logo

trugen jacn

داغىستاندا چىقىدىغان تۈركشۇناسلىق ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانى ئۇيغۇرشۇناسلىققا بېغىشلاندى

turk-dunyasi-xewiri-zhornili-kirish-soz

يېقىندا رۇسىيە فېدېراتسىيەسى داغىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ماخاچكالا شەھىرىدە نەشر قىلىنغان «تۈرك دۇنياسى خەۋىرى» ناملىق خەلقئارا ئىلمىي-ئەمەلىيژۇرنال دۇنيا تۈركشۇناسلىقى ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقاتلارنى، ئالىملارنىڭ يەتكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى جارى قىلىشنى كۆزلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سانى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرشۇناسلىق مەسىلىلىرىگە بېغىشلانغان.

ژۇرنال «تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىفولوگىيىسى ۋە دىنى»، «تىل ۋە ئەدەبىيات»، «تارىخ ۋە مىللىي مەدەنىيەت» ۋە «شەرقنىڭ ئەربابلار بوشلۇقى: ئاتاقلىق شەخسلەر ھەققىدە ئوچېركلار» ناملىق قىسىملاردىن تەركىب تاپقان. ژۇرنال ئۇنىڭ باش مۇھەررىرى ئىمپېرىيەت خالىپايېۋانىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىرىش سۆزى بىلەن باشلىنىپ، ئاپتور ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى ھەققىدە قىسقىچە توختالغان.

پروفېسسور ئىمپېرىيەت خالىپايېۋا داغىستان جۇمھۇرىيىتى پايتەختى ماخاچكالا شەھىرىدىكى داغىستان دۆلەت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ياۋرو-ئاسىيا مەدەنىيىتى ئىلمىي-بىلىم مەركىزىنىڭ مۇدىرى. ئۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مىفولوگىيىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە سوئاللار كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن بۇ مەسىلىگە قىزىققانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ يېقىن تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ژۇرنالنىڭ بۇ سانىنى مەخسۇس ئۇيغۇر مەسىلىلىرىگە بېغىشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ تارىخىغا چۆكۈپ، شۇنى بىلدىمكى، ئۇيغۇرلار كۆپ جاپا تارتقان خەلق ئىكەن. مەن شۇنچىلىك ھەيران بولدۇمكى، ئۇيغۇرلار كۆپ نەرسىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈپتۇ. مۇنداق نەرسىلەرنى باشتىن ئۆتكۈزگەن ئادەملەر ئەسلىدە ئىنتايىن ئەقىللىق، بىلىملىك كېلىدۇ. ماڭا شۇنداق ئوي كەلدى. بىر تەرەپتىن، ماڭا شۇ نەرسە ياقتىكى، ژۇرنالنىڭ ئۇيغۇر سانىدا بىزنىڭ خەلقلىرىمىزنىڭ تۇغقانچىلىق ئالاقىلىرى كۆرسىتىلدى. چۈنكى بىزنىڭ تىللىرىمىزمۇ بىر-بىرىگە ئىنتايىن يېقىن ئىكەن ھەم بۇ يېقىنچىلىق ھەيران قالارلىق ھالدا چوڭ ئىكەن.»

مەزكۇر ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچىلاردىن تاشقىرى قۇمۇق ئالىملىرىدىن ئىمپېرىيەت خالىپايېۋانىڭ «قۇمۇق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تويلىرى: ئەنئەنىۋى مىفولوگىيىلىك ئاساس»، ئا. ئادجىيېفنىڭ «قۇمۇق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ماقال-تەمسىللىرى ۋە فرازېئولوگلىرىمىزنىڭ ئومۇمىيلىق مەسىلىسى ھەققىدە»، ي. غامزاتوفنىڭ «ئۆزىگە يول: دىلمۇرات قۇزىيېف ھەققىدە» ناملىق ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان.

ئى. خالىپايېۋا ئۇيغۇر ۋە قۇمۇقلارنىڭ ئىككى قارىمۇ-قارشى تېررىتورىيەلەرگە جايلاشقىنىغا قارىماي، تىل، ئەنئەنىلەر، ھەتتا ئانتروپولوگىيە جەھەتتىنمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا بۇ ئىككى خەلقنىڭ يېقىنلىقى توغرىسىدا تەتقىقاتلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىغا، بۇ جەھەتتە ئىككى خەلق ئالىملىرىنىڭ كېلەچەكتە بىرلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ بىلدۈردى.

