logo

trugen jacn

خوتەن ناھىيىسىدە پىلانلىق تۇغۇت ۋە مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمىنى بۇزغۇچىلارغا پاسپورت بېرىلمەيدىكەن

c5169f92-7ea7-48a6-8450-18f008ddad72

ئەركىن

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ىز خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يېزىسىنىڭ يەرلىك كادىرلىرىنى «چەتئەلگە چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» توغرۇلۇق داۋاملىق زىيارەت قىلدۇق. مەزكۇر يېزىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىگە مەسئۇل كادىرى ئوسمان قۇرباننىڭ ئاشكارىلىشىچە، پىلانلىق تۇغۇتقا خىلاپلىق قىلغان ئائىلىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىكەن.

مۇخبىر: بۇ لاڭرۇ يېزىسى، سىز پىلانلىق تۇغۇت كادىرىغۇ دەيمەن؟ خوتەن ناھىيەسىنىڭ «چەتئەلگە چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» دە ئون نەچچە ئورۇننىڭ تامغىسىنى بېسىش تەلەپ قىلىنغان، قارىسام پىلانلىق تۇغۇتمۇ باركەن، نېمىشقا بۇ تامغىنى پىلانلىق تۇغۇتمۇ بېسىشى كېرەك؟

ئوسمان قۇربان: پىلانلىق تۇغۇتمۇ دۆلەتنىڭ بىر تۈپ سىياسىتى. ئەمدى ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمىغانلار بولسا، خىلاپلىق قىلمىشى يوق، دەپ تامغا باسمىسا بولمايدۇ. ھۆكۈمەت ئاشۇنداق چىقىرىپ يولغا قويغان جەدۋەل ئۇ.

مۇخبىر: چەتئەلگە چىقىش بىلەن پىلانلىق تۇغۇتنىڭ ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنى بېسىشى كېرەك؟ چوقۇم بېسىشى كېرەكمۇ سىلەرنىڭ تامغىنى؟
ئوسمان قۇربان: چوقۇم بېسىشى كېرەك. ئالاقىسى بار، جۇڭگو گراژدانى بولغاندىن كېيىن چەتئەلگە چىقماقچى بولسا، پاكىز ئادەم چىقالايدۇ. كىچىككىنە قىلمىش سادىر قىلغان ئادەم ياكى ھەرقانداق قانۇننى بۇزغان ئادەم چەتئەلگە چىقىش سالاھىيىتى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاشۇنداق جەدۋەل لايىھىلىگەن. ئەگەر ھېچقانداق ئىشى بولمىسا دەرھال بېسىپ بېرىدىغان تامغا ئۇ.

مۇخبىر: مەسىلەن، پىلاندىن بىر بالىسى ئېشىپ كەتكەنلەر قانداق قىلىدۇ؟
ئوسمان قۇربان: ئۇنداق بولسا تامغا بېسىلمايدۇ.

مۇخبىر: ئۇنداق بولسا ئارتۇق باكلا تاپقان ئائىلىلەر چەتئەلگە چىقالمامدۇ؟
ئوسمان قۇربان: مەن بۇنى بىلمەيدىكەنمەن.

مۇخبىر: بىر بالىنى ئوشۇق تۇغقان بولسا، سىلەر ئۇنىڭغا تامغا بېسىپ بەرمەيمىز، دېدىڭلار. ئۇنداقتا بىر بالىنى ئوشۇق تۇغقانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئادەم چەتئەلگە چىقماسلىقى كېرەكمۇ، مەسىلەن مۇھىم ئىشى بولسىمۇ؟
ئوسمان قۇربان: مەن ئۇقمايدىكەنمەن ئۇنى، مەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر پىلانلىق تۇغۇتتا ئەمەس، يېزىلىق ھۆكۈمەتكە يۆتكىلىپ چىقىپ كەتكەنگە بىر يىل بولدى.

مۇخبىر: لېكىن يېزىلىق ھۆكۈمەتمۇ تامغا بېسىشى كېرەككەنغۇ؟
ئوسمان قۇربان: يېزىلىق ھۆكۈمەت، سىياسىي قانۇن تارماقلىرى، ساقچىخانىنىڭ ئىشقىلىپ مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ.

مۇخبىر: ئەگەر تامغا چوقۇم بېسىشقا توغرا كەلسە، يېزىلىق ھۆكۈمەتلا بېسىپ بەرسە بولدىغۇ بىرلا تامغىنى. نېمىشقا يەنە ئۇ پىلانلىق تۇغۇت، سىياسىي قانۇن ئىشخانىسى، دەپ يەنە ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ؟
ئوسمان قۇربان: ئەڭ ئاخىرىدا ھۆكۈمەت باسىدۇ. لېكىن چوقۇم شۇ ئورۇنلار تامغا باسمىسا بولمايدىكەن. جەدۋەل شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار چوقۇم شۇ تارماقلار ئىسپاتتىن ئۆتكۈزمىسە بولمايدۇ، تامغا بېسىپ، دەپ بېكىتكەن. تامغا قانۇنلۇق بولغاچقا تامغا باسىدىغان گەپ.

