logo

trugen jacn

جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا

 

ئەلروھلان

 

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى

 

 

مەن مەزكۇر ماقالىدا كىشور ماھبۇبانى (Kishore Mahbubani) نىڭ 2015-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن «جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا» دېگەن تېمىدىكى بىر مەيدان ئىلمىي دوكلاتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مەن تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى كىشورنىڭ دېگەنلىرى بولۇپ، ئەگەر مەزكۇر ماقالىغا ئۆزۈمنىڭ سۆزىنى قىستۇرماقچى بولسام، ئۇنى بىر «ئىلاۋە» شەكلىدە ئايرىم ئابزاس قىلىپ يازىمەن.

 

كىشور ماھبۇبانى ھازىر سىنگاپور لى كۋان يې ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، 2001- ۋە 2002-يىللىرى ب د ت بىخەتەرلىك ئىشلار دائىمىي كومىتېتىغا رەئىس بولغان. ھەمدە سىنگاپورنىڭ خېلى كۆپ ئەللەردىكى ئەلچىسى بولغان بولۇپ، كۆپلىگەن مەملىكەتلىك ۋە خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىرغىچە خەلقئارالىق مەسىلىلەر ۋە ئاسىيا ھەققىدە 6 پارچە كىتاب يازغان. ئۇ مەزكۇر دوكلاتىدا جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ھەققىدە بىر قىسىم مۇھىم ئانالىزلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەن ئەڭ ھەيران قالغان ئىشلارنىڭ بىرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە تەۋە ئىككى ئوخشىمىغان ئويلاش ئامبىرى ئۇنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىپ، ئۇنىڭدىن «بىز يېقىندا خەلقئارا مۇناسىۋەتتە قانداق خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدۇق؟» دەپ سورىغىنى. يېقىنقى 10 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئىلىم ئەھلىلىرى ماقالە ۋە كىتاب يېزىپ، جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى، ھازىرقى مەسىلە جۇڭگونىڭ يىقىلىپ چۈشىشى يۇمشاق بولامدۇ ياكى قاتتىق بولامدۇ، دېگەندىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدى. ئەمما، مېنىڭ بىلىشىمچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بولسا مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ «جۇڭگو مۇنداق مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىقىلىپ چۈشىدۇ»، دېگەن پەرەزلىرى ئۈستىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇلاردىن ئالدىنئالا ساۋاق ئېلىپ، شۇ ئارقىلىق بىر قىسىم ئاجىزلىقلىرىنى تولۇقلاپ مېڭىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ جۇڭگو ھەققىدىكى قىياسلىرى يالغان بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىنى مەزكۇر يازمىدىن بىر ئاز كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بەزى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئادەمنى ئۆزىگە 1-ئورۇندىكى دۈشمەن قىلىپ تىكلىۋالىدۇ. بۇ 2 خىل ئەھۋال ئۈستىدە بىر ئاز ئويلىنىپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. كىشور ماھبۇبانى ئۆز دوكلاتىدا يەنە «ئەگەر جۇڭگو دۆلەت تۈزۈمىنى دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆزگەرتسە، ئۇنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى ھازىرقىدىن كۆپ ئېغىر بولۇشى مۇمكىن»، دېگەندەك ئىدىيىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىنقى 10 – 20 يىلنىڭ مابەينىدە ئامېرىكىمۇ بىر قىسىم ئېغىر خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدى. ئۇ خاتالىقلار جۇڭگونىڭ كۈچىيىپ، ئامېرىكىنىڭ چېكىنىشىگە، ۋە بىر قىسىم ئىنتايىن مۇھىم خەلقئارالىق تەرتىپلەرنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. مەزكۇر ماقالە ئارقىلىق ئاشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ بىر قىسمىنى چۈشىنىۋېلىشمۇ مۇمكىن.

 

بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ، جۇڭگو 2000 يىللىق نەيرەڭۋازلىق تارىخى ۋە نەيرەڭۋازلىق مەدەنىيىتىگە ئىگە بولۇپ، ھازىر جۇڭگو ھۆكۈمىتى مەخسۇس زىيالىيلارنى ۋە ھەربىي قوماندانلارنى تەشكىللەپ، ئاشۇ تارىخ ۋە ئاشۇ مەدەنىيەتنىڭ ئاساسلىق ئىدىيىلىرى ئۈستىدە جىددىي ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە ھازىر ئاشۇنداق تەتقىقات ئورنىدىن جۇڭگودا كەم دېگەندە ئىككىسى بار ئىكەن. ئۇ ھەقتە كىتاب يېزىپ، ئۇلارنى ناھايىتى مەخپىي تۇتۇپ، پەقەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر چەمبىرىكى ئىچىدىلا تارقىتىۋاتىدۇ. مەن بۇ ئەھۋاللار ئۈستىدە ئۆزۈمنىڭ كېيىنكى يازمىلىرىدا ئايرىم توختىلىمەن. ئاسىيا ۋە جۇڭگو تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان غەربلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ئاشۇنداق 2000 يىللىق نەيرەڭۋازلىق تارىخى ۋە نەيرەڭۋازلىق مەدەنىيىتى، ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى مەخپىي پىلانلىرىنى بىلىدىغان كىشىلەر بىلەن بىلمەيدىغان كىشىلەر جۇڭگو ھەققىدە بىر-بىرىگە تۈپتىن ئوخشىمايدىغان كۆز-قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا غەربلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ جۇڭگو ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىپ يازغان ماقالە-كىتابلىرىنى ئوقۇغاندا، چوقۇم ئۇنىڭ ئاپتورىنىڭ جۇڭگونىڭ ئاشۇنداق 2000 يىللىق نەيرەڭۋازلىق تارىخى ۋە نەيرەڭۋازلىق مەدەنىيىتى، ۋە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى مەخپىي پىلانلىرىنى بىلىدىغان-بىلمەيدىغانلىقىغا، يەنى جۇڭگونى ھەقىقىي تۈردە چۈشىنىدىغان-چۈشەنمەيدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە كىشور ماھبۇبانى جۇڭگونى ھەقىقىي تۈردە چۈشەنمەيدىكەن. ئەمما ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراشلار ئىچىدە بىزگە يېڭى بىلىم بولالايدىغان نەرسىلەر خېلىلا كۆپ. مېنىڭ مەزكۇر يازمىنى تەييارلىشىمغا تۈرتكە بولغان نەرسە ئەنە شۇ.

