logo

trugen jacn

قۇرئان ۋە 21.ئەسىر-6

bismillah

مەھمەتىمىن ھەزرەت

ئاۋازدا: پەرىزات غەيرەت

6- ئىسلام پەيغەمبىرى ۋە ۋەتەن سۆيگۈسى 

كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ جايى ئۆي،مىللەتنىڭ تۇرالغۇ جايى ۋەتەندۇر.بىر ئائىلە ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆيسىز ياشاش مۇمكىن بولمىغىنىغا ئوخشاش،مىللەت ئۈچۈن ۋەتەنسىز ياشاش مۇمكىن ئەمەس.بوۋاق ئۈچۈن شەپقەت ماكانى ئانا باغرى،مىللەت ئۈچۈن شەپقەت ماكانى ۋەتەن باغرىدۇر. ئاللا تەرىپىدىن پەرز قىلىنغان ئىبادەتلەرنى تەشۋىشسىز ۋە ھۇزۇر ئىچىدە بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىخەتەر ۋەتەنگە ئىگە بولۇش،مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىماندىن كىيىن كىلىدىغان ئەڭ زور نىممەتتۇر.

بارلىق پەيغەمبەرلەر ئالدى بىلەن بىر ۋەتەنگە،بىر مىللەتكە ئائىت بولغان.تەبلىگىنى ئالدى بىلەن ئۆز يۇرتىدا،ئۆز ئانا تىلى بىلەن سۆزلىشىدىغان خەلقىدىن باشلىغان.ئۇنىڭدىن كىيىن دۇنياغا يۈزلەنگەن،ئىنسانىيەتكە ئائىت بولغان.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت يولىدا مەككىدىن ئايرىلىپ كېتىۋېتىپ ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ شۇنداق نىدا قىلغان ئىدى؛“ ئاللانىڭ روسۇلى ھىجرەت سەپىرىگە چىقىپ يولدا كېتىۋېتىپ ئارقىسىغا بۇرۇلدى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن،ئۇرۇق-تۇغقان،دوس-بۇرادەرلىرى قالغان مەككىگە ھەسرەت بىلەن قاراپ شۇنداق دېگەن ئىدى: “ دەرھەق،سەن ئاللا ياراتقان يەرلەرنىڭ ئەڭ خەيىرلىگىسەن.ئاللا قېتىدا ئەڭ سۈيۈملىكىسەن.سەندىن ھەيدەپ چىقىرىلمىغان بولسامتىم سەندىن ئايرىلمايتتىم.ماڭا سەندىنمۇ گۈزەل،سەندىنمۇ سۆيۈملۈك يۇرت يوقتۇر.قەۋمىم مىنى سەندىن ھەيدەپ چىقارمىغان بولسا ئىدى چىقمايتتىم،سەندىن باشقا بىر يەرنى ئۆزۈمگە يۇرت قىلمايتتىم.” (م.ئاسىم كۆكسال-ئىسلام تارىخى 1.جىلىت 412.بەت-تۈركچە)يۇقىرىقى ھەدىستىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان يۇرتىغا قانچىلىك چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن باغلانغانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.

