logo

trugen jacn

داۋاسىز پۇشايمان

Abduveli Ayup

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇرلۇق سەپىرىمدىكى ئامېرىك-»نىڭ داۋامى

ئامېرىكىغا بېرىشتىن ئاۋۋال كانزاس ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ تور بېتىدىن مۇسۇلمان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى، جوڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئادرىسىنى تېپىپ خەت يازغانىدىم. پەقەت تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىلا جاۋاپ قايتتۇردى. مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىنكى ئىككىنچى ھەپتىسىغۇ دەيمەن تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى فاتىھ قاچان كۆرۈشسەك بولىدىغانلىقىنى سوراپ خەت يېزىپتۇ. ھەر ئاخشام بىكارلىقىمنى يېزىۋىدىم ئادرىسىمنى سورىدى ۋە چاشەنبە ئاخشام كۆرىشىدىغانغا كېلىشتۇق. چارشەنبە ئاخشاملىق سورۇنىمىز فاتىھنىڭ ساھىپخانلىقىدا تولىمۇ قىزغىن ئۆتتى. فاتىھ تۈرك ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا تونۇلغان پائالىيەتچى ئىكەن. خۇددى ئۇنىڭ ئايالى زەينەپ دائىم تەكرارلايدىغان «فاتىھ ھەر شەي بىلىيور»(فاتىھ ھەممە نەرسىنى بىلىدۇ) دېگەن جۈملىدە ئېيتىلغاندەك ئۇ ماڭىمۇ ھەممىنى بىلىدىغاندەك تۇيۇلدى. ئۇ شۇ كۈنكى زىياپەتتە كانزاس دېگەن سۆزنىڭ كانزا ئىندىئانلىرىنىڭ تىلىدىن كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ تۈركىيە تارىخى، ئىسلام،تەسەررۇپ ئىددىيسى، ئامېرىكا تارىخى ۋە ھازىرقى زامان دۇنيا ئىقتىسادى ھەققىدىكى بىلىملىرىنىڭ موللىقىغا قاراپ ئۇنىڭ قاچانلاردا بۇنچە كۆپ بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولغانلىقىغا ھەيران قالدىم. مەن ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى ھەققىدە يېزىلغان بىرقانچە ئېنگىلىزچە كىتاب ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر تارقىتىدىغان بىر قانچە تور بەتنىڭ ئادرىسىنى ۋە ئىسمىنى يېزىپ بەردىم. شۇنىڭدىن كېيىن تا ئايالىم كەلگىچە تۈركلەرنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە فاتىھ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسىدەك دائىم بىللە بېرىپ قاتنىشىپ يۈردۈم.
فاتىھ تىرابزونلۇق بولۇپ ئۇنىڭ ئالەمدار دېگەن فامىلىسى مۇستاپا كامال تۈرك تىلىدىن ئەرەب-فارىسچە سۆز ئىبارىلىرى چىقىرىپ تاشلىغان زامانلاردىمۇ ئامان قالغان تەلەيلىك فامىلە ئىكەن. فاتىھ گەپدان بولغان بىلەن ئۆگىنىپ، بىلىپ سۆزلەيتتى. تۈركلەر يىغىلغان سورۇنلاردا پەرەزلىرىنى پاكىت قىلىپ سۆزلەيدىغانلار بىلەن دائىم مۇنازىرىلىشىپ قالاتتى. بىر كۈنى شۇنداق سورۇنلارنىڭ بىرىدە سونگۈل ئىسىملىك بىر ئازەرى ئاچىمىز تۈركىيە تۈركچىسىنىڭ تىل ئىسلاھاتى سەۋەبى بىلەن باشقا تۈرك تەلەپپۇزلىرىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى، يېزىق ئىسلاھاتى سەۋەبى بىلەن ئەرەب ھەرپلىرى تاشلىنىپ لاتىن ھەرىپلىرى قوللىنىلغاچقا تۈركىيە تۈركلىرىنىڭ ئىسلامدىن يىراقلاشقانلىقىنى سۆزلەپ قالدى. فاتىھ تۈركچىدىكى ئەرەب-فارىسچە سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاش ۋە يېزىقنى لاتىنچىگە ئۆزگەرتىشنىڭ خاتا بولغانلىقىنى تەن ئالدى، لىكىن يېزىقنىڭ ئەرەبچە بولۇشى بىلەن ئىتىقادنىڭ كۈچلۈكلىكى