 

1-رەسىم: كىشور ماھبۇبانى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكلات بېرىۋاتقان چاغدىكى بىر كۆرۈنۈش.

 

2-رەسىم: كىشور ماھبۇبانى يازغان كىتابلار

 

ئەمدى مەن رەسمىي مەزمۇننى باشلايمەن.

 

يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى 1-ئورۇندىكى كۈچكە ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېچ كىم رەت قىلمايدۇ. «سېتىۋېلىش كۈچى تەڭلىكلىكى» (purchasing power parity, PPT) بويىچە قارىغاندا جۇڭگو ھازىر ئاللىقاچان 1-ئورۇنغا چىقىپ بولدى.

 

خەلقئارا پۇل تەشكىلاتى (International Monetary Fund, IMF) نىڭ ھېسابلىشىچە، 1980-يىلى ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى PPT بويىچە 25 پىرسەنت بولۇپ، جۇڭگونىڭ بولسا 2.2 پىرسەنت ئىدى. 2014-يىلى ئامېرىكىنىڭ 16.1 پىرسەنتكە چۈشۈپ، جۇڭگونىڭ بولسا 16.3 پىرسەنتكە چىقتى. ھازىر ھەممە ئادەم كۆڭلىدە ئويلايدىغىنى: «ئەگەر جۇڭگو دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتسە، ئۇ قانداقراق رول ئالىدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت. غەربلىكلەر بۇ ئىشقا نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك ھالدا سەلبىي قاراشتا بولۇۋاتىدۇ. مەن ئۇلارغا قارىغاندا سەل ئۈمىدۋار. جۇڭگو بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ بولۇپ ئوينايدىغان رول بىر خىل ئىجابىي رول بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، جۇڭگو نۇرغۇن ئىشلاردا ھازىرقى ئامېرىكىدىن ئۈلگە ئالىدۇ.

 

 

  1. يامان ئۈلگىلىكنىڭ 3 مىسالى

 

يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا جۇڭگو ئۈچۈن بىر ناچار ئۈلگە بولۇش رولىنى ئويناپ بەردى. مەن بۇ يەردە ئۇنىڭغا 3 مىسال كۆرسىتەي.

 

(1) بۇ 2008 – 2009-يىللىرىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىي كرىزىسى جەريانىدا بولغان ئىش. شۇ ۋاقىتقا كەلگۈچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ناھايىتى ياخشى ھەمكارلىشىپ كەلدى. جۇڭگو ئامېرىكا بازىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزى ئۈچۈن ئېكسپورت بازىرى ۋە خىزمەت پۇرسەتلىرى ئاچتى. ئامېرىكا بولسا جۇڭگوغا دۆلەت زايومى سېتىپ، شۇ ئارقىلىق پۇل قەرز ئېلىش ئىشىنى ھەل قىلدى. 2008-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پرېزىدېنت بۇش جۇڭگوغا بىر ۋەكىل ئەۋەتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت زايومى سېتىۋېلىشنى توختاتماسلىقنى، ئۇنداق قىلمىغاندا دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ يامان تەسىر پەيدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇڭگو بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە يۆلىنىۋاتقانلىقىدىن خۇشال بولدى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ فېدېراتسىيە زاپاس بانكىسى 2008-يىلى 11-ئايدا 1-قېتىملىق «قىممەتلىك ئاسانلاشتۇرۇش» (Quantitative Easing, QE) چارىسىنى ئېلان قىلىپ، يېڭىدىن پۇل بېسىپ چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت زايومىنى ئۆز پۇلى بىلەن سېتىۋالدى. شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا يۆلىنىشىنى توختىتىپ، دۇنياغا «دوللار بىزنىڭ، ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ» دېگەن سىگنالنى بەردى. شۇ ئىش ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىر-بىرىگە يۆلىنىش مۇناسىۋىتى، ۋە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدىن ساقلىنىش چارىسى ئاخىرلاشتى.

 

(2) ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردا ئۆزىنىڭ دۆلەت قانۇنلىرىنى باشقا ئەللەرگە قوللىنىپ، شۇ ئارقىلىق باشقا دۆلەتنى جازالاش ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. مەسىلەن، ئۇ غەربنىڭ HSBC, RBS, UBS, Credit Suisse ۋە Standard Chartered قاتارلىق بانكىلىرىنى جازالىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى Standard Chartered دېگەن بانكا ئىرانغا پۇل بېرىش ئىشىغا دۇچ كەلدى. بۇ بانكا ئەنگلىيە بانكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ قىلغىنى ئەنگلىيە قانۇنىغا خىلاپلىق كەلمەيتتى. ئەمما، ئامېرىكا دوللىرى ھازىر دۇنيا پۇلى بولۇپ، بارلىق خەلقئارالىق پۇل ئېلىم-بېرىم ئىشلىرى ئامېرىكىنىڭ پۇل ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىدىن ئۆتمىسە بولمايتتى. ئامېرىكا ئاشۇ ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ھېلىقى ئەنگلىيە بانكىسىغا «ئىرانغا پۇل بەرگەن» دېگەن گۇناھ بىلەن 340 مىليون دوللار جەرىمانە قويدى. بۇ ئىشتا ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى باشقا دۆلەتلەرگە قوللىنىپ، باشقا دۆلەتلەرنى جازالىدى. بۇ ئىشنى بىر كۈنى جۇڭگومۇ چوقۇم دورايدۇ.

