logo

trugen jacn

تۆمۈر سىجاڭ (تۆمۈر ئېلى)

 

تۆمۈر سىجاڭ (تۆمۈر ئېلى)

تۆمۈر ئېلى 1886-يىلى توقسۇندا دېھقان ئەھمەت ھاجىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپ توقسۇندا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. 1920-يىلى ئايالى بىلەن كۇچاغا كۆچۈپ بېرىپ ھارۋاكەشلىك قىلغان.
ئۇ كۇچادا ھارۋاكەشلىك قىلىپ يۈرۈپ بىرئاز ھاللانغاندىن كېيىن ئات ھارۋىسىنى كۆپەيتىدۇ ھەم ھارۋاكەشلەرگە شاڭيۇ بولىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا ياڭ زېڭشىننىڭ چىرىك، ئىستىبدات ھاكىميىتى ئەمگەكچى خەلىققە ئالۋان-سېلىق سېلىپ، خەلىقنى دەھشەتلىك ئېكسپالاتاتسىيە قىلىۋاتاتتى، تۆمۈر ئېلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ئات ھارۋىلىرىمۇ مۇستەبىت ھۆكۈمەتنىڭ ئالۋان-ياساقلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن تۆمۈر ئېلىدا ئىستىبدات ھاكىميەتتىن ئۆچ ئېلىش ئىستىكى تۇغۇلىدۇ.
شىنجاڭدا مىللىي زۇلۇمنىڭ كۈندىن كۈنگە كۈچىيشى نەتىجىسىدە، قۇمۇلدا خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقدا ئىككىنچى قېتىم دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ. جايلاردىكى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش پوزىتسىيسىنى كۈتۈپ تۇرغان خەلق بۇ قوزغىلاڭنى قىزغىن قوللايدۇ. نەتىجىدە قوزغىلاڭ ناھايتى تېزلا قۇمۇلدىن تۇرپان، توقسۇن، پىچان قاتارلىق جايلارغا كېڭىيىدۇ.
1932-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى مەھمۇت مۇھىتى، باي ئاخۇن ئەزىزى، پاشا خوجا (لۈكچۈن ۋاڭىنىڭ ئوغلى) ۋە ئابدۇراخمان قاتارلىق 13 كىشى بىرلىشىپ، ئاستانىدا خەلىقنى قوزغاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قوزغىلاڭ تېز كۈچىيىپ تۇرپان شەھرى، پىچان، سىڭگىم قاتارلىق جايلارغا كېڭىيىپ، جىن شۇرىن قىسىملىرىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىدۇ. مۇشۇ پەيتتە توختى لۈيجاڭ، قۇربان يىڭجاڭلار توقسۇندا قوراللىق قوزغىلىپ توقسۇننى ئىشغال قىلىدۇ ھەمدە كورلىغا يۈرۈش قىلىپ، 1933-يىلى 1-ئايدا كورلىنى ئىشغال قىلىدۇ.
كۇچادا تۇرىۋاتقان تۆمۈر ئېلى قۇمۇل، تۇرپان، توقسۇنلاردا قوزغالغان قوزغىلاڭلاردىن ئىلھام ئېلىپ، 1933-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى شايارلىق ھادى ئەلەم بىلەن بىرلىشىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كۇچانى ئىشغال قىلىدۇ.
بۇ چاغدا جىن شۇرېن شېڭ شىسەيگە تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىغا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىش توغۇرسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ. مەھمۇت مۇھىتى (مەھمۇت سىجاڭ) باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇن شېڭ شىسەي ۋە ياللانما ئاق ئورۇسلارنىڭ مۇنتىزىم قىسىمى ۋە زامانىۋى قوراللىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىشكە باشلايدۇ.
شېڭ شىسەي تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر باشلىق ئىلغار كۈچلەرنى ۋە نۇرغۇنلىغان تىنچ ئاممىنى قىرغىن قىلغاندىن كېيىن، توقسۇنغا يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ چاغدا كورلىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان توختى لۈيجاڭ ئىنىسى تۆمۈر ئېلىگە توقسۇنغا كەلمەي، جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىشنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزى توقسۇنغا بېرىپ شېڭ شىسەي قىسىملىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلىدۇ.