ئارىسىدا سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋەتنىڭ يوقلىقىدا چىڭ تۇردى. ئۇ بۇنىڭغا تۇنىس، ئىراق، ئىئوردانىيە قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئىسلام مائارىپىنىڭ تۈركىيەدىن كۆپ ئاجىزلىقىنى پاكىت قىلدى. بىر مىللەتنىڭ يېزىقى مەنچىمۇ قۇرئان ھەرىپلىرىدە يېزىلغان بىلەن قۇرئاندىكى روھ خەلقنىڭ قەلبىگە سېڭىپ ھەرىكىتىدە كۆرۈلمىسە ئىتىقاد كۈچلەنگەن ھىسابلانمايتتى. ئازەرى ئاچىمىز بۇنىڭغا يەنە قايىل بولماي ئەرەب ئېلىپبەسىنى قوللىنىدىغان ئىران ئازەرلىرىدىكى ئىتقادنىڭ مۇستەققىل ئەزەربەيجاندىكى ئازەرلەردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى پاكىت قىلدى. ئىراندىكى ئازەرى تۈركلىرى ئىراننىڭ مۇستەملىكىسى ئېدى. ئۇلارنىڭ يېزىقى ئەرەبچە بولۇپ تۈركىيەدە بەزى ئازەرىيچە كىتابلار نەشىر قىلىناتتى. ئەمما مائارىپ ئىراننىڭ دۆلەت تىلى بولغان فارىسچە يۈرگۈزىلەتتى. مۇستەققىل ئازەربەيجاننىڭ يېزىقى لاتىنچە بولۇپ سوۋىتنىڭ بويۇنتۇرىقىدىن قۇتۇلۇپ روسچە ھەرپلەرنى تاشلىغان، مائارىپ ئانا تىلدا-تۈركچە يەنى ئازەرى تۈركچىسىدە ئېدى، يېزىقى لاتىن ھەرپلىرى بىلەن يېزىلاتتى. ۋاھالەنكى 70 يىللىق كومۇنىستىك مۇستەملىكە تارىخىنى باشتىن كەچۈرگەن مۇستەقىل ئازەربەيجاندىكى تۈركلەر ئىتقادتا ئىران ئازەر تۈركلىرىدەك ئىخلاسمەن بولۇپ كېتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن ئېدى. ئەمما مەنچە ھۆرلۈكتە ياشاۋاتقانلار ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىن بولاتتى.
-ئابلا(ئاچا)، بۇ يەردىكى سەۋەب ئىران ئازەرلىرى ئەرەب يېزىقىنى قوللانغانلىقى ئۈچۈن ئىتىقادى كۈچلۈك بولغان ئەمەس. بەلكى ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيتىدە ياشاۋاتقانلىقىدىن شۇنداق بولغان. ئەگەر شىمالىي ئازەربەيجاننى روس كومۇنىستلىرى بېسىۋالمىغان بولسا، ئازەرى تۈركلىرى شۇندىن كېيىن كومۇنىستلارنىڭ دىنسىزلاشتۇرۇش مائارىپىدا تەربىيلەنمىگەن بولسا ھازىرقىدەك دىندا چېكىنىپ كەتمەيتتى. سورۇندىكى پاراڭ تېمىسى شۇنىڭ بىلەن روسىيە كومپارتىيىسى تۈركلەرگە يۈرگۈزگەن روسلاشتۇرۇش ۋە دىنسىزلاشتۇرۇش سىياسىتىگە يۆتكەلدى. فاتىھ ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى ئاجىزلاشقان مەزگىللەردە چارروسىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ئورتا ئاسىيا تۈركلىرىنى قانداق بويسۇندۇرغانلىقى، چارروسىيەنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە روسىيە كومۇنىستلىرىنىڭ قانداق ۋارىسلىق قىلغانلىقىنى سۆزلىدى. سورۇندىكىلەر ئاڭلىغاچ تېلىفونلىرىدىن مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن ۋە سۈرەتلەرنى ئىزدىشەتتى، تېپىلغانلىرىنى بىر-بىرىگە يوللىشاتتى. ماڭا بۇ سورۇن ۋە بۇنداق پاراڭلار ئۆز ئېدى. خىيالىم سورۇندىن يېزىق مەسىلىلىرىگە بۇرۇلۇپ كەتتى. توغرا،بىز قۇرئان ھەرپلىرىنى ئىشلىتىمىز، لېكىن بۇ ھەرپلەر بىلەن بېسىلىپ ئەڭ كۆپ تارقىتىلىۋاتقانلىقىنى «شىنجاڭ گېزىتى»، «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژورنىلى ….دېگەنلەردىن ئىبارەت. تۈركلەر لاتىن يېزىقىنى قوللىنىدۇ، لېكىن «قۇرئان» نىڭ يۈز خىلدىن ئارتۇق تەرجىمىسى ۋە تەپسىرلىرى بار، يەنە دىنىمىزغا دائىر مىڭلىغان كىتابلار نەشىر قىلىنىپ تۇرىدۇ.