 

(3) خەلقئارالىق پۇل بېرىش ۋە پۇل ئېلىش، ياكى پۇل ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ «SWIFT» دەپ ئاتىلىدىغان بىر سىستېمىدىن ئۆتىدۇ. ھازىر ئامېرىكا بەزى دۆلەتلەرنىڭ SWIFT تىن پايدىلىنىپ، پۇل ئالماشتۇرۇشىنى چەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، غەربنىڭ نەزىرىدە رۇسىيەنىڭ باشلىقى پۇتىن «ناچار ئادەم» بولۇپ، رۇسىيەگە پۇتىندىن بۇرۇن ۋە كېيىن باشلىق بولغان مېدۋېدېۋ بولسا «ياخشى ئادەم» دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئامېرىكا مېدۋېدېۋنىمۇ SWIFT تىن پايدىلىنىشتىن چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئامېرىكا مۇشۇنداق ئىقتىسادىي قوراللاردىن پايدىلىنىپ باشقا دۆلەتلەرنى جازالاۋاتىدۇ. بۇ ئىشنى كەلگۈسىدە جۇڭگومۇ دورىشى مۇمكىن.

 

 

  1. ئەڭ چوڭ مەسىلە

 

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانغا ئوخشاش ئىشلار ئالدىمىزدىكى «جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا ئۆتكەندە قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟» دېگەن ئەڭ چوڭ سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ قانداق بولۇشىغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئېنىقكى، بۇ سوئالنىڭ جاۋابى 21-ئەسىرنىڭ قايسى تەرەپكە ماڭىدىغانلىقىغا ئىنتايىن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا بىز بۇ مەسىلىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. «ئۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ»، دەپ يۈرگەنگە قارىغاندا، ساقلانغىلى بولمايدىغان ئىشلارغا تەييارلىق كۆرگەچ تۇرغان كۆپ ياخشى.

 

ھازىرغىچە ئامېرىكا جۇڭگوغا ناھايىتى ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ كەلدى. ئادەتتە بىر دۆلەت ئۆزىنى مەڭگۈ 1-ئورۇندا تۇرۇپ ماڭىدۇ، دەپ ئويلىغاندا، باشقىلارغا ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ تۇرالايدۇ. ئەمما، 1-ئورۇندىكى دۆلەت 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ قالىدىغان بىر رېئاللىق پەيدا بولۇشقا باشلىغاندا، ئاقىلانىلىكنىڭ ئورنىنى ئەندىشە ئالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىرغىچە جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتى ئۆزىنى مەڭگۈ 1-ئورۇندا تۇرۇۋېرىدۇ، دېگەن پەرەز ئاستىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن. مەن بۇ يەردە ئامېرىكىلىق دوستلىرىمنى جۇڭگوغا بۇرۇنقىدەك ئاقىلانە مۇئامىلىدە بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋېرىشكە قايىل قىلىشنى ئىستەيمەن. ئاشۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇنداق بىر ھالقىلىق سوئالغا جاۋاب بېرىپ ئۆتىمەن: جۇڭگو 1-ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەندە جۇڭگو لىدېرلىرى كۆزلەيدىغان ئەڭ يۇقىرى نىشانلار قايسىلار؟ جۇڭگوغا ھازىر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ج ك پ) ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇلارنىڭ نىشانى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭكى بىلەن ئوخشاش، يەنى كوممۇنىزم سىستېمىسىنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئىسپاتلاش، دەپ ئويلىشى مۇمكىن. 1956-يىلى خرۇشېۋ مۇنداق بىر داڭلىق سۆزنى قىلغان: «سىلەر ياخشى كۆرۈڭلار ياكى ياخشى كۆرمەڭلار، تارىخ بىز تەرەپتە. بىز سىلەرنى يەرگە كۆمۈۋېتىمىز.»

 

جۇڭگو پارتىيىسىنىڭ ئىسمىدا «كوممۇنىزم» دېگەن سۆزنىڭ بار بولۇشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى چۈشىنىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئەڭ چوڭ ئامىللارنىڭ بىرى. بۇ، جۇڭگونىڭ ئۆزىنى كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىگە ئاتىۋەتكەنلىكىنى ناھايىتى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما، جۇڭگولۇقلارنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، ئەمەللىرى ئۈستىدە ئازراق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بولساق، بىز جۇڭگونىڭ كوممۇنىزم ئىدېئولوگىيىسىدىن ئۆزىنى يىراقلىتىپ بولغانلىقىنى بايقايمىز.

