logo

trugen jacn

بەشىنجى فېۋرال ۋەقەسىدىن كېيىنكى غۇلجا شەھەرىدىە ئۇيغۇرلارنى ئىشتىن چىقىرىش ھەركىتى ۋە تەرەققىياتلار ھەققىدە پاكىتلار

M

بۇ ئەسەر غۇلجا  4. پىۋرال ۋەقەسىنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەكرار ئەلان قىلىندى

 

مەھمەت ئەمىن ھەزرەت

 

1

كومىنىست خىتاي ھۆكۈمىتى، 1944.يىلى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان بايرىغىنى ئاسمىنىدا لەپىلدەتكەن ئىلى ئۇيغۇرلىرىدىن بىرىنجى قېتىملىق كەڭ كۈلەملىك دولەت ئىنتىقامى 1961-1962-يىللىرى ئەلىنغان ئىدى. غۇلجىنىڭ تۈلىگەن بەدىلى؛100.000 نەپەر ئۇيغۇر،قازاق قاتارلىق يەرلىك مىللەت ئاھالىسىنىڭ سەۋىتلەر ئىتتىپاقىغا چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بوۇشى بولسا،خىتايلارغا بولغان پايدىسى؛ئۇلارنىڭ بۇشالغان ئۆي-زىمىن،يېزا-قىشلاقلىرىغا تەخىمۇ كۆپ ساندىكى خىتاي كۆچمەنلەرنى ئەكىلىپ يەرلەشتۈرۈشبىلەن نېتىجىلەنگەن

ئىككىنجى قېتىملىق دۆلەت تەرىپىدىن پىلانلىق ئىنتىقام ئېلىش ھەركىتى پەقەتلا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بولۇپ،باستۇرۇس 1997.يىلى 2.ئاينىڭ 4-7.كۈنلىرى ئارىسىدا داۋاملاشتى.پاجىيەنىڭ جەريانى دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر جاماىتىگە مەلۇم
دۆلەت ئىنتىقامى پەقەتلا غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنى باستۇرۇش بىلەنلا قالمىدى. غۇلجا شەھىرىدە (شا گاڭ)ئىسمى بىلەن قايسى زاۋوتتىن قنچىلىك ئۇيغۇر ئىشتىن قوغلاندى؟ بىلىشنى خالىسىڭىز،تۈۋەندىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ئاخىرغىچە ئوقۇغايسىز

بىرىنجى: غۇلجا شەھەرلىك 1. يۇڭ توقۇمىچىلىق زاۋودى-ئىلى دەرياسى بويىغا جايلاشقان.ئىلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق رايونلاردىكى قوي يۇڭىنى خام ماتىرىيال قىلغان بولۇپ،بۇ زاۋوت 1950.يىللىرىدا سەۋىت ئىتتىپاقىنىڭ مەبلىغى،ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان.يىپ ئىگىرىش،توقۇمىچىلىق،بۇياق.. قاتارلىق بىر يۈرۈش سىخلاردىن تەركىپ تاپقان.5000 ئىشچى ئىشلەۋاتقان بۇ زاۋوتتا 50.يىللاردا 99%، 60.يىللاردا 90%،70.يىللاردا 80%. زاۋوت تاقالغان 2001.يىلىدا بولسا 50% ئۇيغۇر،قازاق ئىشچىلار ئىشلەيتتى.پوسەن(ۋەيران بولدى) دەپ، زاۋوت،ئىچكىردىن كەلگەن لاۋ بەن خىتايلارغا سەتىلدى.زاۋوتتىن چىقىرىلغان خىتاي ئىشچىلار دۆلەت تەرىپىدىن ماارىپ ۋە سودا ساھاسىغا ئۇرۇنلاشتۇرلدى.ئاز بىر قىسمى زاۋوتتا قالدى. ئۇيغۇر ۋە قازاقلار تامامەن ئىشسىز قالدى

