logo

trugen jacn

فىرانسىيەلىك مۇخبىرنىڭ خىتايدىن قوغلىنىشىغا سەۋەب بولغان ماقالىسى

img_thumb

پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىن خىتاينىڭ فىرانسىيەنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرىشىدا يوشۇرۇن غەرىزى بار(باش ماۋزۇ)

بېيجىڭ فىرانسىيەنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ”تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشى“نى يەنى ئۇيغۇرلارنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرۇشىنى قوللىشىنى تەلەپ قىلدى(كىچىك ماۋزۇ)

13- نويابېر (پارىژدا يۈز بەرگەن) ھۇجۇم ئېنىقلا خىتاي خەلقىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چەكتى. بۇ جەمئىيەتتە ئادەم ئاسانلا يالغۇز ۋە مېھرى – مۇھەببەت كەمدەك ھېس قىلىدۇ، دۇنيانىڭ باشقا جايىدىكىلەرگە يەتكۈزگىدەك ھېچقانچە ھېسداشلىق يوق، ھۇجۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىنكاسنىڭ كۈچلۈكلىكى  كۆزەتكۈچىلەرنى ھايران قالدۇردى.  دىپلوماتىيە ساھەسىدىكى زاتلاردىن بىرى مۇنداق دېدى: ”مەن ھېچقاچان مۇنداق مەنزىرىنى كۆرۈپ باقمىغان، ھۇجۇم يۈز بېرىپ ئەتىسى يەنى شەنبە كۈنى، ھەر ساھەدىكى خىتايلار، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ”فىرانسىيە دوستلىرى“ شۇنداقلا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئارقا – ئارقىدىن فىرانسىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا بېرىپ گۈل تەقدىم قىلدى، تەزىيە دەپتىرىگە ئىمزا قويدى.

كۆك، ئاق، قىزىل

تەزىيە دەپتىرىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا كىشىنى تەئەججۈبلەندۈرىدىغان مۇھەببەت ئىزھارلىرىنى ئاڭلايمىز. بىر كىشى مۇنداق يازغان: ”پارىژ ئۈچۈن ئىلتىجا قىلىمەن، پارىژغا تىنچلىق، مۇھەببەت مەڭگۈ پارىژغا مەنسۇب!“ يەنە بىر كىشى مۇنداق يازغان: ”بۈگۈن مەن پارىژلىقلار بىلەن بىرگە، بىزنىڭ قورقۇنچىمىز يوق.“ئۈچىنچى كىشى: ”مېنىڭ مۇھەببىتىم ساڭا مەنسۇب، پارىژ، فىرانسىيە ياشىسۇن، ئەركىنلىك ياشىسۇن!“ بەزىلەر: ”مېنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك ئىككى نەرسەمنىڭ بىرى مېنىڭ دۆلىتىم، بىرى پارىژ“ دەپ يازسا، يەنە بەزىلەر: ”پارىژلىقلار ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى، سەنئىتى ۋە ئەركىنلىكىنىڭ چوققىسىدا، پارىژلىقلارنىڭ تارىختىكى يەككە – يېگانە ئورنىنى ھېچقانداق نەرسە تەۋرىتەلمەيدۇ…“

خىتاينىڭ دۆلەتمەنلىكى ئاممىۋى ئېقىمنىڭ ئارقىسىدا قېلىشقا تەن بەرمىدى. ئارىلىرىدا ئەلى بابا گوروھىنىڭ داڭلىق خوجايىنى مايۈن، خىتايدىكى ئەڭ چوڭ باي ۋاڭ جيەنلىن بار بولغان خىتايدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى 8 چوڭ خوجايىن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئوللاندقا ئەۋەتىلگەن بىر خەتكە ئورتاق ئىمزا قويۇپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئىشنى قىلدى. شاڭخەيدە، داڭلىق تېلېۋىزىيە مۇنارىدا 14- نويابېر كەچ فىرانسىيەنىڭ بايراق رەڭگى بولغان قىزىل، كۆك ۋە ئاق ئۈچ خىل رەڭلىك  چىراقلار يېقىلدى.  ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مىڭلىغان تەسىرلىك ئۇچۇرلار پەيدا بولدى.

