logo

trugen jacn

توختى پوكان ۋە كېپەن ئوغرىسى

plain-blue-background-wallpaper-3

 توختى پوكان ۋە پىلەكسىز قاپاق
(يەتتىنچى ھېكايە)
ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش
مەن توختى پوكان خىزمەت ئورنىمدا چىرىكلىشىپ كادىرلىق ئوبرازىمغا داغ چۈشۈرگەنلىكىم ئۈچۈن ئۇدۇل شەھەرلىك قاماقخانىغا يالاپ ئېلىپ مېڭىلدىم.
-كەمىرىڭنى سۇغار!،-دېدى قاماقخانا باشلىقى قارا قاناتلىق تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماڭا ھەيۋە بىلەن.
مەن دەرھال كەمىرىمنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ باشلىققا سۇندۇم ئاندىن چۈشۈپ كەتكىلى قوپقان تامبىلىمنى قوش قوللاپ تۇتۇپ ئۇنىڭغا تەلمۈردۈم.
– ئايىغىڭنى سال!
– ئايىغىمنى نېمىشقا سالىمەن باشلىق!،-دېدىم ئۆزەمنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇغان ھالدا كۆزەمنى پارقىرتىپ.
– ئاياغنىڭ ئىچىدىكى تۆمۈرنى يەۋالساڭ قانداق قىلىمىز؟،-دەپ ھۆركىرىدى باشلىق ئەلپازىنى سەت قىلىپ.
– مەن ئۇنداقلاردىن ئەمەس، مەن ھەرگىز تۆمۈر يەۋالمايمەن باشلىق!،-دېدىم ئۇنىڭغا قاراپ ھىجىيىپ.
-سال دىگەندىكىن سال! تۆمۈر يېمىسەڭ ماۋۇنى يەمسەن-يا؟
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قۇلىدىكى قارا رەزىنكە كالتەكنى كۆتۈرگەندەك قىلىۋىدى سۇنجىقام ھەرە چاققاندەك «پىژژىدە» قىلغاندەك بولدى، ئارقىدىن ئىككى پۇتۇم سېزىمىنى يوقۇتۇپ ئالدىمغا موللاق ئاتقانلىقىمنى بىلدىم.
بىر چاغدا كۆزۈمنى ئاچسام يەردە يېتىپتىمەن، ھېس قىلسام كۆتۈمدىن شامال چىقىۋېتىپتۇ، كۇسار كىيىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئىسىمگە كىلىپ دەرھال ھۇشۇقۇمغا كىلىپ قالغان تامبىلىمنى «شارتتىدە» تارتىپ چىقىرىۋېلىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم.
– مىنى نېمە بىلەن ئوردىڭىزا باشلىق!،- دېدىم كىكەچلىگىنىمچە كالتەكتىن يەنە بىرنىيەپ سالماسلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇشامەت قىلىپ.
– توك كالتىكى دەپ ئاڭلىغانما؟،-دېدى باشلىق ئاۋازىنى ناھايىتى سوزۇپ مۇغەمبەرلىك بىلەن.
– ۋاي ئاڭلىمامتىيكى ، ئاڭلىغان…ئاڭلىغان…،-دىدىم كالپۇكۇمنى چىشلەپ تۇرۇپ، -مانا توختى پوكان ئاياغنى سالدى…يەنە دەڭا ئەمدى نېمىنى سالىمەن؟
باشلىق قىلغان ئىشىدىن پىخىلداپ كۈلگىنىچە مىنى نەچچە قات تۆمۈر دەرۋازىنىڭ ئىچىدىن ئۆتكۈزۈپ بىر ھويلىنىڭ ئىچىگە باشلاپ ئەكىردى، ھويلىنىڭ بىر تېمىدا قاتار كەتكەن بەش-ئالتە ئىشىك تۇراتتى، باشلىق بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئىشىكنى ئېچىپ مىنى باشلاپ ئەكىردى، ئاللا كارامەت ئۆينىڭ ئىچى پوق پۇرىغاننىڭ دەستىدىن كۆزنى لازا قۇيغاندەك ئېچىشتۇراتتى.
– يېڭى مېھمان كىردى ئوبدان كۈتۈۋېلىڭلار-ھە!،- دېدى باشلىق مىنى ئۇلارغا تۇنۇشتۇرۇپ گىدەيگىنىچە.
– خاتىرجەم بولسىلا باشلىق، تازا ئوبدان كۈتۈۋالىمىز بۇنى!،- دېدى نان يېگەن تەرى يوق بىرسى كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ.
باشلىق ئىشىكنى ئېتىۋېتىپ چىقىپ كىتە-كەتمەي ھېلىقى بىرى ئاچچىق بىلەن مەندىن سورىدى:
– نېمە ئىش قىلغان؟
– پارا يېگەن…
– نېمە ئىش قىلاتتىڭ؟
– خەلق ساقچىسى…
– ياخشى…ياخشى… بۇنى ئوبدان كۈتۈۋېلىڭلار!،-دېدى تۆردە ئولتۇرغان باشقا بىرى گەپكە ئارلىشىپ.
«مىنى تۇسىقى يوق بىر خالىجايغا ئەكىرىپ قانداق كۈتۈۋالىدىغان بولغىيتتى بۇلار، ھېچ بىر تاھارەت قىلىدىغان كاتەك كۆرۈنمەيدىيا؟ بۇ پىژغىرىم ئۇپتا بېشىمغا ئىسسىق ئۆتۈپ كېتىپ كۆزۈم كۆرمەس بولۇپ قالدىمۇ-يا!»
تاھارىتىم قاتتىق قىستاپ كەتكەچكە سىيىدىغان كاتەك ئىزدەپ ئالدىمغا بىر ئاز ئېڭىشتىم، قارىسام تۆت مېتىر كەڭلىكتىكى تاختا سوپىدا ئون تۆت ئادەم ماڭا قاراپ ھىجيىشىپ ئولتۇرۇپتۇ.
-قېنى يۇقىرىغا ئۆتسىلە!،-دېدى ھېلىقى ئاۋاق ئىككى قۇلى بىلەن تاختا سۇپىنىڭ يۇقىرىسىنى كۆرسىتىپ.
– مەن…مەن…بۇ …بۇ…ياتاق …ياتاقما؟،- دېدىم بۇ جاينىڭ خالىجاي ئەمەس بەلكى ياتاق ئىكەنلىكىدىن ھەيران قېلىپ.
– شۇنداق ھاجىم ئاكا، بۇ ئۆزلىرىنىڭ كامېرى، ئاستىلىرىغا كۆپە سالامدۇق-يا؟،-دېدى يەنە بىر پاكار ئوغرى كۈلگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ.
– تارتىنمىسىلا ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدەك ئازادە ئولتۇرسىلا!،- دېدى ئارقا بۇرجەكتىن ئۆلەي دەپ قالغان بىر قېرى ئىنجىقلاپ ئالدىغا سۈرۈلگىنىچە ماڭا ھاڭۋېقىپ قاراپ.
مەن ئۆزەمنىڭ ئىززىتىنى بىلىپ تاختا سوپىنىڭ يۇقىرىسىغا ئۆتۈپ ئەمدى ئولتۇراي دىيىشىم باشتا گەپ قىلغان ھېلىقى ئاۋاق ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كىلىپ پېشىمنى تارتتى:
– ئامبال غۇجام، بۇ يەردە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن سۈرەتكە چۈشۈۋالغايلا!
«توۋۋا قىلمىدىم، مانچە يىل ساقچى بولۇپ بىرسىمۇ سۈرەتكە تارتىپ قۇياي دىمىگەن ئىدى، ماۋۇ كىشىلەر نىمانچە مېھماندوست، نېمانچە كۆڭلى ياخشى…ۋاھ…ۋاھ…»
– قەيەردە تۇرىمەن؟،- دەپ سورىدىم بىر قۇلۇمدا شەپكەمنى تۈزەشتۈرۈپ چىرايىمدىكى كۈلكەمنى باسقىنىمچە بىر قۇلۇمدا تامبىلىمنىڭ بېغىنى تۇتۇپ تۇرۇپ.
– مانا ماۋۇ يەردە تۇرىدىلا ھاجىم ئاكا!
مەن ھېلىقى ئاۋاق كۆرسەتكەن تامغا بېرىپ يۆلىنىپ تۇردۇم.
– كەينىلىرىنى قىلسىلا قارىم غۇجام!
«سۈرەت دىگەنگە ئالدىدىن چۈشمەسمىدىۋۇلا…بۇ قانداق سۈرەتكە چۈشۈشتۇ ئەمدى!»
مەن تەمتىلەپ ئاستا كەينىمىنى قىلىپ تۇردۇم، مۇشۇ تاپتا كاللامغا كەلمىگەن خىياللار كىلىشكە باشلىدى.
– كۆينەكلىرىنى سالغايلا پوندەك غۇجام!
كۆينەكنىمۇ سالدىم.
– ئەمدى تامبالنى سالسىلا ئۇز خېنىم!
«ئۇز خېنىم ؟…ۋوي بۇ جاھان نېمە بولۇپ كەتتى ئەمدى! مەن توختى ئەمدى ئۇز خېنىم بولدۇمما؟»
– نېمە… تامبالنى سالسىلا ؟ مەن رەسىمگە چۈشەمدىم –يا مۇنچىغا چۈشەمدىم؟،- دېدىم ئاچچىقىمدا ئۇلارنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي كەينىمگە بۇرالغىنىمچە.
– سىلىنىڭ سالغۇللىرى كەلمىگەن بولسا بىز بار غۇجام!،-دېدى بىرسى يېنىدىكىلەرگەئىشارەت قىلىپ.
ئاڭغىچە ئون نەچچە ئادەم ئورنىدىن تۇرۇشۇپ ئالدىمغا يۇپۇرۇلۇپ كېلىشكىنىچەياقامدىن بۇغۇپ قوناق سوققاندەك سوقۇشقا باشلىدى… ئۇرە-ئۇر… تىپە-تەپ… ھېچ بىر توختايدىغاندەك ئەمەس…
-خوش بۇلاي…مەن ئۆلەي دېدىم…ماڭا رەھىم قىلىڭلار جېنىم ئاكىلار!،-دېدىم تاياق-توقماققا چىدىيالماي ۋارقىراپ يىغلىغىنىمچە ئۇلارنىڭ پۇتىنى سىلاپ تۇرۇپ.
ئۇلار مىنى ئۇرۇشتىن توختاپ مىڭ-بىر بالادا ئورنىغا بېرىپ ئولتۇرۇشتى.
– قانداق كېلىنچەك خېنىم، تامبالنى سالاملا يا بىز سالدىرامدۇق؟،- دېدى ئارىدىن بىرسى ھىجىيىپ تۇرۇپ ماڭا تەنە بىلەن.
– ۋاي سالاي ئۇكام، سالاي…رەسىمگە تارتامسەن، ياكى سىن ئالغۇغا ئالامسەن،ئىشقىلىپ تامبالنى سالسام بولىدىغاندۇ؟
مەن شۇنداق دېگىنىمچە كۆزلىرىمدىن يامغۇردەك ياش تۈكۈپ تامبىلىمنى سالغىنىمچە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە تامغا ئالدىمنى قىلىپ تۇردۇم.
– تامغا چىڭ چاپلىشىپ تۇرغايلا ئامبال غۇجام!
تامغا چىڭ چاپلاشتىم.
– ئىككى قوللىرىنى كەرىپ تۇرسىلا غۇجام!
– ئىككى قۇلۇمنى سارنىڭ قانىتىدەك تازا كەرىپ تۇردۇم.
– چاتراقنى كەرىسىلە ئۇز غۇجام!
چاترىقىمنىمۇ كەردىم.
– بىر…ئىككى…ئۈچ!
تۇيۇقسىز بەدىنىمگە چېچىلغان سۇغۇق سۇدىن ئەندىكىپ ۋارقىراپ سېلىپ قۇلۇمنى مىدىرلىتىپ سالدىم، بىرسى ئېغىزى بىلەن گەدىنىمدىن باشلاپ سونجىقىمغىچە سۇ پۈركۈپ چىقىۋاتاتتى، مىدىراپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ كەينىمدىكى سۈرەتچى ئاچچىقلاپ ۋارقىرىدى:
– تۇرالمىغان بولساڭ مەن تۇرغۇزۇپ قۇيايما؟
– ياق ئاكا…مەن ئۆزۈم تۇراي!، -دېدىم دەرھال قۇلۇمنى تامغا چاپلاپ ئۇلارنىڭ يەنە«ياردەم قىلىشى»دىن ئەنسىرەپ.
شۇنداق قىلىپ سۆرەتچى مىنىڭ بىر يانغا ئۆتۈپ كىيىمىمنى كىيىۋېلىشنى بۇيرىدى،دەرھال كىيىمىمنى كىيىپ تامدىكى چۈشكەن سۈرىتىمگە قارىدىم، ھەر نېمە بولسا ئۇستاسۈرەتچىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپتىكەنمەن، دىگەندەك تامدىكى سۈرىتىم شۇ پېتى چىقىپتۇ، ئاندىن تۆردىكى ساھىپخانلارغا قارىدىم، ئۇلار تامدىكى سۈرىتىمنى كۆرۈپ كۈلۈشكىنىدىن تاختا سوپىنىڭ ئۈستىدە قۇرسىقىنى تۇتۇشۇپ يۇمىلانغىلى تۇرۇپتۇ…مەنمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كۈلگىلى تۇردۇم…
– سىلىگە كۈلگىلى تېخى بالدۇر غۇجام، ئالدىرىمىسىلا!،- دېدى ھېلىقى كاززاپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا دىۋەيلەپ كىلىپ،- ئېيتسىلا كۆڭۈللىرى ئايروپىلان تارتامدۇ ياكى موتوسېكىلىتمۇ؟
« ئۆزەڭنى ساقچى دىگەنگە تۇيەمانا!…ئۆمرۈمدە چىقمىغان ئايرۇپىلانغىمۇ چىقىدىغان بولدۇم…ئىسىت…ئىسىت! »
ئۇلارنىڭ سۇئالىغا ئالدىراپ جاۋاپ بەردىم:
– ماڭا مىنىدىغانغا ئىشەك بولسىمۇ بۇلىتتى…
– بۇ يەردە تېخى سەندىن بۈلەك ئىشەك يوق!
– ئەمىسە موتۇغا چىقساممۇ چىقاي!،- دېدىم يەنە كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزۇپ.
ئۇلار مىنى باشتا موتۇغا چىقاردى، ئۆمرۈمدە ھەيدىمىگەن موتۇسىكىلىت ئىكەن، شۇنداقمۇ ھوزۇرلاندىم… كېيىن تۇنۇرغا نان ياقىمىز دەپ ئىنەكلىرىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى… ۋاھ… ۋاھ… بۇ سامسىلارنىڭ ئوخشىغىنىنى… ھەر قېتىم ئىنىكىمگە نان ياققاندا… ئوتنىڭ ئۇچقىنى كۆزۈمنىڭ ئالدىدا يۇلتۇزدەك ئېقىشىپ يۈرگەن…دەم تۇرۇپ يۇلتۇز چاقنىغان… دەم تۇرۇپ كۆز ئالدىمدا ساليۇت ئېتىلغان… ئاھ… گۈزەل دۇنيا… ئاھ… يۇلتۇزغا تولغان دۇنيا…
– ۋوي نان كۆيۈپ كەتتى تونۇرنىڭ دۇتىنى ئەت!،-دەپ ۋارقىرىدى بېشىمدا چۆرگىلەپ يۈرۈپ نان يېقىۋاتقان ناۋاي دېگەن ئەبلەخ شاگىرتىغا.
«ئەمدى تونۇرنىڭ دۇتىنى قانداق ئېتىدىغاندۇ؟»
بىردەمنىڭ ئىچىدە ئاللا بىركىملەر كەينىمگە يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ نۆۋەت بىلەن تونۇرنىڭ دۇتىغا يەن كۆتۈمگە تەپكىلى تۇردى… ھەر بىر تېپىشىدە ئالدىمغا بىر موللاق ئاتىمەن… ھەر بىر تېپىشىدە ئالدىمغا بىر موللاق ئاتىمەن… ۋاي تىپىك…ۋاي تىپىك…
خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئاخىرى دۇتمۇ ئېتىلدى، ئەمدى ئۇھ دىيىشىم سۇراق دېگەن باشلىنىپ كەتمەسمۇ…
ۋاي…ۋاي…ۋاي! مەن ئۆزۈمنى ساقچى دەپ يۈرۈپتىمەن…ھەقىقى ساقچىلار بۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ؟…يېرىم سائەتكە قالماي ئىچىمدىكى گەپلەرنى چىش پاستىسىنى سىققاندەك سىقىپ ئالدى ئەمەسمۇ بۇ گۇيلار!
سوئال-سوراق تۈگەپ ئەمدى ئولتۇراي دىيىشىم بىرسى«سەپراس!» دەپ توۋلىماسمۇ…ئۇلارھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ تاختا سوپىغا تىزىلىشىپ ئۆرە تۇرۇشتى.
«ئەمدى بۇ نېمە كارامەتتۇ؟»
بىرسى قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە بىر مۇشت سېلىپ ماڭا ۋارقىرىدى:
– نامازغا تۇر، مۇناپىق!
– تاھارىتىم يوقتى ئاكا!
– تىياممۇم قىل!
– تىياممۇمنى بىلمەيمەن ئاكا!
– ئەمىسە مەن ساڭا ئۆگىتەي!
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قۇلىقىمنىڭ تۈۋىگە يەنە بىرنى سالدى، مەن ئاغرىققا چىدىيالماي ۋارقىراپ كەتتىم:
– ۋاي مەن بىلىمەن ئاكا…ماڭا ئۆگەتمە…ماڭا ئۆگەتمە!
– تىز بول ئىتنىڭ بالىسى!
مەن بۇرۇن چوڭلاردىن ئاڭلىغىنىم بويىچە ھاپىلا-شاپىلا تىياممۇم قىلىپ سەپكە قېتىلدىم.