پەيغەمبەرگە تۇنجى ۋەھى كەلگەن 610.يىلىدىن باشلاپ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان 622.يىلغىچە بولغان 13 يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى بەيتۇلمۇقەددەس (قۇددۇس)ئىدى.ھىجرەتتىن كېيىنمۇ ناماز بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ قىلىندى.قىبلە ئوخشاشلا بەيتۇلمۇقەددەس ئىدى.پەيغەمبەر ۋە ساھابىلار مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ 16. ۋە ياكى 17.ئايدا قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدىكى ئايەت نازىل بولدى.رەسۇلىللا ھاياتىدا تۇغۇلغان يۇرتىدىن بۇنچىۋالا ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلىپ باققان ئەمەس.ساھابىلارمۇ مەدىنىدە ئەركىنلىككە، ئىززەت-ئىكرامغا ئېرىشكەن بولسىمۇ،ۋەتەننى ئۇنتۇيالماي ھەر قېتىمقى نامازلىرىدىن كىيىن مەككە تەرەپكە ئۇزۇن-ئۇزۇن قارىشىپ ئۇھ تارتىشاتتى.رەسۇلىللا،مەككىنى سەغىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ئاللادىن قىبلىنى مەككە-بەيتۇللا قىلىپ بېرىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە شۇ ئايەت نازىل بولدى: “بىز سىنىڭ (كەبە قىبلەڭ بولۇشنى تىلەپ) قايتا-قايتا ئاسمانغا قاراۋاتقانلىغىڭنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمىز.سىنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز.” (بەقەرە سۈرىسى 144.ئايەت) بۇ ئايەت نازىل بولغان كۈنلەردە كەبە مۇشرىكلارنىڭ قىبلىسى ئىدى.كەبە ئىچىدە 360 بۇت بار ئىدى.ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى بارلىق بۇتپەرەس ئەرەبلەر ھەج،ئۆمۈر تاۋاپ ئىشلىرىنى كەبىدە قىلاتتى،قۇربانلىقلىرىنى كەبە ئەتىراپىدا قىلاتتى. بەيتۇمۇقەددەس (قۇددۇس) بولسا مۇسا،ئەيسا قاتارلىق نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ قەۋرىسى بولغان،يەھۇدى،خرىستىيان دىنىنىڭ قىبلىسى بولغان،شۇنداقلا مۇسۇلمانلار ئۈچۈنمۇ قىبلە قىلىنغان مۇبارەك ۋە مۇقەددەس بىر جاي ئىدى.شۇڭا ئىسمىمۇ قۇرئاندا ھەر رايىم “بەيتۇلمۇقەددەس” ئىسمى بىلەن تىلغا ئېلىناتتى.ئامما،رەسۇلىللانىڭ سېغىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە كەبىنى قىبلىگە ئۆزگەرتىپ بېرىشنى تىلەپ “قايتا-قايتا ئاسمانغا قاراۋاتقان”لىغىنى كۆرۈپ تۇرغان ئاللا؛“سىنى چوقۇم سەن ياقتۇرىدىغان قىبلىگە يۈزلەندۈرىمىز.” دەپ ۋەھى قىلدى ۋە “(نامازدا) يۈزۈڭلارنى مەسچىدى ھارەم تەرەپكە قىلىڭلار!” (بەقەرە سۈرىسى 144.ئايەت) دېگەن ۋەھىنىڭ كېلىشى بىلەن بەيتۇلمۇقەددەسنىڭ قىبلە بولۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ،قىبلە كەبە-مەككە قىلىپ بېكىتىلدى.قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىسلام تارىخى تەتقىقاتىدا بۈگۈنمۇ تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلمەكتە.قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن يەھۇدىلار “مۇھەممەدنىڭ خۇداسى ئىسلام دۇنياغا كېلىپ 14 يىلدىن كىيىن توغرا قىبلىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ئەقلىگە كەپتۇ.” دەپ مەسخىرە قىلسا،مەككە مۇشرىكلىرى “ مۇھەممەد قىبلىسىنى بىزنىڭ قىبلىمىز كەبىگە ئۆزگەرتتى.يېقىندا دىنىنى ئۆزگەرتىپ بىزگە كېلىدۇ.” دېيىشتى” (بۇخارى: سەلات 32. مۇسلىم: مەجاسىت 13. زەدۇل-مىسىر فى ئىلىم تەپسىر 1.جىلىت 161.بەت – ئەرەپچە).

ھەتتا تەقۋادار مۇسۇلمانلار ئارىسىدىمۇ “بىزنىڭ ۋە بەدىر ئۇرۇشىدا شەھىد بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ قىلغان نامازلىرى بىكارغا كېتەمدۇ؟” دېگەن سوئاللارنى قويۇشتى.بۇ سوئاللارغا جاۋابەن “ئاللا سىلەرنىڭ ئىمانىڭلارنى (يەنى بەيتۇلمۇقەددەسكە قاراپ ئوقۇغان نامىزىڭلارنى) بىكار قىلىۋەتمەيدۇ.” (بەقەرە سۈرىسى 143.ئايەت) ئايىتى نازىل بولدى.بۈگۈنمۇ ھاجىلارنىڭ مەدىنىدە زىيارەت قىلىدىغان “مەسچىدۇل قىبلەيىن- قىبلىلەر مەسچىدى) دە پىشىن نامىزىنىڭ ئىككىرەكەتى ئوقۇلۇپ بولغاندا ئايەت نازىل بولغانلىقى،ئىماملىق قىلىۋاتقان رەسۇلىللانىڭ مەككە تەرەپكە يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ جامائەتنىڭمۇ نامازدا مەككە تەرەپكە يۈزلەنگەنلىكى رىۋايەت قىلىنماقتا. (ئالاھىددىن ئالى ئىبنى مۇھەممەد ئەل باغدادى ئەل ھازىن-لۇبابۇت تەۋىل فى مائانىت تەنزىل.بەيرۇت نەشىرى 193.بەت. ئەرەپچە).

رەسۇلىللانىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزە مىراج ھادىسىسى مەككىدە ئەمەس،بەيتۇلمۇقەددەستە بولغان ئىدى.رەسۇلىللا بەيتۇلمۇقەددەستە مىراجغا كۆتۈرۈلگەن،بەش ۋاقىت ناماز مىراج مۆجىزىسىدە پەرىز قىلىنغان ئىدى.بۈگۈن قۇددۇس شەھىرىنىڭ ئاقسا مەسچىتىدە مۇئەللەق تاش بار بولۇپ،پەيغەمبىرىمىز مىراجقا كۆتۈرۈلگەندە دەسسەپ تۇرغان تاشمۇ رەسۇلىللاغا ئەگىشىپ كۆتۈرۈلگەن.رەسۇلىللا، “توختا!” دىگەن قول ئىشارىتى ئارقىلىق تاشنى توختاقانلىغى ئۈچۈن تاش ھاۋادا توختاپ قالغان،دىگەن ھېكايە كۈنىمىزگە قەدەر رىۋايەت قىلىنىپ كەلمەكتە.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۇرتىنى سېغىنىش تۇيغۇسى بىلەن ئاللادىن قىبلىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش تەلىپى بولغانلىقى ئۈچۈنلا قىبلىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرۇلۇق ئايەتنىڭ نازىل بولغانلىقى ئىنكار قىلىنالمايدىغان بىر ئىلاھى ھەقىقەتتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ، بۇ شەھەرنى ئۆزىگە ۋە ساھابىلارغا پانالىق يۇرت قىلغاندىن كەيىن،مەدىنىدە ياشاۋاتقان يەھۇدىلار بىلەن ۋەتەننى دۈشمەندىن ئورتاق قوغاش ئۈچۈن كىلىشىم تۈزدى.مەدىنىنى قوغداش يولىدا خەندەك،ئۇھۇت جەڭلىرىگە قوماندانلىق قىلدى ۋە ئۇھۇت جېڭىدە يارىلاندى. “ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن چېگرىدا پوستتا تۇرۇشنى ئەڭ ئۇلۇغۋار ۋەزىپە ھىساپلايتتى.” (بۇخارى-جىھاد 72.بەت – تۈركچە)ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆزلىرىنى دىنىي ئالىم دەيدىغان بەزى كىشىلەرنىڭ “دۇنيادا ئىككى مىللەت بار؛بىرسى مۇسۇلمان مىللىتى،بىرسى كاپىر مىللىتى.زىمىن ئاللانىڭ. ۋەتەن دېگۈچىلەر كاپىردۇر” دېگەن ۋەزلىرىنى ئۈنئالغۇدىن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىغىنىمدا تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ئىدىم.

ئاللا دەپ تۇرۇپ،ئاللا ياراتقان مىللەتلەرنى،مىللەتلەرگە ئاللا تەرىپىدىن بىرىلگەن ۋە سۆيدۈرۈلگەن ۋەتەننى ئىنكار قىلىش ئەمەلىيەتتە ئاللانى ئىنكار قىلىشتۇر. “ۋەتەن سۆيۈش ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر” (ئاجلۇنى كەشغۇل ھاقا 1.جىلىت 345.بەت ھەدىس نۇمىرى.1102 – ئەرەپچە).قۇرئاندا،زىمىن ئاللانىڭ” دەيدىغان ئايەت بار.شۇنداقلا ئاللا بۇ دۇنيادا ئۆزىنىڭ “ئىزباسارى” قىلىپ ياراتقان مىللەتلەرگە تىگىشلىك زىمىنلارنى ۋەتەن قىلىپ بەرگەن ۋە بۇ زىمىنلارنى ئۇ مىللەتلەرگە سۆيدۈرگەن.