فاتىھ بىلەن سونگۈل ئابلامىزنىڭ مۇنازىرىسى سورۇنلىرىمىزدىكى بىلىم بۇلاقلىرى ئېدى. كۆزى ئېتىلىشكە باشلىغان بۇلاقلارنى ئويغاتقۇچى كۆپىنچە سونگۈل ئابلامىز بولاتتى. سونگۈل ئابلامىز ئىران ئازەرىلىرىدىن بولۇپ، ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن ئامېرىكىغا سىياسىي پاناھلىق تىلەپ تۇرۇپ قالغانىكەن. مارت كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يەنە شۇنداق مۇنازىرىدىن بىرى بولدى. گەپنى يەنە سونگۈل ئابلا تەشتى.
-جۇڭگونىڭ بۈگۈنكىدەك تېز يۈكسىلىشى بىر پارتىيىلىك تۈزۈم ۋە يېزىق ئۆزگەرتمەسلىكتىن بولغان. ھەممەيلەن دېموكراتىيە مۇھىم دەيسىلەر،دېموكراتىيىنى يېگىلى،كەيگىلى بولاتتىمۇ؟ دېموكراتىيەنى مەسجىد قىلىپ ناماز ئوقۇغىلى، مەكتەپ قىلىپ بالا ئوقۇتقىلى بولمايدىغۇ ئاخىر، دېدى سونگۈل ئابلا بىزنىڭ تۈركىيەدىكى تەرەققىيات، دېموكراتىيە ۋە ئەنئەنە ھەققىدىكى مۇلاھىزىمىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ.
-سونگۈل ئابلا، يېزىق ئۆزگەرتمەسلىك تەرەققىياتقا سەۋەب بولىدىغان بولسا جۇڭگو بىلەن ئوخشاشلا ئىزچىل ئۆز يېزىقلىرىنى تاشلىماي كېلىۋاتقان ئەرەبلەر،فارىسلار ۋە ئافغانلار نېمە ئۈچۈن تەرەققىي قىلالمىدى؟ نېمىشقا تارىختا يېزىق ئۆزگەرتكەن جەنۇبى كورىيەنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگودىن ئۈستۈن. ئەگەر بىر پارتىيىلىك تۈزۈم يۈكسىلىشكە سەۋەب بولىدىغان بولسا نېمىشقا كۆپ پارتىيلىك كورىيەنىڭ پاراۋانلىقىغا بىر پارتىيىلىك چاۋشىيەننى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. نېمە ئۈچۈن كۆپ پارتىيىلىك ،دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويغان كورىيە گۈللىنىپ مۇستەبىت، بىر پارتىيىلىك تۈزۈمنى يولغا قويغان چاۋشىيەن بارغانچە خاراپلىشىدۇ. جېنىم ئابلا، مىللەتنى يۈكسەلدۈرىدىغىنى قانداق يېزىقنى قوللىنىپ قايسى پارتىيىگە ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئاللاھ ئاتا قىلغان ھۆر ياشاش، ھۆر ئويلاش، باراۋەر رىقابەتلىشىش، بىخەتەر ئۇيۇشۇش ۋە خالىغان يەردە ئوتۇراقلىشىپ، چىقىشالىغان بىلەن يېقىن، ئەپلىشەلمىگەندىن يېراق تۇرمۇش كەچۈرۈش بىلەن بولىدۇ. بۆرىسىز يايلاقتا قويمۇ ئاۋۇمايدىغان تۇرسا رىقابەتسىز بىر پارتىيىلىك تۈزۈمدە ئەل-خەلق يۈكسىلەلەمدۇ، بەخىتلىك بولالامدۇ؟ توغرا، دېموكراتىيىنى يېگىلى بولمايدۇ، ئەمما دېموكراتىيە بولمىسا يەۋاتقان يېمەكلىكنىڭ ھالال-ھارام، پاسكىنا-پاكىز، بۇلغانغان-بۇلغانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى ياكى خەقنىڭ ھۆكۈمىنىڭ توغرا-خاتالىقى ھەققىدە مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدۇ. دېموكراتىيىنى كەيگىلى بولمايدۇ، لېكىن بىر پارتىيەلىك مۇستەبىت دۆلەتتە ئىنسان ئۆز تاللىشى ۋە ئىتقادى بويىچە خالىغانچە كىيىنەلمەيدۇ. دېموكراتىيەنى مەسجىد قىلىپ ناماز ئوقۇغىلى بولمايدۇ، لېكىن دېموكراتىيە يوق ئەلدە خالىغان مەسجىدتە،خالىغان ئىمامنىڭ كەينىدە، خالىغان ۋاقىتتا ۋە خالىغان مەزمۇندا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىلى بولمايدۇ. دېموكراتىيەنى مەكتەپ قىلىپ بالا ئوقۇتقىلى بولمايدۇ، ئەمما دېموكراتىيە بولمىسا بالىلارنى مۇستەقىل ئويلىيالايدىغان، مۇستەقىل ياشىيالايدىغان، ئۆز كەلگۈسىگە ۋە ئۆزى سۆيگەن كىشىلەرنىڭ ئىستىقبالىغا مەسئۇل بولالايدىغان قىلىپ يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپ قۇرغىلى، مائارىپ بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ. -سونگۈل ئابلا، سىز ئامېرىكىدا ياشاۋاتىسىز شۇڭا بۇ يەردە ھەرقانداق سورۇندا، ئۆزىڭىزنىڭ ئەقىدىسىگە ئۇيغۇن كىيىنىپ، ئۆزىڭىز خالىغانچە پىكىر بايان قىلسىڭىز بولىدۇ. مەسىلەن،كانزاسنى مۇستەقىل قىلىپ ئامېرىكىدىن بۆلۈۋالايلى دەمسىز، ياكى ئامېرىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئايرىم بىر پارتىيە قۇرايلى دەمسىز، دېموكراتىيەنى خاتا دەمسىز، كومۇنىزىم ياكى تىرورىزىمنى توغرا دەمسىز ئۆزىڭزىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى. ئەگەر سىز بىر پارتىيىلىك تۈزۈمنى قوللىسىڭىز شۇنداق دۆلەتكە بېرىپ يۇقارقى گەپلەرنى دەپ بېقىڭ، ئۆزىڭىزنى قانداق قاماقتا، قايسى قىيناقلاردا كۆرىسىزكىن. سونگۈل ئابلا سۆز قاتماي جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتى. سورۇندىكىلەرنىڭ كۆزى پات-پات ماڭا تىكىلەتتى. ئۇلار مەندىن فاتىھنىڭ سۆزلىرىگە تەستىق ياكى ئىنكار كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى. مەن بولسام ياغلىقىنى ئىڭەكلىرىدىن چىگكەن بۇ ئايالنىڭ نېمە سەۋەبتىن كومپارتىيە ۋە كومۇنىستىك ئېدىلوگىيىگە بۇ قەدەر مەھلىيا ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەي ئاۋارە ئېدىم.
