logo

trugen jacn

خوتەن شەھىرىدە 5000 كىشىلىك قەسەم بېرىش يىغىنى ئېچىلغان

 

خوتەن شەھىرىدىكى ئىتتىپاق مەيدانىدا 22-ماي كۈنى 5000 كىشىلىك «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تارتىپ چىقىرىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» ناملىق سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئېچىلغان.

خوتەن گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، بۇ يىغىنغا خوتەن شەھىرىدىكى ئىشچى-كادىر ۋە خەلق ئاممىسىدىن بولۇپ، 5000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان ۋە خوتەن ۋالىيسى ئېزىز مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە «پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيىدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش» ھەققىدە قەسەم بېرىپ، ئىمزا قويغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىكى بۇ «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تارتىپ چىقىرىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» ناملىق سەپەرۋەر قىلىش يىغىنىنى 22‏-مايدىن 29-مايغىچە بولغان ئارىلىقتا خوتەندىكى 7 ناھىيە بىر شەھەردە بىردەك ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

خوتەن ۋىلايىتى كادىرلار ئارىسىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى تازىلاش» ھەرىكىتىمۇ قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، يېقىندا خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكوم مەخسۇس مۇشۇنداق كادىرلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنى ھەرقايسى يېزىلارغا ئەۋەتكەن، خوتەن بويىچە ھازىرغىچە 600 دىن ئوشۇق كادىر «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئىدى.

ئالدىنقى كۈنى يەنە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشۋىقات، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق ساھەسىدىكى 100 نەپەر رەھبىرى كادىر «ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» بىرلەشمە ۋەدىنامىسى ئېلان قىلغان. كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئېلىدا چېن چۈەنگو پارتكوم سېكرېتارى بولغاندىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پارتىيەگە ساداقىتىنى ئىپادىلەش ھەرىكەتلىرىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىنىمۇ بېسىپ چۈشكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/qesem-berish-05232017164524.html

Share
719 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.