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى داغىستان دۆلەت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تەسىس قىلغان مەزكۇر ژۇرنالنىڭ رېداكسىيە كېڭىشىگە رۇسىيە، ئۇكرائىنا، خىتاي، قازاقىستان، ئەزەربەيجان، فىنلاندىيە، ياپونىيە، كانادا، گېرمانىيە، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، مولدوۋا، تۈركىيە مەملىكەتلىرى ۋەكىللىرى بولۇپ 26 كىشى ئەزا.

ئۇلار تەركىبىدە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى راھىلە داۋۇت ۋە قازاقىستان مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ھەمرايېفمۇ بار

image
تۈركشۇناسلىق پېنىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى، بۈگۈنكى مۇھىم مەسىلىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى قانداق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ؟

بىز بۇ ھەقتە مۇختەر ئەۋېزوف نامىدىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ئىلگىرى، يەنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە تۈركشۇناسلىق ئېلىمىنىڭ مەركەزلىرى بولۇپ قايسى شەھەرلەر ھېسابلانغان؟
جاۋاب: كېڭەش ئىتتىپاقىدا تۈركشۇناسلىق ساھەسى ناھايىتى جۇشقۇن راۋاجلانغان ئىلمىي ساھە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق مەركەزلىرى سانكت-پېتېربۇرگ، موسكۋا بولسىمۇ، ئەڭ مۇھىم مەركىزى ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سوئال: ئىتتىپاق غۇلىغاندىن كېيىنچۇ؟
جاۋاب: ھازىر داغىستان پايتەختى ماخاچكالا شەھىرى رۇسىيەنىڭ يېڭى تۈركشۇناسلىق بېتىنى ئاچتى. ئۇ يەردە يېتەكچى رولنى قۇمۇق ئالىملىرى ئىگىلىدى. كۆپچىلىككە مەلۇم، رۇسىيەدىمۇ كۆپلىگەن تۈركىي خەلقلەر بار. شۇلارنىڭ مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى راۋاجلىنىۋاتىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ مەركەز شۇ رۇسىيە تەۋەسىدە ياشاۋاتقان تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

سوئال: مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى يىللىرى تۈركشۇناسلىق، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى قانداق دائىرىدە، شەكىلدە تەرەققىي ئەتتى؟
جاۋاب: سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن جۇمھۇرىيەتلەردە يېڭى باسقۇچ، يېڭى ئىلمىي يۆنىلىشلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى كۆپلىگەن قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەردىكى تۈركشۇناسلار، ئۇيغۇرشۇناسلار بىلەن ئالاقە باغلىدى. بىز قىزىمىزنىڭ تەتقىقاتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتىمىز. مېنىڭ ئېيتماقچى بولغىنىم، داغىستاندىكى تۈركشۇناسلىق ئالاھىدە بىر ساھەگە ئايلانماقتا. قۇمۇق ئالىملىرى بۇنى خەلقئارالاشتۇرۇشنى نىيەت قىلغان.

سوئال: قۇمۇق ئالىملىرىنىڭ ئەسلى مەقسىتى نېمىدىن ئىبارەت بولدى؟
جاۋاب: كېيىنكى ۋاقىتلاردا قۇمۇق ئالىملىرى، بولۇپمۇ ئىمپېرىيەت خالىپايېۋا قۇمۇق خەلقىگە ئەڭ يېقىن خەلقلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ بىلىپ، ئۇيغۇرلار توغرىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىش، مەلۇماتلارنى يىغىش بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئومۇمەن ئۇيغۇرلارنى يېڭىدىن تونۇشتۇرۇش.

سوئال: ژۇرنالنىڭ بۇ سانىدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتلىرى قانداق بىر نەتىجىگە ئېلىپ كەلدى دەپ ئويلايسىز؟
جاۋاب: بۇ ژۇرنالدا دۇنيا مىقياسىدا ئىشلەۋاتقان ئالىملارنىڭ سالماقلىق تەتقىقاتلىرى ئېلان قىلىندى. بىر نومۇرنى بىزگە بېغىشلىدى. بىز بۇنىڭغا ناھايىتى مىننەتدارمىز. چۈنكى بۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ قويۇقلىشىشىنىڭ بىر ئىپادىسى. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ سالمىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. بىز يەنە بىر قېتىم ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى، سەنئىتىنى باشقا خەلقلەرگە تونۇشتۇردۇق دەپ ھېسابلايمەن. بۇ زور مەدەنىي ۋەقە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/uyghurshunas-07072016153342.html

Share
1511 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.