ئىككىنجى: غۇلجا شەرھەرلىك 2. يۇڭ –تۇقۇمىچىلىق زاۋودى-شەھەرنىڭ بۇلاق مەھەللىسى(ھازىر چاڭ جىاڭ لۇ دەپ خىتايچە ئىسىم قويۇپ قويدى)گە جايلاشقان
بۇ زاۋوت 2001.يىلى پوسەن بولدى دەپ تاقالدى 1500 ئىشچىسى بار بۇ زاۋوتتىكى 700 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر،قازاق ئىشچى تامامەن ئىشسىز قالدى.زاۋوتنى ئالغان خىتاي (لاو بەن)خۇجايىنلار بىر قىسىم ئىستانۇكنى خىتايغا يۆتكەپ كەتتى،قالغان قىسمىدا 500 ئەتىراپىدا ئىشچى ئېلىپ قالغان ئىدى. ئامما،ئېپقالغانلار ئارىسىدا بىر نەپەرمۇ مىللى ئىشچى يوق

ئۈچۈنجى:غۇلجا شەھەرلىك 3. يۇڭ-تۇقۇمىچىلىق زاۋودى-1987.يىلى بايانداي يەزىسىغا قۇرۇلغان بۇ زاۋوتتا 3000 ئىشچى ئىشلەيتتى.2001.يىلى “پوسەن”دەپ تاقىۋەتىلدى.خىتاي ئىشچىلار تەكرار ئىشقا ئۇرۇنلاشتۇرۇلدى.بۇ زاۋوتتىن چىقىرىۋەتىلگەن 1000 ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇر،قازاق ئىشچىلار ئىشسىز قالدى.بۇ زاۋوتنىڭ زىمىدا كۆچمەن خىتايلار يەڭى بىنالار سەلىندى. ھازىرقى ئىسمى- كەي فا چۈي

تۆتىنجى:غۇلجا شەھەرلىل ئەينەك زاۋودى- 1950.يىللاردا شەھەرنىڭ ئۈچ دەرۋازا مەھەللىىسىدە،روس تەخنىكىسى بىلەن قۇرۇلغان.بۇ زاۋوتتا ئەينەك،لاموۇچكا،شىشە(بوتولكا)… قاتارلىق مەھسۇلاتلار ئىشلەپ چىقىرىلاتتى.2002.يىلى زاۋوت تاقالغاندا 600 ئەتىراپىدا ئىشچىسى بار بولۇپ،70% ئۇيغۇر ئىدى.زاۋوت خىتاي قۇرلۇشچىلارغا سەتىۋەتىلدى.زاۋوتنىڭ زىمىنىغا سەلىنغان بىنالار غۇل جىغا كىلىپ باي بولغان كۆچمەن خىتايلارغا سەتىۋەتىلدى.400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچى ئىشسىز قالدى

بەشىنجى: غۇلجا شەھەرلىك تىرە-ئاياق كىيىم زاۋودى-بۇ زاۋوت،شەرىق مەھەللىسىدە بولۇپ،1910.يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەرىپەتپەرۋەر ئۇيغۇر كارھانىچى ھۈسەيىن بايلار تەرىپىدىن،ئۈسكۈنىلىرى گىرمانىيەدىن ئېلىپ كىلىنىپ قۇرۇلغان ئىدى.1944.يىلى غۇل جىدا ئازات “شەرقى تۈركىستان”دۆلىتى قۇرۇلغاندا،بۇ زاۋوت،شەرقى تۈركىستان مىللى ئارمىيەسى ئۈچۈن ئاياق كىيىم،كەمەر،تاپانچا قەلىپى… قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقىراتتى ۋە بۇ مەھسۇلاتلارنى بىر قانچە يىل مىللى ئارمىيەمىزگە ھەقسىز سوغا قىلغان ئىدى.زاۋوت 1955.يىلى دۆلەت ئىگىلىگىگە ئۆتكۈزۈۋەلىندى.1999.يىلى،گىرمانىيەدىن يەڭى ئۈسكۈنىلەر ئەكىلىپ سىخلار زامانىۋىلاشتۇرۇلدى.2003.يىلى زاۋوت تاقالغاندا 1000 دىن ئارتۇق ئىشچىسى بار بولۇپ 90% ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىدى.زاۋوتنىڭ ئۈسكۈنلىرى،ئىلى ئوبلاستلىق پارتىكوم سىكىرتارى ژاڭ گو لىاڭ نىڭ تۇققىنى بولغان خې بىيلىك بىر خىتايغا 1 مىليۇن 350 مىڭ يۇانگە سېتىۋەتىلدى.ئالغۇچى خىتاي، زاۋوتنىڭ ماشىنا-ئۈسكۈنلىرىنى خې بەىي غا يۆتكەپ كەتتى.بىر قىسىم ئۈسكۈنلەرنى 15 مىليۇن يۇان گە سەتىپ كاتتا پايدا ئالغانلىغىنى غۇل جا كوچىلىرىدا سۆزلەپ يۈرۈپ ئاغزىغا ماغزاپ يىغىلىپ قالغان بۇ خىتاي،زاۋوت زىمىنىغا بىنا سالدۇرۇپ، ئۆيلەرنى خىتاي كۆچمەنلەرگە سېتىپ،پۇللارنى سۈپۈرۈپ ئەلىپ خە بەى غا تىكىۋتتى.ئامما، بۇ زاۋوتتىن ئىشتىن چىقىرىلغان 900 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچى كوچىلاردا ئىشسىز قالدى
ئىنساننى ھەممىدىن بەك ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى؛ئەگەر بۇ زىمىننى،خىتايدىن باشقا ھەرقانداق مەدىنىيەت دۈشمىنى بىر مىللەت بەسىۋالغان بولسا ئىدى.1910.يىللىرى قۇرۇلغان بۇ زاۋوتنى بىر تارىخى مىراس سۈپىتىدە ساقلاپ قالغان ۋە ساناەت مۇزىسى قىلىپ قوغداپ قالغان بۇلار ئىدى