شۇنداق قىلىپ قاماقخانا ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى، مەن يېڭى كىرگەنلىكىم ئۈچۈن «پوقلاقخانا»تەرەپتە يەنى گەندە چىلىكى تەرەپتە ياتتىم، كۈندە ئىككى ۋاق ياتىقىمىزنىڭ ئالدىدىكى ھويلىغا ئون مىنۇتتىن شامالداتقىلى ئاچىقاتتى، قالغان ۋاقىتتا بۇ تۆت كىشىلىك كامېردا ئون بەشىمىز خۇددى كىچك ماشىنىغا يىگىرمە ئادەم چىققاندەك قىستىلىپ–چىڭدىلىپ ئولتۇراتتۇق، يەتتىنچى ئاينىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا يۈرىكىمىز چالىشىپ ئېگىز-تارلىقى يېرىم مېتىرغا بارمايدىغان بىر تال ھاۋادانغا قاراپ تىلىمىزنى سۇزۇپ ھاسىراپ ئولتۇرىشاتتۇق…
بۇنى ئاز دەپ شامالداشقا ئاچىققاندا توسىقى يوق خالاغا كىرىشنى خالىمىغان بىرقانچە كامىرداشلىرىم ياتاققا كىرە كىرمەي كۆتىگە پىلاستىر خالتىلىرىنى كىيىشىپ«پاتاقشىتىپ» قويۇۋېتىشكە باشلايتتى…
خۇدايا توۋۋا قىلمىدىم، بۇ تۈرمىمۇ…ياكى مەسچىتمۇ… ھەر بىر كامېردا بەش-ئالتىدىن سىياسى جىنايەتچى…ھە دىسە ئادەمگە تەبلىغ قىلغان…ئايەت ئۆگەتكەن… ئۈگەتكەننى يادلىمىساڭ تېخى…يادلىغاننى ئېيتىپ بەرمىسەڭ تېخى…دېيەلمىسەڭ قۇلاق تۈۋىڭگە يىگىنىڭ يېگەن…ھېلى پىشىن نامىزى ئۇقۇ دېگەن…ھېلى خۇپتەن ئۇقۇ دېگەن…ئازراقلا خوشياقماي قالسا…گۈمبىلدىتىپ سالغان…ۋاي..ۋاي… ئىشقىلىپ چىرىكلەشكەنگىمۇ تويدۇم…توختى پوكان بولغانغىمۇ گالغىچە تويدۇم…
سەھەردە بەرگەن ئىككى تال ياڭاقچىلىك ھور ناننىڭ بىرى ئەتتىگەنلىك ناشتا بولسايەنە بىرسى بولسا چۈشلۈك تاماققا ھېساب، بىرلا چاينىساڭ ئىككىلىسى چىشىڭنىڭ كاۋىكىغا كىلىپ توختىغان…كەچتە ئۈگرە ئىسىملىك بوغداي ئۇنى ئۇمىچى…جەمئىيەتتە بۇ بۇغداي ئۇمىچىنى ئىت-چوشقا يەپ سالسا ئىككى قۇلىقىمنى كىسىپ بېرەي! ئىشقىلىپ ئاچ قورساققا قىلغىلى ئىش يوق ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمىز نان ئۇراپ كىرگۈزگەن قېلىن پاختا ياغلىقنىڭ يىپلىرىنى بىردىن-بىر سۇغۇرۇپ ئېلىپ ياڭاق چوڭلۇقتىكى «يىپ قاپاق»لارنى تۇقۇپ ئولتۇراتتۇق…
تۇقۇلغان بۇ يىپ قاپاقلار ناھايىتى چىرايلىق ھەم سىپتا بولۇپ تېخى بەزى جىنايەتچىلەر ھەرخىل رەڭدىكى يىپلاردىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك نەقىش-سۆرەتلەرنى ، يىل ئاي سانلارنى چىقىرىشاتتى، ئۆگزىدە چارلاپ يۈرۈيدىغان قۇراللىق بالا ئەسكەرلەر ھەدىسە بېشىمىزغا كىلىپ بىزدىن قاپاق سۇرايتتى، بىز توقۇغان قاپاقلرىمىزدىن بىرەنى ئۇلارغا خۇشامەت قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلار خۇشى كەلسە بىزگە رەھمەت دەپ قۇيۇپ كېتىپ قالاتتى، لېكىن بۇ «قۇرۇق رەھمەت» نى ئاددى چاغلاشقا بولمايتتى، ھېچ بولمىغاندائايدا بىر قېتىم بولىدىغان «چوڭ تەكشۈرۈش» تە بىزنىڭ قاپىقىمىزنى ئالغان ئەسكەرلەردىن بىرەسى تاسادىپى بىزنىڭ كامىرىمىزنى تەكشۈرۈشكە كىرىپ قالسا ھېلىقى قاپاقنىڭ يۈزى بىلەن بىزنى «سېكۇنت ئىچىدە قۇلۇڭنى تامغا ئېلىپ تۇرۇپ تەكشۈرۈشكە ماسلاشمىدىڭ!» دىگەننى باھانە قىلىپ بەش-ئونى بىرلىشىپ دەسسىمەيتتى، ياستۇقلىرىمىزنى پىچاق بىلەن يېرىپ توزغاقلىرىنى تىشىغا توزىتىۋەتمەيتتى، يەيدىغان نانلىرىمىزنى تاھارەت تۇڭىغا تاشلاپ قۇيىدىغان، ساقلاپ قويغان بىرە ئۇچۇم قۇرۇق ئۈزۈملىرىمىزنى توپىغا ئىلەشتۈرۋېتىدىغان ئىشلارنى قىلمايتتى، تېخى بەزىدە ئارىمىزغا چىرىكلەشكەن كاتتا ئەمەلدارلاردىن ياكى ئاق سېتىشقا چېتىلىپ قالغان ھارامزادە بايلاردىن كىرىپ قالغان بولسا ئۇلارنىڭ چاچ سوپۇنى دىگەندەك نەرسىلىرىنىڭ يېرىمىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىپ قالغان يىرىگە سىيىپ قۇيىدىغان ئىشلارنىمۇ قىلمايتتى ، ئۇلار تەكشۈرۈشنى تۈگىتىپ ياتاقتىن چىكىتەر ۋاقتىدا «بىزگە ئوغۇرلۇقچە قارىدىڭ» دىگەننى باھانە قىلىپ ئاچ بېقىنىمىزغا ئۆلگۈدەك تىزلاپ يەرگە چاپلىۋېتىپ ماڭمايتتى…ئىشقىلىپ بىر تال قاپاقنىڭ كارامىتى بەكلا زور ئىدى.
بۈگۈن چۈشكە ئاز قالغاندا قاماقخانا باشلىقى يەنە بىر يېڭى مېھماننى باشلاپ ئەكىردى، قارىساق يىگىرمىلەردىن ئاشقان ياش بىر يىگىت.
– يېڭى مېھمان كىردى ئوبدان كۈتۈۋېلىڭلار-ھە!،- دېدى باشلىق ئاۋۋالقىدەك ئۇنى بىزگە تۇنۇشتۇرۇپ قۇيۇپ گىدەيگىنىچە.
– خاتىرجەم بولسىلا باشلىق، تازا ئوبدان كۈتىۋالمىز بۇنى!،- دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي ئورنۇمدىن ھىجىيىپ تۇرۇپ.
باشلىق ئىشىكنى ئېتىۋېتىپ چىقا-چىقماي مەن ئالدىراپ ئۇنىڭدىن سورىدىم:
– سەن نېمە ئىش قىلغان؟
– ئادەم ئۆلتۈرگەن!
– نې…نې…نېمە؟
– ئادەم ئۆلتۈرگەن!
بۇ جاۋاپتىن كۆزلىرىم يوغىناپ ئېغىزىمغا كەلگەن تۈپۈكنى «غۇرتتىدە» يۇتۇپ يېنىمدىكى سۈرەتچىگە قارىدىم. سۈرەتچى بولغان ئەبلەخ بېشىنى ئىككى يانغا چايقاپ نېگاتىپ قالمىغانلىقىنى ئېيتتى…موتۇسىكىلىت ساتىدىغىنى بىلەن ناۋايغا قارىدىم، ئۇلارمۇ بېشىنى چايقاپ بۈگۈن سودا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، مەنمۇ ئۆزەمچە ئاستا شۇك بولۇپ قىلىپ ئورنۇمغا كىلىپ ئولتۇردۇم…
ئاخىرى ئارىمىزدىكى ئەڭ يۈرەكلىك بولغان كامېر باشلىقى ئېغىز ئاچتى:
– نېمە ئىش بىلەن كىردىڭ تەپسىلى دېگىن!
يىگىت ئىككى بېشىنى قاماللاپ سەينادا زوڭ ئولتۇرغىنىچە ئېغىر سۈكۈتكە پاتتى ئاندىن كۈلۈپ كېتىپ گەپ قىلىشقا باشلىدى:
– مىنىڭ ئاتا-ئانام ئادەتتىكى بىر تىجارەتچى ئىدى، مەن تۇلۇقسىزدىنلا تېببىي مەكتەپكە ئۆتۈپ قېلىپ ئۈچ يىلدا ئوقۇش پۈتتۈردۈم، لېكىن خىزمەتكە ئۇرۇنلىشالمىدىم، دوختۇرخانىلار ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن بالىلارنى ئالمىدى، ئۇلارنىڭ ئالىدىغان ئادىمىنىڭ شەرتلىرى چوقۇم ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخ بۇلىشى، تۇغۇلغان يۇرتى چوقۇم بۇ يۇرتتىن ئەمەس ئۈچ-تۆت مىڭ كىلومېتىر نېرىسىدىن بولۇشى كېرەك ئىكەن، ئىشقىلىپ مەن بۇ شەھەردىن ھېچقانداق خىزمەت تاپالمىدىم.
ئاخىرى ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى بويىچە قوي-كالا باقماقچى بولدۇم، دادام مىڭ تەسلىكتەيېغىپ قويغان بەش مىڭ يۈەن پۇلىغا نەسىللىك دولان قوچقىرىنىڭ قوزىسىدىن بىرنى ئېلىپ بەردى، ئۇنىڭ كەينىمگە سېلىپ يۈرۈپ يىمەي-يېگۈزدۈم، ئىچمەي –ئىچۈردۈم، كاساپەت ئاخىرى باققىنىمغا يارىشا ئاجايىپ بىر قوي بىلىپ چىقتى، قوي بولۇپ چىققاندىمۇ ھەقىقى دولان قوچقىرى دەڭلا…بوي بەستى توپاقتەك…قۇيرىقى دېگەن…ۋاھ…ۋاھ كاساپەتنىڭ …ھەرقانداق ئادەم قوچقىرىمنى بىرلا كۆرسە ئېغىلىمدىن كىتەلمەيتتى…
شۇنداق كۈنلەردە شەھىرىمىزدىكى كاتتا بىر ئەمەلدارنىڭ قوچىقىرىمغا كۆزى چۈشۈپ ماڭا ئەلچى قۇيۇپتۇ، مەن ساتقىلى ئۇنىمىدىم. بىر كۈنى ئۇ كاتتا ئەمەلدار بىز تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى بازار باشلىقىنى بىزنىڭ ئۆيگە ئەۋەتىپتۇ، مەن ئۇ بازار باشلىقى دېگەن ئەبلەخنىڭمۇ گىپىگە كىرمىدىم، جاھىل بولغانلىقىم ئۈچۈن داداممۇ ماڭا جىق كۈچىيەلمىدى…
ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ كاتتا ئەمەلدار مىنىڭ قوچىقىرىمنى ئۆزىنىڭ يۈزمىڭ كويلۇق نەسىللىك دولان ساغلىقىغا قويدۇرىۋالىدىغان بولۇپتۇ، دادامنىڭ گىپىگە كىرىپ ئۇنىڭغا ماقۇل بولدۇم لېكىن مەن قوچىقىرىم بىلەن بىللە بارىدىغان ئىش تۈگىگەندەئۇنى ئۆزۈم قايتۇرۇپ ئەكىلىدىغان بولدۇم.
مەن قوچقارنى مىڭ بىر بالادا شۇپەك تىراكتۇرغا سېلىپ شۇپەكنى ھەيدەپ ئۇ كاتتا ئەمەلدارنىڭ شەھەرگە يېقىن يەردىكى چوڭ داچىسىغا ئاپاردىم، ئۇ كاتتا ئەمەلدار يولۇمغا قاراپ تۇرۇپتىكەن، ئىككىمىز قوچقارنى ھويلىغا تەسلىكتە چۈشۈرۈپ ئېغىل تەرەپكەئېلىپ ماڭدۇق، لېكىن شۇ چاغدا كۈتۈلمىگەن بىر ئىش يۈزبەردى…
– قانداق ئىش يۈز بەردى؟،- دېدىم گەپنىڭ ئاخىرىغا تەقەززا بولۇپ.
– قانداق ئىش يۈز بىرەتتى،- دېدى يىگىت كۈلگىنىچە پىشانىسىگە شاپىلاقلاپ،- بىزنىڭ قوچقار دېگەن ئۇ ھايۋان ئەقلىدىن ئېزىپ ھويلىغا كىرە-كىرمەي تال-باراڭ ئاستىدا تويغا تەييار بولۇپ ياسىنىپ ئولتۇرغان باشلىقنىڭ چىرايلىق خۇتۇنىغا تاك بولۇپ يۇرۇيدۇ، بىچارە خوتۇن قولىدىكى ئەينەكنى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىراپ ۋاقىرىغىنىچە قېچىشقا باشلىدى… بۇ قوچقار دىگەن ھاياسىز ئەبلەخ ئۇ خوتۇننىڭ كەينىدىن قوغلايدۇ…ئۇ خوتۇن قاچىدۇ…قوچقار قوغلايدۇ…ئاللا كارامەت…قوچقار ئۇ خوتۇننى قوغلاپ بۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئۇ ئىشىكتىن چىقىدۇ…ئۇ خوتۇن قوچقىرىمنىڭ ئالدىدا قورقۇپ قېچىپ ئۇ ئىشىكتىن كىرىپ بۇ ئىشىكتىن چىقىدۇ…قارىسام يېنىمدىكى ئۇ كاتتا ئەمەلدار ئاغىزىنى تۇتۇپ كۈلگىلى تۇرماسمۇ…
ئىچىمدە دەپتىمەن «خۇدايا تۆۋە، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئەر كىشى بۇلىدىكەن، ئىسىت بۇنىڭ ئەر بولۇپ قالغىنىغا، ئۆز خەلقىنىڭ ئالدىدا گۇيا شىردەك ھەيۋە بىلەن تۇرغان، ئۆزىدىن يۇقۇرلارنىڭ ئالدىدا پاھىشىدەك كۆتىنى تولغاپ نايناقلاپ يۈرگەن، چىچاي سىنىڭ ئەمەلدارلىقىڭغا!…»، شۇنىڭ بىلەن ئاچچىقىمدا قوچقىرىمنىمۇ توسمىدىم.
بىردەمدىن كېيىن ئۇ خوتۇن ئەقلىگە كىلىپ ھويلىدىكى شوتنىڭ بالدىقىغا چىقىۋېلىپ ھاسىراپ يىغلاشقا باشلدى، يېنىمدىكى ئۇ كاتتا غۇجام تېخىچە كۈلكىسىنى توختىتالمايۋاتاتتى….
تۇيۇقسىز قوچقار دېگەن ئەبلەخ بىز تەرەپكە قاراپ يېنىمدىكى تاماشا كۆرىۋاتقان ئۇ كاتتا ئەمەلدارنى نىشانلاپ كەينىگە داجىشقا باشلىدى…ئېغىزىمغا ئىسسىق سۇكەلدى…بۇ ياخشىلىقنىڭ بىشارىتى ئەمەس ئىدى…
قوچقار كەينىگە ئوبدان يېنىپ بولۇپ ئالدىغا ئېتىلغىنىچە كاتتا ئەمەلدار تەرەپكە ئېتىلدى… باشلىق دەرھال قاچتى…ئاڭغىچە قوچقار ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى…
ئىچىمدە« ئاھ خۇدا …قوچقار ئەمدى بۇ كاتتا زاتنى ئۈسۈپ قوۋۇرغىسىدىن ھېچ بولمىغاندا ئىككى-ئۈچنى سۇندۇرۋېتىدىغان بولدى» دەپ كۆزۈمنى يۇمىۋالماقچى بولدۇم…لېكىن قوچقار دېگەن بۇ ھايۋان ئۇ كاتتا ئەمەلدارنى ئۈسۈش ئەمەس بەلكى ئۇنىڭغىمۇ تاك بولۇپ يۈرمەسمۇ…
بۇ قاملاشمىغان ئىشنى كۆرۈڭ …كاتتا كىشى ھاسىراپ قېچىشقا باشلىدى…قوچقار توختىماي قوغلاشقا باشلىدى…كاتتا ئەمەلدار بۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئۇ ئىشىكتىن چىقىدۇ…قوچقار بولسا ئۇنى قوغلاپ بۇ ئىشىكتىن كىرىپ ئۇ ئىشىكتىن چىقىدۇ…ئەمدىلىكتە شوتنىڭ ئۈستىدىكى خوتۇن كۈلگىنىچە ئويۇن كۆرۈشكەباشلىدى…مەنمۇ تاماششا كۈرۈش ئۈچۈن قوچقارنى توسمىدىم…
بىر چاغدا قارىسام ھويلىدا يا باشلىق يوق…يا قۇچقىرىم يوق… «بۇ ئەبلەخ قۇچقىرىمنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈپ قويمىسۇن يەنە؟!» مەن بۇلارنى ئويلاپ دەرھال ئۇنىڭ ئۈيىگە كىردىم، قارىسام خوتۇنىچىلىك ئەقلى يوق بۇ بىر نېمە قوچقاردىن قورقۇپ زال ئۆيىدىكى ئارقا ئىشىكتىن ئۇدۇل ئۆيىنىڭ كەينىدىكى قۇي ئېغىلىغا قاراپ يۈگۈرىۋاتىدۇ، مەن يۈگىرەپ چىقىشىم قوچقار دېگەن ئەبلەخ ئۇنىڭ كەينىدىن يىتىشىۋېلىپ ئۇنىڭغا تاك بولغىنىچە ئۇنى قىستاپ كاللىسىنى قوي ئېغىلىنىڭ غارال ئارلىقىغا تازا پاتتۇرۇپ ئۇنىڭغا ۋەھشىلەرچە ھۇجۇم قىلغىلى تۇرۇپتۇ…
ئالاھىزەل يېرىم سائەتلەردىن كېيىن قوچقىرىم دېگەن بۇ ھاياسىز يېڭى تېپىۋالغان ساغلىقىنى قۇيىۋېتىپ يېنىمغا ھاسىراپ كەلدى… كاتتا كىشىنىڭ چىرايى سارغايغان ھالدا غارالنىڭ ئارلىقىغا بېشىنى تىققان پېتى خاخىراپ يىغلاپ پوتلا-مىشقىسىنى ئېقىتقىلى تۇرۇپتۇ، ئۇنىڭ غارالغا كەپلىشىپ قالغان خاپان بېشى بىلەن خېلى ھەپىلىشىپ باققان بولساممۇ پەقەت چىقىرالمىدىم، بۇ كاساپەت بايام كاللىسىنى قانداق بۇلۇپ بۇ غارالغا پاتقۇزغان بولغىيتتى، ئاخىرى بولماي ئۆيىنىڭ بىر يەرلىرىدىن كەكە-پالتا دىگەندەك بىر نەسىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ مىڭ بىربالادا غارالنىڭ بالدىقىنى چۇۋۇپ ئاندىن ئۇنىڭ مۇبارەك بېشىنى غارالدىن چىقاردىم، قارىسام ئۇ ماڭا قاراپ ساراڭدەك ھىجايغىنىچە ئىككى قۇلى بىلەن ئىشتىنىنىڭ كەينىنى تۇتۇپ تۇرىۋاپتۇ…
– نېمە ئىش بولدى ئاكا؟،- دېدىم ئۇنى خىجىل قىلماسلىق ئۈچۈن بىلمەسكە سېلىپ.
– ھە…ھە…ھېچ ئىش بولمىدى!،-دېدى ئۇ گېلىنى قىرىپ ئىلگىرىكى مۇغەمبەرلىكىنى تاشلىماي.
– قارىسام تامبىلىڭىزنىڭ كەينى تىكىشى قۇيۇپ بەرگەندەك قىلىدۇ!،-دېدىم ئۇنىڭ يۇغانلىق كىبىرىنى كۆتۈرەلمەي قەستەن چېقىشىپ.
– ھە شۇنداقمۇ؟،-دېدى ئۇ غارالغا يۆلىنىپ تۇرۇپ تازا بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن ماڭا سەپسېلىپ قاراپ،- سەن ھەممىنى كۆردۈڭما؟
– كۆردۈم!
– نېمىنى كۆردۈڭ؟
– قوچقارنى قوچقارغا قويغاننى!
– ئەستەخپۇرۇللاھ…سەن نېمە ئىش قىلىسەن ئۇكام؟
– تېببىي تېخنىكومنى پۈتتۈرۈپ ئۆيدە خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرۇۋاتىمەن ئاكا!
– ئەتە ئەتتىگەن ئارخىپىڭنى ئېلىپ ئىشخانامغا بار، يېزا شىپاخانىغا چىقىپ ئىشلەيسەن!
«چۈشۈممۇ-ئۇڭاممۇ بۇ، مەندەك بىچارىگە نەدىكى خىزمەت ئۇ …ھەر قاچان چۈشكۆرىۋاتىمەن…»
– ياق شەھەردە ئىشلەيمەن!،-دېدىم چۈشۈمدە بولسىمۇ بۇ گەپلەرنى ئېيتىۋېلىش ئۈچۈن.
– شەھەردە ئىشتات يوق!
– ھېلىقى يەرلەردىن يالغان دىپلۇملۇق نان قېپىلاردىن يىلىغا بىر-ئىككى مىڭنى ئاچىقسىڭىز ئىشتات باركەنۇ، مەندەك قوچقارنىڭ ئىگىسىگە ئىشتات يوقما؟
مەن «قوچقار» دېگەن سۆزنى ۋەزنىلىك قىلىپ ئېيتتىم، ئۇ بىردەم شۇك تۇرۇپ قېلىپ ئېغىز ئاچتى:
– بۈگۈن كۆرگەن ئىشنى ئىنسانغا تىنماسلىققا قەسەم ئىچەلەمسەن؟
– قەسەمنى شەھەرلىك دوختۇرخانىغا رەسمىي ئىشقا چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ئىچىمەن!،-دېدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.
– بۇپتۇ، ئەتە ئىشقا چۈشىسەن، ئارخىپىڭنى ئىشخانامغىلا يەتكۈزۈپ بەر!