توختى لۈيجاڭ توقسۇنغا كېلىپ خودۇڭ دېگەن يەردىكى قارا بۇلاقتا شېڭ شىسەي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ مەغلۇپ بولىدۇ. ئۇ يوشۇرۇنغان خائىنلارنىڭ ساتقىنلىق قىلىشى بىلەن قولغا چۈشۈپ، شېڭ شىسەي تەرىپىدىن چاناپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. قۇربان يىڭجاڭ ئۇرۇشتا ئوق تېگىپ ئۆلىدۇ. بۇ چاغدا تۆمۈر ئېلى ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان ئىدى. دەل شۇ پەيتتە بۈگۈردىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، قوزغىلاڭچى قوشۇن بۈگۈرنى ئىشغال قىلغان ئىدى.
تۆمۈر ئېلى بۇ قېتىمقى يۈرۈشتە بايدىكى ياقائېرقتا جىن شۇرېن قىسىملىرى ۋە قەشقەردىن كەلگەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشىدۇ. جىن شۇرېننىڭ ئىلىدا تۇرۇشلۇق قوماندانى جاڭ پېييەن بىر قىسىم ئەسكەرلىرى تۇيۇقسىز مۇزارت تەرەپتىن ياردەمگە كېلىپ قالىدۇ. تۆمۈر ئېلى ئۇلار بىلەن ئۈچ كۈن ئۇرۇشۇپ، ئۇرۇشتا غەلبە قىلىدۇ. ۋە ئۇلارنىڭ بەشئاتار مىلتىقلىرىغا ئىگە بولىدۇ. ئاندىن يەنە داۋاملىق ئاقسۇغا قاراپ ئىلگىرلەيدۇ.
بۇ چاغدا ياقائېرقتا كورلىدىن ئېلىھاجى، قاراشەھەردىن ھاپىز لۈيجاڭ قاتارلىقلار ئەسكەر باشلاپ، تۆمۈر ئېلىگە قوشۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر ئېلىنىڭ ئادىمى كۆپىيىپ، قوراللىرى خىللىشىدۇ.
تۆمۈر ئېلى ئاقسۇغا كىرگەندىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجىم ئۇنىڭغا (بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىم گۇچۇڭدا ئىدى) سىجاڭ (دېۋىزىيە كوماندىرى) لىق ئۈنۋانىنى بېرىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ ئاقسۇدا تۇرغان مەزگىلىدە قىسىملىرىنى رەتلەپ، ھەمدەمبەگ ھاجى، ئەمەتخان، مامۇتخان، ھاپىز لۈيجاڭ ۋە ئېلىھاجى قاتارلىقلارنى تۈەنجاڭ قىلىپ تەيىلەيدۇ. ئۇنىڭدەن باشقا ئابدۇقادىر فۇگۈەنجاڭ، توختى يىڭجاڭ قاتارلىقلار مۇھاپىزەتچى قىسىملارنىڭ باشلىقى بولىدۇ. ئاقسۇلۇق بايىز شاڭيۇ ئۈچتۇرپان تەرەپتىن بىر قانچە يۈز پىدائىنى باشلاپ كېلىپ تۆمۈر سىجاڭغا قوشۇلىدۇ. بايىز شاڭيۇغا لۈيجاڭ (بېرىگادە كوماندېرى)لىق ئۈنۋانى بېرىلىدۇ.