ئامېرىكىدىكى كۆڭۈللۈك ھاياتقا چېكىت قويىدىغان كۈنلەر يېقىنلاپ قالغان ئېدى. مېڭىش ئالدىدىكى ھەممە تەييارلىقلار پۈتتى. بىزنى ئايروپىلان ئىستانسىسىغا ئاپىرىپ قويىدىغانغا بىر خەنزۇ ساۋاقدىشىمنى نەچچە ئاي بۇرۇن ئۇقۇشقانىدىم. ئەسلى بۇلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرمىساممۇ تۈرك دوستلىرىمنىڭ ھەر قاندىغىنىڭ بىزنى ماشىنىسىدا ئۇزۇتۇپ قويىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئەمما ئايرۇپىلان بەك سەھەر ئۇچاتتى، ئۇلارنى يېرىم كېچىدە ئاۋارە قىلغۇم كەلمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتىۋىمىزدىن ئايرودۇرۇمغا ئىككى سائەتكە يېقىن يول يۈرۈشكە توغرا كېلەتتى. سەھەر سائەت ئالتىدە ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا ئۈلگۈرۈش ئۈچۈن يېرىم كېچىدە يولغا چىقىشىمىز كېرەك ئېدى. ئۇلارغا پۇل بەرسەم ئالمايدۇ، بەرمىسەم ھەممە ئىش ئوچۇق ھىساب بىلەن بولىدىغان بۇ ئەلدە توغرا بولمايدۇ. ۋەتەنگە ئۇچىدىغان ئاخىرقى كۈنلەردە فاتىھ بىزنى ئايرودۇرۇمغىچە ئۇزۇتۇپ چىقىشقا ئۆزىنىڭ تاللانغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قىزغىن كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ قالدىم ۋە تاشتەك ئېغىر تىلىمنى تەستە مىدىرلىتىپ ئەھۋالنى ئېيتتىم. فاتىھ چېرايىمغا قارىماي بىر پەس تۇرۇپ كېتىپ «بىر جۇڭگولۇق بىلەن كېلىشىتىم دېگىنە !»دەپ چۈشىنىكسىزلا كۈلۈپ قويدى ۋە ماڭا:
-تۈركىيىدە مۇنداق بىر ھېكايە بار ھەنىفەنىڭ ئوغلى دەيدىغان. بىر مەھەللىدە ھەنىفە ئىسىملىك بىر تۇل ئايالنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن. مەھەللىدىكىلەر بۇ بالىغا بەك ئامراق ئىكەن. بۇ بالا نېمە ياخشى ئىش قىلسۇن ئانىسى ھەنىفەدىن ئۆگەنگەنلىكىنى دەيدىكەن. ئۇ خەقلەرگە ياخشى كۆرۈنىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە بولغانلىرىدا جامائەتتىن ئۆزىگە مۇشۇنداق ياخشى ئەخلاقنى سىڭدۈرگەن ئانىسى ھەنىفەگە دۇئا تەلەپ قىلىدىكەن. يىللار ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئۆز ئىسمى ئۇنتۇلۇپ نامى يۇرتقا ھەنىفەنىڭ ئوغلى دەپ تارىلىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھەنىفە ئوغلىنى بىر گۇمان بىلەنلا ئۇرۇپ كېتىپتۇ. ھەرقانچە چۈشەندۈرسىمۇ ئىشەندۈرەلمەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوغۇل «ئەي ئانا،پۈتكۈل يۇرتقا سېنى تونۇتۇپتىمەنيۇ بىر ساڭا ئۆزۈمنى تونۇتالماپتىمەن، ھازىر مېنى تونۇيدىغانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئىشنىدۇ،لېكىن سەن ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسەن» دەپتۇ،-دېدى. بۇ ھېكايىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. خۇددى ئوتتۇز كۈن رامىزان تۇتۇپ ئاغزىمنى ھارام بىلەن ئاچقاندەك بىر ئاچچىق پۇشايمان يۈرۈگۈمنى تاتىلايتتى. فاتىھ ئايرودۇرۇمغا ماڭىدىغان چاغدا يەنە كەلدى. ۋاقىت كېچە سائەت ئىككىدىن ئاشقان ئېدى. چىرايىدىن قىيالماسلىق، ئەنسىرەش ۋە ئەپسۇسلىنىشقا ئوخشايدىغاندەك ئالامەتلەرنى بايقىغاندەك قىلدىم. ئاخىرقى مىنۇتلارغىچە ھەر ئىككىلىمىز تۈزۈك تەبئىي بولالماي قۇچاقلاشقانچە خوشلاشتۇق.
ئۆزگەرسەڭ دەيمەن. مەن سۆيۈپ يازغانلىرىمنى ھاياتتىن مەنە ئىزدىگەن، يامان ئادەتلەرگە، خاتا پوزىتسىيەگە، ناتوغرا تەپەككۇرغا قۇل بولۇشنى رەت قىلغان، مۇۋەپپەقىيەتتىن ۋاز كەچمەيدىغان بارلىق قەدىردانلىرىمغا سۆيۈنۈپ ھەدىيە قىلىمەن. كۆزلىگىنىم ئورتاق خۇشاللىق، كۈيلىگىنىم ئۆزگىرىش مارشى، ئۈمىد مارشىدۇر

http://bbs.bagdax.cn/thread-35088-1-1.html

Share
1814 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.