 

دېڭ شياۋپىڭ «ئاق مۈشۈك بولامدۇ، قارا مۈشۈك بولامدۇ، چاشقان تۇتسىلا ياخشى مۈشۈك» دېگەن سۆزنى قىلغاندىلا، جۇڭگونىڭ كوممۇنىزمدىن قول ئۈزگەنلىكىدىن سىگنال بەرگەن. ئەمەلىيەتتىمۇ جۇڭگو ھازىر بىر كوممۇنىستىك دۆلەتتەك ئەمەس، بىر كاپىتالىستىك دۆلەتتەك ئىش كۆرۈۋاتىدۇ. ئەمما ناھايىتى مۇرەككەپ ئىچكى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، «كوممۇنىزم» دېگەن سۆزدىن ۋاز كېچەلمەيۋاتىدۇ. ئەگەر جۇڭگو كوممۇنىزمنى قوغلاشمايۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا ھازىر نېمىنى قوغلىشىۋاتىدۇ؟ ئۇ ھازىر جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشنى قوغلىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو لىدېرلىرىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولىدىغان نەرسىدىن پەقەت بىرسىلا بار، دېيىلسە، ئۇ نەرسە جۇڭگولۇقلار ئالدىنقى 150 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن بوزەك قىلىنىش ياكى يۈزى تۆكۈلۈشتىن ئىبارەت. ئەگەر جۇڭگولۇقتا پەقەت بىرلا ئەقىدە بار، دېيىلسە، ئۇ ئەقىدە «بۇنىڭدىن كېيىن باشقىلارغا بوزەك بولمايمىز»، دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى قايتىدىن بىر چوڭ ۋە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرماقچى بولۇشىدىكى تۈپ مەقسىتى ئەنە شۇ.

 

شى جىنپىڭ 2014-يىلى 27-مارتتا ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) دا سۆز قىلغاندا، بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: «جۇڭگو خەلقى ھازىر ئۆز ۋەتىنىنى قايتىدىن گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغۋار جۇڭگو غايىسى ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. جۇڭگو غايىسى ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش، مىللەتنى روھلاندۇرۇش، ۋە خەلقنى بەختلىك قىلىشنى ئۆزىنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىدۇ. ئۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ بۈگۈنكى ئىدىيىسىگە ۋە بۇرۇن ھۆرمەتلەنگەن ئەنئەنىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، ئۇلارنى داۋاملىق يۈكسەلدۈرۈشنى ئىستەيدۇ. بىز جۇڭگو غايىسىنى تەڭپۇڭلاشقان تەرەققىيات بىلەن ماددىي ۋە مەدەنىي يۈكسىلىشنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىمىز. مەدەنىيەتنى داۋاملاشتۇرماي ۋە تەرەققىي قىلدۇرماي، ياكى مەدەنىيەتنى كۈچلەندۈرمەي ۋە گۈللەندۈرمەي تۇرۇپ، جۇڭگو غايىسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. »

 

جۇڭگو ئۆز مەدەنىيىتىنى قايتىدىن گۈللەندۈرمەكچى بولسا، بىز ئۇنى قارشى ئېلىشىمىز كېرەك. ئەگەر ج ك پ ئۆز ئىسمىنى «جۇڭگو مەدەنىيەت پارتىيىسى» گە ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ غەربنىڭ ئەندىشىسىنى يوق قىلىشقا زور پايدىسى بار. ج ك پ توختاۋسىز ھالدا جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئەڭ ياخشى لىدېرلارنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە ج ك پ تارىختا كۆپلىگەن ئېگىز-پەسلىكنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، ئۇ ئاخىرى ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كەلدى. ئەگەر جۇڭگو ئۆز مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىر توغرا مېخانىزمىنى تېپىپ چىقالايدىكەن، نەزەرىيە جەھەتتىن بىز بۇنداق يېڭى يۈزلىنىشنى قارشى ئېلىشىمىز كېرەك. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو بىر ئەركىن دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلانمىغۇچە غەربلىكلەر ئانچە خاتىرجەم بولالمايدۇ. غەربتىكى «ئىقتىساد» دېگەن داڭلىق ژۇرنال مۇشۇنداق كۆز-قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ 2014-يىلى 20-سېنتەبىردىكى سانىدا مۇنداق دېيىلگەن: «شى ھازىر دېڭدىن كېيىنكى، ھەتتا ماۋدىن كېيىنكى ئەڭ كۈچلۈك جۇڭگو ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى.» مەزكۇر ژۇرنال يەنە شىنى ئۆز ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلارغا ۋە جۇڭگو تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىشكە چاقىردى.

 

كۆپىنچە غەربلىكلەرگە ئوخشاش، ئىقتىساد ژۇرنىلىنىڭ قارىشىچە جۇڭگونىڭ تۈزۈمى ئۆزگەرتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا غەربنىڭكىگە ئوخشاش بىر دېموكراتىك تۈزۈم ئورنىتىلىدىكەن، ئۇ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر ئىجابىي ئىش بولىدۇ. ئەمما بۇ بىر خەتەرلىك پەرەز بولۇپ، جۇڭگونىڭ بارغانسېرى دېموكراتىيىلىشىشى ئۇنىڭ بارغانسېرى مىللەتچى بولۇپ مېڭىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن. مىللەتچى جۇڭگونىڭ بىر كېڭەيمىچى جۇڭگو بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولۇپ، ئۇنداق جۇڭگو ياپونغا قارشى ئۇرۇش باشلىشى، ھەمدە جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكىگە ئوخشاش باشقا زېمىن تالىشىش توقۇنۇشلىرىدا ھازىرقىدىنمۇ بەكرەك باتۇرلۇق كۆرسىتىشى مۇمكىن.

 

مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر ج ك پ جۇڭگودىكى مىللەتچى كۈچلەرنى ۋە ئاۋازلارنى چەكلەپ تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش قىلىپ بېرىۋاتىدۇ. بەزىدە ج ك پ بۇ كۈچلەرنىڭ ئۆزلىرىنى كۆرسىتىشىگە، ۋە ئۆز خەلقىنىڭ مىللەتچىلىك ھېسسىياتلىرىنى نامايان قىلىشىغا يول قويۇشقا مەجبۇرى بولىدۇ. ئەمما، ج ك پ قانداق جىددىي ئەھۋاللاردا ۋە قايسى ۋاقىتلاردا ئۆزىنى كونترول قىلىشنىمۇ بىلىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ياپونىيە، ھىندىستان، فىلىپپىن ۋە ۋىيېتنام بىلەن بولغان بەزى مۇناسىۋەتلەردە ئاشۇنداق ئۆزىنى تىزگىنلەش يولىنى تۇتتى. غەربتىكىلەر جۇڭگونىڭ بالدۇرراق دېموكراتلىشىشىنى ئىستەشتە بىر ئاز ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك. ئاشۇنداق بىر غايىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىر چوڭ بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن.