مانا مۇشۇنداق قىلىپ قوچقىرىمنىڭ كارامىتىدە شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە رەسمىي ئىشقا چۈشتۈم، لېكىن بۇ ئاسايىشلىق كۈنلەر ئۇزۇنغا بارالمىدى، بىر كۈنى دوختۇرخانا باشلىقى يېغىن ئېچىپ «شەھەرلىك جامائەتخەۋىپ سىزلىك ئورۇنلىرى بىلەن تېرورچىلارغا قارشى مانېۋىر ئۆتكۈزىمىز، بىزنىڭ ۋەزىپىمىز يارىدار بولغانلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش، ھەرقايسى بۆلۈملەر بۇ ئىشقايۈكسەك سىياسى ئاڭ بىلەن قاراپ سىياسى ۋەزىپە قاتارىدا بىجىرىشى كېرەك!» دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى، بۆلۈمدىكىلەر مىنى بۇ شەرەپلىك ۋەزىپىگە ئاجراتتى، بىز شۇنداق قىلىپ ئون نەچچە دوختۇر-سېسترا شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا بېرىپ مانېۋىرىنىڭ ئالدىنقى تەييارلىق خىزمەتلىرىگە قاتناشتۇق، مانېۋىرنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
مەلۇم بىر جايدا تېرورچىلار بىلەن ساقچىلار تۇتۇشۇپ قالاتتى، دوختۇرخانىغا خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن بىز بىر قانچە دوختۇر-سېسترا ماشىنا بىلەن ئۇلارنى جىددى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇلار يارلانغان نەخ مەيدانغا بېرىپ يارىدار بولغان ساقچى ۋە تېرورچىلارنى نوسىلكىغا سېلىپ ماشىنىغا ئالاتتۇق ھەم دوختۇرخانىغا ئەكېلەتتۇق. دوختۇرخانىدىن كەلگەن بالىلارنىڭ بىر قىسمى تېرورچىنىڭ رۇلىنى ئالاتتى، بىرقىسمىمىز دوختۇر-سېسترانىڭ رولىنى ئالاتتۇق.
ھەممە تەييارلىقلار پۈتۈپ مانېۋىر باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى، نەخ مەيدانغا ئاپتونوم رايۇننىڭ نۇرغۇن كاتتا رەھبەرلەر كىلىپ مەخسۇس لېنتا كەستى، نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگە تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك ئارتىسلار ناخشا-ئۇسسۇل دىگەنلەردىن چاڭ چىقىرۋەتتى، يېزا-بازارلارغا بىرمۇنچە بوۋاي-مومايلارنى ئەكىلىپ ئۇسۇلغا سېلىش ۋەزىپە قىلنىدى…پۈتۈن ئىدارە-جەمئىيەتنىڭ ئىشچى خىزمەتچىلىرى بىر كۈن ئىش توختىتىپ مەيداندىكى قاقىرام ئاپتاپتا ئېغىزىنى ھاڭ ئاچىقىنىچە ئېغىزىدىن كىرگەن چىۋىننىڭ بۇرنىدىن قانداق چىكەتكەنلىكىنى سەزمىگەن ھالدا ئولتۇرۇشاتتى … نۇتۇق سۆزلىگەنلەر بۇقېتىمقى مانېۋىرنىڭ ئەھمىيتىدىن ھاياجانلىنىپ قان-يامغۇر يىغلاپ، ياقا-كۆينەكلىرىنى يىرتىشىپ، ئۆزىنى ئۆزى يەرگە ئېتىپ بۇ قېتىمقى مانېۋرنىڭ دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۈرۈلمىگەن ھەرىكەت بۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ دۇنيا خەلقىگە ئۆزلىرىنىڭ پۇلاتتەك ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشىۋاتاتتى…
بىز ئىشخانىدا تېلېفون ساقلاپ ئولتۇراتتۇق، ئۇشتۇمتۇت تېلېفون جىرىڭلىدى، بىزماشىنىنىڭ قۇلاقنى يارىدىغان سىگنالىنى قۇيىۋېتىپ نەخ مەيدانغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن ئالدىراپ يەرگە چۈشۈپ نەخ مەيداندا ياتقان توققۇز-ئونچە ئادەمگە سەپسالدۇق.
يەردە ياتقان ساقچىلار خىزمەت كىيىمى ۋە ئىزناك-گىربىلەرنىڭ تۇپىغا مىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ پۇقراچە كىيىملىرىنى كىيىۋاپتىكەن، بىز زادى قايىسىسىنىڭ ساقچى ، قايسىسىنىڭ تېرۇرچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالدۇق، ئاڭغىچە باش دوختۇرىمىز «تىز بول!» دەپ ۋارقىرىدى. مەن بەك جىددىيلىشىپ كەتكەچكە ئالدىمدا ياتقان بىرسىنى دەرھال نوسىلكىغا سېلىپ شېرىكىم بىلەن ئۇنى كۈتۈرۈپ قۇتقۇزۇش ماشىنىسغا ئېلىپ ماڭدىم، بىر چاغدا بىرسى قۇلاق تۈۋۈمگە شۇنداق قاتتىق بىرنى سالماسمۇ؟ مەن نېمە بولغانلىقىمنى بىلەلمەي ئايلانغاندەك بولۇپ ئورنۇمدا دەلدەڭشىگىنىمچە قولۇمدىكى نوسىلكىنى قۇيىۋەتتىم.
بىر چاغدا نوسىلكىدا ياتقان بىرسى «ۋاي بېشىم!» دىگنىچە ئورنىدىن چىيقىراپ قوپتى، قارىسام نوسىلكا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكەندە ئۇ بىچارىنىڭ كاللىسى يەردىكى چوقچىيىپ تۇرغان تاشقا چۈشۈپ كەينى مېڭىسى ئېتىلىپ كىتىپتىكەن، قىپقىزىل قان بىردەمدە ئۇنىڭ قۇلاق يۇمشىقىدىن سىرغىپ ئېقىشقا باشلىدى، تېرورچىنىڭ سەھنىدە ئوسۇل ئويناپ ھېرىپ كەتكەن ئۆلەي دەپ قالغان چوڭ ئانىسى ئامىراق نەۋرىسىنىڭ قانغابويىلىپ كەتكەنلىكىنى كۈرۈپ«بالامنى تۈلەپ بەر!» دىگىنچە يەردىن قۇلىغا بىر تاشنى ئېلىپ دوڭغاقشىپ ھاسىرغىنىچە يۈگىرەپ كەلدى-دە قۇلىدىكى تاش بىلەن بېشىمغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى سالدى، ئاندىن شۇيەردىلا ئاغىزىدىن كۆپۈك ياندۇرۇپ ئوڭدىسىغا يېقىلىپ چۈشتى، مىنۇتقا قالماي مىنىڭمۇ يۈز-كۈزۈم قانغا بويالدى…
-ۋۇ ئەبلەخ، كىمنى قۇتقازغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟،- دەپ ۋارقىرىدى بۇ قېتىمقى مانېۋرغا مەسئۇل باشلىق تەلەتىنى بۇزۇپ ھۆركىرگىنىچە.
ئەسلىدە قۇلۇقىمنىڭ تۈۋىگە بىر مۇشت سالغىنى مۇشۇ باشلىق ئىكەن.
– كىمنى قۇتقۇزۇپتىمەن؟،- دەپ ۋارقىرىدىم مەنمۇ ئاچچىقىمدا دادامدىن يەپ باقمىغان تاياقنى بۇنىڭدىن يىگىنىمنى كۆتۈرەلمەي يۈز-كۈزۈمدىكى قاننى سۈرتكەچ.
– سەن ساقچىنى ئاۋۋال قۇتقۇزماي تېررورچىنى باشتا قۇتۇلدۇردۇڭ! مۇشۇ ئىشىڭ ئۈچۈن سىياسى بولۇپ تۈرمىدە ياتىسەن!،-دېدى ئۇ يەنە ئالدىمغا داپشۇنۇپ كىلىپ.
– مەن قانداق بىلىمەن، يا پىشانىسىدە تېرۇرچى دەپ يېزىلمىغان تۇرسا!،-دەپ قاتتىق ۋارقىرىدىم لېكىن مەن «سىياسىي» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ يەنە جىمىپ قالدىم، چۈنكى «سىياسىي» دېگەن گەپنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تازا ئوبدان بىلەتتىم.
چۈشتىن كېيىنكى مانىۋېردا رەھبەرلىك مىنىڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزگىنىمنى بىلىپ مىنى تېرورچىنىڭ رۇلىنى ئوينايدىغان تىزىملىككە كىرگۈزۈپ قويدى، ئاندىن دوختۇر-سېستىرالارنىڭ تېرۇرچى بىلەن ساقچىلارنى ئۇبدان پەرىقلەندۈرۈشى ئۈچۈن تېرۇرچىنىڭ رولىنى ئالدىغانلارنىڭ بېشىغا دوپپا كىيگۈزۈپ يۈز-كۈزىمىزگە بۇرۇت-ساقال سىزىپ قۇيىدى، ئەسلىدىغۇ ماڭا بۇرۇت سىزىپ قويمىسىمۇ بۇلاتتى لېكىن يېقىندىن بىرى يۇقىرىدىن ئۇقتۇرۇش چۈشۈپ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ بۇرۇت قويغانلىرىدىن ھەسسىلەپ جەرىمانە ئېلىنىۋاتقاچقا مەنمۇ بۇرۇتۇمنى چۈشۈرۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدىم، شۇنداق قىلىپ مەن چۈشتىن كېيىنكى مانىۋېردا تېرورچىلارغا بۇغداي ئۇنى يەتكۈزۈپ بىرىدىغان پوستەكچى تېرورچىنىڭ رۇلىنى ئالىدىغان بولدۇم، بۇ قېتىمقى نەخ مەيداننىڭ ئورنى ئۇدا ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۆزگەردى، مەن ئاڭغىچە بىر تاغار بۇغداي ئۇنىنى دولامغا ئېلىۋېلىپ ئۇيەردىن-بۇيەرگە كۈتۈرۈپ ھاسىراپ يۈردۈم، ھېرىپ ھالىمدىن كېتەي دىگەندە نەخ مەيدان ئورنى ئاخىرى مىنى ئۇرغان باشلىقىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى بىر سۇ تۈگمىنىگە بېكىتىلدى…
پىلان بويىچە مەن تۈگمەننىڭ ئىچىدە بىر خالتا ئۇننى كۆتەرگەن پېتى ئۆلۈپ قالىدىغان بولدۇم…باشقىلار سىرتلاردا يارىلىنىدىغان بولدى…
مانېۋىر باشلاندى، مەن تۈگمەننىڭ ئىچىگە كىرىپ ئاخىرى ئۆشنۈمدىكى ئېغىر يۈكتىن قۇتۇلۇپ ئارام خۇدا بېشىمنى ئۇن خالتىسىغا قۇيۇپ ياتتىم، بۇ بىر خالتا ئۇننى نەچچە سائەتتىن بىرى كۈتۈرۈپ يۈرۈپ بەكلا چارچاپ كەتكەن ئىكەنمەن، بېشىمنى قۇيۇپ ئۇھ دېگىنىمچە مانېۋىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتۈپ ئاسمانغا قاراپ ياتتىم…ھېلى تۈگە…ھېلى تۈگە …بىر چاغدا ئۇيقۇغا كىتىپتىمەن…
بىر چاغدا بىر كىملەرنىڭ تۈگمەنگە كىرگەن شەپىسىدىن ئويغىنىپ بېشىمنى كۈتۈرۈپ قارىسام ئالەم قاپقاراڭغۇ، تۈگمەنگە كىرگەنلەر قۇلىدا ئېلېكتر تۇتىۋېلىشقان ئىكەن،مەن مانېۋىر كېچىگە ئۆزگەرگەن ئوخشايدۇ دەپ جايىمدا شۇك ياتتىم، بىر چاغدا بىرئايال بىلەن بىر ئەرنىڭ غۇڭۇلداشقان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن ئاندىن مانېۋىرنىڭ تۈگەپ ھەممىسىنىڭ تارقىلىشقانلىقىنى بىلدىم، ئەسلىدە خىزمەتداشلىرىم مىنى ئۇنتۇپ قېلىشىپتىكەن.
ئۇيقۇمنى بۇزغان بۇ بىر جۇپ كاساپەتلەر بېشىمغا كىلىپ مۇڭدىشىشنى باشلىۋەتتى:
– ئاچا ئۇ سىزنى ئىزدەپ قالماس-ھە؟
– ۋاي قۇيە ئۇ مىنى ھېلىقى كاتتىلىرى بىلەن بىللە دەپ ئويلاغلىق!
– ھەر نېمە دېگەن بىلەن باشلىقىمدە…
– بۈگۈنكى سورۇندا ئۇنىڭغا خوتۇن بولغانغا تويدۇم ، ھېلى يۇقىرىدىن كەلگەنلەرنى تانىسىغا تارت دېگەن، ھېلى ئۇلارنى ئىچىدىكى ئۆيگە ئەكىرىپ ئاچىق دېگەن، ھەر نېمەبولسا ئۇخلاپ قالدى ئۇ ئەبلەخ…
– ئاچا باشلىقنىڭ سىزنى ئۇلارنى ئىچىدىكى ئۆيگە ئەكىرىپ ئاچىق دىگىنى…
– شۇنىمۇ بىلمەمسەن، ئۇنىڭ ئۇنداق دىگىنى «ئۇلارنى ئىچىدىكى ئۆيگە ئەكىرىپ كۆڭلىنى ئالغىن، ئىش يېرىم بولغاندا مىنى ئۆستۈرىدىغان ئىشنى دەپ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئېنىق ۋەدە ئالغىن!» دىگىنى بولمامدۇ…
– پۇل بولسىلا بولمامدىكەن ئۇلارغا؟
– يالغۇز پۇل بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، تامغسى يوق پاسپورت ئۈتەمدۇ ئۇكىجان!
– ئۇ كاتتا مېھمانلار قايسى يۈزى بىلەن سىزگە…
– ساڭا بىر گەپنى دەپ بىرەيمۇ قۇرغۇيۇم…
– قېنى.
– ئىنسانغا تىنما!
– خاتىرجەم بۇلۇڭ!
– ئۇ كاتتىلار تازا مەس بولغاندا ماڭا نېمە دەيدۇ بىلەمسەن؟
– نېمە دەيدۇ؟
– ئۇلار مەستلىكتە ئاستا كىلىپ مىنىڭ قۇلىقىمغا « بىزنى تونىمايدىغان سەھرالىق يىگىتلەردىن بىر قانچىنى چاقىرىپ بېرىڭ!» دەيدۇ. مەن چىقىپ بىزنىڭ مۇشۇ ئەتراپتىكى ھاراقكەش يىگىتلەردىن بىر قانچىنى چاقىرىپ بىرىمەن…
– ئۇلارنى نېمە قىلىدىكەن؟
– نېمە قىلاتتى، قارىسام ئۇ كاتتىلار بىردەمدە قىزلاردەك نازلىنىپ مەن باشلاپ ئەكىرگەن يىگىتلەرنىڭ يانچۇقىغا پۇل سېلىپ قۇيۇپ ئىچكىرىدىكى ئۆيلەر ئەكىرىپ كىتىشىدۇ…
– ھەممىسى شۇنداق قىلامدۇ؟
– ھەممىسى قىرقىغاندەك ئوخشاش، شۇڭا ھە دىسە خىزمەت تەكشۈرىمىز، تۈۋەنگە چۈشىمىز دەپ قاشتېشى، ئالتۇن دىگەنلەرنى چامادانىغا توشقۇزۇش ئۈچۈن بۇ يەرلەرگە كىلىۋالىدۇ، ئۆز يۇرتىدا قىلالمىغان ئەشۇنداق بەچچىۋازلىقنىمۇ مۇشۇ يەردەقىلىۋالىدۇ!
– ئەركىشى تۇرۇپ قىلغان ئىشىنى…
– خەلققە زۇلۇم قىلىپ، كىشى ھەققىنى يېگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى خۇدايىم ئەشۇنداق ئۇسۇلدا جازالايدىكەن، خەلقنىڭ ھەققىنى يېگەن ئۇنداق ئەرلەر ئاخىرى ھەزىلەككە خوتۇنلىرى جالاپقا ئايلىنىدىكەن!
ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم، قوچىقىرىمنىڭ نېمە ئۈچۈن ھېلىقى كاتتا زاتنىڭ بېشىنى غارالنىڭ ئارلىقىغا يېرىم سائەت كەپلەپ قويغانلىقىنىمۇ چۈشەنگەندەك بولدۇم.
ئۇلار يەنە گىپىنى داۋاملاشتۇرۇشقا باشلىدى:
– قۇرۇق گەپنى قۇيۇپ مانېۋىرنى باشلايلى ئۇكىجان!،-دېدى ئۇخوتۇن كۈلگىنىچە ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ.
– باشلىساق باشلىدۇق، سىز تېرورچىمۇ ياكى مەنمۇ؟
– سەندەك تۇغما ئەركەكلەر تۇرغان يەردە مەندەك ئاياللار تېرۇرچى بولسام ياراشماس!،- دېدى ئۇ خوتۇن نازلىنىپ كۈلگىنىچە.
– ئەمىسە باشلىدۇق!
– قاتتىق قوپال تېرۇرچىلادىن بۇلۇڭ جۇمۇ؟
– چاتاق يوق!
– ئامېرىكا كىنولىرىدىكى تېرۇرچىلاردىن بۇلىڭە بولمىسا ئۇلار بەك ۋەھشى؟
– تېرۇرچىلارنىڭ ئەڭ ۋەھشىلىرى «زۇلمەتلىك توپراق»رومانىدىكى تۈركمەنىستان تېرۇرچىلىرى ئاچا!
– مەن ئۇ روماننىڭ گىپىنىغۇ باشقىلاردىن ئاڭلىغان ئەمىسە ئاشۇلاردەك بىر ۋەھشى بۇلىڭە ئۇز جېنىم…خۇددى قامچا بىلەن نۇر ئوينىغاندەك…
– ماقۇل ئاپاق خېنىم!
ئۇخوتۇن گېلىنى قىرىپ قۇيۇپ ئارتىسلاردەك گەپ قىلىشقا باشلىدى:
– بۇ كېچىدە ئۆيۈمگە باستۇرۇپ كىرگەن كىمسەن؟
– تېرۇرچى!
– مەن نېمە قىلدىم؟
– سەن مىللى مۇناپىق، رۇسلارغا ياخشى بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئادالەتسىز ھاكىمىيىتىگە قارشى چىققان قېرىنداشلىرىمىزنى تېرۇرچى، بۈلگۈنچى دەپ تۇتۇپ بەردىڭ!
– رۇسلار ئادىلغۇ؟
– بايلىقىمىزنى بۇلان-تاراڭ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئادىلما، ھەق گەپتىن بىر ئېغىزنى قىلغانغا تۈرمىلەرگە سۇلاپ نەچچە يىللىق كىسىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ئادىلما؟ باراۋەرلىكىنى تىلغا ئالماي ئىتتىپاقلىقنى بىزگە تاڭغانلىقى ئۈچۈن ئادىلما؟ سانىسز رۇسلارنى بۇ يەرگە يۆتكەپ بىزنى يەرسىز، ئىشسىز قويغىنىغا ئادىلما؟ ئېيتە قانجۇق ئەمىلىيەتتە بىز تېرۇرچىمۇ ياكى ئۇلار تېرۇرچىمۇ؟…
– لېكىن مەن گۇناھسىز…
– بىز كىم ئۈچۈن تېرورچى بولدۇق؟ سىنىڭ باللىرىڭ ئۈچۈن ،كەلگۈسى تۈركمەن ئەۋلادلىرى ئۈچۈن مۇشۇ نامغا قالمىدۇقمۇ؟ ئاددى بىر ئىنسانلىقىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ماكانىدا ياخشىراق بىر ياشاش ھۇقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىز تېرۇرچى بولدۇقما؟ باراۋەرلىك تەلەپ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بىز مۇشۇنداق تېرۇرچى ئاتالدۇقما؟
– ئۇغۇ شۇ …
– سەن ئېرىڭ بولغان مىللى مۇناپىق ئالدىغا چىقمىسا ئۇ توڭغۇزلار بىزنىڭ ۋەتەندە نېمە ئىش قىلالايتتى، ئىرىڭ بىزنى ئۇلارغا تۇتۇپ بىرىپ قانچىلىك پايدا ئالالىدى؟ ئىرىڭ رۇسلارغا ھەرقانچە يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ بەرسىمۇ بىردىغىنى شۇ ماشىنىنىڭ ئالدى ئۇرۇندۇقى بىلەن مۇئاۋىنلىق!… ئىرىڭگە دەپ قوي مال ھامان ئىگىسىگە قايتىدۇ، ۋەتەن ئەزەلدىنلا بىزنىڭ! زالىم رۇسلار تۆگە قۇشىدەك كىچىككىنەكاللىسىنى تۇپىنىڭ ئاستىغا تىقىۋېلىپ «مەن يۇشۇرنىۋالدىم، مىنى ئەمدى ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ!»دەپ جار سالغىنى بىلەن ئۇنىڭ تۈگىدەك بوي-بەستى، قوغاچتەك كۆتى جاھان-ئەھلىگە مانامەن دەپ ئاشكارا بولۇپ بولدى! ئۇلار ھامىنى قوغلاندى بولىدۇ، سىنىمۇ بىزگە تاشلاپ بىرىپ ئۆزى چىكىتىپ قالىدۇ، شۇ چاغدا يەتتە ئەۋلادىڭنىڭ قىرىلىپ كىتىشىدىن،خەلىقنىڭ لەنىتىدىن قورقمامسەن؟ سەن ئۇلارنىڭ تۈركمەنىستاندا قانچىلىك ناھاقچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەمسەن؟ سەن مۇناپىققا ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ!