تۆمۈر سىجاڭ قوشۇن باشلاپ مارالبېشىغا بارغاندا ياقىرىقتىكى جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەن قەشقەردىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىنىڭ باشلىقى ياڭ چىمىن قەشقەر ۋە يەركەندىن نۇرغۇن ئەسكەر توپلاپ، مارالبېشىنى ئالدىنقى سەپ قىلىپ، تۇمشۇقتا ئىستىھكام قۇرۇپ، تۆمۈر سىجاڭ قوشۇنىنى قاتتىق توسايدۇ. بۇ يەردە قاتتىق ئۇرۇش بولىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ دۈشمەننى قىلچە مەنسىتمەي، بىر تەرەپتىن ناغرا سۇناي چېلىپ يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇرۇش قىلىدۇ. ئاقسۇ، ئاۋات، توقسۇ، شاياردىن ھەتتا خوتەننىڭ بەزى جايلىرىدىن ئوبۇلقاسىمبەگ قاتارلىق كىشىلەر كېلىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياڭ چىمىن قىسىمدىن 30چە ئۇيغۇر ئەسكەر قېچىپ تۆمۈر سىجاڭنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلىدۇ، شۇنداقلا قەشقەر ۋالىيسى ماشاۋۋۇ (مادوتەي) ئۇلۇغچات ھاكىمى چىڭ تۇڭلىڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە 200 قىرغىز ئەسكەرنى تۆمۈر سىجاڭغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ئۇلار ئاچالغا كەلگەندە، تەرجىمان ئوسمان ئېلى(قىرغىز) قىرغىز ئەسكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، چىڭنى ئېتىپ تاشلاپ، تۆمۈر سىجاڭغا بەيئەت قىلىدىغانلقىنى جاكارلايدۇ. نەتىجىدە تۆمۈر ئېلى ياڭ چىمىن قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، قەشقەرگە يۈرۈش قىلىدۇ. ياڭ ئەسكەرلىرى چېكىنىپ پەيزىۋاتقا كەلگەندە، ئۇلارنى دېھقانلار ئۇر كالتەك قىلىدۇ.
1933-يىلى 3-ئايدا، ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدىكى قىزغىز ئەسكەرلەر قەشقەر شەھرىگە ھۇجۇم قىلىپ قەشقەرنى ئىشخال قىلىدۇ. ئوسمان ئېلى ئۆزىنى سىجاڭ دەپ جاكارلايدۇ. 1933-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى تۆمۈر سىجاڭ قوشۇنلىرى ياڭ چىمىن ئەسكەرلىرىنى تارمار قىلىپ قەشقەر شەھرىگە كىرىدۇ. ما دوتەي قەشقەر ھاكىميىتى ۋە دۆلەت خەزىنىسىنى تۆمۈر سىجاڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا، ئۇزۇندىن بۇيان تۆمۈر سىجاڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ جەڭ قىلغان تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ قوماندانى ما زىخۇيمۇ قەشقەرگە كىرگەن ئىدى. ئۇ ئۆز قىسىملىرى بىلەن قەشقەر يېڭى شەھەرگە، ئوسمان ئېلى ئۆز قىسىملىرى بىلەن يۇملاق شەھەرگە ئورۇنلىشىدۇ. تۆمۈر ئېلى ۋالىي مەھكىمىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. قەشقەر شەھرىدىكى خەنزۇ ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ۋالىي مەھكىمىسىگە ئورۇنلىشىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ ئۇلارنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالىدۇ. قەشقەردە قان تۆكۈلۈش بولمايدۇ.
تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردىكى مىللىي قىسىملارنى رەتلىگەندىن كېيىن، يارباغ دەرۋازىسىنىڭ تېشىدىكى تۈمەن دەرياسىنىڭ بويىدا چوڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ھەربىي كۆرەك ھېسابىدا مەشرەپ ۋە ئوغلاق تارتىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرىدۇ. مازىخۇي باشچىلىقىدىكى تۇڭگان قىسىملىرى بۇنى ئۆزلىرىگە قارىتىلغان نامايىش دەپ قاراپ بۇنىڭدىن نارازى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىدە نورمالسىزلىق يۈز بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، خوتەن قوزغۇلاڭچىلىرى شا مەنسۇر (ئەمىر ئابدۇللا) باشچىلىقىدا قەشقەرگە كېلىدۇ ۋە بىرلەشمە ھاكىميەت قۇرۇش ھەققىدە تۆمۈر سىجاڭ بىلەن كېڭىشىدۇ.