نېمە ئۈچۈن خىتايدا بۇ خىل ھاياجانلىق كەيپىيات پەيدا بولىدۇ ؟ ”چۈنكى پارىژ بىزگە نىسبەتەن دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەھەر“ بېيجىڭلىق بىر ياش شۇنداق دېدى. پارىژنى بۇ دۇنيادىكى جەننەت دېيىشكىمۇ بولىدۇ. پارىژنى تونۇش پۇرسىتى بولغان ھەر قانداق ئادەم ئۇنىڭغا چوقىنىدۇ. پۇرسەت بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھامان بىر كۈنى ئۇ يەرگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.“

ۋەقەدىن كېيىنكى قايتا ئويلىنىش

خىتاي دائىرىلىرىمۇ ئارقىدا قالمىدى. شى جىنپىڭ ئوللاندقا فىرانسىيەنىڭ ”تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرىشىدە“ خىتاينىڭ فىرانسىيە بىلەن بىر تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خىل قوللاش ناھايتى چىرايلىق، لېكىن يوشۇرۇن مەقسىتى يوق ئەمەس. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىمۇ يېتىشتى، ئىككى ئاي بۇرۇنقى شىنجاڭ باي ھۇجۇمى يول كۆرسەتكۈچىلىرىنى يەنى ”تېرورلۇق“ ھۇجۇمىنىڭ ئاتامانلىرى دەپمۇ ئاتالغان كىشىلەرنى تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەينى ۋاقتتا ھۇجۇم 50 تەك كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

لېكىن، باي ھۇجۇمى قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسۇن، ئۇنى 13-نويابېردىكى پارىژ ھۇجۇمى بىلەن بىر كۈندە تىلغا ئېلىشقا بولمايدۇ. بايدىكى ھۇجۇم ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ غەزەپ – نەپرىتىدىن پارتلىغان. تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان ۋە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بۇ چەت رايوندا، بۇنداق ۋەقەلەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆپ يۈز بەرمەكتە، چۈنكى يەرلىك كىشىلەر رەھىمسىز باستۇرۇشقا ئۇچرىغان. پىچاق سۆڭەككە يەتكەندە، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلار ئۆزلىرى ئۇچرىغان كەمسىتىش، ئادالەتسىزلىك ۋە مەھرۇملۇققا ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، پىچاق كۆتۈرۈپ بېرىپ بىر كۆمۈر كان ۋە ئۇ يەردىكى خىتاي ئىشچىلارغا ھۇجۇم قىلغان(تۆۋەندە توختىلىمىز).

لېكىن بېيجىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بارغانسىرى ئۈمىدسىزلىنىشىنىڭ ئۆزى بېلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى رەت قىلىدۇ، ئەكسىچە شىنجاڭ رايونىدا يېقىندىن بۇيان قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىنىڭ مەنبەسىنى پەقەتلا خەلقئارادىكى جىھاد تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇترىتىشى دەپ داۋاڭ سالىدۇ. پارىژ تېرورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرگەندىن كېيىنكى يەكشەنبە كۈنى (15- دېكابېر) تۈركىيەنىڭ ئانتاليە شەھىرىدە 20 دۆلەت گوروھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شى جىنپىڭ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ”پارىژدىكى ھۇجۇم شۇنى كۆرسەتتىكى، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم بىرلىشىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئاساسىدا تېرورلۇققا زەربە بېرىشى كېرەك.“ دېدى. ئۇ يەنە مەنىلىك ھالدا ”قوش ئۆلچەم قوللانماسلىق لازىم“ دەپ قوشۇپ قويدى.

مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەگەر خىتاي ئىسلام دۆلىتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان دۆلەتنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرسە، بۇنىڭغا جاۋابەن، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلىرى ئەڭ تەشۋىشلىنىدىغان ئاز سانلىق مىللەت يەنى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان كۆرىشىدە خەلقئارا جەمئىيەتتىن قوللاش تەلەپ قىلىدۇ.

”سىلەر بىلەن ئوخشاش مەسىلىمىز بار“

يىراق شىنجاڭ بېيجڭغا قارىغاندا كابۇلغا بەكرەك يېقىن. يېقىندىن بۇيان ئۇ يەردىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشى ئېقىمى چېگرا ھالقىپ، خىتايلار رايونىدىكى چوڭ شەھەرلەرگە تۇتاشتى. ھۇجۇمچىلار قوللانغان قوراللار ھەر دائىم ناھايتى ئاددى(پىچاق، ئۆزى ياسىۋالغان بومبا)، لېكىن بۇ ھۇجۇمچىلارنىڭ كوللىكتىپ شەكلىدە بارغانسىرى مۇرەككەپ تەشكىلاتلار كۆرۈنۈشكە باشلىدى. گەرچە ھۇجۇملار بەلگىلىك ئۆلۈش، يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن  ئۇيغۇر ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققتىنى تارتالمىدى.