– ئۇنى ئېرىم قىلسا مىنى جازالامسىز؟
– شۇنداق!
– قانداق جازالايسىز؟
– تەن جازاسى بىرىمەن، كىيىمىڭنى تىز سال!
– سالاي غۇجام سالاي! قانداق تەن جازاسى بىرىسىز؟
– ساڭا قىرىق دەررە كالتەك جازاسى بىرىمەن!
– ۋاھ…ۋاھ!… قىرىققا قىرىقنى قۇشۇپ سەكسەننى بىرىڭە ئۇز ئەركىكىم غۇجام!
– تىز بول!
– ماقۇل غۇجام تىز بۇلاي،-دېدى ئۇ خوتۇن ھاپىلا-شاپىلا بىر نېمىلىرىنى سالغىنىچە ھاسىراپ،- ئىسىت… ئىسىت… ئىرىمنىڭ گۇناھىغا قاراپ تەن جازاسىنى ئاشۇرۇدىغانلىقىنىڭىز بىلگەن بولسام ئەمىلى ئىرىمدىنمۇ چوڭراق بىرسىگە خوتۇن بۇلاركەنمەن، رۇسلارنىڭ غالچىسى بولغان، ئۆز خەلقىنىڭ قايغۇسىدىن ئۆزى خۇشاللىق تاپىدىغان بۇ مىللى مۇناپىقنىڭ ئۆيىدە كۈندە گۆش-كاۋاپ يەپ بىر ئۆمۈر باياشات ياشىغىنىمدىن كۆرە سىزدەك مىللەت-خەلقىمنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئىمانى ئەركەك كالتەكچى باتۇرنىڭ قېشىدا ئۇماچ ئىچىپ بىر مىنۇت تۇرغىنىم مىڭ ئەۋزەلكەن ئەمەسمۇ…ئۇز تاتلىق تېرۇرچى غۇجام!…
«قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىككىسىنىڭ ئۇن تارتىدىغان تۈگمەندە ناشايان ئىش قىلىپ يۈرىشىنى توسۇش كېرەك، بولمىسا بۇ پاسكىنىچىلىقتىن باشقا بىگۇناھ خەقنىڭ ئەقلى بولغانمامدۇ؟»
مەن ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزىۋاتقان مانىۋېرىغا چىدىيالماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلدىم، ئىككى زىناخور«ۋاي ئانا!»دېيىشكىنىچە يېنىدىكى قول چىراقنى يۇرتۇپ يۈزۈمگە تۇتتى ئاندىن مىنىڭ چىرايىمنى كۆرۈپ «ۋاي جىن!» دەپ چىقىراشقىنىچە شۇك بولۇپ قېلىشتى، جىننىڭ گېپىنى ئاڭلاپ مەنمۇ دەرھال بۇ ئىككى يالىڭاچنى تاشلاپ قويۇپ تۈگمەندىن بەدەر قاچتىم، ئۆيگە كىلىپ ئەينەككە قارا دىگەندەك بولۇپ ئەينەككە قارىسام يۈز-كۈزى ئاپئاق بىر جىن ماڭا قاراپ تۇرماسمۇ، مەنمۇ «ۋاي ئانا!…» دېگىنىمچە ئەينەكنىڭ ئالدىدىن قاچتىم، ئەسلىدە ھېلىقى بىر خالتا بۇغداي ئۇنىنى بېشىمغا قۇيۇپ ياتقان چېغىمدا يۈز-كۈزۈم شۇ ئۇن بىلەن پۇخۇندىلىپ ئاقىرىپ مۇشۇنداق ئالۋاستىغا ئوخشاپ قالغان ئىكەنمەن ،ھېلىقى زىناخورلارنىڭ مىنىڭ چىرايىمدىن قورقۇپ ئايلىنىپ كىتىشىمۇ مۇشۇنىڭدىن بولغان ئىكەن.
ئەتىسى ئاڭلىسام مىنى ئۇرغان ھېلىقى باشلىقنىڭ ئايالى بىلەن ئۇنىڭ شوپۇرى تۈگمەندە ئۆلۈپ قاپتىمىش، ئۇلارغا بىر تۇرۇپ يۈرۈگۈم ئېچىشتى، بىر تۇرۇپ زىناخورلۇق قىلغىنىغا خوپ بولسۇن دېدىم…
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەي ئىككىيلەن بىر ئېغىر بىمارنى نوسىلكا بىلەن بۆلۈمىمىزگە كۈتۈرۈپ ئەكىرىشتى، قارىسام بۇ كېسەل ھېلىقى تۈگمەن بېشىدا ئۆيى بار ئەمەلدارنىڭ ئۆزى شۇ، كارىۋاتتا مەلەقتەك بىھوش ياتىدۇ، بىر قانچە كۈنلۈك تەكشۈرۈشتىن كېيىن دوختۇرخانىمىزدىكى چوڭ مۇتەخەسىسلەر ئۇنىڭغا «ئۆسۈملۈك ئادەم» بولۇپ قالغانلىق دىئاگنوزىنى قۇيۇشتى.«ئۆسۈملۈك ئادەم دىگەن گەپ-ئۆلۈك ئادەم دىگەن گەپ ئەمەسمۇ!» يا ھەرىكەت قىلامىسا، يا گەپ قىلالمىسا، يا كۆرەلمىسە، يا بىر نىمە يىيەلمىسە، يا چوڭ-كىچىك تاھارىتىنى تۇتالمىسا…
مىنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇنداق كاتتا ئەمەلدارنى يوقلايدىغانغا بىرمۇ ئادەمنىڭ چىقمىغىنى ئىدى، مەن بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ باشقىلاردىن ئىشنىڭ تىگىنى سورىدىم، ئۇلار ماڭا«بۇ ئادەمنىڭ قولىداھوقۇق بار چېغىدا چاپىنىنى كۆتۈرۈشنى تالىشىپ نەچچە يۈز ئادەم ئۆچىرەتتە تۇراتتى، مانا ئەمدى تەشكىلنىڭ بىر ۋاراق ۋەزىپىسىنى توختىتىپ تۇرۇش قەغىزى تۈپەيلىدىن بۇ ئادەم بىر كېچىدىلا ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ ئۇنى يوقلايدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمىدى!» دەپ جاۋاب بىرىشتى…
ئۇنىڭغا بىر تۇرۇپ ئىچىم ئاغرىدى چۈنكى ئۇنىڭ تۇغماس زىناخور خۇتۇنى مەن سەۋەبلىك تۈگمەندە ئۆلۈپ قالمىغان بولسا ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان بۇلاتتى، مەن بىر ئاز ۋىجدان ئازابى تارتقاندەك بولۇپ قالدىم ئاخىرى كۆپ ئويلىنىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى ساقايتىدىغان يېڭى بىر چارىنى ئويلاپ تاپتىم، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا بەش مىنۇت ئولتۇرۇپ يالغاندىن بىر ۋەزىپىگە ئۆستۈرۈش ئۇقتۇرۇش قەغىزىدىن بىرنى ئۇرۇپ چىقتىم، ئاندىن ئۇ ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى ئېلىپ باشلىق ياتقان كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۈنلۈك ئۇقۇشقا باشلىدىم، دىگەندەك بۇ يېڭىچە داۋالاشنىڭ ئۆنۈمى دەرھال كۆرۈلۈشكە باشلىدى، مەن ئۇقتۇرۇشنى ئۇقۇپ« بىز بۇ يولداشنىڭ ئىلگىرىكى كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى شۇنداقلا خىزمەتتىكى باشقۇرۇش قابىلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك كادىر قىلىپ ئاپتونوم رايۇنغا ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈردۇق…» دېگەن يەرگە كەلگەندە دىگەندەك مۆجىزە يۈز بەردى، باشلىق بېشىنى ياستۇقتىن كۆتۈردى، كۆزىنى«لاپپىدە» ئېچىپ قۇلۇمدىكى قەغەزگە قۇلىنى سۇندى. مەن قەغەزنى ئالدىراپ ئۇنىڭ قۇلىغا بەردىم، ئۇ قەغەزدىكى «مۇئاۋىن نازىر» دېگەن خەتنى قايتا-قايتا ئۇقۇپ بولۇپ ماڭا ۋارقىرىدى:
– ئەبلەخ!… مۇئاۋىن نازىر دىمەپتۇ، جىڭ نازىر دەپتىغۇ؟
دەرھال خەتنى ئېلىپ قارىسام راستىنلا «جىڭ نازىر» دېگەن خەت ئىكەن، مەن ئۇپۇل-تۇپۇل ئۇنىڭغا ھىجىيىپ خۇشامەت قىلدىم:
– مۇبارەك بولسۇن نازىر جاناپلىرى!
باشلىق كۆزىگە ياش ئېلىپ ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى يەنە ئۈنلۈك ئۇقۇشقا باشلىدى، خەتنى ئۇقۇپ يەنە شۇ «جىڭ نازىر» دېگەن يەرگە كەلگەندە تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئېغىزىدىن پونتاندەك قان ئېتىلىپ چىقىپ ياستۇققا بېشىنى قويغىنىچە شۇك بولۇپ قالدى، دوختۇر-سېستىرالار پاتىپاراق بولۇپ ئۇنى قۇتقۇزۇپ باقتۇق، ئەسلىدە ئۇ يېڭىدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش خوشلۇقىدا بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە يۈرىكى يېرىلىپ كېتىپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن تەشكىل مىنى «كېسەلنى خاتا داۋالاپ ئۆلتۈرگەن قاتىل!»دەپ بۇ يەرگە سۇلاپ قويدى، بولغان ئىش مۇشۇ بۇرادەرلەر!
– سىنى ئۇرغان ئۇ باشلىق يۇقىرىدىكىلەرگە شۇنچە خۇشامەت قىلىپ تۇرغان يەردە قانداق بولۇپ ۋەزىپىسىدىن قالغان بولغىيتتى؟،-دەپ سورىدىم ئۇ باشلىقنىڭ ئۆلۈمىگە بىر ئاز ئىچىم ئاغرىپ.
– نېمە ئىش بۇلاتتى،-دېدى دوختۇر يىگىت كۈلۈپ كېتىپ،- مەن تۈگمەندە ئۇخلاپ قالغان ھېلىقى ئاخشىمى يۇقىرىدىن كەلگەن ئۇ چىرىك كاتتىلار مەھەللىدىكى بەش-ئالتە يىگىتنى ئۆيگە ئەكىرىۋاپتىكەن ئەمەسمۇ؟
– ھە، ھېلىقى زىناخور خوتۇن چاقىرىپ ئەكىرگەن ھاراقكەشلەر…
– توغرا، مەھەللىدىكى بۇ شۇخ گۇيلار كاتتىلارنىڭ بەرگەن نەچچە يۈز يۈەن پۇللىرىنى چۆنتىكىگە سېلىپ بولغاندىن كېيىن ئالدىن تەييارلاپ قويغان سەۋزە-تۇرۇپ دىگەندەك نەرسىلەرنى يانچۇقىدىن سۇغۇرۇشۇپ ئېلىپ ئۇلارنىڭ كۆتىگە تىقىپ قۇيۇپ قېچىپ كىتىشىپتۇ، ئەتىسى ئۇ كاتتىلار مەستلىكىدىن يېشىلىپ كۆتىگە تىقىپ قۇيۇلغان دانىسى نەچچە كىلۇگىرام كىلىدىغان سەۋزە-تۇرۇپلارنى تەسلىكتە سۇغۇرۇپ ئېلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ نەچچە يىللاردىن بىرى مۇشۇنداق ئاخماق بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلىشىپتۇ، ئاندىن جان ئاچچىقىدا بارلىق ئۈچىنى بۇ باشلىقتىن ئېلىپتىكەن ئەمەسما!
بىز بۇ گەپتىن بولدى دىگۈچە كۈلۈشۈپ تۇرغىنىمىزدا كامىرنىڭ ئىشىكى تۇيۇقسىز قاتتىق جالاقشىپ ئېچىلدى.
– ۋوي چوڭ تەكشۈرۈش!،-دەپ ۋاقىرىدى ئارىمىزدىن بىرسى پاتمىچۇقتەك تامغا چاپلاشقىنىچە دىر-دىر تىتىرەپ تۇرۇپ.
بىزمۇ ھاپىلا-شاپىلا ئاران تامغا چاپلىشىپ ئۈلگۈردۇق، يېڭى كىرگەن دوختۇر يىگىت بۇئىشلارنى تېخى بىلمىگەچكە بىر ئاز گاڭگىراپ قېلىپ بىزنى دوراپ تامغا چاپلىشىپ باقتى، لېكىن ئۇ كىچىكىپ قالغان ئىدى، تالادىن ئۇچقاندەك ئېتىلىپ كىرگەن بەش-ئالتە تەكشۈرگۈچى ئەسكەرلەر بۇ دوختۇر يىگىتنى بىردەمدە دەسسەپ-چەيلەپ چالا ئۈلۈك قىلىۋەتتى…
كامىرنىڭ ئىچى تەكشۈرۈلۈپ بولۇپ بەدىنىمىز تەكشۈرۈلىدىغانغا نۆۋەت كەلدى، ھەممىمىز قورقۇنچىدىن لاغ-لاغ تىتىرەشكە باشلىدۇق، شۇنچىكى قىڭىر-سىڭىر بولۇپ قالساق ھېچ بولمىغاندا بىرە-ئىككى قوۋۇرغىمىز سۇنۇپ كىتەتتى…
كۆز ئەينەكلىك ئەسكەرلەردىن بىرسى مىنىڭ ھەممە يىرىمنى سىلاشتۇرۇپ كىلىپ چاترىقىمغا كەلگەندە بىر نىمىنى تېپىۋالغاندەك شۇنداق خوش بولۇپ كىتىپ كۈلگىنىچە ماڭا قاراپ ئېيتتى:
– قاپاق …قاپاق…
ئۇنى دىمىسىمۇ بىز ئەسلىدە توقۇغان قاپاقلىرىمىزنى ئەسكەرلەرنىڭ تېپىۋالماسلىقى ئۈچۈن مۇشۇنداق يەرلىرىمىزگە ئېسىۋالاتتۇق، قاپاقلىرىمىزمۇ بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كۆپىنچە ھاللاردا بۇلاڭ-تالاڭدىن ساقلىنىپ قالاتتى، لېكىن بۇ قېتىم بىز تەييارلىقسىز قالغاچقا تۇقۇغان قاپاقلىرىمىزنى ئۇ يەرگە باغلاپمۇ ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدۇق…
– مەندە قاپاق يوق… ،- دېدىم يىغلامسىرىغان ئاۋازدا ئۇنىڭ قاتتىق ئۇرۇشىدىن ئەنسىرەپ.
– ياق قاپاق بار…بۇ قاپاق بولماي نېمە؟،-ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قوڭغىرىقامنى تېخىمۇ چىڭ سىقتى، مەن ئاغرىققا چىدىيالماي يىغلاپ سالدىم:
– جېنىم ئاكا، ئۇ قاپاق ئەمەس…
– ياق قاپاق…بۇ يەردە ئۈچ دانە قاپاق بار…بىرسى چوڭ قاپاق …ئىككىسى كىچىك قاپاق…تېپىۋالغاندىمە؟،- دېدى ئۇ ھىجايغىنىچە ئۆزىنىڭ ئەزەلدىنلا ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ.
– خۇدا ھەققى ئۇ قاپاق ئەمەس…
ئەسلىدە مىنى ئاختۇرغان بۇ بىرى ھەممە ئەسكەرلەرنىڭ باشلىقى ئىكەن، ئۇ يېنىدىكىلەرگە بىر نېمە دىگەندەك قىلىۋىدى، قالغان ئەسكەرلەر مىنىڭ كامېرداشلىرىمنى قوي ھەيدىگەندەك ئالدىغا سېلىپ ھويلىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
– ئىشتاننى سال!،-دەپ بۇيرۇق قىلدى ئۇ قۇلىدىكى قارا رەزىنكە كالتەكنى بېشىمغاچەنلەپ تۇرۇپ.
مەن قارا كالتەكتىن قورقۇپ دەرھال تامبىلىمنى سالدىم، ئۇ كۆز ئەينىكىنى ئوبدان رۇسلىۋالغاندىن كېيىن ئالدىمدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ قوڭغىرىقامنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن سىلاپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
– ياق بۇ قاپاق!،-ئۇ يەنە شۇنداق دەپ ۋارقىرىغانچە قوڭغىرىقامنى ئىككى قۇلى بىلەن چىڭ سىقىپ تۇرىۋالدى.
«ئاھ خۇدا…نەدىن كەلگەن قارىغۇ…جىرتاق نېمە بۇ… قاپاق بىلەن قوڭغۇراقنى ئايرىيالمايدىغان ھالىغا تېخى ئەسكەر باشلىقى بولغىنىنى…»
– جېنىم ئاكا…خوش بۇلاي قويىۋەت…بۇ قاپاق ئەمەس…بۇ دادامدىن قالغان قاپاق…،- دېدىم ئاغرىققا چىدىيالماي تېخىمۇ يىغلاپ يالۋۇرۇپ.
– ياق بۇ دىگەن قاپاق!
– قاپاق بولسىمۇ بولسۇن لېكىن بۇ سىنىڭ قاپىقاڭ ئەمەس ئاكا…
– ئەمىسە كىمنىڭ؟
– پاتمىخاننىڭ قاپىقى جېنىم ئاكا…
– ياق…ياق… بۇ مىنى قاپىقام!
ئۇ شۇنداق دىگەچ قاپاقنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئالدىغا تارتىشقا باشلىدى، مەن بۇلالماي قاپاق بىلەن بىرگە ئالدىمغا يۈرۈشۈپ كەتتىم، قاپاق ئۇنىڭ ئېغىز-بۇرنىغا تاقىشىپ تاس قالدى ئۇنىڭ كۆز ئەينىكىنى چېقىۋەتكىلى …ئۇ تۇيۇقسىز يان بىلىنى ئاختۇرۇپ كىچىك بىر قەلەمتۇراچنى ئېلىپ قاپاقنى كېسىۋالماقچى بولدى…
بۇنى كۆرۈپ كۆزلىرىم چەكچىيىپ پۇت-قۇلۇمدا جان قالمىدى، ئاخىرى بۇلالماي شارقىرىتىپ سىيىپ تاشلىدىم، قاپاقنىڭ سۈيى تۆكۈلۈشكە باشلىدى…
قاپاقنىڭ قىزىق سۈيىدىن ئۇ بىر ئاز ئەقلىگە كىلىپ مەندىكى قاپاقنىڭ توقۇغان قاپاق ئەمەسلىكىگە چىن پۈتتى، ئاندىن قاپاقنى كىسىۋېلىش نىيىتىدىن ۋاز كىچىپ كامىردىن چىقىپ كەتمەكچى بولدى مەنمۇ ئۇھ دەپ چاترىقىمنى چاڭگاللاپ تۇرۇشۇم ئۇ يەنە كەينىگە يېنىپ قاپىقامنى قايتىدىن بىر سىلىۋېتىپ كۈلگىنىچە تىلىنى«لىككىدە» چىقىرىپ قۇيۇپ چىكتىپ قالدى…
چوڭ تەكشۈرۈش تۈگەپ يېرىم سائەتكىچە مەن ئاغرىق دەستىدىن ھۇشۇمنى تاپالماي يۈردۈم، تۇيۇقسىز كامېرنىڭ ئىشىك يەنە جالاقشىپ ئېچىلىپ مىنىڭ ئىسمىم چاقىرىلدى، مەن چاترىقىمنى كەرىگىنىمچە سوراققا ئېلىپ چىقىلدىم.
سوراق ئۆيىدە ئىككى ساقچى ئولتۇراتتى، ئۇلارنىڭ بىرى يېنىدىكى بىرىگە پۈكلىنىپ تۇرۇپ ئۇنى ماڭا تۇنۇشتۇردى:
– توختى پوكان!
