logo

trugen jacn

تۈركىستان نىداسى: تۈرمىدە ئۆتكەن ھايات

 

 

مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇراخمان ، يۇرتۇم يەكەن ، ئالي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئۈرۈمچىگە2008 -يىلى بارغان ئىدىم ، 2009-يىلدىكى يازلىق تەتىلدە يۇرتۇمغا قايتماي ئاتلان تىل تەربيلەش مەركىزىگە كىرىپ ئىنگىلىز تىلى كۇرسىغا قاتناشتىم ، ياتاقنى چاڭلىيۈەندىن تۇتقان ئىدىم ، چۈنكى ئەرزان دەپ . ئەمما يەنىلا يۇرتۇمنى ۋە ئائىلەمنى قاتتىق سىغىنىپ كەتكەنلىكتىن7-ئاينىڭ10- كۈنىگە يۇرتقا قايتىدىغان بىلەتنىمۇ ئەپ بولغان ئىدىم ، ئويلىمىغان يەردىن 7-ئاينىڭ5-كۈنىدىكى قانلىق قىرغىنچىلىقنىڭ شاھىدى بوپ قالدىم ، كۆردۈم ئامما نەخ مەيدانغا بارمىدىم ، بەختىمگە قارشى7-ئاينىڭ9-كۈنى كىچىدە ئۇخلاۋاتقان يىرىمدىن مەن ۋە ماڭا ئوخشىغان ئىجارە ئولتۇرغان باللارنىڭ ھەممىسىنى ساقچىلار تۇتۇپ ئىلىپ كەتتى ، شۇ ئىلىپ چىقىپ كەتكەنچە9 ئاي يۆتكىمىگەن شەھەر ، ئالماشتۇرمىغان تۈرمە ، ھىچ بىر گۇناھىم يوق تۇرۇپ ، يىمىگەن تاياق قالمىدى ، ئاشۇ تەرىقىدە ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن دەل9 ئايدىن كىيىن نەچچە مىڭ قىتىم ۋەدىنامىلەرنى يىزىپ بىرىپ ئاران قۇتۇلۇپ چىقتىم ، ئۆيگە كەلسەم ئانام ئىچ ئاغرىقتا قويغان تۇتقىننى بىلمىگىدەك ھالغا كەپ قاپتۇ ، قىرىنداشلىرىمنىڭ خىزمىتى بارلىرى خىزمەتتىن ئىستىپا بىرىپ ھۆكىمەتتىن ئادا جۇدا بوپتۇ ، مەن بىر مەزگىل ياخشى كۈتۈنۈپ ، ياخشى داۋالانغاندىن كىيىن قايتىدىن ئۆزەمگە چۇشلۇق ئىش باشلىدىم ، ئەلۋەتتە مەكتەپتىن چىكىندۈرۈلدۈم دە ، شۇ تەرىقىدە تىرىكچىلىك قىلىۋاتسام2017-يىلنىڭ ئاخىردا ھىچ بىر سەۋەپسىزلا تۇتۇپ كىتىلدىم ، مەنچە بۇرۇن9-ئاي ئىچىدە تۇرۇپ باققانلىقىم سەۋەپ بولسا كىرەك ، مەن ھازىر تۈرمىدە نىمە كۈنلەرنى كۆرىۋاتىمەن بۇنى ھىچقايسىڭلار تەسەۋۋۇر قىلىشالمايسىلەر ، بەلكى ئىچكى ئەزالىرىم سۇغۇرۋىلىنىپ ، گۆشۈمنى ياۋۇز مەخلۇقلار يەپ بولغان بولىشى مۇمكىن ، ياكى تىرىك بولساممۇ ئۆلۈكتىن پەرقىم يوق ياشاۋاتقان بولۇشۇم مۇمكىن ، ئەي قورسىقى توق ، كىيمى پۈتۈن ، كۆڭلى خاتىرجەم مۇھاجىرەتتىكى قىرىنداشلىرىم ئەگەر مەن ئۆلگەن بولسام تىخى ئۆلمىگەن ماڭا ئوخشاش ۋە مەندىنمۇ قەبىھ تەقدىرگە دۇچار بولغان قىرىنداشلىرىڭلار سىلەرگە ئۈمىدلىك كۆزلىرى بىلەن تەلمۈرمەكتە ،سىلەر نىمىش قىلىۋاتىسلەر ، تىخىچە بۇ ھەقتە سىلەردە ئويغىنىش بولمىدىما ، بىزنىڭ مۇشۇنداقلا يوق بوپ كىتىشىمىزگە قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرىشامسىلەر ، بۇ يەتمىگەندەك بىر بىرىڭلارنى غاجاپ يەر بىلەن يەكسان قىلىشىپ نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى ، بىزنىڭ ئارزۇ ئۈمىدلىرىمىزنى مۇشۇنداقلا كۆپۈككە ئايلاندۇرامسىلەر ؟ غوجىكامنىڭ قورسىقى توق ، ياندىكى بىلەن كارى يوق دەپ قاچانغىچە مۇشۇنداق يۈريسىلەر ؟ ئاھ مىنىڭ ئاھۇ زارىم ، ئاھ ماڭا ئوخىشغان قىسمەتكە دۇچار بولغانلارنىڭ ئاھۇزارى ، ئاھ بىچارە ئاتا ئانامنىڭ ئاھۇ زارى ، بەلكى ئۇلار مەندەك ئوغلى بوپ قالغانلىق سەۋەپلىك قايسى كامىرلاردا تىخى ، كىم بىلىدۇ ؟ ئاھ ئۇرارمىز ئاھ ئۇرارمىز ، ئاھلىرىمىز تۇتقاي سىنى ، كۆز ياشلىرىمىز دەريا بولۇپ ، بىلىقلىرىمىز يۇتقاي سىنى شى كاپىر ، مۇھاجىرەتتىكى ئەزىز قېرىنداشلىرىم پەقەت ۋاقىت قالمىدى ، بىرلىشىڭلار ، ھەركەتكە كىلىڭلار ، ئۆز قىرىنداشلىرىڭلارغا ئىشلىتىۋاتقان ھەرخىل تاكتىكاڭلارنى زالىم كاپىرلارغا ئىشلىتىڭلار ، ھايات بولسام تىرىكىم ، ئۆلگەن بولسام روھىم سىلەرنىڭ يولۇڭلارغا ئۈمىدلىك قارايدۇ ، سىلەرنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم .

Share
1428 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.