logo

trugen jacn

غۇلجا ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئۆزگەرتىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى «كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» كە ئۆزگەرتىلگەن غۇلجا ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ ئاتالمىش «مەسىلىسى بار» كىشىلەرگە يېپىق تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئايلاندۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولدى. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ بۇ ھەقتە غۇلجا ناھىيىسىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدا بولغاي.

ئىلى دىيارىدا باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە بىلىم ئاشۇرۇشنى ئاساسىي ئوقۇتۇش ۋەزىپىسى قىلغان غۇلجا ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىن، يەنى غۇلجا سىپەن مەكتىپىنىڭ نامى 2010-يىلدىن باشلاپ «كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» كە ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.

يېقىندا ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «دىنىي ئاشقۇنلۇق» قا ۋە ھۆكۈمەت كادىرلىرى ئىچىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى» لەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە مەزكۇر مەكتەپنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» نىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غۇلجا ناھىيىسىدە ھازىرغا قەدەر 5 جايدا ھەر خىل ناملار قويۇلغان «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» بار ئىكەن. بۇلارنىڭ ئۈچى غۇلجا ناھىيە بازىرىدا بولۇپ، ئۇلار ناھىيىلىك پارتىيە مەكتىپى، غۇلجا ناھىيىلىك ئاشلىق ئىدارىسى ۋە «كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ» دەپ ئۆزگەرتىلگەن سابىق ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىن ئىچىگە جايلاشقان ئىكەن.

مەزكۇر «تەربىيىلەش مەركىزى» گە قانداق ئادەملەرنىڭ بارىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىننىڭ شارائىتى غۇلجىدىكى باشقا «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، مەكتەپتە يەنە مەخسۇس كەسىپلەر بويىچە تەربىيىلىنىدىغان ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئوقۇيدىكەن. سىياسىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىدىغانلار بولسا ئادەتتە بىر ھەپتىدىن ئىككى ھەپتىگىچە سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئىدىيىۋى تەربىيە ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۆيلىرىگە قايتۇرۇلىدىكەن.

غۇلجا ناھىيىسىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى غۇلجا ناھىيىلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىشخانىسى ۋە غۇلجا ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق جايلارغا تېلېفون قىلدۇق.

ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىن، يەنى ھازىرقى «كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» دەپ ئاتىلىۋاتقان «يېپىق تەربىيىلەش مەركىزى» بىلەن ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئۇرغان تېلېفونلىرىمىز جاۋابسىز قالدى. ئەمما ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى.

تېلېفونىمىزنى ئالغان خىتاي كادىر «كەسپى تولۇق ئوتتۇرا» مەكتەپنىڭ «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئۆزگەرتىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر مەكتەپتە سىياسىي جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەلىم-تەربىيىنىڭ مەزمۇنى ۋە ئىجرا قىلىنىش ئۇسۇلى قاتارلىق كونكرېت ئەھۋاللاردىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىر: سىلەرنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدىكى دارىلمۇئەللىمىننىڭ نامى «كەسپى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ» كە ئۆزگەرتىلدى دەپ ئاڭلىدىم، بۇ راستمۇ؟

خىتاي خادىم: ھەئە، ئۇ مەكتەپ «كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا» دەپ ئاتىلىدۇ.

مۇخبىر: ئىنكاس قىلىنىشىچە، ئۇ جايغا قانۇن بىلىم سەۋىيىسى تۆۋەن كىشىلەر ئاپىرىلىپ، سىياسىي-قانۇن تەربىيىسى ئېلىپ بېرىلىدىكەن شۇنداقمۇ؟

خىتاي خادىم: شۇنداق، شۇنداق، ھازىر بۇ كەسپى تولۇق ئوتتۇرا تەربىيىلەش مەركىزىگە ئۆزگەرتىلدى.

ئۇنىڭدىن يەنە مەزكۇر «تەربىيىلەش مەركىزى» ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى سورىغىنىمىزدا، ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت كاتىپى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بۇ خىتاي كادىر جاۋاب بېرىشتىن باش تارتتى: «سىز بىلمەكچى بولغان مەسىلىلەرنى مەن سىزگە چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز، چۈنكى بىز بۇ خىل ئورۇنلارنى باشقۇرمايمىز، كونكرېت مەسىلىلەر بىزنىڭ ھەل قىلىش دائىرىمىزدە ئەمەس. ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ ئىشلىرى ھازىر بىرئاز ئالدىراش. چۈنكى بۇ جاي ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسى. مەن بۇ يەردە يالغۇز ئىشلەيمەن.»

ئۇنىڭدىن «ئۇنداقتا، سىز بۇ ئىشخانىنىڭ باشلىقىمۇ؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، ئۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ كاتىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق سەزگۈر ۋە كونكرېت مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى: «ياق، ياق. مەن بۇ ئىشخانىنىڭ كاتىپى. ئەگەر سىزنىڭ كونكرېت مەسىلىلەر ھەققىدە باشقا سوئاللىرىڭىز بولسا، ئالاقىدار ئىدارىلارغا بېرىپ ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلەڭ. مېنىڭ يەنە باشقا ئىشلىرىم بار، مەن ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشىم كېرەك.»

گۇگۇل ۋە خىتاينىڭ بەيدۇ قاتارلىق ئىزدەش بېكەتلىرىدىن تەكشۈرۈشىمىزچە، غۇلجا ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىن ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن كېيىن قۇرۇلغان، باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيىلەش مەكتىپى ئىكەن. 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى مەزكۇر مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار بىلىم ئاشۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، يەرلىكلەر ئارىسىدا «2-سىپەن» دەپمۇ ئاتالغان ئىكەن. 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 2000-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە مەزكۇر مەكتەپ غۇلجا ناھىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلى ئوبلاستىغا قاراشلىق چاپچال، نىلقا، كۈنەس، تېكەس، موڭغۇلكۈرە، توققۇزتارا ناھىيىلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلغان. 2010-يىلى غۇلجا ناھىيىسىدە ئېلىپ بېرىلغان يېزىلاردىكى مىللىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قىسقارتىپ، خىتاي مەكتەپلىرىگە قوشۇۋېتىش، «قوش تىللىق» تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قۇرۇش شامىلىدا مەزكۇر مەكتەپنىڭ نامى «كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 2017-يىلىغا كەلگەندە بولسا مەزكۇر مەكتەپ غۇلجا ناھىيىسىدىكى «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇلغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/darilmuellim-terbiyilesh-merkizige-ozgertildi-09202017222439.html

Share
1498 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.