– خوپ باشلىق…
– بۇ كىشى بولسا بىزنىڭ مەخسۇس چىرىكلىك دېلولىرىنى نازارەت قىلىدىغانغا يۇقىرىنىڭمۇ يۇقىرىسىدىن كەلگەن چوڭ باشلىقىمىز، ھەرقانداق گەپ بولسا بۇنىڭغا دەيلى، بىلدۇقما توختاخون!
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ قېشىدىكى باشلىققا ئۆلگۈدەك خۇشامەت قىلغان پېتى سىرىتقا چايدەك بىرنىمە ئەكىرگىلى چىقىپ كەتتى.
سوراقخانىدا ئىككىمىزلا قالدۇق، ئالدىمدا ئولتۇرغان ئۇ سوراقچى ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا بىر تال سىگارتنى تۇتاشتۇرۇپ سۇندى، ئۆمرۈمدە بۇ بىرنىمىنى چىكىپ باقمىغان ئىدىم، ئەتىدىن بېرىقى قاپاق تالىشىش جېڭىدە بەك جىلە بولۇپ كېتىپتىكەنمەن، ئاخىرى ئۇنىڭ قۇلىدىكى سىگارتىنى ئېلىپ پۇرقىرىتىپ چىكىشكە باشلىدىم، سوراقچى ئېغىز ئاچتى:
– ساڭا بىر تال سىگارت بولسىمۇ سوۋغا قىلدىم، ئەمدى سەن ماڭا نېمە سوۋغات ئاچىقتىڭ؟
«يا مەن مەككە-مۈكەررەمدىكى ھاجىلىقتىن قايتمىسام نېمە سوۋغات ئەكىلەدىم بۇ كۆزئەينەكلىك مەخسۇمغا؟..،ئۇنىڭغا لازىمى ھەرقاچان مىنىڭ چىرىكلىك قىلمىشىمنىڭ ھەممە تەپسىلاتى بولسا كېرەك! »
مەن بۇ سوئالغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەي كېكەچلەپراق جاۋاب بەردىم:
– مىنىڭ سوۋغىتىم شۇ…شۇ …ھەممىنى تولۇق ئىقرار قىلىشتۇ باشلىق؟
– ياق-ياق…مەن قاپاقنى دىمەكچى!
– ساڭىمۇ قاپاق لازىم؟
«ئاھ خۇدا…قاپاق جىنى چاپلىشىپ قالغان ساراڭ قارىغۇدىن يەنە بىرسى كەلدىمۇ نېمە؟»مەن قورقۇنچىدا كاپپىدە چاترىقىمنى چاڭگاللىۋالدىم.
– شۇنداق ماڭا قاپاق لازىم!، – ئۇ شۇنداق دىگىنىچە يۇپۇرۇلۇپ كىلىپ چاترىقىمدىكى قۇلۇمنى بىر يانغا ئىتتىرۋەتتى-دە ئۇيەرنى ئابايامقى كۇسپۇرۇچتىنمۇ ئۆتە چىڭ سىقىمدىۋالدى.
– توختاڭ…توختاڭ …ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭ، خۇدا ھەققى مەندە قاپاق يوق ئاكا!،-مەن شۇنداق دېگىنىمچە تامبىلىمنى سېلىپ قاپاقنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.
ئۇ سەل-پەل خىجىل بولغاندەك بولۇپ ئىككى يانغا قارىۋەتكەندىن كېيىن سوراقخانا ئىشىكىنى ئىچىدىن ئېتىۋېتىپ يېنىمغا كەلدى، ئاندىن ئىككى ئالقىنى بىلەن قاپاقنىڭ راست-يالغانلىقىنى بىلمەكچى بولدى. ئۇ بىر ھازا ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۈرگەندىن كېيىن بېشىنى لىڭىشتىپ تەكشۈرۈشنى خۇلاسىلىدى:
– سەن ئۆزۈڭچە قاپىقىڭنى دۇنيادا ھەممىدىن چوڭ دەپ ئويلامسەن؟
– ياق ئاكا!
– بۇنى كۆرسەڭ نېمە دەيسەن؟
ئۇ شۇنداق دىگەچ تامبىلىنى سېلىپ ماڭا كەينىنى قىلىپ تۇردى.
– ياق ئاكا، ئۇنداق دېيىش ھەددىمۇ؟،- دېدىم ئۇنىڭ بۇ ھەركىتىنى تازا چۈشىنەلمەي.
– قارىغىنا بۇ يەرگە، مىنىڭ كاۋام چوڭمىكەن ياكى سىنىڭ قاپىقىڭمۇ؟،- دېدى ئۇ ماڭا قانسىراتقان ئۆپكىدەك ئىككى پەللىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
– ئەلۋەتتە سىزنىڭ كاۋىڭىز چوڭ ئاكا، سىز دېگەن كاتتا يەردىن كەلگەن ئادەم تۇرسىڭىز!،-دېدىم ئۇ ساراڭ جىرتاقنىڭ كۆتىگە قاراپ كۆڭلۈم ئېلىشىپ.
– سېلىشتۇرۇپ ئاندىن جاۋابىنى بەر!
– سېلىشتۇردۇم ئاكا سىزنىڭ كاۋىڭىز چوڭكەن؟
– ئىككىسىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ ئاندىن گەپ قىل!
– قانداق بىر يەرگە قۇيىمەن ئاكا؟
– كەينىمگە چاپلاشساڭ بولدى، مۇشۇ بىر قېتىم!
كاللامدىن سۇغۇق سۇ قۇيغاندەك بولۇپ تىنىم تىكەنلىشىپ كەتتى…
«ھەي سەن زادى يىرتقۇچلارنى تۇتقىلى كەلگەن ئوۋچىمۇ ياكى كاۋاڭنى ساتقىلى كەلگەن قوڭچىمۇ؟ ئۆزەڭنىڭ نەپسانىيەتچى- ئاچكۆزلىكىڭدىن قۇلۇڭغا ئىلىنگەننى قانىڭغا تىقىپ بولدۇڭ… پۇلنىمۇ ئالساڭ، ئالتۇننىمۇ ئالساڭ، قاشتېشىنىمۇ ئالساڭ، سوقماقنىمۇ ئالساڭ، چىلاننىمۇ ئالساڭ، قازاننىمۇ ئالساڭ، تۇۋىقىنىمۇ ئالساڭ، ئەمدى سەن ئالمىغان مۇشۇ قاپاق قالغان ئىدى، ئەمدى بۇنىمۇ ئال!…ئۇنىمۇ ئال!..ئالە ئال…ھەممىنى ئال!… ئۈستىدىكىنىمۇ ئال!… ئاستىدىكىنىمۇ ئال!… تۈۋىدىن… يىلتىزىدىن قومۇرۇپ ئال، قاپاق بارىڭىنىڭ سايىسىدا ئاناڭ بىلەن خوتۇنىڭنى سەگىدىتەرسەن! خۇدايىم جاجاڭنى بىرەر سەن چىرىك نۇمۇسسىزنىڭ! ئادالەتلىك كومپارتىيىمىز ھامىنى كۈلۈڭنى كۆككە سورۇپ كۆتۈڭگە تۈگمە قادار سەن توڭغۇزنىڭ!…ئاھخۇدا!…»

يىل.1997

(سەككىزىنچى ھېكايە)

ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش

ئىپادەم ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا پالانماي، مۇشۇ قاماقخانىنىڭ ئاشخانا دىگەندەك ئارقا سەپ بۆلۈملىرىدە يۈگۈرە-يىتىم ئىشلارنى قىلىپ يىلىمنى توشقۇزىدىغان بولدۇم.
بۈگۈن ئەتتىگەن توخۇ پوق يېمەستە جىنايىتىمىز يىنىكرەك دەپ قارالغان ئۈچىمىز تۈرمە ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى تال جاھازىسىنى ئوڭشىۋاتاتتۇق، گۇندىپاي بولسا كەكە-ھەرە دىگەندەك لازىملىق نەرسىلەرنى بىزگە سۇنۇپ بېرىۋاتاتتى.
بىرسى تۈرمە دەرۋازىسىدىن سىرتقا چىقىۋاتقاچ بىزگە قۇلىنى پۇلاڭلىتىپ ۋاقىرىدى:
– قېرىنداشلار مەن كەتتىم!
ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا قاراپ يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسىدىن سورىدىم:
– كاساپەتنى قويىۋېتىپتۇ-دە!
– مۇددىتى تۇشۇپتۇ ئۇ كېپەن ئوغرىسىنىڭ!،- دېدى بۇرادىرىم يەرگە بىرنى ئاچچىق تۈكۈرۈپ،- كۆرەڭلەپ كەتكىنىنى ھابدالنىڭ تېخى!
– كېپەن ئوغرىسى؟
– شۇنداق، ئىككى كوي پولغا ئىككى يىل كېسىلگەن نۇمۇسسىز ئوغرى ئۇ!
– ۋاي قانداق بولۇپ ئىككى يىل كېسىلىپتىكەن ئۇ؟
– كاتتا بىر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ قالغان ئىكەن، ئۇ ئەبلەخ كىنودىكى مېيىت ساندۇقىغا پول سېلىپ قۇيىدىغان ئىشنى كۆرۈپ قېلىپ ئەتىسى ئاخشىمى ئۇ قەبرىنى كولاپ مېيت ساندۇقى ئېچىپتىكەن ئىچىدىن ئىككى يۈەن پۇل بىلەن بىر بوتۇلكا ھاراق چىقىپتۇ، شۇنىڭغا ئىككى يىل كېسىلدى.
– قانداق بولۇپ تۇتۇلۇپ قالغان بولغىيتتى ئۇ ئىتنىڭ ھەققى؟،-دەپ سورىدى قېشىمدىكى موتۇ ئوغرىسى چىدىماسلىق نەزىرى بىلەن دەرۋازىدىن چىقىپ كىتىۋاتقان كېپەن ئوغرىسىغا قاراپ.
– قانداق بۇلاتتى، ساندۇقتىن چىققان ئىككى يۈەن پۇلنى كۆرۈپ ئاچچىقىدا بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ ھەممىسىنى سۇدەك ئىچىۋېتىپتۇ، ئەتىسى قۇرلۇش ھۆددىگىرى قەبرە بېشىنى يوقلاپ كەلسە ئۇ ئەبلەخ موماي رەھمەتلىكنىڭ ساندۇقىدا بەخىرامان ئۇخلاپ ياتقان گەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تۇتىۋاپتۇ…
گەپنىڭ ئايىغى تۈگىمەستە تالادىن بىرسى تۇپا توزىتىپ كىرگىنىچە ۋاقىراشقا باشلىدى:
– ۋاي باشلىق، ئىش چاتاق!
– نېمە ۋاقىرايسەن؟،- دەپ توۋلىدى بىزگە قاراپ تۇرغان گۇندىپاي يۈگۈرۈپ كىرگەن ئۇ جىنايەتچىگە ئالىيىپ.
– بازاردىن يېنىۋاتسام ھېلىقى كېپەن ئوغرىسى ئالدىمغا ئۇچىراپ قالدى…
– ئۇچرىغان بولسا نېمە بولۇپتۇ، ئۇنى ھازىر قويىۋەتتۇق!،- ۋاقىرىدى باشلىق چېقىمچىغا زەردە بىلەن تەنبىھ بىرىپ.
– لېكىن ئۇنىڭ قۇلىدا بىر كالا تورىدۇ!
– كالا؟،- باشلىق ئولتۇرغان ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ چېقىمچىغا ۋارقىردى،- ئۇنىڭ قۇلىدا كالا يوقتىغۇ؟
– شۇنى دەيمەن باشلىق، – دېدى چېقىمچى تۈپۈكىنى غۇرتتىدە يۇتىۋېتىپ،- سورىسام پۇلغا ئالدىم دەيدۇ ئۇ نۇمۇسسىز ئوغرى!
– ئەستەخپۇرۇللاھ، نېمە دەيدىغانسەن!… تىز چۈشۈڭلار قاراپ باقايلى!
بىز ئالدىراپ تال جازىسىدىن چۈشۈپ باشلىقنىڭ كەينىدىن تۈرمىنىڭ سىرتىغا چىقتۇق، تۈرمە دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يول بۇيىدا قاتار كەتكەن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى بار ئىدى. باشلىق قۇلپا سېلىغان بىر ھويلىنىڭ ئىشىكىنىڭ يوچۇقىدىن ئىچىنى مارىلاشقا باشلىدى. مەن ئالدىراپ سورىدىم:
– كالا ئوغرىسى ئاۋۇ يەردە كېتىپ بارسا بىز بۇيەرنى مارىلاپ نېمە ئىش قىلىمىز باشلىق؟
– ۋاي سەن نېمىنى بىلەتتىڭ توختەك!،- دېدى باشلىق شەپكىسىنىڭ سايلىقىنى كەينىگە بۇراپ قۇيۇپ ھويلا ئىچىنى كۆزەتكەچ،- بۇ يەردە پەقەت مۇشۇ ئۆيلۈكنىڭلا كالىسى بار ئىدى، شۇڭا قاراۋاتىمەن!
– ئوغرى كالىنى ئېلىپ يولدا مېڭىۋېتىپتۇ…،- دېدىم سەل كېكەچلەپ باشلىقنىڭ سەمىگە يەنە بىر قېتىم سېلىش ئۈچۈن.
– توختا، بۇ ئۆيدە ئۇششاق بالىلارنىڭ ئاۋازى بار!
– ئاتا-ئانىسى باللىرىنى ئۆيگە سولاپ قويغاندۇ-شۇ؟،- دېدى يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسى كېپەن ئوغرىسىنى ياندۇرۇپ ئەكەلگۈسى كىلىپ چىدىيالماي.
– ئېغىزىڭنى يۇمۇش! ئون نەچچە بالىنىڭ ئاۋازى، ئاھ… خۇدا!…ماڭا خۇدايىم بەردى، ھەپتىگە قالماي مىنى تۈرمە باشلىقى دەپ ئاتاشمىغىنىڭنى بىر كۈرەي ئەمدى!،- دېدى باشلىق شەپكىسىنىڭ سايىلىقىنى ئالدىغا رۇسلاپ ھىجايغىنىچە.
– نېمە…نېمە…ئون نەچچە بالىنىڭ ئاۋازى؟،- دەپ سورىدىم بۇ گەپنىڭ ھېچنىمىسىنى چۈشىنەلمەي.
– ھەي قاپاق!،- دېدى يېنىمدىكى ھېلىقى چېقىمچى باشلىقتىن ئۆتە خۇش بولۇپ،- يەر ئاستى دىنىي ئۇقۇتۇش نوقتىسى دېگەن گەپ تېرورچىلارنىڭ ئۇۋىسى دېگەن گەپ، باشلىق بۇنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا …
– ۋوي پەس گەپ قىلىش ھارامدىن بولغانلار، بۇنى تۈرمىدىكى خىزمەتداشلىرىم ئاڭلاپ قالمىسۇن!،- دېدى باشلىق ئاۋازىنى كوسۇلدىتىپ.
– ئۇنداقتا كالىنىچۇ…، -دېدىم مەنمۇ ئاۋازىمنى پەسلەپ.
– قوي ئۇ كالىنىڭ گېپىنى…ھازىر مەن تامدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالىمەن، ھەرقايسىڭ گۇۋاھ بولۇش!
– خوپ باشلىق!،-دېدۇق تۆتىمىز باشلىقنىڭ بۇيرۇقىغا پەرمەنبەردار بولۇپ.
– بۇيەردە دۈمبەلچەك بولۇپ تۇرۇش!،-دېدى باشلىق تامنىڭ تۈۋىنى كۆرسىتىپ.
تۆتىمىز دەرھال تامنىڭ تۈۋىدە پۇكلىنىپ ئولتۇرۇشتۇق، باشلىق بىرسىمىزنىڭ دولىسىغا بىرسىمىزنىڭ بېشىغا يەنە بىرسىمىزنىڭ ئېغىز-بۇرنىغا دەسسىگەنچلىك قىلىپ تامنىڭ ئۈستىگە يىلاندەك يامىشىپ چىقىپ كەتتى.
بىر چاغدا باشلىق ھويلىغا سەكرىمەستىن ساندۇقتەك پولتىيىپ كەتكەن قورسىقىنى سىلىغىنىچە پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تامنىڭ ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىشقا باشلىدى…
ھېلى سەكرە…ھېلى سەكرە…ھېچ گەپ يوق…
– نېمانداق مېڭىۋىرىدىغاندۇ… پاراتتىن ئۆتىۋاتامدۇ-يا ئۇ؟،-دېدى بىرسى پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئاۋازىنى پەسلەپ.
– ۋاي تاڭ، ھارامنى تولا يەپ ئىچى سۈرۈپ قالدى بۇ بىر نېمىنىڭ ھەر قاچان!
– تام ئۈستىدە ئىككى قۇلى بىلەن زاڭىقىنى يۈلەپ ئولتۇرۇپ قۇيىۋېتىدىغان بولدى!
– قاراڭلار ئۇ بايتالنىڭ خۇددى توققۇز ئايلىق بولغاندەك قورسىقىغا،- دېدى ئارىمىزدىكى يەن بىرى ئېغىزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئۇنىڭ ئېچىلىپ قالغان قورسىقىنى ئىشارەت قىلىپ،-چوقۇم تولغاق تۇتقان گەپ!
بۇ چاغدا تام ئۈستىدىكى باشلىق بىزنىڭ يۇشۇرۇن كۈلۈشكىنىمىزنى سېزىپ قېلىپ پەس ئاۋازدا بىزگە ۋارقىرىدى:
– نېمىگە كۈلىشىسەن ھارامدىن بولغانلار؟
– ياق بىز كۈلمىدۇق باشلىق!،-دەپ تەڭ جاۋاب بەردۇق تۆتىمىز بېشىمىزنى چايقاپ كۈلكىمىزنى بېسىۋالغان ھالدا.
– ئەستا…بۇيەردىن چۈشەلمەيۋاتىمەن!،- دېدى باشلىق ئۆپكىدەك قىزارغىنىچە ئىككى يانغا قاراپ تىت-تىت بولۇپ.
– ساقچى بولغاندىكىن قورقماي سەكرىمەمسىز!،- دېدىم باشلىقنىڭ بۇلۇمسىزلىقىغا قاراپ ئىچىم سىقىلىپ.
– ساقچى بۇلاپ ئاناڭنى ئالدىمما مەن! ،-دەپ تىل سالدى باشلىق ئۆزىنىڭ سەكرىيەلمىگەن ئاچچىقىنى مەندىن ئېلىپ.
– ھېلى باشقىلار كۆرۈپ قالسا سىز بىزگە مۇندىغى قالار باشلىق!،-دېدىم ئۇنى سەكرەشكە ئالدىرىتىپ بىر بىلىكىمنى«داك-داك» قىلىپ مەيدەمگە ئۇرغىنىمچە.
– «باشقىلار» دېگەن گىپىمنى ئاڭلىغان باشلىق لىۋىنى-لىۋىگە چىشلەپ ماڭا ھومايغىنىچە ھويلىغا «گۈپپىدە» قىلىپ سەكرىدى.
لېكىن«گۈپ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ باشلىقنىڭ «ۋايجان!» دېگەن ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بىز نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تامنىڭ تۈۋىگە كىلىپ باشلىقتىن سورىدۇق:
– ۋوي باشلىق زادى نېمە ئىش بولدى؟
– ۋايجان…ۋايجان…ئادەم بارمۇ؟…
باشلىق ئاۋازىنى كالىدەك سۇزۇپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
«تېرورچى ئۇنى تۇتىۋالدىمۇ نېمە؟»
تۆتىمىز دەرھال ئۆينىڭ قوش قانات ئىشىكىنى كۈچەپ تىپىپ تېرورچىنىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىردۇق.
قارىساق باشلىق خۇددى ئۈچ ياشلىق بالا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەندە ئىككى پۇتىنى كەرىپ تاماق قاچىسىنى ئىككى چېتىنىڭ ئارلىقىغا قىستۇرۇپ تاماق يىگەندەك ئىككى پۇتىنى ئالدىغا سۇزۇپ ئولتۇرۇپ ۋارقىرىغىلى تۇرۇپتۇ.
– ۋوي نېمە بولدى باشلىق؟،- دەپ ئالدىراپ سورىدىم ئۇنىڭ پولتىيىپ چىقىپ كەتكىلى قوپقان كۆزلىرىگە قاراپ قورققىنىمدىن.
