logo

trugen jacn

تەيۋەندىكى سايلامدا ئۇتۇپ چىققان سەي يىڭۋېن خانىمنىڭ تاشقى سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

c06d845b-a7bc-4ed4-b9d6-22c3f4484bac

ئەركىن تارىم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى سەي يىڭۋېن ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارى تەيۋەنگە بۇرالغان ئىدى.

تەيۋەننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ باش ۋەكىلى چېڭ ئەپەندى «دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق گېزىتنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇندىن كېيىن تەيۋەننىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ۋە تىجارىي مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ئۇ، ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، سايلامدا خەلقنىڭ 60% ئاۋازىنى ئېلىپ رەئىسلىككە سايلانغان سەي يىڭۋېن خانىمنىڭ 5-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلايدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ مۇقىملىقىنى، رايوننىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، تالاش-تارتىشلارغا قارىماي تەيۋەننىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى مەنپەئەتى بىلەن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. تەيۋەننىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى چېڭ ئەپەندى، تەيۋەن يېڭى ھۆكۈمەت مەزگىلىدە، تۈركىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، رايوندىكى تەسىر كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن بۇرۇن تەيۋەن چىڭيۈن ئۇنىۋېرسىتېتىدا چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ھەمدە پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇرۇنقى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى بىر تاشقى سىياسىتى بارلىقىنى، 2000-يىلىنىڭ باشلىرىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ناچار تاشقى سىياسەت ئېلىپ بارغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ بېسىمى ئاستىدا قالغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تەيۋەندە كۆپرەك ئادۋوكات ۋە دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، 2008-يىلى گومىنداڭ پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىنمۇ پاسسىپ تاشقى سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكىنى، ئەمما بۇ قېتىم سايلانغان سەي يىڭۋېن خانىم تاشقى سىياسەتنى ياخشى بىلىدىغان ئىلىم ئادىمى بولغاچقا، ئۇنىڭ تاشقى سىياسەتنىمۇ ياخشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ، تەيۋەننى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ياخشى بىر تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، بۇ سىياسەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەتكە بولغان تاشقى سىياسەتنى ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تەيۋەن، ياۋروپا دۆلەتلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا تۈركىيەنىڭ رولىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۆتكەن يىلى تۈرك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ تەيۋەنگە ئۇدۇل ئايروپىلان ئۇچۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا تۈركىيە-تەيۋەن كارخانىچىلار ئىشخانىسى قۇرغانلىقىنى، سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى ئىكەنلىكىنى، بۇرۇنقى خاتالىقلىرىدىن ساۋاق ئېلىپ، بۇ قېتىم خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى بۇ پارتىيەنى قۇرغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭمۇ 1949-يىلىدىن كېيىن تەيۋەندىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى، تىبەت ۋە موڭغۇلغا ئوخشاش مىللەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سانىنىڭمۇ خېلى كۆپ ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى تەيۋەن دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ قايتا سايلانغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى، چۈنكى بۇ پارتىيىنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئىلگىرى بىر مەزگىل تەيۋەندە خىزمەت ئىشلىگەن، ئىزمىردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت تەيۋەن يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىگە نىسبەتەن تۇتىدىغان پوزىتسىيىسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

تەيۋەندە بۇ قېتىم دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇتۇپ چىقىشى بولۇپ، مەزكۇر پارتىيە 2000-يىلىنىڭ بېشىدىن 2008-يىلىغىچە تەيۋەننى سورىغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/teywen-yengi-hokumet-01212016152525.html

Share
1417 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.