تۆمۈر سىجاڭ: «مەن يىراقتىن ئۇرۇش قىلىپ كەلدىم» دەپ ئۆزىگە تەمەننا قىلسا، شا مەنسۇر تەرەپ ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ ۋە «ئوقۇمىغان ھارۋىكەشنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى، ئۇ چوڭ ئىشلارنى قىلالمايدۇ، شەھەرنى بوشاتسۇن…..» دېگەن گەپلەرنى تارقىتىدۇ. نەتىجىدە تۆمۈر سىجاڭ شا مەنسۇر قىسىملىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، سابىت داموللام، جانبەگ قازى، شا مەنسۇر قاتارلىقلارنى قولغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەسكەرلىرىنى بولسا ئەسىر ھېسابىدا خوتەنگە قايتۇرىۋېتىدۇ.
بۇ كۈنلەردە خوجىنىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭ ئوتتۇرسىدا ئىختىلاپ تۇغۇلۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ. خوجىنىياز ھاجىم شېڭ شىسەي بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش توغۇسىدا خەت يازىدۇ. خەت گۇچۇڭدىن يېزىلغان بولۇپ، ئۇنى توقسۇنلۇق شىرىۋاخۇن دېگەن كىشى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. تۆمۈر سىجاڭ: «شېڭ شىسەي ئاكام توختاخۇننى چاناپ ئۆلتۈرگەن، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولمايمەن، ماجۇڭيىڭ مۇسۇلمان، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشساق راۋا بولمايدۇ. مەن بۇ ئىشقا قوشۇلمايمەن» دەيدۇ.
ئوسمان ئېلى بۇ خەتتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تۆمۈر سىجاڭغا: «يېڭى شەھەردىكى تۇڭگانلارنىڭ پەيلى بۇزۇق، ئۇلارنى قورالسىزلاندۇرايلى» دەيدۇ. تۆمۈر سىجاڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىمۇ ئىختىلاپ تۇغۇلىدۇ.
بۇ چاغدا تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئاتىسى ئەھمەت ھاجىم ھەرەمدىن قايتىشىدا بۈيۈك بىرىتانىيە ئېمپىريىسى-ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تۆمۈر سىجاڭغا يازغان خېتىنى ئېلىپ كېلىدۇ. خەتتە: «بىز دوست بولايلى، 15-20 مىڭ قورال ياكى ئادەم كۈچى لازىم بولسا بېرەيلى» دېيىلگەن. تۆمۈر سىجاڭ بۇ خەتنى كۆرۈپ: «ناسارالاردىن ياردەم تىلىگىچە ئاللاھتىن نۇسىرەت تىلەيمەن» دەپ بۇ خەتكە ئېتىبارسىز قارايدۇ.
تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئاتىسى ھەرەمدىن كېلىشى بىلەن سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلخانىسى چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، تۆمۈر سىجاڭ، ئۇنىڭ دادىسى باشلىق مۆتىۋەرلەرگە ۋە ھەربىيلەرگە سوۋغا تەقدىم قىلىدۇ ھەم ئىتتىپاق تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ: «بولشېۋىكلار بۇخارائىي شەرفنى ۋەيران قىلغان تۇرسا بىز قانداقمۇ ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق بولىمىز…» دەپ بۇ تەلەپنىمۇ رەت قىلىدۇ.
