logo

trugen jacn

خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى مەلۇم ئەمەس

ed2b1b77-e8fb-407e-ac61-1d0f8e264eb7

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى 2015‏-يىلى 8‏-ئايدا ئابدۇللا مەمەت، ئىسمائىل ھەسەن، مەتتۇردى قادىر، مەمەت يۈسۈپ مەتروزى، ھەمىدۇللا ئىمىن، ئابدۇقادىر ساۋۇت قاتارلىق 6 كىشىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، رايوندىكى ۋە ھەر قايسى خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرىدىن ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىدىكى گۇماندارلار بايقالسا دەرھال قولغا ئېلىشنى ۋە ج خ نازارىتىنىڭ 5-ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

5‏-ئىدارىنىڭ ۋەزىپە دائىرىسى بىزگە مەلۇم ئەمەس، ئەمما سىچۈەن ئۆلكىسى دېياڭ رايونلۇق شۆبە ساقچى ئىدارىسى تارقاتقان يەرلىك ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ كىشىلەر «ئېغىر زوراۋانلىق جىنايىتى»گە چېتىشلىق، دېيىلگەن.

ئىچكى موڭغۇل ۋۇخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا بولسا، تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى 6 كىشىنىڭ بىرى-ئىسمائىل ھەسەننىڭ دۆلەتنى پارچىلاش دېلوسىغا چېتىشلىق «زور دېلو سادىر قىلغان» گۇماندار ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئۇنىڭ ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە، ئۇنى تۇتۇشقا ياردەملەشكەن ئورگان ۋە شەخسلەرگە 50 مىڭ سوم خەلق پۇلى مۇكاپات بېرىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرىغا، سىچۈەننىڭ دېياڭ شەھىرى، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ۋۇخەي شەھەرلىك ساقچى ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈردۇق، ئەمما ئۇلار ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

ئىچكى موڭغۇلنىڭ ۋۇخەي شىنخۇا يولى ساقچى پونكىتىنىڭ بىر مەسئۇل خادىمى، «ئۇنداق تۇتۇش بۇيرۇقىدىن خەۋىرىمىز يوق» دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ شىنخۇا يولى ساقچى پونكىتى، قانداق گېپىڭىز بار! سىز، دېگەن ئۇ تۇتۇش بۇيرۇقىدىن مېنىڭ خەۋىرىم يوق. بىزنىڭ ج خ ئىدارىسىدىن چۈشۈرگەن تۇتۇش بۇيرۇقى بولغان بىلەن مەن ئاڭلاپ باقمىدىم. مەن ئۇنداق تۇتۇش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالمىدىمغۇ! چوڭ دېلولار بولسا بىزنىڭ ساقچىخانىغا كېلىدىغانلىقى راست. ئەمما بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى بىزگە كەلمىدى. مېنىڭ خەۋىرىم يوق.»

دېياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر كەچلىك نۆۋەتچى خادىمى بولسا، بۇ دېلونى ئىشلەۋاتقان مەسئۇل بۆلۈمگە تېلېفون قىلىپ سورىشىمىزنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ، ئۇ بۆلۈمنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بېرىشنى رەت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دېياڭ ئېچىۋېتىش رايونلۇق ساقچى ئەمەس، دېياڭ شەھەرلىك ساقچى. بىزنىڭ سىز دېگەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋىرىمىز يوق. بىز ئۇ دېلونى بىلمەيمىز. ئۇنىڭدىن دېلو ئىشلىگەن شۇ بۆلۈمنىڭ خەۋىرى بار. بۇنى شۇلاردىن سوراش كېرەك. مەن ئۇ تۇتۇش بۇيرۇقىنى قايسى تارماقنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىز مۇخبىر بولسىڭىز، بىزنىڭ ئۇ دېلودىن خەۋىرىمىز يوق. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغانلىقى دائىر ئۇچۇرلار ماڭا ئايدىڭ ئەمەس.»

يۇقىرىقى 6 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى مەتتۇردى قادىر كېرىيە ناھىيەسىنىڭ كۆكيار يېزىسىغا قاراشلىق كۆكيار كەنتىنىڭ ئاھالىسى. بىز بۇ يىل 32 ياشلاردىكى مەتتۇردى قادىرنىڭ ئىز ‏-دېرىكىنى قىلىپ كۆكيار يېزىلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. ئەمما ساقچى پونكىتىنىڭ بىر خادىمى، «بۇنى سىزگە دېيىشكە بولمايدۇ » دېدى. نېمىشقا بىزگە دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى سورىساق، تېلېفوننى قويۇۋەتتى.

ساقچى: «شۇنداق، بۇ كۆكيار يېزىلىق ساقچىخانا. سىز بۇلارنى ‏)مەتتۇردى قادىرنىڭ ئەھۋالىنى( سوراپ نېمە ئىش قىلىسىز. خاپا بولماڭ، سىز مۇخبىر بولسىڭىز، بۇنى ئۆزىڭىز بېرىپ، ئالاقىدار ئورۇندىن يۈزتۇرانە سورىسىڭىز بولىدۇ، تېلېفوندا سورىسىڭىز بولمايدۇ. كەچۈرۈڭ، سىز چەتئەلدىن ئۇرۇۋېتىپسىز، خاپا بولماڭ، بۇنى سىزگە دېيىشكە بولمايدۇ» دېدى.