بىز يەنە، لاڭرۇ يېزىلىق مائارىپ سابىق مائارىپ كادىرى ئەبەيدۇللاغا تېلېفون قىلدۇق. نۆۋەتتە، يېزا مائارىپ كادىرلىقىدىن بىر مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا يۆتكىلىپ كەتكەن ئەبەيدۇللا، پەرزەنتلىرىنى ئوقۇتماي 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ تۈزۈمىگە خىلاپلىق قىلغان ئائىلىلەرنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەبەيدۇللا: مەن بار ۋاقتىمدا ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئون نەچچە تامغا باسىدىغان جەدۋەل چىقىرىپتىكەن. مائارىپنىڭ تامغىسىنى بېسىشتىكى مەقسەت چەتئەلگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىچىدە 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپقا خىلاپلىق قىلغان ياكى بالىسىنى مەكتەپكە بەرگىنى ئۇنىمىغان ئادەملەر بارمۇ-يوقمۇ، ئۇنداق ئادەملەر بولۇپ قالسا قەتئىي سىرتقا چىقىشقا بولمايدۇ، دېگەن گەپنى چىقارغان.

مۇخبىر: نېمىشقا مەجبۇرى مائارىپقا خىلاپلىق قىلغانلار ياكى بالىسىنى ئوقۇتمىغانلارنىڭ چەتئەلگە چىقىشىغا بولمايدۇ؟
ئەبەيدۇللا: ئۇ تەرىپىنى مەن ئۇقمايدىكەن.

لاڭرۇ يېزىسىنىڭ سابىق يېزىلىق ھۆكۈمەت باشلىقى مەمتىمىن، يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ چەتئەلگە چىققۇچىلارغا «ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىش، ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى ئوبدانراق ئاڭلىغانلارنى بۇرۇنراق ئەۋەتىش» قاتارلىق شەرتلەرنىڭ قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمتىمىن: ئەگەر ئۇرغۇزغىلى تۇرسا، تارماقلارنىڭ تامغىنى شۇ بىرەر كۈندە ئۇرغۇزۇپ بولغىنى بولىدۇ. باشقىلار ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭكىنى ئۇرىدۇ.

مۇخبىر: دىندارلار ئىلتىماس قىلسا تەستىقلىمايدۇ، دېگەن گەپلەر بار. بۇ جەھەتتىكى شەرتىڭلار نېمە؟
مەمتىمىن: ئۆتكەندە كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تامغا ئۇرۇڭلار دېگەن. ئادەم جىق بولغاندىن كېيىن ئىگىلىمىسە بولمايدۇ. ئاشۇنداق قىلىپ، پەرقىنى تېپىپ تىزگىنلەپ تۇرمىسا، قالغان خىزمەتنى باشقۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ. يەنى باشقا خىزمەتلەرنى ئومۇمىي يۈزلۈك قانات يايدۇرۇش، ياخشى بىلەن ياماننى پەرق ئېتىش، ھۆكۈمەتنىڭ گېپىنى ئوبدانراق ئاڭلىغانلارنى بۇرۇنراق ئەۋەتىش، دېگەندەك.

مۇخبىر: ئۇ بىرگە تۇتۇپ تۇرۇش، دېگەن گەپلىرىڭىز قانداق نەرسىلەر؟ تازا ياخشى چۈشىنىپ كېتەلمىدىم، بۇ گەپلەرنى.
مەمتىمىن: مەن ھازىر زىيارەت قىلسام بولماس، لېكىن چۈشەندۈرۈپ قويدۇم مەن ھازىر شياڭجاڭ ئەمەس.

مۇخبىر: نېمىشقا چەتئەلگە چىقارمايسىلەر ھىجابلىق ئاياللارنى، ساقاللىق ئەركەكلەرنى؟
مەمتىمىن: بۇرۇن قىلغان. ھازىر قىلامدۇ-قىلمامدۇ، ھازىرقى يەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزى بىر نەرسە دېسۇن. مەن ئۇ ئىشنى ئۇقمايمەن. مەن ھازىر باشقا ساھەگە يۆتكىلىپ كەتتىم.

مۇخبىر: نىمە ئۈچۈن بىر ئادەم ئون نەچچە تامغا باستۇرۇشى كېرەك، چەتئەلگە چىقىشى ئۈچۈن، بۇنىڭ بىرەر سەۋەبى باردۇ، چۈشەندۈرىدىغان؟
مەمتىمىن: مەن بۇ يەرنىڭ ۋالىسى ياكى ھاكىمى ئەمەس، بۇنىڭغا جاۋاب بېرەلمەيمەن. مەن بۇرۇن يېزا باشلىقى بولغان، لېكىن مەن جاۋاب بېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ-يوقمۇ، دېگەننىمۇ ئويلايمەن.

مۆھتەرەم رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يېزىسىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت، مائارىپ، پىلانلىق تۇغۇت ساھەسىدىكى يەرلىك كادىرلار بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار. بۇ سۆھبەت مەزكۇر ناھىيىنىڭ «خۇسۇسى ئىش بىلەن چەتئەلگە چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈش جەدۋىلى» توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghur-passport-12172014144021.html

Share
2329 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.