يەنە شۇ 20 دۆلەت گوروھى يىغىنىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى نەق گەپنى ئوتتۇرىغا چىقاردى: ”تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك، تېرورلۇققا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇش كېرەك. خىتايمۇ تېرورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى، ‘شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى’ ۋەكىللىك قىلغان ‘شەرقىي تۈركىستان’ تېرورچىلىرىغا زەربە بېرىش خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم قىسمى بولۇشى كېرەك.“

ش ت ئى ھ بولسا بېيجىڭ دائىرىلىرى شىنجاڭدىكى بارلىق ئاۋارىچىلىقلارنى ئۈستىگە ئارتىپ قويىدىغان چېگرا رايوندىكى جىھاد تەشكىلاتى. لېكىن دەل ئەكسچە، نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەر ش ت ئى ھ نىڭ خىتاي ئېيتقانداق سىستېمىلىق پروگراممىسى بار بولغان خەتەرلىك تەشكىلات ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىدۇ. ھەتتا بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ. 2001- يىلى تېرورچىلار ئامېرىكىدا 11- سىنتەبېر  ھۇجۇمىنى قوزغىغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت بۇش خىتاي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە ئالدىراپ ش ت ئى ھ نى ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن، لېكىن بۇ تەشكىلات ھازىر ئۇ تىزىملىكتە يوق.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان خەلقئار كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى مۇتەخەسىسى نىكولاس بېكېلىن(Nicolas Becquelin) مۇنداق دېدى: “ خەلقئارا تېرورىزم مەسىلىسىنى قەتئىي تىلغا ئېلىشتا، خىتاي دائىرىلىرى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ جامائەت پىكىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشمەكچى ھەمدە كىشىلەرنى شىنجاڭدىكى توقۇنۇشنىڭ خەلقئارالىق مەسىلىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرمەكچى  بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى، ‘قاراڭلار، بىزنىڭمۇ سىلەرگە ئوخشاش مەسىلىمىز بار’ دېيىش ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئازراق بولسىمۇ قانۇنىيلىققا ئېرىشمەكچى.“

رەھىمسىز باستۇرۇش

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، شىنجاڭدىكى توقۇنۇشلار ئاساسلىقى يەرلىك ياشلارنىڭ رادىكاللىشىشىدىن كېلىپ چىققان. بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ مەدەنىيەت، تىل، دىنىي ئېتىقاد، مائارىپ، خىزمەت، ھەتتا پاسپورت بېجىرىش قاتارلىق تەرەپلەردە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رەھىمسىز باستۇرۇشى ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. يېقىندىن بۇيان ئەھۋال تېخىمۇ يامانلاشتى.

بىر نەچچە مىسالغا قاراپ باقايلى:

  • بۈگۈن بىر قىسىم ئەنئەنىۋى مۇسۇلمانچە ئىسىملار چەكلەندى، بۇرۇن قويۇلغان ئىسىملار چوقۇم ئۆزگەرتىلىشى كېرەك.
  • ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى چوقۇم خېرىدارلارغا تاماكا ۋە ھاراق تەمىنلىشى كېرەك.
  • مۇسۇلمان ئەمەلدارلار رامىزان ئېيى مەزگىلىدە چوقۇم ئوچۇق – ئاشكارە تاماق يېيىشى كېرەك.
  • ساقال قويغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دىنىي ئاشقۇنلۇق بىلەن گۇمانلىنىدۇ؛ مۇسۇلمانلارنىڭ ھىجابىنى تاقىغان بارلىق ئاياللارمۇ ھەم شۇنداق؛
  • بۈگۈن، تاماكا تاشلىغان ياكى ھاراق ئىچىشنى رەت قىلغان ھەر قانداق ياش دىنىي ئاشقۇنلۇق بار بولغان گۇماندارغا ئايلىنىدۇ.

بۈگۈن خىتاينىڭ 11- سېنتەبېر ۋەقەسىدىن كېيىنكىگە ئوخشاش ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى ئاساسەن مۇمكىن بولمايدۇ. خىتاينىڭ جەمئىيەت ۋە تېرىتورىيەگە بولغان كۈچلۈك كونتروللىقى سەۋەبلىك، ئىسلام دۆلىتىنىڭمۇ شىنجاڭدىكى كۈچلەر بىلەن ئالاقە باغلاش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىك. لېكىن ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ چوڭ شەھەرلىرىنىڭ پىچاقلىق ھۇجۇمغا ئۇچراش خەۋپىدىن ساقلانمىقى قىيىن.

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىر ئۇرسۇلا گوتىئېر

بۇ ماقالە 18- نويابېر فىرانسىيەدىكى ”L’Obs“( يېڭى كۆزەتكۈچى) ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان

http://turkistantimes.com/uy/news-555.html

 

Share
1507 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.