ئالتىنجى: لى چىڭ تىرە زاۋودى-غۇل جا شەھىرىنىڭ شەرق مەھەللىسىگە جايلاشقان بۇ زاۋوتتا 1000 گە يەقىن ئىشچى ئىشلەيتتى.مۇتلەق كۆپچىلىگى ئۇيغۇرلار ئىدى.زاۋوت 2000.يىلى تاقالدى.زاۋوتنىڭ ئۈسكۈنلىرى قازاقىستانغا سەتىۋەتىلدى. زاۋوتتىكى ئۇيغۇر ئىشچىلار تامامەن ئىشسىز قالدى

يەتتىنجى: غۇل جا تىرە-ئۈچەي زاۋودى-بۇ زاۋوت غۇل جا شەھەرنىڭ ئىلى دەرياسى بويىدىكى ئاغى مەھەللىسىدە بولۇپ، 1955.يىلى غۇل جا شەھەردىكى ئۇيغۇر بايلارنىڭ تەشەببۇسى ۋە ئۇلارنىڭ پاي چېكى ھەسسىسى بىلەن قۇرۇلغان.2000.يىلى زاۋوت تاقالىدىغان ۋاقىتتا 700 نەپەر ئىشچىسى بار ئىدى. 70% ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىدى.ئىشچىلار زاۋوتنى ئۆزلىرى بىرلىشىپ سەتىۋەلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.زاۋوتنىڭ خىتاي باشلىغى لى خو رەن ئۇيغۇر ئىشچىلارنى قوللىدى.ئوبلاستلىق ۋە شەھەرلىك پارتىكومغا بۇ مەسىلە ئۈستىدە كۆپ قەتىم ئىشچىلارنىڭ ئىلتىماسىنى يەتكۈزدى.ئوبلاسلىق پارتىكوم زاۋوت باشلىغى لى خو رەننى “بۆلگۈنچىلىك پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان”دىگەن قالپاق بىلەن پرتىيەدىن قوغلاپ چىقاردى،زاۋوت باشلىغىلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى ۋە بۇ ھەقتىكى پارتىكوم قارارىنى بارلىق ئىدارە-جەمىيەتكە تارقىتىپ،ئۇيغۇر ئىشچىلارنى قوللىغان خىتاي باشلىقلارنىڭ ئاقىۋەتى ھەققىدە باشقىلارغىمۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولدى.زاۋوت 3 قىسىمغا بۆلۈپ سەتىلدى.تىرە قىسمى،يەنە،ئوبلاستلىق پارتىكومنىڭ سىكىرتارى ژاڭ گو لىاڭ نىڭ بىر يەقىنىغا 120 مىڭ يۇانگە ھەدىيە قىلىندى.ئۈچەي ئىشلەش قىسمى سى چۇان لىك بىر خىتايغا سەتىلدى.ئىسكىلات قىسمىنى نۇرتاي ھاجىم سەتىۋەلىپ ئىسكىلات قىلىپ ئىشلەتتى.ئۇيغۇر ئىشچىلار تامامەن ئىشسىز قالدى