 

مەن غەربتىكىلەر جۇڭگونىڭ ئۆزلىرىدىن پەرقلىنىدىغانلىقىنى، ۋە جۇڭگونىڭ غەربلەشمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئاشۇنداق پاكىتقا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. شۇڭلاشقا غەربنىڭ جۇڭگو ھەققىدە قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ياخشى ئىشى، ھازىرقى تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىپ مېڭىشىغا، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىشىگە يول قويۇشىدىن ئىبارەت.

 

 

  1. ئاقىلانىلىكنىڭ بىر ئابىدىسى

 

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ئامېرىكا يولغا قويغان ھېكمەتلىك سىياسەتلەر جۇڭگونىڭ تىنچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. ئۇنداق ھېكمەتلەرنىڭ بىر قىسمى تارىخىي زۆرۈرىيەت يۈزىسىدىن ۋۇجۇدقا كەلدى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئامېرىكا سوۋېتنىڭ كېڭەيمىچىلىكىدىن ھەقىقىي تۈردە قورققان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بىرلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇردى. ئامېرىكا جۇڭگودىن ياردەم سورىغان ۋاقىت جۇڭگو بىر ئەڭ ناچار دەۋردىن قۇتۇلغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى. ئۇ چاغدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى. بۇ خىل ئەھۋال دېڭ شياۋپىڭنىڭ جۇڭگولۇقلارنى ئامېرىكىنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ، مەركىزىي پىلانلاش بويىچە ماڭىدىغان ئىقتىسادنى ئەركىن بازار ئىقتىسادىغا ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىشى ئۈچۈن بىر ئۈنۈملۈك يول ئېچىپ بەردى.

 

1990-يىللىرى رەسمىي ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋەتلىرى بىر قاتار ئېگىز-پەسلىكلەرنى باشتىن كەچۈردى. گەرچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى چوڭ بۇش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى نورمال ساقلاپ مېڭىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، 1989-يىلى 4-ئىيۇندىكى تىيەنئەنمېن ۋەقەسى ئامېرىكىلىقلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ، بۇشنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىنى چەكلىمىلەرگە ئۇچراتتى. تىيەنئەنمېن ۋەقەسى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يولدىن چىقىرىۋېتىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. 1993-يىلى 1-ئايدا پرېزىدېنت كلىنتون ھوقۇقنى قولىغا ئېلىشتىن بۇرۇن جۇڭگو رەھبەرلىرىنى «بېيجىڭ قاتىللىرى» دەپ ئاتىغان ئىدى. شۇڭا كلىنتون دەۋرىدىمۇ ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ناھايىتى ناچار بولۇش ئېھتىماللىقى بار ئىدى. ئەمما، كلىنتون ئاقىلانە ئىش تۇتتى.

 

مەن 1993-يىلىدىكى ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى (APEC) نىڭ يىغىنىغا قاتناشقاندا، بىل كلىنتون بىلەن جياڭ زېمىن ئۆز-ئارا يېقىنلىشىش ئۈچۈن قانچىلىك زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇلار دەسلىپىدە بىر-بىرىگە نىسبەتەن ناھايىتى جىددىيلەشكەن بولسىمۇ، ئاخىرىغا كەلگەندە ناھايىتى ياخشى دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. بۇ ۋەقەدىن ئامېرىكىنىڭ 1991-يىلى جۇڭگونى APEC كە ئەزا قىلىپ كىرگۈزگەنلىكى ئامېرىكا قىلغان بىر ھېكمەتلىك ئىش بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. مۇشۇ ئىش ئارقىلىق ئامېرىكا ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىكى بىر ياخشى كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپلا قالماي، جۇڭگونى قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلمىسا بولمايدىغان بىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىردى. كېيىنچە ئامېرىكا شەرقىي-ئاسىيا يىغىنىدىمۇ جۇڭگو بىلەن ھەمكارلاشتى. شۇنداقلا بۇ ئىككى دۆلەت ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك دائىمىي ئىشلار كومىتېتىدىكى مۇھىم ئىشلاردىمۇ ئىزچىل تۈردە ھەمكارلىشىپ ماڭدى.

 

11-سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. جۇڭگونىڭ كۈچىيىپ كېتىشى ھەققىدىكى ئەندىشىنىڭ ئورنىنى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش ئالدى. ئامېرىكا ئۈچۈن شەرقىي ئاسىيا مەسىلىسىنىڭ بىر مۇھىم مەسىلە بولۇشى بىر قانچە يىل توختاپ قالدى. بۇ ئەھۋال جۇڭگونى تىنچلىق بىلەن تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

 

بۇ جەرياندا ۋاشىنگتون بىر قانچە ئاقىلانە قارارلارنى ئالدى. بىرىنچىدىن، ئامېرىكا 2001-يىلى جۇڭگونى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا قىلىپ كىرگۈزدى. ئىككىنچىدىن، جۇڭگونىڭ تەيۋەنگە بولغان سەزگۈرلۈكىگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى. جۇڭگو ئۇزۇندىن بۇيان «ئامېرىكا تەيۋەندىن جۇڭگونى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىدۇ»، دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدى. ئەمما، 2003-يىلى چېن شۈيبىيەن (陈水扁) تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ھەققىدە بىر قېتىم ئومۇمىي خەلقتىن ئاۋاز ئېلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى كىچىك بۇش ئۇنداق قىلىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشىدا ئىراق ۋە شىمالىي كورېيە مەسىلىسىمۇ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى بولدى.