– ئاناڭنى ئالغان بولدى!… ۋايجان…ۋايجان!…
– باشلىق بۇ زادى…،- دەپ كېكەچلىدى ئارىمىزدىكى ھېلىقى چېقىمچى ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئېڭىشىپ قارىغاچ.
– ۋاي… توختى پوكان…ۋايجان…كەينىمگە بىر قارىغىنا… ئۇ زادى نېمىكەن؟،- دېدى باشلىق ماڭا قاراپ كۆزلىرىنى پىلدىرلاتقىنىچە قاتتىق ئىنجىقلاپ.
مەن دەرھال ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قارىسام باشلىق كەتمەننىڭ ۋالىلداپ تۇرغان تۆمۈر يۈزىدە ئولتۇرۇۋاپتۇ.
– كەتمەننىڭ بىسىدا ئولتۇرۇپ قاپسىز باشلىق!،-دېدىم ئۇنىڭ سورىغان سۇئالىغا ئالدىراپ جاۋاب بىرىپ.
– ۋايجان… بىر نېمە ئىچىمگە كىرىپ كەتتى…قارىغىنا توختى … بىر ئۇچى… ئېغىزىمغا كىلىپ تۇرىدۇ!
باشلىقنى دەرھال يېلىن قىلىپ كەينىگە قارىدۇق، دىگەندەك كەتمەننىڭ تۆمۈر يۈزى ئۇنىڭ كۆتىگە چاپلىشىپ قاپتۇ، مەن ئۇنى ئېلىۋەتمەكچى بولۇپ شۇندا تۇتۇشۇم باشلىق يەنە «ۋايجان!» دەپ قاتتىق چىقىراپ كەتتى، ئوبدان قارىسام كەتمەننىڭ دەستىسىمۇ باردەك…
ئېغىزىمغا ئىسسىق سۇ كەلدى…دەرھال ياقامنى چىشلىدىم…ئەسلىدە باشلىق ھويلىغا سەكرىگەندە يەردە ئۆرە قۇيۇلغان كەتمەننىڭ ئۈستىگىلا سەكرىگەچكە دەستىسى ئۇنىڭ كۆتىگە تولۇق كىرىپ كىتىپتىكەن ئەمەسمۇ…
«بىر مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ كەتمەننىڭ سېپى ئەمدى بۇ بىچارىنىڭ قەيەرىگە كىلىپ توختىغاندۇ…ھاخ خۇدايىم… تۈگەپتۇ بۇ باداڭ قۇرساق!…»
ئەتراپتىكلەر كۈلكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ماڭا تەلمۈرۈپ قاراشتى، مەنمۇ كۈلكەمنى بېسىپ تۇرۇپ باشلىققا ئېيتتىم:
– دوختۇرخانىغا بارايلى باشلىق!
– شۇنچە ئېغىرمىكەن…توختى !…،-دېدى باشلىق خارقىراپ يىغلاپ.
– ئېغىزىڭىزغا كىلىپ تاقاشقىنى كەتمەننىڭ دەستىسى ئىكەن باشلىق!
– ۋايجان…ئەمدى مەن قانداق قىلاي…توختى…
– تۈرمىدىكىلەرگە خەۋەر قىلاي، سىزنى ماشىنىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى!،-دېدىم مەنمۇ يالغاندىن يىغلامسىراپ.
– ياق…ياق…توختى پوكان… بۇ بىزنىڭ… خىزمەت نەتىجىمىز… باشقىلار… بىلمىسۇن!
– لېكىن سىزنىڭ ھاياتىڭىز بۇ خىزمەت كۆرسىتىشتىن مۇھىم تۇرسا باشلىق!
– سەن… بىز… پارتىيىگە نېمە دەپ… كىرگەن… ھۆكۈمەتنىڭ … ماشىنىسىنى … شەخسى ئىشقا… ئىشلەتسەك… بىز خەلققە … قانداق يۈز كېلىمىز…
«ماۋۇ ماز گەپنى ئەمدى… ئۇنداق دىگۈچە بۇ قانۇنسىز دىنىي ئۇقۇتۇش ئۇۋىسىنى باشقىلار ئوقۇۋالسا نەتىجە مىنىڭ بولماي باشقىلارنىڭ بولۇپ كىتىدۇ…مەن ئۆسەلمەي باشقىلار ئۈسۈپ كىتىدۇ دىسەڭ بولماسمۇ…!»
– ئەمىسە قانداق قىلىمىز باشلىق؟،- دەپ گەپكە ئارىلاشتى يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسى يالغاندىن ئۇنىڭغا كۈيۈنگەن بولۇپ.
– ئالدى بىلەن… ئۆينىڭ ئىچىدىكى… ساۋاغ ئېلىۋاتقان… بالىلارنى تۇتۇڭلار… ئۇستازىنى تۈۋرۈككە باغلاپ… ئاندىن … مىنى… دوختۇرغا … ئاپىرىڭلار!…
بىز بۇيرۇققا ئاساسەن ئۆيگە قۇيۇندەك باستۇرۇپ كىردۇق. قارىساق ئۆيدە بىرمۇ ئادەم يوق، پەقەت كىچىك بىر تېلېۋىزوردا بالىلارنىڭ پائالىيەت كۆرۈنىشلىرى چىقىۋېتىپتۇ…
بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالدۇق ئاندىن پېشانىمىزنى تۇتۇشقىنىمىزچە باشلىقنىڭ يېنىغا چىقتۇق.
-قانداق بولدى…تۇتىۋالدىڭلارمۇ؟…،- دەپ سورىدى باشلىق ناھايىتى تەسلىكتە لىۋىنى مىدىرلىتىپ.
بۇ سوئالغا باشقىلار جاۋاب بىرىپ بولغىچە مەن باشلىقنىڭ كېسىلىنىڭ ئۆزگۈرۈپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تىزلا جاۋاب قايتۇردۇم :
– شۇنداق باشلىق ھەممىنى تۇتۇۋالدۇق!
– يىگىرمە-ئوتتۇز بالىكەن!،-دېدى يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسىمۇ ماڭا يېقىندىن ماسلىشىپ.
– ساقاللىق ئۇستازىمۇ بار تېخى!،- دېدى موتۇ ئوغرىسىمۇ گېلىنى قىرىپ كۈلگىنىچە.
– يىگىرمە ئوتتۇز…ناھايىتى ياخشى…مىنى… ھازىرچە… يۈدۈپ ئېلىپ… مېڭىڭلار!…يولدا…بىر نېمە…ئۇچراپ قالار!
شۇنداق قىلىپ ئارىمىزدىكى موتۇ ئوغرىسى باشلىقنى ھاپاش قىلىپ كۆتۈردى، ئۇ بىر نەچچە قەدەم ئالا-ئالماي «ۋايجان!» دىگىنىچە باشلىقنى يەرگە يۇمىلىتىپ تاشلىۋەتتى…
باشلىق يەردە يەنە چىرقىراپ توۋلاشقا باشلىدى…
– ۋوي نائەھلى!،- دەپ ۋارقىرىدىم ئاچچىقىمدا موتۇ ئوغرىسى دېگەن كۇسپۇرۇچقا قاراپ،-باشلىقنى بۇنداق تاشلىۋەتسەڭ كەتمەننىڭ سېپى تېخىمۇ كىرىپ كەتمەمدۇ؟
– ۋوي مەن كۆتۈرەلمىسەم!،- ۋارقىردى موتۇ ئوغرىسىمۇ بوش كەلمەي ماڭا ئالىيىپ،- يامان بولساڭ ئۆزۈڭ كۈتىرە!
– ئۇنداق بولسا مەن كۆتۈرەي!،-دېدى ئارىمىزدىكى چېقىمچى مەيدىسىگە مۇشتلاپ باشلىققا خۇشامەت قىلغان ھالدا.
بىز يىغلاپ چىرقىراپ كەتكەن باشلىقنى تەسلىكتە ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئېلىپ قويدۇق، ئۇمۇ بەش-ئالتە قەدەم ئالا-ئالماي «ۋايجان!» دىگىنىچە باشلىقىنى يەنە يەرگە تاشلىۋىتىپ كۈتىنى چىڭ تۇتقىنىچە بىر يانغا ئۆتۈپ بىزگە تىل سالدى:
– مىنىڭ كۆتۈمگە پىچاق تىققان قايسىڭ؟
-نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ساراڭ!،-دېدىم يېنىمدىكى ئىككىسىگە قاراپ ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي.
ئاڭغىچە بىچارە باشلىقنىڭ ئېغىزىدىن كۆپۈك يېنىپ بېشى بىر يانغا چۈشۈپ كەتتى…
مەن بۇ ناھەقچىلىقنى كۆرۈپ جان ئاچچىقىمدا يېنىمدىكى ئوغرىلارنى غەزەپ بىلەن بىر يانغا ئىتتىرىۋېتىپ باشلىقىنى كۆتۈرۈپلا ھاپاش قىلىپ ئېلىپ ماڭدىم، نەچچە قەدەم ئېلىشىمغىلا پەللىكىم ھەرە چىقىۋالغاندەك پىژىلداپ كەتتى… بۇرادەرلەرنىڭ بىرەسى چاقچاق قىلىپ كۆتۈمگە شۇخىدەك بىر نىمىنى سانجىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ كەينىمگە «شارت»ئۆرۈلۈپ قارىسام ھېچكىم يوق…مەن ئاغرىققا چىدىيالماي بىر قۇلۇمنى پەللىكىمگە ئاپارسام ھېلىقى كەتمەننىڭ بىسى بىردەمدىلا كۆتۈمنى غاجىلاپ قان-قان قىلىۋېتىپتۇ…
«ھە…ئەسلىدە بايامقى كوسپۇرۇچلارنىڭ كۆتىنىمۇ مۇشۇ كەتمەننىڭ بىسى مۇشۇنداق غاجىلىغاچقا ھاپاش قىلىۋالغان باشلىقىنى تاشلىۋېتىپ كۈتىنى ئوۋلىشىپ تۇرۇپتىكەن-دە! »
دەرھال يېنىمدىكىلەرگە ۋارقىرىدىم:
– كەتمەننىڭ بىسىنى كەينىگە قايرىپ قوي!
– ۋوي سەن پارتىيە ئەزاسى بولغاندىكىن بىردەم چىدىغىن پەھلىۋان!،-دېدى موتۇ ئوغرىسى باشلىقنىڭ بىھوش ياتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈلگىنىچە.
– بۇ كاساپەتنى مۇشۇ ھالى بىلەن ئېتىزغا قۇيۇۋېتىدىغان بولساق قوڭىدىكى ساپال بىلەن ئون مو يەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىكەن -ھە!،-دېدى يەنە بىرسى باشلىقنى چاقچاققا كەلتۈرۈپ.
– ئەلپازىدىن قارىغاندا قوڭىدىكى تەييار قالقىنى بىلەن سىپارتاكنىڭ ئورنىدا جەڭگە چۈشۈدىغاندەكمۇ قىلىدۇ ئۇ!
– قالقىنى بولغان بىلەن نەيزىسى بولمىسا بولماس ئاغىنىلەر!
– ۋاي ۋاقتى كەلگەندە نەيزىسىنى قوڭىدىن سۇغۇرۇپلا ئالمامدۇ!
– ئۇنى تانكىنىڭ ئۇچچىغا مىندۈرۈپ قۇيۇپ جەڭگە چىققان بولساق دۈشمەننىڭ ھەممە ئوقىنى مۇشۇنىڭ قالقىنى تۇسۇپ قالاركەن-ھە!
– ناۋادا يامغۇر يېغىپ قالسا كاساپەتنىڭ كۈتىنى ئاسمانغا قىلىپ قويساقلا تانكىغا بىر تامچىمۇ يامغۇر چۈشمەيتتى!
– قاراڭلار! بۇ تۆمۈر كۈنلۈكنىڭ ئېگىز-پەسلىكىنى تەڭشەشمۇ شۇنداق قۇلايلىقكەن!
– غالتەكتىن تۆتنى بىكىتسەكلا ئۇنىڭ كۈنلىكى ماشىنىغا ئۆزگەردى دېگەن گەپ ئاغىنىلەر!
– ئۇچاغدا ئۇ تۈرمىنىڭ ئىچىدە بۇ ئۇيۇنچۇق ماشىنىسىنى ئىككى پۇتى بىلەن ھەيدەپ ئويناپ بىزنى ئوخلىغىلى قويماس!
– ئۇخلىغىلى قويمىسا بۇ ئوماق قوزىچاقنىڭ ئۇيۇنچۇق ماشىنىسىنى ئېلىۋالىمىز!
-… … … …
مۇشۇ تاپتا بۇ ئۈچى«ئېشەك ئۆلسە كۆتى غىجەك تارتىپتۇ!» دېگەندەك تىزىغا شاپىلاقلاپ كۈلۈشكىنىچە چاقچاققا چۈشۈشكەن ئىدى…
– ۋوي ھاراملىقلار! چاقچىقىڭنى قويۇشۇپ كەتمەننىڭ بىسىنى كەينىگە قايرىپ قويۇش! ،-دەپ قاتتىق ۋارقىرىدىم بۇ ئۈچىگە كۆزۈمنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ.
موتۇ ئوغرىسى كۈلكىسىنى توختۇتۇپ كەتمەننىڭ بىسىنى تۇتۇپ شۇنداق يانغا قارىغان ئىدى، باشلىق ئاغرىققا چىدىماي «ۋاي كۆتۈم!» دەپ قاتتىق چىرقىراپ كەتتى…
– ۋوي بولمىدى ئاكا، بۇ بەك چىڭكەن!،-دېدى قورقۇپ كەتكەن موتو ئوغرىسى كەتمەننىڭ بىسىنى قۇيىۋېتىپ كەينىگە داجىغىنىچە .
– ئۇنداق بولسا كەتمەننى سۇغۇرۋەتسەكلا بولمىدىمۇ!،-دېدى ئويۇن كۆرۈپ تۇرغان چېقىمچى ئۆزىچە ئۇستاتلىق قىلىپ.
– ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ؟،- دېدىم بېشىمنى جىددىي چايقاپ.
– ۋاي ھېچنىمە بولمايدۇ!،- دېدى ياندا قاراپ تۇرغان ئىت ئوغرىسى كەينىمگە كەلگەندەك قىلىپ،- مانا ھېچنىمە بولمىدىغۇ؟
مەن ئالدىراپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ئىت ئوغرىسى دېگەن ئەبلەخ قانغا بۇيالغان قىزىل دەستىلىك كەتمەننى قۇلىدا تۇتۇپ ھىجىيىپ تۇرۇپتۇ…
«ئالە شەھىرىڭنى…دوختۇر ماۋۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ؟…نېمە قىلامىزا باشلىقىنى دوختۇرغا ئاپىرامىز دەپ… بۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بۇلارنىڭ نېمە كارى… ئۆمرۈمدە بۇنداق نائەھلى ئوغرىلارنى كۆرمەپتىكەنمەن…»
-ئەبلەخ!،- غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدىم،- ئۇنى سۇغۇرۋەتسەڭ بولمايتتى… قارىغىنا ئىككى قۇلۇمغا قىزىق بىر نېمە قۇيىلىۋاتىدۇ…
– ۋاي ئاكا… ھەممىسى قانكەن! ،- دېدى چېقىمچى ماڭا قاراپ پىشانىسىگە بىرنى شاپىلاقلاپ.
– ھوي…مەن دىگىنا راھەندى جوھوت!،-دەپ توۋلىدىم ئىت ئوغرىسى دېگەن قەلەندەرگە.
– ۋاي مەن ئەمدى قانداق قىلاي!،- دەپ ئۆز-ئۈزىنى كاچاتلاشقا باشلىدى ئىت ئوغرىسى قىلغان ئىشىدىن پۇشايمان قىلىپ.
– كىم سىنى دەستىنى سۇغار دېگەن؟،- دەپ ۋارقىرىدى چېقىمچى دەرھال ئىت ئوغرىسىغا تاپا-تەنە قىلىپ.
– ئۇنداق بولسا ئورنىغا تىقىپلاۋاتاي ئاكا!…
ئىت ئوغرىسى شۇنداق دىگىنىچە كەتمەننىڭ دەستىسىنى كەينىمگە چىنەپ يۇپۇرۇلۇپ كەلدى.
– ۋوي توختا…خۇدا ھەققى …ئەمدى دەستىنى تىقما، ئۇ ئۆلۈپ قالىدۇ!،- مەن شۇنداق دېگىنىمچە باشلىقنى يۈدۈپ بەدەر قاچتىم…
-ئاكا توختا!
– ۋوي ئىتنىڭ ھەققى، مىنى قوغلىما!
– توختا دەيمەن ئاكا…توختا!…
– خۇدا ھەققى!…ئۇنى تىقما!… ئىت ئوغرىسى!…
– ئاكا يېرىمىنى تىقىپ بولدۇم، قانمۇ توختىدى!
– ھاخ… خۇدايىم! ۋوي …نېمە دەيسەن؟
– خاتىرجەم بول، بىسىنى كەينىگە قىلىپ تىقتىم!
«ئاھ خۇدا…بۇ ماڭا نېمە كۈن…غىچ ساراڭنىڭ ئارىسىدا قاپتىمەن ئەمەسمۇ…»
ئۆرۈلۈپلا ئىت ئوغرىسىنى كۈچەپ تىپىپ باشلىقىنى يەرگە يېلىن ياتقۇزدۇم، كۆزلىرىمدىن ياشلار مارجاندەك ئاقتى…لىۋىمنى-لېۋىمگە چىشلەپ يېرىمى كىرىپ بولغان كەتمەننىڭ دەستىسىنى ئۇنىڭ كۆتىدىن ئاستا-ئاستا سۇغۇرۇپ ئالدىم، ئاندىن كۆزۈمدىكى ياشلارنى سۈرتكىنىمچە پايپىقامنى سېلىپ ئۇنىڭ بۇقۇلداپ قان ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغان كۆتىنىڭ تۈشىكىگە تۈرمەللەپ تىقتىم…بىر جۈپ پايپىقام كات قىلمىدى…باشقا راھەندىلەرنىڭ پۇتىدا پايپاق بولمىغاچقا ئۇلار چاپان- كۆينەكلىرىنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىدىن قىيىندىلارنى چىقاردى…ئۇنىمۇ تۈرمەللەپ تىقتىم… ئاخىرى بۇلاقنىڭ ئېقىشى توختىدى…باشلىق كۆزىنى تەستە ئېچىپ ئېغىز ئاچتى:
– توختى… پوكان… نەتىجە…بىزنىڭ…باشقىلار…بىلىپ قالمىسۇن!…
ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە لاۋزىلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن…بىر تۇرۇپ ئۆلسەڭ ئۆل دەپ ئۇنى تاشلىۋەتكۈم كەلدى…يەنە بىر تۇرۇپ يۈرۈگۈم ئېچىشتى…قانداقلا بولمىسۇن..تىرىك جان ئەمەسمۇ…
ئاخىرى كۈزۈمدىن ئاققان ياشلارنى يېڭىم بىلەن سۈرتىۋېتىپ باشلىقىنى كۆتۈرگىنىمچە شەھەر تەرەپكە ئېلىپ ماڭدىم، قالغانلارمۇ ماڭا ئەگىشىپ كەينىمدىن ئۇپۇل-تۇپۇل يۈگۈرۈشۈپ مېڭىشتى…
بىز تۆتىمىز باشلىقنى نۆۋەت بىلەن يۈدۈپ يۈرۈپ مىڭ بىر بالادا شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئەكىردۇق.
كۆز ئەينەك تاقىغان دوختۇر بىزگە بىر نىمىلەرنى دېدى، بىز ئۇنىڭ نېمە دىگەنلىكىنى بىلەلمەي جەمشىتنىڭ مۈشۈكىدەك كۆزىمىزنى پارقىرتىپ قاراپ تۇردۇق، ئاڭغىچە بىر ئاق خالاتلىق تەرجىمان ئۇنىڭ گېپىنى بىزگە ئۆرۈشكە باشلىدى:
– نېمە بولغان؟
– شۇ …شۇ…،- دېدىم ئۇ گەپنى دېيىشتىن خىجىل بولۇپ.
– ۋاي نېمە شۇ؟
– بۇ يەرگە قارىسىڭىزلا ھەممىنى بىلىسىز!،- دېدىم موتۇ ئوغرىسىنىڭ دۈمبىسىدىكى ھۇشسىز ياتقان باشلىقنىڭ قاناپ كەتكەن كۈتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
ئاق خالاتلىق تەرجىمان بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كېيىن دوختۇر يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينىكىنى ئوبدان بىر رۇسلىۋېلىپ باشلىقنىڭ كۆتىگە ئىڭىشىپ تازا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن تەرجىمانغا بىر نېمىلەرنى دەپ كولدۇرلىدى.