مىللەتلەرنىڭ رىسقىنىڭ مەنبەسى ۋەتەن دەپ ئىسمى بولغان توپراقلاردۇر. ئۇيغۇرلار شۇ نوقتىنى چۈشىنىشى لازىم؛ۋەتەندىكىلەر ۋەتەننىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.ۋەتەن سىرتىدىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ۋەتەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.ۋەتەنسىز ئىنساننىڭ كۈچىدىكى ئىگىسىز ئىتتىن پەرقى يوقتۇر.چەتئەلدە باي بولدۇڭ،ئالىم بولدۇڭ،ئەركىن بولدۇڭ،ئامما ۋەتىنىڭ يوق.شۇڭا كۆزىڭدە نۇر،يۈزۈڭدە كۈلكە يوق.ۋەتەن ھەسرىتى قەلبىڭدە پەيدا قىلغان جاراھەت ساقايماي بۇ دۇنيادىن كۆچۈپ كىتىسەن.ۋەتەندە ۋەتەن تۇپرىقىغا دەسسەپ يۈرۈيسەن،ئامما سىنىڭمۇ كۆزىڭدە ياش،يۈزۈڭدە ئەندىشە،قەلبىڭ جاراھەت ئىچىدە ياشايسەن.چۈنكى،ئاللا ساڭا بەرگەن ۋەتەننىڭ ئىگىدارچىلىقى سىنىڭ قولۇڭدا ئەمەس. ئىنسان بالىسى ئاتا-ئانىسىز ياشىيالىشى مۇمكىن،ئامما ۋەتەنسىز ياشىيالىشى مۇمكىن ئەمەس.ۋەتەن دۆلەتكە ئايلانغاندىلا مىللەتنىڭ كۆزلىرىدە نۇر،يۈزلىرىدە كۈلكە،قەلبىدە ھۇزۇر بولىدۇ.مىللىي ھاياتى ئەبىدى كاپالەتكە ئىگە بولغان دۆلەتكە ئىرىشكەن مۇسۇلمانلارلا ئاللا ئەمىر قىلغان مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ پەرىزلىرىنى ئەندىشىسىز بىجا كەلتۈرەلەيدۇ.

مۇسا پەيغەمبەر قەۋمنى مىسىردىكى 400 يىللىق قۇللۇق ھاياتتىن قۇتقۇزۇپ چىقىپ ئۇدۇل بەيتۇلمۇقەددەس (قۇددۇس)قا قاراپ ئىلگىرلىگەن.نىمە ئۈچۈن؟ مۇسانىڭ ۋە قەۋمى يەھۇدىلارنىڭ قەدىم ۋەتىنى بەيتۇلمۇقەددەس ئىدى.مەخسەت ۋەتەنگە قايتىش ئىدى.مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام يىتەرلىك ئەسكىرى كۈچكە ئېرىشكەندە،ئالدى بىلەن تۇغۇلغان يۇرتى مەككىنى فەتھى قىلىش ئۈچۈن ئەسكەر باشلاپ يولغا چىققان. ۋەتىنى دۈشمەن تەرىپىدىن ئىشخال قىلىنغان مۇسۇلمان،ئەگەر جىھات قىلماقچى بولسا ۋە جىھاتتا پەيغەمبەرنىڭ يولىنى تۇتماقچى بولسا،ئالدى بىلەن ئىشنى ئۆز ۋەتىنى ئازات قىلىش كۈرىشى بىلەن باشلىشى كىرەك. ئۇيغۇرلار، ۋەتىنىنى ئۈزۈل كېسىل ئازات قىلمۇغۇچە مىللى مەۋجۇدىيىتىنى ئەبەدى كاپالەتكە ئىگە قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس. ئىتىقات قىلغان ئىسلام دىنىنى ۋە ئۆزلىرىنى خارلىقتىن قۇتقۇزالىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

پەيغەمبەرلەر تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق،ۋەتەنسىز پەيغەمبەر بولمىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

پەيغەمبەرلەر ئۈچۈنمۇ،ئاددى پۇخرا ئۈچۈنمۇ ۋاز كىچىلمەس سۆيگۈنىڭ ئىسمى – ۋەتەندۇر.

Share
3145 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.