بۇ چاغدا ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ئوقۇغۇچىلارنى ئادەتتىكى قائىدە بويىچە يېڭىشەھەرگە مازىخۇي (ماجەنساڭ) غا سالام بېرىشكە ئېلىپ چىقىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ: «نېمە ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلارنى تۇڭگانلار ئالدىغا ئېلىپ چىقىدۇ» دەپ كايىيدۇ. شۇنىڭ بىلەن قەشقەرنىڭ ئابرويلۇق كىشىلىرى: «تۆمۈر سىجاڭ يارامسىز، بىلىمسىز كىشى ئىكەن، قەشقەرنى بىر ھارۋىكەشكە تارتقۇزۇپ قويدۇق….» دېگەندەك سۆزلەرنى تارقىتىدۇ. نەتىجىدە، تۆمۈر سىجاڭ ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەممىسىنى چەتكە قېقىپ، ئۆزىنى يېتىم قالدۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگىلىيە، سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى، مازىخۇي تۇڭگان قىسىملىرى، قىرغىز ئوسمان ئېلى قىسىملىرى ۋە ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم باشچىلىقىدىكى نوپۇزلۇق كىشىلەرنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچىرايدۇ. ئۇ پەقەت قارا كۈچىگە تايىنىپلا ئىش كۆرمەكچى بولىدۇ، ئەمما، تېنەپ قالىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە، ماجۇڭيىڭ ئۇنى بىخۇتلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا سىلىڭلىق ئۈنۋانى بېرىدۇ ۋە سىلىڭلىق تامغىسىنى تاپشۇرىدۇ. بىر كۈن تامغا تاپشۇرۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاتلىق ئەسكەرلەر تامغىنى كۆتۈرۈپ شەھەر ئايلىنىدۇ. شۇكۈندىكى زىياپەتتە تۆمۈر سىجاڭدىن يېڭىلگەن كونا ئەسكەرلەردىن ياڭ چىمىنمۇ بىللە بولىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ تۆمۈر سىلىڭ بۇ «كاتتا» مەنسىۋىدە بىخارامان ئولتۇرىدۇ. تۇڭگان قىسىملىرى بولسا ئۆز «ئىشىغا» پۇختا بولىدۇ.
ئوسمان سىجاڭ يەنىلا تۇڭگانلارنى قورالسىزلاندۇرۇش تەلىپىدە چىڭ تۇرىدۇ. تۆمۈر سىجاڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ ۋە ئوسمان ئېلىغا قەشقەردىكى ھاكىميەت تەركىبىدە مەمۇرى ھوقوق-مەرتىۋە بەرمەيدۇ. ئوسمان ئېلى بۇنىڭدىن رەنجىپ، تۆمۈر سىجاڭنىڭ بىر قانچە ئەسكىرىنىڭ ئات قوراللىرىنىڭ بۇلاپ تاغقا قېچىپ كېتىدۇ. ئۇ تاغقا قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، تۆمۈر سىلىڭ مامۇتخان لۈيجاڭ ۋە مازىخۇيغا ئوسمان ئېلىنى قورالسىزلاندۇرۇش توغۇرسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. ئەتىسى بۇيرۇقنى ئىجىرا قىلمىغان تۇڭگان يوڭ ۋېنگىننى باشقىلارنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۆلتۈرىدۇ.
1993-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۆمۈر سىلىڭ ئوسماننى قوغلاپ چىققان قىسىملارنىڭ ئارقىسىدىن ماشىنا بىلەن لەڭگەرگە چىققاندا، توغراق مازار دېگەن يەردە يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان 200 دىن ئارتۇق ئاتلىق تۇڭگان ئەسكەرلىرى دەسلەپتە قارشى ئالىدۇ. ئەمما تۆمۈر سىجاڭ ماشىنىدىن چۈشۈپ ئۇلارغا كايىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۇڭگانلار تۆمۈر ئېلى، زائىر قازاق، ئىمىن پەلۋان، ئىبراھىم قارى، شوپۇر ساۋۇت ئاخۇن قاتارلىق بەش كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، تۆمۈر سىلىڭنىڭ بېشىنى كېسىپ قەشقەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. تۆمۈر سىجاڭنىڭ قەشقەردىكى ھاياتى ۋە ھوقۇق تۇتقان ۋاقتى ئاران 97 كۈن داۋام قىلىدۇ.

مەنبە: شېرىپ خۇشتارنىڭ «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» ناملىق كىتابى 192~200-بەتلەر

Share
2419 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.