– دەرھال ئىككىنچى قەۋەتكە ئاچىقىڭلار!،-دېدى تەرجىمان بىزگە جىددىي بۇيرۇق قىلىپ.
بىز باشلىقنى يۈدۈپ ئىككىنچى قەۋەتكە ئاچىقتۇق، بىزنىڭ كېسەل ئېلىپ چىققىنىمزنى كۆرگەن سېسترا قىز كارىدوردا تۇرۇپ دەرھال دوختۇرنى چاقىرغاچ بىزنى ياندىكى بىر ئۆيگە باشلاپ ئەكىرىپ كېسەلنى تەكشۈرۈش كارۋىتىدا ياتقۇزۇشقا بۇيرىدى. ئاندىن بىزگە ئېيتتى:
– بىز ھەربىي-ساقچىلارغا ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلاتتۇق، ھەر نېمە بولسا بۆلۈم مۇدىرىمىز بار ۋاقتىدا كەپسىلەر، كېسەلنى مۇدىرىمىز ئۆزى كۆرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مۇدىرىنى چاقىرغىلى چىقىپ كەتتى، بىزمۇ جىددىيلەشكىنىمزىدىن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ مۇدىر ئىشخانىسىغا تەڭ كىردۇق، ئىشخانىغا كىرىشىمىز ئاق خالاتلىق ئايال مۇدىرنىڭ يانچۇقىغا بىرسى پۇل تىققىلى تۇرۇپتىكەن، ئۇلار بىزنى كۆرۈپ قىلىپ ھۇلۇق-مولۇق جىم بولۇپ قېلىشتى.
سېسترا بىر نېمىلەرنى دېگەن ئىدى، ئايال مۇدىر ئۈستەلدىكى كۆز ئەينىكىنى تاقاپلا تەكشۈرۈش ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، مەن كارىدوردا ماڭغاچ سېسترا قىزدىن سورىدىم:
-بايامقى يىگىت مۇدىرنىڭ ئىرىمۇ؟
– ياق ئۇ دېگەن تۇغۇت بوخچىسى ساتىدىغان دورا سودىگىرى!،- دېدى سېسترا قىز ماڭا ئاستا پىچىرلاپ.
-ئەمىسە مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئەشۇنداق خىزمەت سومكىسى كۆتۈرۋالغانلاردىن يەنە ئۈچ-تۆتى تۇرىدۇيا؟
– ھەممىسى دورا سودىگىرى!
مۇدىر بىزنىڭ كۇسۇرلاشقانلىقىمىزنى بىلگەندەك سېسترا قىزغا ئالىيىپ قۇيۇپ باشلىق ياتقۇزۇلغان ئۈيىگە كىرىپ كەتتى.ئۇ كارىۋاتتا بىھوش ياتقان باشلىققا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئەگىشىپ كىرگەن تۆتىمىزگە قاراپ يەنە بىر نېمىلەرنى دېگەن ئىدى، ئاڭغىچە سېسترا قىز بىزدىن سورىدى:
– قايسىڭلار ئۇنىڭ ئىگىسى؟
– بىز!
تۆتىمىز تەڭلا جاۋاب بەردۇق.
– ئۇنىڭ يېنىدا بىرسىڭلار تۇرۇشۇڭلار كېرەك!
قېشىمدىكى ئۈچى دېيىشىۋالغاندەك ماڭا تەڭ ئۆرۈلۈپ قاراشتى. بۇنى كۆرگەن سېسترا قىز ماڭا قاراپ ئېيتتى:
– ئۇنداق بولسا سىز قېلىڭ!
مەن باشلىقنىڭ يېنىدا قالدىم، قالغان بۇ ئۈچ ئەبلەخ بىر-بىرسىگە كۆز بېقىشىپ مۇدىرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى، ئارىمىزدىكى ھېلىقى چېقىمچى تېخى كۆز يېشى قىلىپ ئۇ ئايال مۇدىرنى قۇچاقلاپمۇ قويدى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىزغىن خوشلاشقىنىغا قاراپ ئېغىزىمنى تۇتۇپلا قالدىم، چۈنكى بۇ ئۈچى ئاللاقاچان مۇدىرنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇقداپ بولغان ئىدى.
– قانچە ئايلىق بولغان؟،-دەپ سورىدى سېسترا قىز مۇدىرنىڭ گىپى بويىچە مەندىن.
– نىمىگە؟
– ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىغا؟
– ئايالىڭىزنىڭ؟…
– شۇنداق، ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىغا قانچىلىك بولغان؟،-سورىدى سېسترا قىز تېخىمۇ ئۈنلۈك قىلىپ.
« نېمە دەيدۇ ماۋۇ ساراڭ…كۆزىگە بىر نېمە كېرىپ كەتتىمۇ بۇنىڭ…»
– ۋوي ئۇ مىنىڭ ئايالىم ئەمەس، ئۇ دېگەن بىزنىڭ باشلىق!
– سىلەر ئەرلەر ھەمىشە خوتۇنلىرىڭلارنى باشلىق دەۋالىسىلەر!،-دېدى سېسترا قىز كۈلگىنىچە ئېغىزىنى تۇتىۋېلىپ.
– ۋوي نېمە دەيدىغانسىز…بۇ بىزنىڭ تۈرمىدىكى باشلىقىمىز شۇ!
– سىلەر ھەمىشە قىزلارغا ئۆزەڭلار تەكلىپ قۇيىسىلەر، توي قىلىپ بولغان ھامان ئۆينى تۈرمىگە ئوخشىتىۋالىسىلەر! بەك قىزىق…
ئاڭغىچە ئايال مۇدىر باشلىقنىڭ تامبىلىنى سالدۇرۇپ پۇتىنى تەكشۈرۈش كارۋاتنىڭ ئىككى يېنىدىكى جازىغا بىردىن ئېلىپ چاترىقىنى كەرىدى ھەم كىچىك بالىنىڭ سۇنىيىدەك بىر نىمىنى باشلىقنىڭ سېمىز قۇرسىقىدا ئۇيان-بۇيان يۆتكەپ بىر نىمىنى تىڭشاشقا باشلىدى…
– بالىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاجىزكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا تەتۈركەن!،-دېدى سېسترا قىز دەرھال مۇدىرنىڭ گېپىنى تەرجىمە قىلىپ.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىم پىقىراپ ئىشخانىنىڭ ئىچى چۆرگىلەشكە باشلىدى.
«ئاھ … خۇدا… ئەمدى بۇ نېمە كارامەت… چۈشۈممۇ-يا… ئۇڭاممۇ-بۇ…»
– بالا تەتۈركەن!… ۋوي چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز؟
– كىم چاقچاق قىپتۇ، بىزنىڭ مۇدىر دېگەن دوختۇرخانىمىز بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن تۇغۇت بۆلۈم مۇتەخەسىسى جۇمۇ، مەخسۇس ئىچكىرىدىن كەلگەن ئاكىشور!
– ئىچكىرىدىن كەلگەن ئاپشاركا؟
-ۋاي قۇرۇق گەپنى قۇيۇڭ! مۇدىر بالىنىڭ بىر پۇتى چىقىپ قاپتۇ دەيدۇ!
– ئوخخو …ۋوي ئەمدى نېمە پۇتكەن ئۇ؟
– ئەسلى بالا بېشىدىن تۇغۇلسا ئاندىن ئوڭ بۇلاتتى، ھازىر بالا تەتۈر كىلىپ قالغاچقا شۇڭا بىر پۇتى چىقىپ قالغان گەپ، ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىز كىلىپ قاراپ بېقىڭ!
«تويە مانا…بۇرۇت ساقالنى ئۆلگۈدەك قىرغانغا باشلىق غۇجام…بۇرۇت –ساقال بولمىسا چىرايىڭدىن ئەر ياكى ئاياللىقىڭنى بىلگىلى بولمىسا… بار يوقنىڭ ھەممىنى يەپ قۇرسىقىڭ تېخى توققۇز ئايلىق بولغان ئايال كىشىنىڭ قۇرسىقىدەك چىقىپ قالغان تۇرسا…نەگىلا بارساق كۆز ئەينەك تاقىۋالغان ئۇلۇغ خان-غوجىلىرىم، يا گېپىمىزنى ئۇقالمىسا…بۇلار تېخى پوقنى ئىككىگە بۆلەلمىسە…»
– ۋاي مەن قارىمىساممۇ بىلىمەن!،- دېدىم ئاچچىقىمدا مۇدىرغا ۋارقىراپ،- ئۇ دېگەن بالىنىڭ پۇتى ئەمەس…
ئاڭغىچە مۇدىر دېگەن ساراڭ قېرى بالىنى تارتىپ ئالماقچى بولۇپ بالىنىڭ پۇتىنى كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى، بىچارە باشلىق ئاغرىققا چىدىيالماي چىرقىراپ توۋلاپ كەتتى:
– ۋاي…پوكان…بۇ … قەيەر…؟
– بۇ…بۇ…ۋاي … بۇ زادى قەيەر؟،-دەپ سورىدىم مەنمۇ بۇلۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ھېچنېمىسىنى بىلەلمەي.
– بۇ دېگەن تۇغۇت بۆلۈم!،-دەپ ۋارقىرىدى بالىنى تارتىپ ئالالمىغان مۇدىر جىلە بولغىنىدىن ماڭا ۋارقىراپ.
– خۇدا ھەققى… توختى پوكان… مەن ئۆزۈم تۇغاي… مەن خوش بۇلاي… ئۇنىڭغا-دە… ئۆزۈم تۇغاي… ئۇنى ئۇنداق سوزمىسۇن!،-دېدى بىچارە باشلىق كارۋاتتىن بېشىنى كۆتۈرگۈدەك ھالى يوق ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
– ئەمدى ئۇنى تارتما ئالۋاستى قېرى!،-دەپ ۋاقىرىدىم مەنمۇ كۈزۈمدىن دەريادەك ياش ئاققۇزۇپ چاترىقىمنى چاڭگاللىغىنىمچە باشلىققا ئىچىم ئاغرىپ.
– تارتمىساق بالا چىقمايدۇ، بالا تۇنجۇقۇپ قالسا ئۆزۈڭ ئىگىمۇ؟،-دەپ ۋارقىرىدى مۇدىر بالىنىڭ پاچىقىنى ئىككى قۇلى بىلەن تېخىمۇ كۈچەپ تارتىپ ئىنجىقلىغىنىچە.
-ئۆلسە ئۆلسۇن… ۋۇ نائەھلى… بۇ دېگەن ئەركىشى تۇرسا!…،-ۋارقىرىدىم كارىدۇرنى بېشىمغا كىيگۈدەك قىلىپ باشلىقنىڭ نالىسىغا چىدىماي.
– نېمە….نېمە؟…
مۇدىر شۇنداق دىگىنىچە كۆز ئەينىكىنى قايتىدىن ئوڭشاپ قايتا بىر تەكشۈرۈش قىلغاندىن كېيىن شۇ يەردە ۋارقىراپ يىغلىغىنىچە ئۆزىنى پولغا ئېتىۋەتتى…ئاڭغىچە سېسترا دېگەن نايناقمۇ ئىشنىڭ تېگىنى بىلىپ «ۋاي ئانا!» دىگىنىچە مۇدىرى بىلەن تەڭ ئۆزىنى پولغا ئېتىپ يۇمىلىنىشقا باشلىدى…
دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ناھايىتى كىلەڭسىز بىر سېمىز ئايال ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇ پولدىكى يىغلاۋاتقان مۇدىر بىلەن سېسترا قىزغا تازا بىر سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى ئىشخانا ئىچىدىكى پولغا ئېتىۋېتىپ ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى:
– ۋاي توختى!…مىنى ھاقارەت قىلغان خوتۇن ئاشۇ شۇ…
«توختى؟…ئوخخو…ماۋۇ ئىشنى…ئەمدى بۇ كىمتۇ… مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ يۈرۈيدا… بۇ خوتۇن مىنىغۇ كۆرسەتمىگەندۇ…»
ئىشكتىن بۇرۇت –ساقىلى مايلىشىپ كەتكەن تۈگىدەك بىرسى ئۆردەكتەك ئىرغاڭلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى-دە يەردە يىغلاپ ئولتۇرغان ھېلىقى سېمىز خوتۇندىن سورىدى:
– سىنى تىللىغىنى زادى قايسى؟
ئۇنىڭ مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كەتكەن بولۇپ كۆزلىرىدىن دەھشەتلىك قان تامچىلايتتى.
– ئەنە ئاۋۇ شۇ!،-دەپ ۋارقىرىدى ئۇ خوتۇن قۇلىنى بىز تەرەپكە سۇنۇپ يىغلىغىنىچە.
ئۇ ئەبلەخ يېنىدىكى مۈڭگۈز دەستىلىك پىچاقنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئالدىمغا كەلگىنىچە ياقامنى چىڭ بوغدى…
– سەن بىر ئەركىشى تۇرۇپ خوتۇنۇمغا ھاقارەت قىلغۇدەك بولدۇڭما؟،-دەپ ۋارقىرىدى ئۇ ئەبلەخ بوم ئاۋازىنى تىتىرىتىپ ماڭا خىرقىرىغىنىچە.
– ئاكا…مەن…مەن…،- دىدىم قورققىنىمدىن ئىشتىنىمغا سىيگۈدەك بولۇپ.
– ۋاي توختى…مىنى تىللىغىنى ئۇ ئەمەس…ئاۋۇ يەردە يىغلاپ ئولتۇرغان ئىنجىمارۇق ئالۋاستى شۇ!
ئالدىمدىكى بۇ «سېمىز توختى» ئۇ گەپنى ئاڭلاپ مىنى قۇيۇۋەتتى-دە پىچىقىنى غىلابىغا سېلىۋېتىپ يەردە يىغلاپ ئولتۇرغان سېسترا قىزنىڭ ياقىسىنى بوغقىنىچە يەردىن دەس كۆتۈرۈپ ئالدى:
– ئېيتە قانجۇق، خوتۇنۇمنى نېمىشقا تىللىدىڭ؟
– مەن …مەن…كىمنى تىللاپتىمەن؟،-دېدى سېسترا قىز يىغىسىنى دەرھال توختىتىپ ئىشىك تۈۋىدە يىغلاپ ئولتۇرغان سېمىز خوتۇنغا قاراپ.
– مىنى بايام شۇنچە جىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا «پوتەي،پوتەي!» دەپ تىللىمىدىڭما، مىنىڭ سېمىزلىكىم سىنىڭ قەيىرىڭگە تاقاشتى؟،- سېمىز خوتۇن شۇنداق دىگىنىچە ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ تېخىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
– شۇنى دەيمىنا؟!،-دەپ كالىدەك ھۆركىرىدى خۇتۇنىغا ئامراق توختى تېخىمۇ غەزەپلىنىپ،- بىز سەندىن ئاش-نان سورىمىغاندىكىن، قانداق يىسەك ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، نېمە دەپ خوتۇنۇمغا «پوتەي» دەپ ھاقارەت قىلىسەن-ھە؟ پوتەي بۇلامدۇ-ئىستىھكام بۇلامدۇ سىنىڭ نېمە ئىشىڭ؟
«سېمىز توختى » سوئال-سوراقنى كۈچەيتتى، بىر چاغدا قەرنەگە ئېسىلىپ قالغان سېسترا قىز كۈلۈپ كېتىپ ئېغىز ئاچتى:
– ۋوي ئاكا! مەن خوتۇنىڭىزنى تىللىمىغان، ئۇنىڭ قورسىقىغا يەتتە ئايلىق بولۇپتىكەن، بالا چۈشۈپ كېتەي دەپ قاپتۇ، بىز بۇنداق كېسەلنى «ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش» دېگەن مەنىدە خاڭسۇچە «باۋتەي» دەپ ئاتايتتۇق، بايام باش دوختۇر كەلگەندە مەن ئۇنىڭغا «باۋتەي» دىن بىرسى كەلدى دەپ ئۈنلۈكرەك دوكلات قىپتىمەن… خۇتۇنىڭىز يۈزىنى تۇتۇپ يىغلاپ چىكەتكەندەك قىلىۋىدى سىزنى باشلاپ كىرىپتۇ ئەمەسمۇ؟
– ھەرقايسىڭنىڭ ئانىسىنى بوۋتەي ئېلىشمىغاندىكىن، زۇۋانىڭنى ئوڭشاپ يۈرۈش قاسماقلار! ئۆتكەندە دىسە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان سىڭلىم سالامەتلىك تەكشۈرتكىلى كەلسە سەن خەق «ب تىپلىق جىگەر» ياللۇغى دېگەن گەپنى ئوڭشاپ دېيىشەلمەي «يىگەن، يىگەن» دىيىشىپ شۇنچە جىق ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا «تەكشۈرۈشتە يىگەن چىققان قىز سىزمۇ؟» دەپ داۋراڭ قىلىشىپسەن…سىڭلىمنىڭ ساۋاقداشلىرى سىڭلىمنىڭ ئۈستىدىن «ئۇ يىگەن چىقىپتۇ… يەپتىكەن…يەپ ساپتىكەن» دىيىشىپ گەپ تېپىپتۇ… تاس قالدى ئۇ ئېسىلىپ ئۆلىۋالغىلى… يەنە شۇنداق زۇۋانىڭدىن پوق ئېقىتىپ يۈرۈشسەڭ… ھەممىڭنىڭ تىلىنى مۇشۇ پىچاق بىلەن كېسىۋېتىمەن!
ئىچىمدە ئانا تىل شىركىتىنىڭ ھەسىلىنى يىگەن بۇ«سېمىز توختى»غا خېلى ھۆرمىتىم كەلدى، بىردەملىك غەللە-غۇدۇردىن كېيىن بىزمۇ خۇدا ئۇرغان بۇ جايدىن باشلىقىمىزنى يۈدۈپ دەرھال تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە يۆتكەلدۇق.
كەچكە يېقىن تۆتىمىز كامېرغا قايتىش ئۈچۈن تۈرمىنىڭ ئالدىغا كەلسەك ھېلىقى كېپەن ئوغرىسى قۇلىغا كويزا سېلىنغان ھالدا تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن يېنىمدىكىلەرنىڭ گۈل-قەقەلىرى ئېچىلىپ تۇخۇنىڭ چۈجىسىدەك چۇكۇلداشقا باشلىدى:
– خوپ بۇپتۇ بۇ قەلەندەرگە!
– دىمىدىممۇ ئۇنى تۇغما ئوغرى دەپ!
– توختا باشلىقتىن بىر سوراپ باقاي ئۇ زادى نېمە بولۇپ كىرگەندۇ!،-يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسى ئالدىراپ ئالدىمىزدىكى كېپەن ئوغرىسىنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان گۇندىپايغا يېتىشىپ ئۇنىڭغا ھىجايدى:
– دوكلات باشلىق!
– نېمە دەيسەن ئوغرى!
– بۇ كاساپەتنى يەنە مازارلىقتىن تۇتىۋالدىڭلارمۇ؟
– ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلما، ئۇ دېگەن ھازىر داڭلىق سېھرىگەر!
– سېھرىگەر؟
– ئەتتىگەن تۈرمىدىن چىقا-چىقماي دەرۋازا ئالدىدىكى بىرسىنىڭ كالىسىنى ئوغۇرلاپ يېرىم يولدا ئۇنى قاسساپقا سېتىپتۇ، ئارقىدىن بازاردىكى دۇكانلارنى تېخى ئاچماستا قاتارى بەش-ئالتە دۇكاننى ئەرەختە-پەرەختە قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ قانماي ئاشلىق بازىرىدىكى بىر مۇنچە دىھقانلارنىڭ پۇللىرىنى جايلاپتۇ، مانا ئەمدى بۇنىڭ قېشىدا يا نەخ پۇل يوق، يا زاڭ مال يوق، سېھرىگەرنىڭ ئۆزىكەن-بۇ!
باشلىقنىڭ گىپىگە قىزىقىپ مەنمۇ دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ ھېلىقى«سېھرىگەر»دىن سورىدىم:
– ئالدىدىكى ئىككى ئىشنىغۇ بۇپتۇ قىلغانسەن، ئاشلىق بازىرىدىكى ئىشنى قانداق قاملاشتۇردۇڭ، سىنىڭ كەسپىڭ ياكى يانچۇقچىلىق بولمىسا …
– ۋوي نېمە دەيدۇ ماۋۇ!،- دېدى كېپەن ئوغرىسى مىنىڭ گىپىمنى ياراتمىغاندەك ئېغىزىنى مايماقشىتىپ،- تۈرمىدە بىكار ياتمىدۇق بىز، يېنىمدىكىلەر ئوغرىلارنىڭ پىرى تۇرسا ھۈنەر-پۈنەر دىگەننى يىڭىلاپ تۇرىمىز!… ئىسلاھات دەۋرى بۇ!
