logo

trugen jacn

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 4 ئېيىدا 460 مىڭ ئادەمنى ئورنىدىن يۆتكىگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 3‏ ئېيىدا 460 مىڭ يېزا ئاھالىسىنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش نامىدا باشقا جايلىرىغا يۆتكىگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە نەقىل كەلتۈرىلىشىچە، مەزكۇر پىلاننىڭ مەقسىتى ئۇيغۇر رايونىدا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە نامراتلىقنى تۆگىتىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇشكەن.

خىتاي «خەلق گېزىتى» نىڭ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ460 مىڭ يەرلىك ئاھالىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باشقا جايلارغا ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن خەۋەردە، ئۇلارنىڭ قانچە پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى باشقا جايلارغا، قانچە پىرسەنتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش نامىدىكى «يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» پىلانى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پىلانى سىياسىي غەرەزلىك بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى تارقاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرت ماكانلىرىدىكى تەسىرىنى ئاجىزلىتىش ئىكەن.

«خەلق گېزىتى» خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ پىلانى 2019‏-يىلغىچە ئۇيغۇر رايونىنىڭ قەشقەر‏، خوتەن ۋىلايەتلىرىدىن يەنە 100مىڭ ئاھالىنى باشقا جايلارغا يۆتكەپ «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن يەرلىك ئۇيغۇرلارنى باشقا جايلارغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكىسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۇقىرى مائاش ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى بېرىپ، بۇ ۋىلايەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلدى.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» ئۆتكەن جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈ شاۋ شياڭنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، «شىنجاڭنىڭ يالغۇز نامراتلىق مەسىلىسى ئەمەس، ئۇنىڭ يەنە ئېتنىك مەسىلىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك يۆتكەشتىن باشقا، ئۇلارنى يەنە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقۇتىشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن.

https://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/adem-yotkesh-07092018173340.html

Share
1630 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.