logo

trugen jacn

خىتاي ئەمەلدارى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىشقا چاقىردى

Kerye8

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ خەنمېي قاتتىق تەدبىر قوللىنىپ، « جەنۇبىي شىنجاڭ» دىكى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنى كونترول قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ بۇ پىكىرنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 11‏-نۆۋەتلىك 3‏-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىشنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان يۇقىرى دەرىجىلىك 2‏-خىتاي ئەمەلدارى.

ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن ئۇيغۇرلارغا بىر پەرزەنتلىك پىلانلىق تۇغۇت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، مۇقىملىقنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ خەنمېي «جەنۇبىي شىنجاڭ» دا يېزا-كەنتلەردىكى تۇغۇت نىسبىتى ئەنسىرىگۈدەك يۇقىرى، يەرلىك ئەر-ئاياللار دىنىي نىكاھ قىلىپ، ھۆكۈمەتكە تىزىمغا ئالدۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ، بالىلار ۋە ئاياللارنىڭ جىسمانىي، زېھنىي سالامەتلىكىگە سەلبىي تەسىر قىلىپلا قالماي، رايوننىڭ نوپۇس سۈپىتىگە تەسىر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا تەھدىت پەيدا قىلغان.

بىراق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ پىلانى سىياسىي غەرەزلىك. ئۇ ئۇيغۇر نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاپتونوم رايوندىكى كۈچىنى ئاجىزلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ.


http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/uyghur-nopus-01232015163901.html

Share
1841 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.