– ۋاي قانداق جايلىدىڭ؟،-دېدىم ئۇنىڭ گىپىگە ئانچە ئىشەنمەي.
– ئاشلىق بازىرىغا باردىم ئاندىن ئادەملەر تازا يېغىلغان جايغا كىلىپ ئۆزۈمنى- ئۆزۈم ئىككىنى كاچاتلاپ «پۇلۇمنى يانچۇقچى ئېلىۋاپتۇ جامائەت…ۋاي ئىست پۇلۇم!…ۋاي ئىسىت پۇلۇم!…» دەپ بىرلا ۋارقىرىغان ئىدىم، يانچۇقىدا پۇلىسى بار ئاخماقلار دەرھال پۇل سالغان يەرلىرىنى تۇتۇپ بېقىشتى، بەزى پوكانبايلار تېخى پۇللىرىنى بىر يانچۇقىدىن ئېلىپ يەنە بىر يانچۇقىغا سېلىشىپ يۈرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتمەمتىمكى!
– قانداق بولۇپ تۇتۇلۇپ قالدىڭ؟،-دەپ سورىدىم گەپنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىپ.
– ۋاي قانداق بولۇپ تۇتىلاتتىم، تۈرمىدە ئۇزۇن يېتىپ بەدىنىمنى پىت بېسىپ كىتىپتۇ، تازا بىر يۇيۇنىۋالاي دەپ مۇنچىغا كىرسەم، كىيىم ساقلايدىغان قاتار-قاتار ئىشكاپلار كۆزۈمگە چېلىقىپلا تۇرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئالقىنىم قىچىشىپ چىدىيالماي ئامبۇرنى قۇلۇمغا ئالدىم-دە ھەممىسىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىۋەتتىم، بۈگۈن مۇنچىغا چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى قەلەندەر –ھابدالكەن، يانچۇقىنى تەتۈرسىگە ئۆرىۋەتسەممۇ بىر تىيىن چىقمىدى… ئاخىرى بىر كىيىم ساقلاش ئىشكاپىدا ساقچى كېيىمى تۇرىدۇ، شۇنى بولسىمۇ ئېلىپ ئۇچامغا كىيىۋالدىم، ئەينەككە قارىسام يېڭى خىزمەت كىيىمىم ماڭا شۇنداق يارىشىپتۇ ئاندىن مۇنچىنىڭ ئالدىدىكى دۇكاندىن بىر جۇپ ئاق پەلەينى سېتىۋالدىم-دە دەرھال خىزمەتكە ئاتلاندىم!
– ساقچى كىيىمى بىلەن ئوغرىلىق قىلدىڭما؟،-دەپ سورىدىم ئۇنىڭ گىپىدىن ئەجەبلىنىپ.
– شۇنداق، قاتناش ساقچىسى بولۇپ چوڭ يولدىكى ماشىنىلارنى بىردەم توسقان ئىدىم، توسقانلىكى ماشىنا يۈز سومدىن تاشلاپ ماڭدى!
-ۋوي ئۇنداق ئاسان ئىش يوقتۇ؟
– ۋاي ئاسان ئىشكەن ئۇ، ئاۋۋال ماشىنىنى توسىدىكەنسەن، ئارقىدىن كىنىشكە دەپ سورايدىكەنسەن، شوپۇر كىنىشكىنى تەڭلەيدىكەن، مەن كۆزۈمنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا يەنە«كىنىشكە!» دەپ ۋاقىرايدىكەنمەن، ئۇ ئاستا ماشىنىدىن چۈشۈپ كىنىشكىنىڭ ئارىسىغا يۈز سومدىن بىرنى قىستۇرۇپ كىنىشكىسىنى تەڭلەيدىكەن، مەن كىنىشكىگە قارىغان بولۇپ ئارىسىدىكى پۇلنى چۆنتەككە سالىدىكەنمەن… ئۇنىڭ كەينىدىكى ماشىنىلارنى مەن توسمىساممۇ ئۆزىچە توختاپ يۈز سوملۇق كىنىشكىنى تەڭلەۋەردىكەن… ئىسىت!… ئىسىت!.. ياخشى ئۇقۇپ قاتناش ساقچىسى بولمىغىنىمغا مىڭ بىر پۇشايمان…ناۋادا خېزىر ئۇچراپ قېلىپ مەندىن نېمە تەلىپىڭ بار دەپ سوراپ قالسا «مىنى پەقەت بىر ھەپتە قاتناش ساقچىسى قىلىپ قويساڭ!» دەپ تىلەر ئىدىم…مەن بىر ھەپتە قاتناش ساقچىسى بولىۋالسام ئارقىدىن قايناۋاتقان بىر قازان ياغقا سەكرىگىن دىسىمۇ سەكرەيتتىم…
– قانداق بولۇپ تۇتۇلدۇڭ دەيمەن؟
– قانداق بولۇپ تۇتىلاتتىم، ئالى دەرىجىلىك بىر كىچىك ماشىنىنى توسۇپتىمەن، ئۇنىڭ شوپۇرى بولغان گۇي كىنىشكا دىسەممۇ يېنىدىكى بىرسىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تورىدۇ، ئەمىسە پۇل ئال دىسەممۇ يېنىدىكى بىرسىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تورىدۇ، ئاچچىقىمدا شوپۇرنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ئۇ بىرسىگە پۇل ئال دەپ ۋارقىراپتىمەن، ئۇمۇ ماڭا قاراپ بېشىنى لىڭىشتقىنىچە سېرىكچىنىڭ گاچىسدەك كۈلۈپلا ئولتۇرىدۇ، ۋاي كىمنى زاڭلىق قىلىدۇ دەيمەن ماۋۇ تاز… ئاچچىقىم دېگەن كەلمەسمۇ…ۋاي…ۋاي…يەردىن مۇشتۇمدەك تاشنى ئېلىپ سالدىم دىگىنە خام كاللا پاينەكۋاش تازنىڭ بېشىغا… كاللىسىدىن ئوقتەك قان كەتمەسمۇ ئۇنىڭ…يەن كۈلە ھە!… يەنە ھىجىيىپ ئولتۇرە!… ئاچچىقىمدا قۇلۇمدىكى تاش قۇم بولۇپ كەتكۈچە سالدىم يۈز كويغا چىدىمىغان ئۇ پاخشەك تازنىڭ بېشىغا… يۈز سوم پۇل ئۇنىڭ ئانىسىمىكەن يا؟!…شۇنداق قىلىپ ئۇ تازنىڭ كاللىسى خېمىر قىلىۋەتتىم دەڭلا…بىر چاغدا بىرسى بېشىمغا تاپانچىدەك بىر نىمىنى تەڭلەيدۇ…قارىسام شوپۇر دېگەن گۇي… ئەسلىدە ئالدىمدا چالا ئۆلۈك بولۇپ ياتقىنى قاتناش ساقچىسىنىڭ ئەڭ كاتتىسىكەن ئەمەسمۇ!…
– «ئۆلگۈسى كەلگەن چاشقان مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ» دېگەن مۇشۇدە،- دېدى ياندا ئۇنىڭ گېپىنى تىڭشاپ تۇرغان گۇندىپاي كۈلۈپ كېتىپ،-ئوغرىلىق قىلىشتىن نومۇس قىلساڭچۇ –ھەي!
– نامراتلىق يامان تۇرسا باشلىق!،-دېدى كېپەن ئوغرىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك باشلىققا قاراپ.
– يەر تېرىغىن، تىجارەت قىلغىن، ئاڭلىسام سەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپتىكەنسەن، بىرە ئىش قىلساڭ بولىدىغۇ!،-دېدى باشلىق ئۇنىڭغا تەنبىھ بىرىپ.
– يەر تېرىغىن، تىجارەت قىلغىن دەپ كەتكىنىنى تېخى، تۈفىي!
– سەن قاراقچى تېخى ماڭا گەپ ياندۇرۋاتىسىنا؟!
– يەر تېرىغىلى مىنىڭ قانچىلىك يىرىم بولسۇن، بىز بەش جاننىڭ ھەممە يىرى ئاران بەش موغا بارمىسا….بەش مو يەردىن قانچىلىك ھوسۇل چىقىدۇ..تېرىغىنىڭ گېلىڭغا يەتمىسە!
– ئۇنداقتا ئوغرىلىق قىلغىنىڭ توغرىمۇ؟
– كىم توغرا دەپتۇ؟
– ئەمىسە ئوغرىلىق قىلما!
– ئەمىسە بىزگە تېرىيدىغانغا يەر تېپىپ بەر!
– مەن قانداق تاپىمەن؟
– ئامال قىلمامسەن؟
– ۋاي قانداق ئامال؟
– سەن ئونىۋېرسىتېتتا ئوقۇغانمۇ ياكى سەي ساتقان يەردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانمۇ؟
– ئاكاڭ قارغاي ئونىۋېرسىتېتتا ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئۇقۇغان جۇما ئوغرى!
– ئەمىسە سەندىن سوراي!
– نىمىنى؟
– شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى چوڭمۇ؟
-دۆلىتىمىز ئىچىدە بىرىنىچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ!
– بۇ ئۇمۇمى كۆلەمنىڭ ئىچىدە ئىنسان ياشاشقا مۇۋاپىق دەپ قارالغان بوستانلىق قانچىلىك؟
– تەخمىنەن بەش پىرسەنت!
– دېمەك بۇ بەش پىرسەنت بوستانلىقنىڭ قانچىلىكى ئاپتونوم رايون نوپۇسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قولىدا؟
– تەخمىنەن يىگىرمە پىرسەنتىدىن سەل ئارتۇقراقى!
– قالغان سەكسەن پىرسەنتىگە يېقىنىچۇ؟
– دىۋىزىيىنىڭ قولىدا!
– دىۋىزىيىنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟
– تەخمىنەن ئىككى يېرىم مىليون!
– قالدى ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەردىكى ئومۇمى نۇپۇسچۇ؟
– تەخمىنەن يىگىرمە ئىككى مىليون ئەتراپىدا!
– شىنجاڭدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەللىك پىرسەنتى دىۋىزىيىنىڭ قۇلىدا توغرىمۇ؟
– توغرا دېدىڭ، تېرىلغۇ يەرنىڭ قالغان ئەللىك پىرسەنتى ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيىلەردىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ قۇلىدا!
– دېمەك بىزنىڭ مۇشۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى ھازىر بىر موغا يەتمەيدۇ، توغىرمۇ؟
– بۇ يەرنىڭ بىرموغا يەتمىگەن بىلەن ئاپتونوم رايون بويىچە ھېسابلىساق ئۈچ موغا يېقىنلاپ قالدۇ…
– دىۋىزىيىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى ئەللىك بەش مو ئەتراپىدا، توغرىمۇ؟
– بۇ دېگىنىڭ توغرا كېپەن ئوغرىسى!
– ئۇنداق بولسا سەن بۇ تەلىپىمىزنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈپ بىزنىڭ نوپۇسىمىزنى دىۋىزىيىگىلا ئۆتكۈزۈۋەت! بىزنىڭ تېرىيدىغان يېرىمىز كۆپرەك بولسا، بىزمۇ بۇنداق ئوغرىلىق قىلىپ يۈرمىسەك، قانداق دەيسەن؟
– بۇ مىنىڭ قۇلۇمدىن كېلەمتى ھەي تىگى پەس ئوغرى!
– ئەمىسە يەر تېرىشنىڭ گېپىنى ئاز قىل!
– ۋۇ كۇسپۇرۇچ….سەن تېخى مىنى سەنلىگۈدەك بولدۇڭما…ئەمدى بۇنى كۆر!
گەپتە يىڭىلگەن باشلىق شۇنداق دىگىنىچە قۇلىدىكى بىر بېشى ساڭگىلاپ قالغان قارا رەزىنكە كالتەك بىلەن كېپەن ئوغرىسىنى تازا سېلىشقا باشلىدى.
– ۋوي باشلىق ئاكا، ئەمدى مەن گەپ قىلماي!،-دەپ ۋارقىرىدى كېپەن ئوغرىسى يەردە تىزلىنىپ قالغىنىچە قارا كالتەكنىڭ سۇنۇپ كەتكەن ئۇچىنى قۇلىدا چىڭ تۇتىۋېلىپ تۇرۇپ.
– كالتەكنى قويىۋەت!،-ۋارقىرىدى باشلىق تېخىمۇ جىلە بولۇپ.
– ئەمىسە ئۇرماڭ باشلىق…
– قويىۋەت!
– قويىۋەتسەم ئۇرىسىز…
– قويىۋەت دېدىم قويىۋەت!
باشلىق كالتەكنى تېخىمۇ كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى، كېپەن ئوغرىسى ئاخىرى ئەبجەق كالتەكنىڭ ساڭگىلاپ تۇرىدىغان بېشىنى قۇيۇۋەتتى، ھاينى-ھۇيت دىگۈچە قارا كالتەكنىڭ بىر بېشى ئۇنىڭ قۇلىدىن ئاجراپ چىقىپ ئۇدۇل باشلىقنىڭ توڭكىيىغا تەگدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشلىقنىڭ ئېغىزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ئىككى كالپۇكى تەكىيدەك پولتىيىپ چىقتى، ئارقىدىن كالپۇكىدىكى ئىششىق تىزلىكتە پىشانىسى تەرەپكە يامىراپ بىردەمدىلا ئۇنىڭ بېشى كۈپتەك چوڭىيىپ ھەتتا شەپكىسىمۇ پاتماي قالدى…
مەن دەرھال يەردە چېچىلىپ ياتقان بەش-ئالتە تال چىشنى تۇپىنىڭ ئارىسىدىن مالتىلاپ ئېلىپ چىرايى تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن باشلىققا قوش قوللاپ سۇندۇم، باشلىق يۈزىدىكى ئىششىقنىڭ يامانلىقىدىن كۆزىنى ئاچالماي ئىككى بارمىقى بىلەن بىر كۈزىنى كەرىپ ئېچىپ ئالىقىنىمدىكى چىشلارنى كۆردى ئاندىن ۋارقىرغىنىچە قۇلىدىكى كالتەك بىلەن مىنى سالغىلى تۇردى…
دەل شۇ چاغدا سىرتتىن كىرگەن يەنە بىر باشلىق بىزنى ئۇرىۋاتقان باشلىققا توۋلىدى:
– تىز بول نامازغا بارىمىز!
– نامازغا… كىمنىڭ نامىزىغا؟،-سورىدى باشلىق بىزنى ئۇرۇشتىن توختاپ.
– مۇشۇ تۈرمىمىزدىكى بىر بۇرادىرىمىز دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ قاپتۇ!
– ۋوي نېمە بولۇپ؟
– تېرورچىلارنى تۇتىمەن دەپ خىزمەت ئۈستىدە يارلىنىپتۇ!،-باشلىق شۇنداق دىگىنىچە يان بىلىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن بىز گە قاراپ ۋارقىرىدى:
– قايسىڭنىڭ پۇت-قۇلى چاققان!
– مىنىڭ چاققان باشلىق!،-دىدۇق ھەممىمىز بەس-بەستە بۇ تاياق يەيدىغان سورۇندىن كىتىشكە ئالدىراپ.
– ھويلىنىڭ ئاچقۇچى ئىچىدىكى ياتاق ئۆيۈمدە قاپتۇ، ياتاقنىڭ ئىشىكى ئۇچۇق، بىرسىڭ كىرىپ ئاچقۇچنى سۇنغىن!
– مەن كىرەي باشلىق!،-دىدۇق بەشىمىز تەڭلا خىزمەت كۆرسىتىشكە ئالدىراپ.
باشلىق بەشىمىزگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا قاراپ بۇيرۇق قىلدى:
– توختى پوكان سەن كىر!
مەن تاياقتىن قۇتۇلغىنىمغا خوش بولۇپ نەچچە قەدەم نېرىسىدىكى خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ ئالدىغا كىلىپ باشلىقتىن كۈلۈپ سورىدىم:
– باشلىق!
– نېمە دەيسەن پوكان؟
– ھويلىغا قانداق كىرىمەن؟
– تامدىن ئارتىلىپ كىرمەمسەن!
«ئاھ خۇدا…تامدىن ئارتىلغىلى بۇ تام يا بىر كونا چىتلاق بولمىسا، شۇ تامغا چىقىپ سەكرەپ چۈشىدىغان گەپ…ھېلى تېخى تامدىن سەكرىگەن بىرسى قوڭىغا تۇۋاق قاداپ سۈنئى ھەمرا بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان يەردە… مەن تامدىن سەكرەيمەن دەپ كۆتۈمگە چىش سالدۇرۇپ يۈرمەي يەنە… ئەڭ ياخشىسى قوڭامنى غىت قىساي!…»
– ۋاي جېنىم باشلىق مىنىڭ پۇتۇم تىگىدىن سۇنۇق، ئاۋۇ تۆتى مەخسۇس تامدىن سەكرەيدىغانلار، شۇنىڭغا بىر دەڭا!
مەن شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ قېشىدىن بەدەر قېچىپ بىر يانغا كىلىپ تۇرۇۋالدىم، باشلىق ماڭا تازا بىر ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن قۇلىغا كويزا سېلىنغان كېپەن ئوغرىسىنى بىر يانغا سىلكىۋېتىپ قالغان ئۈچىگە ھۆرپەيدى:
– قايسىڭ تامدىن سەكرەشكە ئۇستا؟
– مىنىڭ لىپكىم چىكىتىپ ئەمدى ئوڭشالغان باشلىق!،- دەرھال جاۋاب بەردى موتو ئوغرىسى تىزىنى سىلاپ تۇرۇپ.
– مىنىڭ پۇتۇمنىڭ بارمىقى تۇغۇلۇشۇمدىلا ئالتە ئىكەن باشلىق!.-دېدى ئىت ئوغرىسىمۇ ئايىغىنى سېلىپ پۇت بارمىقىنى باشلىققا چىنەپ.
– خۇدا ھەققى… مىنىڭ داس سۈڭىكەممۇ مانا مۇشۇ يەردىن دەز كەتكەن!،-دېدى چېقىمچىمۇ تامبىلىنى تىزىغا چۈشۈرۈپ ئۈلگۈرۈپ.
باشلىق ئۇلارغا قاراپ بېشىنى لىڭىشتىپ «خەپ…خەپ…سەن ئوغرىلارنى!» دىگىنىچە ھويلىنىڭ تېمىغا مايمۇندەكلا يامىشىپ چىقىپ كەتتى ئاندىن ئۆزىنىڭ نوچىلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويغاندەك بىزگە ھاكاۋۇرلارچە قاراپ قۇيدى، بىزمۇ ئۇنىڭ چەبدەسلىكىدىن ھەيرانلا قالدۇق ئاندىن ئۇ ھويلىنىڭ ئىچىگە«گۈپپىدە» قىلىپ سەكرىدى…
لېكىن«گۈپ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ باشلىقنىڭ «ۋايجان!» دېگەن چىرقىرىغان ئاۋازى تۈرمە ئاسمىنىنى بىر ئالدى، بىز تۆتىمىز ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۆزلىرىمىزنى چەكچەيتىشىپلا قالدۇق.
تۇيۇقسىز ئارىمىزدىكى ئىت ئوغرىسى ئۆزىنىڭ پىشانىسىگە «پاققىدە» بىرنى سېلىپ يەردە زوڭ ئولتۇرغىنىچە ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى…
ئۇنىڭ بۇنداق ھازا ئاچقىنىنى چۈشىنەلمىگەن ئۈچىمىز تەڭلا ۋارقىرىدۇق:
– ئەمدى ساڭا نېمە بولدى؟
– دىگىلى بولمايدۇ!
– ۋوي دىگىنە تىز!
– ئەتتىگەن تال جاھازىسىنى ئوڭشىۋاتقاندا قۇلۇمدىكى كەكە چۈشۈپ كەتكەن!…
– نەگە چۈشۈپ كەتكەن!
– مۇشۇ ھويلىغا!
« ئاھ ئۇلۇغ خۇدا… مىنى بۇ نەس باسقانلارنىڭ يېنىدىن قۇتقۇزغىن!… مىنى سۇلىساڭمۇ تېمى يوق… چىتلىقى يوق بىر يەرگە سۇلىغىن!… مىنى بۇنداق سەكرىگىلى ئامىراقلارنىڭ يېنىدىن نېرى قىلغىن!… ئۇلۇغ خۇدا…»

يىل 2013-6.ئاينىڭ 17.كۈنى

Share
1322 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.