logo

trugen jacn

تىك ئۇچار ۋە ئاتلىق ئەسكەر، ساقچىلار تاغ باغرىدا باي كۆمۈر كان ھۇجۇمچىلىرىنى ئىزدىمەكتە

4ffc5934-d04c-4bd1-9246-3104354d8c05

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

18 -سېنتەبىر سەھەردە باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك بازىرىدىكى سوغان كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلغان پىدائىيلار ھۇجۇمدىن كېيىن تاغ باغرىغا چېكىنگەندىن بۇيان، تا بۈگۈنگىچە تۇتۇق بەرمىگەن.

تەۋەلىكتىكى چارلاش خادىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە گۇماندارلار يوشۇرۇندى دەپ قارالغان تاغ باغرى ھاۋادىن تىك ئۇچار بىلەن، قۇرۇقلۇقتىن بولسا ئاتلىق ھالدا چارلانماقتا. مەلۇم بولۇشىچە، تېرەك بازار باشلانغۇچ مەكتىپى مەزكۇر ۋەقە قوماندانلىق مەركىزىگە بوشىتىپ بېرىلگەن. مەكتەپنىڭ پۇتبول مەيدانى تىك ئۇچارلارنىڭ قوزغىلىش ۋە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ توختاش مەيدانى سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، يەرلىك چارلاش خادىملىرىغا گۇماندارلارنىڭ بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئىكەنلىكى، ئۈستىگە چارلاش فورمىسى يەنى رەڭلىك نىقاب كىيگەنلىكى ئۇقتۇرۇلغان.

نۆۋەتتە تاغدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرىگە ياردەم بېرىشتە قوللىنىش ئۈچۈن تېرەك بازار، بۇلۇڭ ۋە قارباغ يېزىلىرىدىن ئات توپلانماقتا.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە بايدا مەزكۇر ۋەقە گۇماندارلىرى ھەققىدە 9 كىشى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان. ئەمما بۇ 9 كىشىنىڭ ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغان پىدائىيلارنىڭ ھەممىسى ياكى بىر قىسمى ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/komurkan-hujum-09252015170515.html

Share
1620 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.