logo

trugen jacn

خىتاي ھاكىمىيىتى نېمە ئۈچۈن مىللىي زۇلۇم، مىللىي سىياسەتنىڭ مۇۋاپىقىيتى دەپ قارايدۇ؟


مەھمەتىمىن ھەزرەت

 

خىتاي ھاكىمىيىتى نېمە ئۈچۈن مىللىي زۇلۇم، مىللىي سىياسەتنىڭ مۇۋاپىقىيتى دەپ قارايدۇ؟

 

ئەركىن ئاسىيا مۇخبىرى شۆھرەت ھۇشۇرنىڭ بۇگۈنكى خەۋىرىدە ئۈرۈمچى ياڭخاڭ مەسچىتىدىكى روزاھېيىت نامىزىغا 200 دەك ئادەم قاتناشقان. بۇ مەلۇمات خىتاي تېلىۋىزرورىدىمۇ ئېلان قېلىنغان. بۇرۇنقى ھېيت نامازلىرىدا ياڭخاڭ مەسچىتكە سىغمىغان 5-6 مىڭ كىشىلىك جامائەت كوچىلاردا ناماز قىلاتتى. بۇ ھېيتتا قەشقەر ھېيتكا مەيدانىمۇ بوم- بوش قالغان. نېمە ئۈچۈن؟ كېيىنكى ئىككى ئاي ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى ”تېرورنىڭ مەنبەسى“ دەپ قاراپ دىنغا قارشى قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىغىدىن
چىن چوۋەنگو بېيجىڭغا دوكلات يازغاندا، بۇ ھېيت نامىزىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى تېخىمۇ مۇبالىغە قىلىپ يوللايدۇ. بۇ جاللات دوكلاتنىڭ خۇلاسە قىسمىدا “ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ساداقىتى سۇس. بىز سىياسەتنى قاتتىق تۇتساق ئۇيغۇرلارنى دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇش قېيىن ئەمەس.” دەپ يازىدىغانلىقى ئېنىق. خىتاي مەركىزى كومىتېتى، چىن چوۋەنگونى تەقدىرلىشى تۇرغان گەپ. بۇ جاللاتنىڭ ”مۇۋاپىقىيەتى“گە ھەيران قالغان شىجىنپېڭ، ئۇنى ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىغى يۇكسەك بىر ئىھتىمال

رۇزىھېيىت كۈنىدىكى تەڭرىتاغ تورىنىڭ باش ماقالىسىدىن كۆرۈنۈش

 

ئەگەر خەلقىمىز بۇ قېتىمقى ھېيتتا ھېيت نامىزىغا بۇرۇنقىدەك ،ھەتتا بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ كەلگەن بولسا، ئاللاغا ئىبادەت قىلىشتىن قورقمىغان بولسا، خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىدە مەلۇم دەرىجىدە يۇمشاش ۋەزىيىتى شەكىللىنىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمدى بولسا، ئۇيغۇر خەلقىنى “قورقۇنچاق” كۆرگەن چىنچوەنگو تېخىمۇ قاتتىق قول سىياسەت قوللىنىدىغانلىقى ئېنىق

خىتايلار سىياسەتنى مىللەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىش سەۋىيىسىگە قاراپ ئىجرا قىلىپ كەلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى، يەنبيەن چاۋشەن ئاپتونوم ئوبلاستىدا ھەقىقى ئاپتونومىيىنى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. چۈنكى، يەنبىيەنلىك كۇرىيان مىللىتى بۇرۇندىن باشلاپ يالغان ئاپتونومىيىنى قەتئىي رەت قىلىپ كەلگەن. تىبەتتە دىنىي بېسىم بار. بىراق دۆلەت ئىدارە- جەمىيەتلىرىدە تىبەتلىكلەر مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئېگەلەيدۇ.ئەمەلىي ھوقۇقلىرى بار. تىبەتتە ”قوش تىللىق مائارىپ“ دەيدىغان سىياسەت يوق. بۇنداق بىر ئۇقۇممۇ يوق. ئەكسىچە مەركەزدىن تىبەت تىلىنى بىلمەيدىغان تىبەتلىكلەرنىڭ تىبەتچە ئۆگىنىشى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىبەتلىكلەرگە تىبەتچە ئۆگىتىدىغان ھەقسىز تىل كۇرسلىرى بار