 

مۇشۇنداق ئاقىلانە قارارلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئىتى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كەلدى. بولۇپمۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى جەريانىدا شۇنداق بولدى. ئەمما، بۇنداق قىلىشنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن قانچىلىك پايدىلىق بولغانلىقىنى چۈشىنىدىغان ئامېرىكىلىقلار ئانچە كۆپ ئەمەس. مېنىڭچە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاشۇنداق ئاقىلانە يول تۇتۇش ئامېرىكىنىڭ مىللىي مەنپەئىتى ئۈچۈن ناھايىتىمۇ پايدىلىق.

 

مەسىلەن، 1978-يىلى دېڭ شياۋپىڭ جۇڭگونىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋەتكەندىن بۇيان، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى يۈز مىڭلىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەپ چىقتى. 2005-يىلىدىن 2012-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىلا 788882 نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوقۇدى. بۇ سان يەنە ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ ماڭدى. مەسىلەن، 2013 – 2014-يىللىق ئوقۇش يىلىدا 275000 نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا قوبۇل قىلىندى. بۇ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا بەرگەن غايەت زور سوۋغىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار جۇڭگوغا قايتىپ، ئالەم بوشلۇقى تېخنولوگىيىسىدىن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگىچە بولغان ھەممە ئىلىم-پەن ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە جۇڭگونى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ. شۇڭلاشقا كەلگۈسىدىكى تارىخشۇناسلار ئامېرىكىنىڭ بۇنداق غايەت زور مەردلىكلىرىنى چۈشىنەلمەي قېلىشى مۇمكىن.

 

ئامېرىكا-جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتنى نورمال ساقلاپ مېڭىشقا جۇڭگومۇ تۆھپە قوشتى. بىرىنچىدىن، جۇڭگو كۆپ قېتىملىق بوزەك قىلىنىش ھادىسىلىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ خاتالىقلىرىغا ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. بۇنداق خاتالىقلارنىڭ ئىچىدە 1999-يىلى ئامېرىكا بېلگرادتىكى جۇڭگو كونسۇلخانىسىنى بومباردىمان قىلغان ئىشمۇ بار. مەن سۆزلەشكەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىقتىن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما، مەن سۆزلەشكەن جۇڭگولۇقلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشنى ئامېرىكا قەستەن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا بىلەن بولغان نورمال مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئۈچۈن، جۇڭگو ئۆزىنىڭ قورساق كۆپۈكىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى. يەنە بىر چوڭ ھادىسە بىر ئامېرىكا جاسۇس ئايروپىلانىنىڭ 2001-يىلى جۇڭگونىڭ خەينەن ئارىلىغا قوندۇرۇلۇشى. جۇڭگونىڭ ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋېلىشى بۇ ۋەقەدىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر قېتىم ھەربىي توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

 

 

  1. بىر گېئو-سىياسىي مۆجىزىنى ساقلاپ مېڭىش

 

ئادەتتە بىر يېڭىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن كۈچلۈك دۆلەت بۇرۇن مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشكە باشلىغاندا، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھازىرغىچە بولغان تارىختا ئىزچىل تۈردە يۈز بېرىپ كەلگەن بولۇپ، پەقەت ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىلا ئۇنداق ئىش يۈز بەرمىدى. شۇڭلاشقا ئەگەر ھازىر ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىيىپ ماڭغان بولسا، ئۇ بىر نورمال ئىش بولاتتى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋال دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇۋاتىدۇ: ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت پۈتۈنلەي نورمال ۋە ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ بىر مۆجىزە.

 

ئەمما، ئەسلى ئېنىقلىمىسى بويىچە قارىغاندا، مۆجىزە دېگىنىمىز بىر تارىخىي بۇرمىلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئانچە ئۇزۇنغا داۋاملاشمايدۇ. ئامېرىكا ۋە جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا تارىخىي قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا رىقابەت ۋە سۈركىلىش كۈچىيىشكە باشلايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپ ئالاھىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھازىرغىچە تۇتۇپ كەلگەن ئاقىلانە يولىغا قايتىشقا توغرا كېلىدۇ.

 

بۇ ئىش جۇڭگودىن بۇنىڭدىن كېيىن يېقىندا ئۆز قوشنىلىرى ئۈستىدىن، بولۇپمۇ ياپونىيە ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئۈستىدىن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، 2010-يىلى 7-سېنتەبىردە جۇڭگونىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا ياپونىيەنىڭ رازۋېدكا پاراخوتلىرى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىدىغان ئىش يۈز بەردى. جۇڭگو ياپوندىن ھېلىقى بېلىقچىلار كېمىسىنى قويۇپ بېرىشنى ئاشكارا تەلەپ قىلىپ، ياپونىيەنىڭ يۈزىنى تۆكتى. ئۇنى ئاز دەپ يەنە ياپونىيەنى جۇڭگودىن ئەپۇ سوراشقا قىستىدى. 2010-يىلى شىمالىي كورېيە جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېئوڭپيېئوڭ (Yeonpyeong) ئارىلىغا بومبا ئاتقاندا، جۇڭگو شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىمەي، يەنە بىر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزدى. 2010- ۋە 2011-يىللىرى جۇڭگو جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىدە ناھايىتى كېڭەيمىچى باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، يەنە ناھايىتى كېڭەيمىچى مەيدان تۇتتى. 2009-يىلى 7-مايدا جۇڭگو جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدىكى بىر قىسىم زېمىنلارنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان بىر خەرىتىنى ب د ت غا يوللىغاندا، فىلىپپىن جۇڭگوغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئۇنىڭغا ۋىيېتنام ۋە مالايسىيالارمۇ قوشۇلدى. گەرچە ھىندونېزىيەنىڭ جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزىدا ھېچ قانداق زېمىنى بولمىسىمۇ، ئۇمۇ جۇڭگوغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ باردى. ئاشۇنداق قارشىلىقلار ئاستىدىمۇ جۇڭگو ئۆز يولىدىن قايتمىدى.