خىتاينىڭ 6 كىشىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى تىزىملىكىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭى 40، ئەڭ كىچىكى 21 ياشلاردا. تىزىملىكتىكى ئىسمائىل ھەسەن بۇ يىل 40 ياشلاردا بولۇپ، ئۇ توقسۇ ناھىيەسنىڭ ئىچئېرىق يېزا جايى كەنتىنىڭ ئاھالىسى. 39 ياشلاردىكى ئابدۇللا مەمەت خوتەن گۇما ناھىيەسىنىڭ پۇقراسى. مەمەت يۈسۈپ مەتروزى بولسا خوتەن شەھىرى، ھەمىدۇللا ئىمىن ئاۋات ناھىيە بەشئېرىق يېزىسىنىڭ قۇمھويلا كەنتى، ئابدۇقاھار ساۋۇت بولسا ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ ئاھالىسى.

ئەمما خىتاي ج خ ئورگانلىرىنىڭ تارقاتقان تۇتۇش بۇيرۇقىدا، ئۇلارنىڭ «ئېغىر زوراۋانلىق دېلوسى» ياكى دۆلەتنى پارچىلاشقا ئالاقىدار ئۇنداق «زور دېلو» سادىر قىلغۇدەك كونكرېت قانداق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىغا ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىگەن.

خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار سىياسىي دېلولاردا ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىق ئەھۋالى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى، بۇ ئەھۋال زور ھەقسىزلىكلەرگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

نۇرمەمەت مۇساباي: «خىتاي قانۇن دۆلىتى ئەمەس، شۇڭا، ئۇلار تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان كىشى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمەيدۇ. ئەمما سىياسىيغا چېتىشلىق ھەرقانداق بىر كىشىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىۋېرىدۇ.
بۇ يەردە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا بولغان مۇئامىلە پەرقلىق بولۇۋاتقانلىقتىن، بۇ سىياسەت مۇشۇنداق كېتىپ بارىدۇ. ئۇ خىتايلار توغرىلىق ئېلان چىقارسا ھەممىنى تەپسىلىي بېرىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلارغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارسا ئۇنىڭغا ھېچقانداق ئېنىقلىما بەرمەيدۇ. )تومتاقلا( تۇتۇش بۇيرۇقى، دەيدۇ، ئۇنى ھەر قانداق يەردە كۆرگەن خىتاي ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسۇن، رەسىمىنى كۆردىما، سوئال-سوراقسىز تۇتۇپ ئاپىرىپ بېرىۋېرىدۇ. بۇ يەردىكى مەسىلە، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىنى ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىغا ئوخشاش ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقىدىكى مەسىلە» دېدى.

نۇرمەمەت مۇساباي يەنە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇنىڭ «تېررورلۇق»نى سۇيىئىستېمال قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتايدا ئۆيگە باستۇرۇپ كىرگەن ساقچىغا، نېمىشقا ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرىسەن، دېگەن ئۇيغۇرنىڭ قولىدا پىچاق بولۇپ قالسا، ئۇ تېررورچى. بۇ يەردە خىتاي تېررورچى،دېگەن ئىسىمنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، ئۇيغۇرنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ.

ئەمدى خىتاي بۇ يەردە ئۇ 6 ئۇيغۇرغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ ‘جىنايىتىنى تولۇق ئاتىماسلىقى، دېمەك ئۇ 6 سىنىڭ قىلغان قىلمىشى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە چۈشمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى تېررورچى، دەي دېسە، تېررورلۇققا چۈشمەيدۇ. بۆلگۈنچى، دەي دېسە، بۆلگۈنچىلىككە چۈشمەيدۇ. جىنايەتچى، دەي دېسە، جىنايەتكە توشقۇدەك نەرسە يوق. ئۇلار پەقەتلا، خىتاينىڭ سىياسىتىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن پۇقرالار.

خىتاينىڭ ئۇلارغا ئارتقان ‘جىنايىتى’ ئۆلچەمگە توشمايدۇ. مانا بۇ، ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ‘جىنايىتى’ ھەققىدە تولۇق مەلۇمات بېرەلمەسلىكىدىكى سەۋەب.»

خىتاي ھۆكۈمىتى تىنچ ۋە قانۇنلۇق يوللار بىلەن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلغان ياكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە قارشى تۇرغان ئۇيغۇر سىياسىي، دىنىي ئۆكتىچىلىرىنى ئۇنىڭغا قوراللىق قارشىلىق كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلار بىلەن پەرقلەندۈرمەي باستۇرۇپ كەلدى.

بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆزىنىڭ ئۆتكەن يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينى زوراۋانلىققا ئارىلاشقانلار بىلەن ئۆزىنىڭ قارشى پىكرىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى پەرقلەندۈرۈشكە چاقىرغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/tutush-buyruqi-02222016163821.html

Share
2181 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.