سەككىزىنجى: غۇلجا شەھەرلىك “غالىبىيەت” ئاياق كىيىم زاۋودى_بۇ زاۋوت غۇلجا شەھەرنىڭ كۆنچى مەھەللىسىگە جايلاشقان بولۇپ،1950.يىللىرى سەۋىت تەخنىكىسى ۋە ياردىمىدە قۇرۇلغان.بۇ زاۋوتتا ئىشلەپ چىقىرىلغان ئۈتۈك،شىبلىتلار شەرقى تۈركىستان مىقىياسىدا ئالاھىدە مەشھۇر بولۇپ،بۇ زاۋوتنىڭ مەھسۇلاتىغا ئىرىشىش كاتتا بىر ئەۋزەللىك سانىلاتتى.ئەينى زاماندا،سەيفىدىن،بۇرھان.. قاتارلىقلار،بۇ زاۋوتتا ماو زەدوڭ. ژو ئىن لاي،ژۇ دە، دوڭ بى يو.. قاتارلىق خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىگە بۇ زاۋوتنىڭ شىبلىتلىرىنى سوغا قىلغان
زاۋوت تاقالدى. 400 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچى ئىشسىز قالدى.زاۋوتنىڭ ئورنى شەخسىلەرگە سەتىۋەتىلدى

توققىزىنجى: غۇلجا شەھەرلىك مويكا-ئىلى ۋىلايىتىگە تەۋە ناھىيە،يەزا،يايلاقلاردىن يۇڭلارنى سېتىۋەلىپ،سوتقا ئايرىپ،يۇيۇپ-پىرىسلەپ زاۋوتلارغا ساتىدىغان بىر ئورگان بولۇپ،800 دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچىسىنىڭ 80% ئۇيغۇر ئىدى.مويكا 2000.يىلى تاقالدى.ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ھەممىسى ئىشسىز قالدى.مويكىنىڭ ئورنىنى 42 ئاىلىلىك يەرگە بۆلۈپ پۇلى بار خىتايلارغا سەتىۋەتتى

ئونىنجى: غۇلجا شەھەرلىك ئۇن زاۋودى-بۇ زاۋوت 1950.يىللىرى سەۋىت تەخنىكىسى ۋە ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ،زاۋوت ۋە زاۋوتنىڭ قارمىغىدىكى ئۇن دۇككانلىرىدا 1500 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشلەيتتى ئۇيغۇرلار 50% نىسپەتنى ئىگەللەيتتى.2000.يىلى زاۋوت تاقىۋەتىلدى ۋە ئىچكىرىدىن ئېقىپ كەلگەن بىر خىتايغا سەتىلدى. خىتاي خۇجايىن 200 ئەتىراپىدا خىتاي ئىشچىنى تەكرار ئىشقا ئالدى. بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئىشقا ئالمىدى. بۇ زاۋتتىن ۋە زاۋوت قارمىقىدىكى ئۇن دۇككانلىرىدىن چىقىرىۋەتىلگەن 750 ئەتىراپىدىكى ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچى تامامەن ئىشسىز قالدى

ئونبىرىنجى: غۇلجا شەھەرلىك قەغەز زاۋودى-ئىلى دەرياسى بويىغا جايلاشقان بۇ زاۋوت 1950.يىللىرى سەۋىت تەخنىكىسى ۋە ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ،400 نەپەر ئىشچىسى بار ئىدى. 2000.يىلى زاۋوت تاقالدى ۋە ئىچكىرىدىن ئېقىپ كىلىپ قالغان بىر خىتايغا سەتىۋەتىلدى. خىتاي خۇجايىن 100 نەپەر خىتاي ئىشچىنى ئەلىپ قەلىپ زاۋوتنى ئىشلەتتى. ئۇيغۇرلار تامامەن ئىشسىز قالدى.ھازىر بۇ زاۋوتتا ئىشلەۋاتقان بىرمۇ ئۇيغۇر يوق
ئون ئىككىنجى: غۇلجا شەھەرلىك قۇشخانا-غۇلجا شەھەرنىڭ ئالتە شۇار مەھەللىسىدە بولۇپ 200 نەپەر شىتاتلىق ئۇيغۇر قاسساپ ئىسلەيدىغان بۇ قۇشخانا غۇلجا شەھەرنىلا ئەمەس،ئۇرۇمچىنىمۇ گوش بىلەن تەمىنلەيتتى.قۇشخانىنى “ئىھتىياج يوق”دەپ تاقاپ تاشلىدى.قاسساپلارنى تارقىتىۋەتتى.قۇشخانىنىڭ زىمىنى ئىچكىرىدىن ئېقىپ كەلگەن خىتايلارغا سەتىۋەتىلدى.سەلىنغان بىنالاردا كۆچمەن خىتايلار ئولتۇرماقتا