 

جۇڭگو ASEAN بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىمۇ كۆپ خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگونىڭ ASEAN بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى 2012-يىلى ئىيۇلدىكى يىغىن جەريانىدا ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالدى. 1967-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ھەر قېتىملىق ASEAN يىغىنىدىن كېيىن بىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىنىپ كەلگەن. ئەمما 2012-يىلى ئۇ ئىشنى قىلغىلى بولمىدى. بۇ قېتىم ئەزا دۆلەتلەر جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ھەققىدىكى بىر ئابزاس سۆزدە بىرلىككە كېلەلمىدى. ASEAN غا ئەزا 10 دۆلەت ئىچىدىكى 9 دۆلەت بىرلىككە كەلگەن بولسىمۇ، كامبودژا ئۇنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمىدى. كېيىنچە كامبودژا جۇڭگونىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاشۇنداق يول تۇتقانلىقى بىلىنىپ قالدى. دېمەك، جۇڭگونىڭ كۈچىيىشى ئۇنىڭ بىر قىسىم رەھبەرلىرىنى ھاكاۋۇرلاشتۇرۇۋەتتى.

 

جۇڭگو ئۆزى سادىر قىلغان خاتالىقلاردىن ساۋاق ئېلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامېرىكىمۇ ئۆزىنىڭ يېقىنقى ئەمەللىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى كېرەك: ئەگەر ئامېرىكا تۇتقان يولنى جۇڭگومۇ تۇتسا، ئۇنى ئامېرىكا قوبۇل قىلالامدۇ؟ جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىقسا، ئۇ ئامېرىكىنىڭ سۆزىنى ئەمەس، ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى دورايدۇ.

 

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سەزگەن بولۇپ، ئۇ 2003-يىلى يالى ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەندە مۇنداق دېگەن ئىدى:

 

«ئەگەر سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن دۆلەت كۈچى، دۆلەت كونتروللۇقى، ۋە ھەرىكەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكىنى ساقلاپ مېڭىش ناھايىتى مۇھىم، دەپ ئويلىساڭلار، ئامېرىكا ھازىرقىدەك بىر تەرەپلىمە ئىش تۇتۇپ ماڭسا بولۇۋېرىدۇ. ھازىر ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت. بىزنىڭ قولىمىزدا ھەممە نەرسە تولۇق بار بولۇپ، ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىن ئىشلىتىمىز. لېكىن، بىز دۇنيادىكى ھەربىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ساھەلەردىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولالماي قالىدىغان ۋاقىتمۇ كېلىدۇ، دەپ ئويلىساڭلار، ھەرگىزمۇ ئۇنداق يول تۇتمايسىلەر. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەر ئۆزۈڭلار ئىستەيدىغان قانۇن، ھەمكارلىق ۋە ئەخلاقىي ئۆلچەم بويىچە ئىش ئېلىپ بارىدىغان بىر دۇنيانى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىسىلەر.»

 

ئەمما، ئۇنىڭ بارلىق مەسلىھەتچىلىرى بىل كلىنتونغا «ئامېرىكىدا ۋەزىپە ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان بىر پرېزىدېنتىڭ ئامېرىكىنىڭ 2-ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى ھەققىدە سۆز ئېچىشى ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بىلەن ئوخشاش بىر ئىش»، دېگەن مەسلىھەتنى بەردى. شۇڭلاشقا ئۇ يۇقىرىقىدەك گەپلەرنى ئۆزىنىڭ پرېزىدېنتلىقى ئاخىرلاشمىغۇچە قايتا قىلالمىدى. ھەمدە، ئېچىنىشلىق بولغىنى، ئۇ يۇقىرىدىكى گەپنى ئاشۇ بىر قېتىمدىن كېيىن قايتا قىلىپ باقمىدى. شۇڭلاشقا مېنىڭ پەرىزىمچە ئامېرىكا ئۆزىنىڭ بىر كۈنى 2-ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىغا تېخىچە پىسخولوگىيە جەھەتتىن تەييار بولمىدى.

 

ئەمدى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن 3 مىسالغا قايتىپ كېلەي. ئاشۇ 3 ئىشتا ئامېرىكا ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىش تۇتالايدىغان بولۇپ، ئاشۇنداق قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى دەپ تەھدىتمۇ سالدى. بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، ئامېرىكا بۇرۇنمۇ دۇنيا ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ پادىشاھى بولۇپ، ھازىرمۇ شۇنداق بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. خۇددى باشقا كۆپلىگەن كۈچلۈك ھۆكۈمران پادىشاھلارغا ئوخشاش، ئامېرىكا بۇ جەھەتلەردە مۇتلەق ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭغا ھېچ كىم چېقىلالمايدۇ.