شەرقى تۈركىستاندا بولسا، 1954. يىلى خىتاي باشلىقلار ئۆزى خالىغانچە ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاپتونوم ناھىيىلەرنى بېكىتىپ ئېلان قىلدى. ئۇيغۇرلاردا بەك چوڭ قارشىلىق كۆرۈلمىگەندىن كېيىن 1955. يىلى بەدىنى پارچىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننى ئېلان قىلىپ بەردى. 1957. يىلى پۈتۈن خىتايدا ئوڭچىللىققا قارشى كۈرەش ھەرىكتى يۈرگۈزۈلگەندە، ۋەتىنىمىزدە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەركەت يۈرگۈزۈلدى. زەربە يەپ ئىشىدىن قوغلانغان،سۈرگۈن قىلىنغان، تۈرمىلارغا سۇلانغان، ۋەتەندىن قېچىپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۇيغۇر زىيالىينىڭ سانى 100 مىڭدىن ئارتۇق. ئامما، ئىچكى موڭغۇلىيە، تىبەت، يەنبيەن، نىڭشا، گۇاڭشى….لاردا ۋە باشقا ھېچبىر ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا ”يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى كۈرەش“ ھەرىكتى بولغان ئەمەس. 1959-1961. يىللىرى يۇرتىمىزدا ھېچقانداق تەبىئي ئاپەت بولماي تۇرۇپ ئاچارچىلىقتا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن جاي يەنە شەرقى تۈركىستان بولدى. مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا دىنىمىزغا، مەدىنىيىتىمىزگە قىلىنغان ھاقارەت،مىللىتىمىزگە قىلىنغان زۇلۇمنى تەرىپلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ
مەن 1982. يىلى 9. ئايدا بېيجىڭگە ماگىستىرلىق ئوقۇشقا بارغان ئىدىم. ئۆي نازارىتىدىن يېڭى قۇتۇلغان سەيپىدىن ئەزىز قۇربان ھېيىتتا ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ بىرسىنى ئەۋەتكەن ئىكەن، بىر قانچىمىز ئۆيىگە باردۇق. قۇربانلىق قوي ئېلىپ قويغان ئىكەن. بىزنىڭ ئالدىمىزدا تۇڭگان ئاشپىزىگە قوينى قۇربانلىق قىلدۇردى. سەيپىدىن ئەزىز باشقىلارنى كاۋاپ قىلىشقا چىقىرىۋېتىپ مېنى يېنىدا ئېلىپ قالدى ۋە ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى سورىغىلى باشلىدى. بۇ سۆھبەت توغرۇلۇق بەزى مەلۇماتلارنى بۇرۇن يازغان ئىدىم. سەيپىدىن ئەزىز بىرىنچى باشلىق بولۇپ تۇرغان 1974- 1975. يىللىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق ئازاب چەككەن يىللىرى بولغانلىغى توغرىسىدا خەلق ئىچىدە غۇل-غۇلا بارلىقىنى ئېيتقىنىمدا، سەيپىدىن ئەزىز “مەن 1974. يىلى ئۇيغۇر مىنبىڭلارغا 200 مىڭ مىلتىق تارقىتىپ بەردىم. بۇ مىلتىقلارنىڭ تارقىتىلىشىنى مەن بۇيرۇق قىلدىم. مەن بۇ مىلتىقلارنى ئۇيغۇرلار ئوينىسۇن دەپ تارقىتىپ بەرمىدىم.” دېدى ناھايىتى خاپا بولغان ھالدا. گەرچە مەن سەيپىدىننى بىر ۋەتەن خائىنى دېگەن قاراشتا بولۇپ كەلگەن بولساممۇ. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى ھازىرغىچە قۇلاق تۈۋىمدە ئەكس سادا پەيدا قىلىپ تۇرىدۇ. سەيپىدىن بۇ گەپنى 1983.يىلى باشقا بىر زىيالىغىمۇ دېگەن ئىكەن. بۇ يىللار سېۋىت- خىتاي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن جىددى بولغان يىللار ئىدى.بىزدە ھەركەتلىنىش بولغان بولسا ئىدى. سېۋىت ئىتتىپاقى دەرھال ئەسكەر چىقىرىش ئىھتىمالى يۇقىرى ئىدى

