىك شائىر، ئىقتىدارلىق ئەدەبىي تەرجىمان قۇربان بارات

 

شائىر قۇربان بارات زور بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلىرى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشۇپ، خەلقىمىز ئارىسىدا شۆھرەت قازانغان، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان شېئىرىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ شېئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن مەزمۇن – ئىدىيەنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ھېسسىي ئوبرازلارنىڭ گۈزەللىكى ۋە شېئىرىي تىلىنىڭ پاساھەتلىكى بىلەن باشقا شائىرلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. قۇربان باراتنىڭ 1966 – يىلىدىن 1976 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان ‹‹ئاپەتلىك يىللاردىن ئاچچىق خاتىرە›› ناملىق ئومۇمىي ماۋزۇ ئاستىدىكى بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. مەن ئىيۇننىڭ ئوتتۇرىلىرى بۇ تالانت ئىگىسىنى زىيارەت قىلدىم.

    قۇربان بارات 1946 – يىلى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاغۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، 1962 – يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››دە مۇخبىر ۋە مۇھەررىر، كورلا شەھىرىدىكى شىنجاڭ 2 – باسما زاۋۇتىدا كوررېكتور ۋە تەرجىمان، ‹‹بۇلاق›› ژۇرنىلى ۋە شىنجاڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا مۇھەررىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.

    20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرىنىڭ ئاخىرى ۋە 60 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئىجادىيەت قوشۇنىغا كىرگەن شائىر قۇربان بارات ھازىرغا قەدەر 400 پارچىدىن كۆپ شېئىر ۋە ئون نەچچە پارچە داستان ئىجاد قىلدى. ‹‹يېشىل ھايات››، ‹‹ئاق روماللىق پەرىزات››، ‹‹يېشىل تاغ، زۇمرەت دالىلار››(خەنزۇچە)، ‹‹قار گۈلى››، ‹‹قۇربان بارات ئەسەرلىرىدىن تاللانما››(بەش توم)، ‹‹ئۈمىد توغرىلىق ناخشا›› قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلار توپلاملىرى، ‹‹دىۋان زۇھۇرى››، ‹‹سەددى ئىسكەندەر››، ‹‹ئون ئىككى مۇقام تېكىستلىرى››، ‹‹ئارزۇگۈل›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىدى، شەيىخ سەئىدىنىڭ ‹‹بوستان›› ناملىق داستانىنى ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى. ئۇ يەنە پۇشكىننىڭ ‹‹مىس چەۋەنداز››، ‹‹ئاكا – ئۇكا قاراقچىلار››، ‹‹پۇشكىن شېئىرلىرىدىن تاللانما››، لېرمونتوۋنىڭ ‹‹ئىسمىربەگ››، ‹‹ئەيچىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما››، ‹‹سۈبھى ئالدىدا ئېچىلغان گۈللەر›› قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلدى، بۇلاردىن باشقا خەنزۇچىدىن 150 پارچە، قازاقچىدىن 40 پارچە شېئىرنى تەرجىمە قىلدى، 18 پارچىگە يېقىن ئىلمىي ۋە نەزەرىيەۋى ماقالىسىنى ئېلان قىلدۇردى.

    قۇربان بارات ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن 1987 – يىلى ئالىي مۇھەررىرلىك ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ‹‹ئاق روماللىق پەرىزات›› ناملىق يىرىك داستانى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر داستان مۇكاپاتىغا، ‹‹قىزىلگۈل››، ‹‹ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز››ناملىق داستانلىرى، ‹‹كېسىلگەن توغراق›› ناملىق شېئىرى ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، ئۇ تەرجىمە قىلغان شائىر ئەي چىڭنىڭ ‹‹نۇر قەسىدىسى›› ناملىق داستانى ئاپتونوم رايون بويىچە ياخشى ئەدەبىي تەرجىمە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ‹‹كەچكۈز لىرىكىسى››، ‹‹ئامىنە››(پارچە)، ‹‹يېشىل ھايات››، ‹‹سەن بۈركۈت ئۇۋىسى، سەن ئالتۇن بۆشۈك›› ناملىق ئەسەرلىرى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى. قۇربان بارات جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى.

    بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئوت يۈرەك شائىر قۇربان بارات دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، 35پارچە ئەدەبىي كىتابنىڭ تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ‹‹بۇ دەريامۇ، ئاققان خىيال؟››(400كۇپلېت، ئىلى دەرياسى توغرىسىدا)، ‹‹تاشقا ئايلانغان ئەجداد››(500كۇپلېت) داستانلىرىنى، ‹‹مەن ۋە شېئىرىيەت››ناملىق كىتابى بىلەن‹‹ئالتۇن بۆشۈك›› ناملىق شېئىرىي رومانىنىڭ 1 – تومىنى تاماملىدى، ھازىر بۇ شېئىرىي روماننىڭ 2 – تومىنى جىددىي يېزىۋاتىدۇ، بۇ ئەسەرلەر پات يېقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.

رەناگۈل خۇدابەردى

شىنجاڭ گېزىتى 2015-06-28

http://uy.ts.cn/zhuanti/2015-06/28/content_437178.htm

 

قۇربان بارات

ئىقتىدارلىق لëرىك شاىر ، ئىجتىھاتلىق مۇھەررىر قۇربان بارات 1946 – يىلى ئاتۇش ناھىيىسىنىڭ ئاغۇ يëزىسىدا دëھقان ئاىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1952 – يىلىدىن 1958 – يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، 1958 – يىلىدىن 1962 – يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ پëداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتëتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كëيىن، ‹‹شىنجاڭ گëزىتى›› ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ، بىر مەزگىل مۇخبىرلىق قىلغان. كëيىن مۇھەررىر بولغان. 1970 – يىلىدىن 1986 – يىلىغىچە شىنجاڭ شىنخۇا 2 – باسما زاۋۇتىدا ۋە شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. 1981 – يىلى ‹‹يëشىل ھايات›› ناملىق شëئىرلار توپلىمى، 1984 – يىلى ‹‹ئاق روماللىق پەرىزات›› ناملىق داستانلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. بىر قىسىم ئەسەرلىرى ‹‹توي چاچقۇسى››، ‹‹باھار جىلۋىسى››، ‹‹تارىم ئۆركەشلىرى›› ناملىق كوللëكتىپ توپلاملارغا ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

قۇربان بارات ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپلا قالماستىن، ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىمۇ كۆرۈنەرلىك ئەمگەك سىڭدۈرگەن ئاپتورلارنىڭ بىرى. ئۇ خەنزۇچىدىن ئاتاقلىق شاىر ئەي چëڭنىڭ كۆپلىگەن شëئىرلىرىنى، پۇشكىننىڭ شëئىرىي چۆچەكلىرىنى تەرجىمە قىلىپ كىتابخانلارغا تونۇشتۇردى. سەىدىنىڭ ‹‹بوستان›› داستانىنى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسەرلەردىن ‹‹دىۋان سەككاكى››، ‹‹دىۋان ئاتايى››، ‹‹دىۋان زۇھۇرى››، ‹‹سەددى ئىسكەندەر›› قاتارلىق ئەسەرلەرنى نەشرگە تەييارلىدى. لىرمونتوۋنىڭ داستانلىرىنى تەرجىمە قىلدى.

شاىر قۇربان بارات جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو خەلق ëغىز ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە تۆھپىسى بىلەن ‹‹جۇڭگو ھازىرقى زامان داڭلىق ياشلىرىنىڭ لۇغىتى››، ‹‹جۇڭگو ئەدەبىيات لۇغىتى›› قاتارلىق لۇغەتلەرگە كىرگۈزۈلدى

http://uyghur.xjass.com/lading/content/2009-11/17/content_117959.htm

Share
1556 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.