 

ئامېرىكا دۇنيانىڭ خەزىنە پۇلى بولغان ئامېرىكا دوللىرىنى بىر قوللۇق كونترول قىلىدۇ. نەزەرىيە جەھەتتە ئامېرىكا دوللىرى دۇنيا جامائىتىنىڭ بىر ياخشى نەرسىسى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە دۆلەت سىرتىغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ قورالى. بۇ خۇددى ئامېرىكىنىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى جون چونناللى (John Connally) نىڭ 1971-يىلىدىكى سۆزى بىلەن بىلەن ئوخشاش: «ئۇ بىزنىڭ پۇلىمىز، سىلەرنىڭ مەسىلەڭلار». روشەنكى، ئامېرىكا دوللارنى باشقۇرغاندا دۇنيا مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتمايۋاتىدۇ. دۇنيادىكى جۇڭگودىن باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ «قىممەتلىك ئاسانلاشتۇرۇش» (QE) چارىلىرىگە نارازى بولغانلىقىدىكى سەۋەب ئەنە شۇ.

 

دۆلەت ئىچىگە قارىتىلغان قانۇنلارنى چەت ئەل بانكىلىرىغا قوللانغاندىمۇ ئامېرىكا بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئىش تۇتتى. ئامېرىكا دۇنيانىڭ يەنە بىر ياخشى نەرسىسى بولغان «دۇنيا بانكىلىرى-ئارا ئىقتىسادىي خەۋەرلىشىش جەمئىيىتى» (Society for Worldwide Interbank Financial Telecommunication, SWIFT) دىن پايدىلىنىپ رۇسىيەنى جازالايدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغان بولۇپ، ئەگەر ئۇ بۇ ئىشنى راستلا قىلغان بولسا، ئۇ دۇنيا تەرتىپىگە غايەت زور زىيانلارنى سالغان بولاتتى.

 

 

  1. مەسئۇلىيەتچان مەنپەئەت ئىگىلىرى؟

 

ئالدىنقى نەچچە ئون يىلنىڭ مابەينىدە دۇنيا، بولۇپمۇ ئاسىيا ئەللىرى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلدى. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار غەربنى مەركەز قىلغان ب د ت، دۇنيا پۇل تەشكىلاتى ۋە دۇنيا بانكىسى قاتارلىق دۇنياۋى تەشكىلاتلارنى قوبۇل قىلىشقا ماقۇل بولغانلىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاشۇنداق قىلىشقا قوشۇلۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلارنىڭ «بۇ تەشكىلاتلار يالغۇز غەربنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ»، دەپ ئويلىغانلىقىدۇر.

 

شۇڭلاشقا ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا تەۋە ياخشى نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ ئايرىم مەقسەتلىرى ۋە ئايرىم ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى بىر ناھايىتىمۇ چوڭ خەتەرلىك ئىشتۇر. ئۇنداق ئەھۋال دۇنيانى، بولۇپمۇ جۇڭگونى، بىر يېڭى دۇنيا تەرتىپى بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئاشۇنداق ئىش يۈز بېرىدىكەن، دۇنيا ھازىرقىدىن كۆپ قالايمىقان بىر ماكانغا ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا خوجايىنى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رولىنى توغرا جارى قىلدۇرۇشى بۇرۇنقى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى.

 

بىز ھازىر ئىنسان تارىخىنىڭ بىر ئەڭ مۇھىم ئاچىماق يولىدا تۇرۇۋاتىمىز. مەن ئامېرىكىنىڭ يالغۇز ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر دۇنيا تەرتىپىنى كۈچەيتىدىغان ھېكمەتلىك سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر ئامېرىكا ئاشۇنداق قىلىدىكەن، جۇڭگومۇ شۇنداق قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدىكەن، جۇڭگو دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا ھېچ قانداق نەرسە تۈپتىن ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. بىز داۋاملىق تۈردە بىر بىخەتەر ۋە ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولىدىغان دۇنيادا ياشىيالايمىز.

 

مەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ئەڭ ئاخىرقى سوئال «جۇڭگو بىر مەسئۇلىيەتچان مەنپەئەت ئىگىسى بولۇپ تەرەققىي قىلالامدۇ؟» دېگەندىن ئىبارەت. مېنىڭ ئاددىي جاۋابىم مۇنداق: جۇڭگو ئامېرىكىچىلىك مەسئۇلىيەتچان مەنپەئەت ئىگىسى بولۇپ تەرەققىي قىلالايدۇ. ئامېرىكا ھازىرمۇ دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، ئۇ ئۆزىدىن مۇنداق بىر ئاددىي سوئالنى سوراپ بېقىشى كېرەك: ئامېرىكا جۇڭگو بىردىن-بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولغان ۋاقىتتىكى دۇنيادا راھەت ياشىيالامدۇ؟

پ د ف نۇسقىسىنى ئوقۇشنى خالىسىڭىز ئارخىپنى چىڭىڭ

20170224_china_number_one-UEY (1)

 

ئىزاھات:

 

ASEAN – شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىرلەشمىسى (The Association of Southeast Asian Nations)

QE – قىممەتلىك ئاسانلاشتۇرۇش (Quantitative Easing)

SWIFT — دۇنيا بانكىلىرى-ئارا ئىقتىسادىي خەۋەرلىشىش جەمئىيىتى (Society for Worldwide Interbank Financial Telecommunication)

 

 

پايدىلىنىش مەنبەسى:

 

[1] What Happens When China Becomes Number One? | Institute of Politics

https://www.youtube.com/watch?v=bVkLqC3p0Og

 

[2] When China Becomes Number One

http://www.mahbubani.net/articles%20by%20dean/Horizons—Summer-2015—Issue-No.4-043-048.pdf

 

 

 

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:

 

[1] جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu

 

[2] جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik

 

[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى جۇڭگو ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu

 

[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye

 

[5] شى جىنپىڭ جۇڭگونى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

1)

Share
1502 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.