ئافرىقا ئورمانلىرىدا 3-4 يولۋاس بىر توپ بولۇپ، يۈزلەرچە قوتازدىن تەركىپ تاپقان قوتاز پادىسىنىڭ ئارقىسىغا چۈشۈدۇ. پۇرسەت تېپىپ توپتىن بىر قوتازنى ئايرىپ ھەممە يولۋاس شۇ بىر قوتازغا ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە پارچىلاپ يەيدۇ. باشقا قوتازلار قارىشىپ تۇرىشىدۇ ۋە كېيىن ئاستا-ئاستا ئۇ يەردىن ئايرىلىدۇ. يولۋاسلار قوسىقى ئاچقاندا يەنە قوتاز توپىدىن بىر قوتازنى ئايرىپ پارچىلايدۇ…. ئەگەر يۈزلىگەن قوتاز بىرلىكتە يولۋاسلارنىڭ ئۈستىگە يۇپۇرۇلۇپ كەلسە ئىدى. 3-4 يولۋاسنى مۈڭگۈزلىرى بىلەن ياكى ئاياغلىرى بىلەن چەيلىۋەتكەن بولاتتى. ئامما، قوتازلاردىكى قورقۇش پسىخولوگىيىسى بۇ ھايۋانلارنى دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار قىلغان ئىكەن. خىتايلارمۇ، ئۇيغۇر مىللىتىگە ئوخشاش ۋەھشى ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە. ھەر رايىم قورقۇنچاقلىغىمىزدىن، تارقاقلىغىمىزدىن پايدىلىنىپ بىزنى پارچىلاپ يوقىتىپ كەلدى. بۈگۈن بولسا، پۇت – قولىمىزدىكى، بوينىمىزدىكى سىرتماق شۇنچىلىك چىڭىپ كەتتىكى نەپەس ئېلىشتىمۇ قىينىلىپ كېتىۋاتىمىز
ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىڭ يىلدىن بېرى ھەر ھېيتتا توپلىشىپ ھېيت نامىزىنى قىلىشى، مىللىي مەدىنىيىتىمىزنىڭ، مىللىي ئۆرپ –ئادىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر. تەقۋادار مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ بۇ يىل ئاللاھدىن ئەمەس، كاپىر چىنچوئەنگودىن قورقۇپ نامازغا بارماسلىقى ئۆزىنىڭ يوقىلىشىنى تىزلىتىشكە سەۋەبچى بولماسمۇ؟

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، سۈرىيەدىكى ۋەھشى ”ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى“ دىن ھېچقانداق پەرقى بولمىغان بىر تېرۆر تەشكىلاتىدۇر. ئى.ش.ت.تېرورىستلىرى، تۇتىۋالغان ئامېرىكىلىق، ياۋرۇپالىقلارنىڭ بېشىنى قېلىچ بىلەن كېسىپ، كۆرۈنۈشلىرىنى تېلىۋىزور، ۋىيدىيولاردا كۆرسەتكەن بولسا، خىتاي كومىنىستىك پارتىيسى، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لىيۇ شاۋبونى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئالدىدا تۇرمىغا قاماپ ئەمدىلىكتە ”قاراجىگەر راكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا“ دەپ ئېلان قىلىشتىن نۇمۇس قىلمىدى. ”ئىراق- شام ئىسلام دۆلىتى“ تېرۆر تەشكىلاتى بىلەن خىتاي كوممونىستىك پارتىيە تېرۆر تەشكىلاتىنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق. پەرقى، بىرسىنىڭ ئاشكارە، بىرسىنىڭ مەخپى جىنايەت ئىشلەش ئۇسلۇبى بولغانلىقىدۇر

خىتاي ھاكىمىيىتى نېمە ئۈچۈن بىز ئۇيغۇرلارغا مىللىي زۇلۇم قىلىشنى، مىللىي سىياسەتنىڭ مۇۋاپىقىيىتى دەپ قارايدۇ؟ ھېيت نامىزىغا بېرىشتىن قورققان ئىنسانلارنىڭ دىندىن، مەدىنىيىتىدىن، ئورپ -ئادىتىدىن ۋاز كېچىپ ھاياتتا قالالىشى مۇمكىنمۇ؟ ئۇيغۇر خەلقى بۇ توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىشقا، يىرتقۇچ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن ئۆزنى قانداق قوغداپ قېلىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەپ تېپىشقا مەجبۇر 

 

Share
2101 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.