logo

trugen jacn

رەيھاننىسا ئانا : تۈركىيەدىكى چوڭ نەۋرەمنىڭ «گۇناھى» ئۈچۈن كىچىك نەۋرەم ئاتۇشتا قاماقتا

 

3b2a5255-caee-4f9e-b085-2becb39a9207

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

يېقىندا ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى مۇخبىرىمىزغا مەكتۇپ يوللاپ، ئاتۇشنىڭ سۇنتاغ يېزا ئازغان كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق 79 ياشلىق رەيھاننىسا خانىمنىڭ بېشىغا كەلگەن خاپىلىقلار ھەققىدە مەلۇمات بەردى. مەكتۇپتا دېيىلىشىچە، ساقچىلار رەيھاننىسا خانىمنىڭ تۈركىيەدىكى تىجارەتچى نەۋرىسى ئابدۇۋەلى ھاجىنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئاتۇشتىكى ئىنىسى 26 ياشلىق رىشات ھاجىنى تۇتقۇن قىلغان. مەكتۇپتا يەنە دېيىلىشىچە، ساقچىلار رىشات ھاجىنى دەسلەپكى قېتىمدا تۇتقاندا ئاكىسىنى تۈركىيەدىن قايتىپ كېلىشكە كۆندۈرۈش شەرتى بىلەن قويۇپ بەرگەن، ئەمما ئابدۇۋەلى ھاجى قايتىپ كەلمىگەنلىكتىن ئۇ 3 ئاينىڭ ئالدىدا تەكرار قولغا ئېلىنغان. رەيھاننىسا ئانا ھەر ئىككى نەۋرىسىنىڭ ئاتالمىش جىنايىتى ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىغان.

مۇخبىرىمىز بۈگۈن دەرتمەن ئانا رەيھاننىسا خانىمنى زىيارەت قىلدى. ئۇ مەكتۇپتا دېيىلگەنلەرنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك توغرىلىقىنى دەلىللىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/gunahkar-11182016222040.html

Share
861 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.