logo

trugen jacn

ساقچى خادىمى: كۇچا ناھىيە بازىرىدا 3 ئورۇندا لاگېر بار، ھازىر تۆتىنچىسى قۇرۇلۇۋاتىدۇ

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىزنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىكى ساقچى خادىملىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا كۇچا ناھىيە بازىرىدا 3 ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرى بارلىقى، ‏ھازىر تۆتىنچىسىنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. ئالاقىدار ساقچى خادىمى كۇچا ناھىيە بازىرىدىلا 45 مىڭ كىشىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا «سىياسىي تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما مەزكۇر ساقچى خادىمى بۇ 45 مىڭ كىشىنىڭ يېزىلاردىن تۇتۇلغانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى چوڭ ناھىيەلەردىن بىرى بولغان كۇچا ناھىيىسىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كۇچادىكى ئالاقىدار ساقچى خادىملىرىغا تېلېفون قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوخشاشلا لاگېرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار توغرىلىق ئېغىز ئېچىشتىن ھەرخىل باھانىلەر بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇشتى. كۇچا ناھىيىسىدىكى بىر ساقچى خادىمى بۇ ھەقتىكى ئېنىق ئۇچۇرلارنىڭ ئەدلىيە ئىدارىسىدىكىلەرگە مەلۇم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزى خىزمەت داۋامىدا سۆزلەشكەن ۋە ئالاقىدار خادىملاردىن ئاڭلىغان شۇنداقلا بىر قىسىم كۆرگەنلىرىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە مەلۇمات بەردى.

بۇ خادىم كۇچا ناھىيە بازىرىدا 3 ئورۇندا يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بارلىقىنى، 4‏-لاگېرنىڭ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭغا تېخى ئادەم ئاپىرىلمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، كۇچا ناھىيە بازىرىدىكى بۇ لاگېرلار بىرىنچى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دېگەندەك نومۇر بىلەن ئاتىلىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇلاردىن ئۈچىنچىسى ئەڭ چوڭى بولۇپ، ئۇنىڭغا 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە كىشىنىڭ قامالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئاتالمىش «ئىككىنچى تەربىيىلەش مەركىزى» دە مىڭ بىلەن 10 مىڭ ئارىسىدا، «بىرىنچى تەربىيىلەش مەركىزى» دە بولسا 5 مىڭ بىلەن 6 مىڭ ئارىسىدا كىشى بار ئىكەن.

يۇقىرىدا دېيىلىۋاتقىنى بۇ ناھىيەدىكى «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىدۇر. ئىلگىرىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا ھەرقايسى شەھەر ناھىيىلەردە «يېپىق تەربىيە» لاگېرلىرىدىن باشقا «ئوچۇق تەربىيە» لاگېرلىرىنىڭمۇ بارلىقى، بۇ ئوچۇق لاگېردىكىلەرنىڭ «قانۇنغا زىت قىلمىشلىرى نىسبەتەن يېنىكلەر» ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاخشاملىرى ئۆيگە قايتالايدىغانلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.

كۇچادىكى بۇ ساقچى خادىمى پارتىيە ئەزالىرى يىغىنىدىن ئاڭلىغانلىرىغا ئاساسەن نۆۋەتتە كۇچا ناھىيە بازىرىدا 45 مىڭ كىشىڭ ئاتالمىش «تەربىيە» ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما بۇ 45 مىڭ كىشى ئىچىدە كۇچانىڭ ھەرقايسى يېزىلىرىدىن ئەكىلىنگەنلەرنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. ئۇ يەنە كۇچا ناھىيىسىدىكى ئوچۇق لاگېرلار ھەققىدىمۇ مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلدى. مەزكۇر ساقچى خادىمى كۇچا ناھىيىسى بويىچە يىغىۋېلىش لاگېرىدىكىلەرنىڭ مەزكۇر ناھىيەدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 10 پىرسەنتى ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنە سۆھبەت داۋامىدا ھەر بىر يېزا-بازاردىن 5-6 مىڭدىن كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

توردىكى ئۇچۇر ئامبارلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، كۇچا ناھىيىسى 8 بازار، 6 يېزا، 4‏ كوچا باشقارمىسى ۋە ئىككى دېھقانچىلىق مەيدانىدىن تەشكىللەنگەن چوڭ ناھىيە ئىكەن. 2013‏-يىلدىكى ستاتىستىكىدا كۇچانىڭ ئومۇمى نوپۇسىنىڭ 470 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنىڭ 430 مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شۇنداق بولغاندا، كۇچادا نۆۋەتتە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ ئاز دېگەندە 10پىرسەنتى، كۆپ بولغاندا 20-30 پىرسەنتىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.

Share
1262 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.