logo

trugen jacn

تىكقۇدۇقتىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى «تاشلىق ساي تەربىيىلەش مەركىزى» گە سولانغان

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ياۋروپادىكى مەلۇم دۆلەتتىن رادىيومىزغا ئەھۋال ئىنكاس قىلغان بىرەيلەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يېقىندا يۇرتىدىكى تونۇشلىرىدىن تىكقۇدۇق كۆمۈر كان رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاسىيە خانىم، ئەكبەر ۋە خالمۇرات قاتارلىق ئۈچەيلەننىڭ ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ (شۈيموگو) ساياھەت رايونىغا قاراشلىق تاشلىق سايدا قۇرۇلغان «تەربىيىلەش مەركىزى» گە قامالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر 4-ئايدىن بۇيان «تاشلىق ساي تەربىيىلەش مەركىزى» گە قامالغان ئاسىيە خانىم، ئەسلى تىكقۇدۇق كۆمۈر كان رايونى ئۆي چېقىش ئىشخانىسىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەن.

بۇ يىل 38 ياشقا كىرگەن ئاسىيە خانىم ئىلگىرىكى يىللاردا تۈركىيەگە ساياھەتكە بارغان ئىكەن. ئۇ، ئۆتكەن يىلى 4-ئاي مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ساياھەتكە بارغانلارنى تەكشۈرۈش دولقۇنىدا تەكشۈرۈلگەن. شۇ قېتىم ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىدىكى كومپيۇتېرىدىن «قانۇنسىز ئۇچۇرلار چىقتى» دېگەن باھانىدە ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن. ئۇ 10 ئايدىن بۇيان ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈلمىگەن. ئائىلىسىدىكىلەر كۆپ سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئاسىيە خانىمنىڭ ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ ساياھەت رايونىدا قۇرۇلغان «تاشلىق ساي تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بىلگەن.

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا كەلگەن ئۇچۇرلاردا نۆۋەتتە تىكقۇدۇق كان رايونىدىكى ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۈرۈمچى بۇلاقتاغ (شۈيموگو) ساياھەت رايونىغا قاراشلىق تاشلىق سايدا قۇرۇلغان «تەربىيىلەش مەركىزى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ خانىم بايانىدا يەنە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇر يوللىغان دوستلىرىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇنداق دېگەن: «ئىلگىرى ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان تىكقۇدۇق مەھەللىلىرىدە ھازىر قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر كۆرۈنمەيدىغان ھالەت بارلىققا كەلگەن.»

تىكقۇدۇقتىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا ئۇ بىلىدىغانلاردىن يەنە بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ئەكبەر ئىسىملىك يەنە بىر ئۇيغۇر بار بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ناماز ئوقۇيدىغان بىرى بولغانلىقى ئۈچۈنلا «دىنىي كەيپىياتى قويۇق» دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. ئەكبەر ئەپەندىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ئۇنىڭ جىيەنى خالمۇراتمۇ ئىككى ئاي ئىلگىرى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

بۇ خانىم تەمىنلىگەن يۇقىرىقى ئەھۋالغا ئاساسەن بىز ئۈرۈمچى تىكقۇدۇق ئاھالىلەر كومىتېتى، تىكقۇدۇق ساقچىخانىسى، چىداۋان ساقچىخانىسى ۋە تاشلىق ساي، يەنى خىتايچە «شىرېنگو» دەپ ئاتىلىدىغان ساياھەت رايونىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئەمما مەزكۇر رايوندىكى ساقچىخانىلار ۋە ئاھالىلەر كومىتېتلىرىنىڭ تېلېفونلىرى ئېلىنمىدى.

تىكقۇدۇق رايونىدىكى مەلۇم ئائىلىلىكلەر قورۇسىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر خىتاي ئايال ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قوشنىلىرى ئارىسىدا «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«مەن سىز سورىغان مەسىلىلەرگە ئۇچراپ باقمىدىم، چۈنكى سىز دېگەن ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نىڭ نېمە قىلىدىغان جاي ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. بۇ سوئالىڭىزغا مەن جاۋاب بېرەلمەيمەن. چۈنكى مەن بۇ خىل ‹تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نى ئۇچرىتىپ باقمىدىم، ئاڭلاپ باقمىدىم ھەم كۆرۈپمۇ باقمىدىم.»

ئەمما رادىيومىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق تاراتقۇلاردا ئاشكارىلانغان ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قۇرۇلغان «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» نىڭ نەچچە مىڭدىن ئاشقانلىقىنى، بۇ جايلارغا قامالغانلارنىڭ نەچچە يۈز مىڭغا يەتكەنلىكى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئەڭ يېڭى ئەھۋاللاردىن يەنە ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش رۇخسىتى، يەنى «يېشىل كارتىسى» بار تۇرۇقلۇق خىتاي پاسپورتى بىلەن تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن غۇلجىغا بارغىنىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، 6 ئايدىن بۇيان غۇلجىدىكى «تەربىيىلەش مەركىزى» دە تۇرۇۋاتقان ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ 22 ياشلىق تۇڭگان ئوقۇغۇچىسى، قازاقىستان پاسپورتى بىلەن سودا ئىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارىغا بارغىنىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆمۈربېك قاتارلىقلارنىڭ پاجىئەلىرى ئاشكارىلاندى. بۇ ئەھۋاللار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرغان ئاتالمىش «تەربىيىلەش مەركەزلىرى» گە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنى، ھەتتا ئاللىقاچان چەتئەل پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغانلارنىمۇ قاماۋاتقانلىقىنى دۇنياغا ئاشكارىلىماقتا

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/terbiyilesh-merkizige-solanghan-uyghurlar-02012018221927.html

Share
2837 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.