ئون ئۈچۈنجى:ئىلى ئوبلاسلىق قۇرۇلۇش ئىدارىسى-ئورنى غۇلجا شەھەرنىڭ كۆك كۆۋرۈك مەھەللىسىدە.1000 دىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلەيتتى.90% ئىشچىسى ئۇيغۇر ئىدى.1997.يىلقى “5.پەۋرال ۋەقەسى”دىن كەيىنلا خۇسۇسلاشتۇرۇش باھانىسىدا ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئىشتىن چىقىرىۋەتتى.بۇ ئىدارىنى كۆتۈرە(چىڭ باو) ئالغان خىتايلار پارىخور خىتاي ئەمەلدارلىرىدىن ئالغان قۇرۇلۇشلار ئۈچۈن ئىچكىرىدىن 10.000 دىن ئارتۇق خىتاي ئىشچى ئەكىلىپ غۇلجا ۋە ئەتىراپىدا ئىشلەتمەكتە.ئەغىر ۋە پاسكىنا ئىشلاردا بولسىمۇ ئىشلەپ ئاىلىسىنى بەقىشنى ئارزۇ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھىچ بىرسى بۇ قۇرۇلۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىشقا ئەلىنمىدى

ئون تۆتىنجى: غۇلجا شەھەرلىك يىمەك-ئىچمەك شىركىتى(شى فىڭ گۇڭ سى)-دۆلەت ئىگىلىگىدىكى بۇ شىركەتتە ۋە قارىمىغىدىكى زاۋوت، ماگىزىنلاردا 1500 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىشچى-خىزمەتچى ئىشلەيتتى. خۇسۇسلاشتۇرۇش باھانىسىدا شىركەت ۋە قارمىغىدىكى زاۋوت،ماگىزىنلار خىتايلارغا سەتىۋەتىلدى.ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىشسىز قالدى

ئون بەشىنجى: غۇلجا شەھەرلىك باش كىيىم زاۋودى-بۇ زاۋوت،غۇلجا شەھەرنىڭ ئۆزبەك مەھەللىسىدە ئىدى.شەپكە،دوپپا،قالپاق،پىنجەك…قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنىڭ مىللى كىيىم ئىھتىياجى ئۈچۈن مال ئىشلەپ چىقىراتتى.200 دىن ئارتۇق ئىشچىسىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر،قازاق قىز-ئاياللىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ئەن-ئەنىۋى مىللى باش كىيىم نەقىش نۇسقىلىرىنى ئىشلەشتە كەسپى ماھىرلار ئىدى.1997.يىلى “5.پەۋرال ۋەقەسى” دىن كەيىن “ئىھتىياج يوق”دىگەن باھانا بىلەن زاۋوت تاقالدى.ئىشچىلار چىقىرىۋەتىلدى.زاۋوتنىڭ يەر-زىمىنلىرى خىتاي كۆچمەنلەرگە سەتىۋەتىلدى

ئون ئالتىنجى:.غۇلجا شەھەرلىك كىيىم-كەچەك كارخانىسى-غۇلجا شەھەرنىڭ تەش تەپكە مەھەللىسىگە جايلاشقان بۇ كارخانا دا،ئۇيغۇر،قازاقلارنىڭ مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە كىيىم-كىچەكلىرى ئىشلەپ چىقىرىلاتتى.بۇ كارخانىدا ئىشلەۋاتقان 400 ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر،قازاق خۇتۇن-قىزلىرىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ،ھەممىسى مىللى قول سەنئىتى ماھىرلىرى ئىدى. “5.پەۋرال ۋەقەسى”دىن كەيىنلا “ئىھتىياج يوق”دەپ تاقىۋەتىلدى.ئىشچىلار تارقىتىۋەتىلدى. كارخانىنىڭ ئورنىنى بازار مەيدانى قىلىپ ئۆزگەرتىپ بازارچىلارغا كىرالاپ بەردى

