logo

trugen jacn

خوتەن ئاقتاش سېكرېتارىنىڭ بومبا گۇماندارلىرىنى مەلۇم قىلىپ خىتايغا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

image (1)

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خوتەن لاسكوينىڭ ئاقتاش كەنت سېكرېتارى ئادىل سۇلايماننىڭ، بۇلتۇر ئاۋات كەنتىدە سېكرېتارلىق ۋەزىپىسى ئۆتەۋاتقاندا ئىككى نەپەر بومبا گۇماندارىنى بايقاپ ساقچىلارغا مەلۇم قىلغانلىقى، كۆرسەتكەن بۇ خىزمىتى سەۋەبلىك، دىنىي كەيپىيات قويۇق بولغان ئاقتاش كەنتىگە يۆتكەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئۇنىڭ مۇخبىرىمىزغا بايان قىلىشىچە، بۇلتۇر قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى داۋام قىلىۋاتقان مەزگىلدە پۈركەنچىلىك ئاياللارنى تۇتۇش ۋە قاماقخانىغا توشۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئاپتوموبىل ئاجرىتىلغان؛ بۇنىڭغا نەپرەتلەنگەن 17-18 ياشلىق ئىككى نەپەر ياش، بۇ ئاپتوموبىلنى پارتلىتىۋېتىشنى پىلانلاپ بومبا ياسىغان. بۇ ئەھۋالنى سېكرېتار كەنتتىكى قۇلاقلىرى يەنى بىر پايلاقچىسى ئارقىلىق ئۇقۇپ قالغان. ئۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن مەزكۇر ئىككى نەپەر ياش تۇتقۇن قىلىنىپ 4 ۋە 6 يىللىقتىن كېسىلگەن.

يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، ئاقتاش سېكرېتارى ئاۋات كەنتىدە خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن دىنىي كەيپىياتى قويۇق دەپ قارالغان ئاقتاش كەنتىگە يۆتكەلگەن. لاسكوي بازارلىق ھۆكۈمەت ھاراق، تاماكىنى زورلاش بۇيرۇقىنى ئېغىزاكى ئۇقتۇرۇش قىلغاندا، بۇ سېكرېتار يازما ئۇقتۇرۇش قىلىپ، بۇيرۇقنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىجرا قىلغان. بۇ ئىجرائات خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇۋاتقان دىنىي سىياسىتىنىڭ ماھىيىتى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى؛ بۇ ئاقىۋەتتىن كېيىن مەزكۇر سېكرېتارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق ھالدا ئالقىشلانغانلىقى ۋە ياكى تەنقىدلەنگەنلىكى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghur-sekritar-05072015150031.html

Share
1649 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.