ئون يەتتىنجى: غۇلجا شەھەرلىك پوپايكا زاۋودى-بۇ زاۋوت،شەھەرنىڭ يەڭى يول كوچىسىدا بولۇپ،1950.يىللاردا سەۋىت تەخنىكىسى ۋە ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان.بۇ زاۋوتتا ھەر خىل مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان پوپايكىلارنى ئىشلەپ چىقىراتتى. غۇل جا قىز-يىگىتلىرى ۋە دوس-بۇرادەرلەر ئارىسىدا بىر-بىرىگە بۇ زاۋوتنىڭ پوپايكىسىنى ھەدىيە قىلىش ئادەتكە ئايلانغان ئىدى.بۇ زاۋوتتا ئىشلەۋاتقان 300 دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر،قازاق خۇتۇن-قىزلىرىدىن تەركىپ تاپقان.زاۋوت 2002.يىلى “ئىھتىياج يوق”دىگەن باھانا بىلەن تاقالدى.ئىشچىلار تارقىتىۋەتىلدى

ئون سەككىزىنجى: غۇلجا شەھەرلىك ھاراق زاۋودى-شەھەرنىڭ شەرق مەھەللىسىگە جايلاشقان بۇ زاۋوتتا 500 ئىشچى ئىشلەيتتى.ئىشچىلارنىڭ 70% ئى ئۇيغۇر ئىدى.زاۋوت “5.پەۋرال” ۋەقەسىدىن كەيىن تاقىۋەتىلدى.ئۇيغۇر ئىشچىلار ئىشتىن ھەيدەلدى
زاۋوت،خىتاي ئىشچىلار ۋە “ئىلى دا چۇى”دىگەن مەشھۇر ماركا بىڭ تىۋەن ھاراق زاۋودىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى

ئون توققۇزۇنجى: غۇلجا شەھەرلىك سىركە(ئاچئچىق سۇ) زاۋودى-بۇ زاۋوت شەھەرنىڭ خىتاي بازىرى دىگەن يەرىدە ئىدى.(بۇ يەر يەقىنقى تارىخلاردا،ئۇيغۇرلارغا كۈندىلىك ئىشلەش ئۈچۈن ئىش ئىزدىگەن خىتاي مەدىكارلارنىڭ توپلىنىپ تۇرىدىغان جايى بولغاچقا “خىتاي بازىرى” دىگەن نام قويۇلۇپ قالغان)_سىركە،جاڭ يو،پىڭتوزا… قاتارلىقلارنى ئىشلەپ چىقىراتتى.200 نەپەر ئىشچىسىنىڭ 95% ئى ئۇيغۇر ئىدى.2002.يىلى زاۋوت تاقىۋەتىلدى.ئىشچىلار ئىشتىن چىقىرىلدى.زاۋت ئورنى مىيۋە-چىۋە بازىرىغا ئايلاندۇرۇلدى

يىگىرمىنجى: غۇلجا شەھەرلىك خۇمدان زاۋودى-شەرھەرنىڭ زايومكا دىگەن يەرىگە جايلاشقان بۇ زاۋوتتا 500 نەپەر شىتاتلىق ئىشچى ئىشلەشتىن باشقا،ئۇ زامانلاردا،غۇلجا شەھەرىدە بۇنداق ئەغىر جىسمانى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي ئىشچىلار بولمىغاچقا، ئىشسىز قالغان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ يەردە ۋاخىتلىق قارا ئىشلاردا ئىشەپ ئاىلىسىنى بەقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىدى.بەزى ياز ئايلىرىدا 2000-3000 ۋاخىتلىق ئىشچى بۇ زاۋوت ئۈچۈن كەسەك تۈكۈپ ئاز بولسىمۇ پۇلغا ئىرىشەتتى.بۇ زاۋوتتا ئىشلىگۈچىلەرنىڭ 100% ئى ئۇيغۇر ئىدى. “ 5.پەۋرال” ۋەقەسىدىن كەيىن خۇسۇسلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن زاۋوت خىتاي كۆچمەنلىرىگە بىرىۋەتىلدى.يېڭى خۇجايىن(لاو بەن)لەر،ئۇيغۇرلارنى ئاستا-ئاستا ئىشتىن چىقىرىپ،خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ يېزىلىرىدىن ئىشچىلارنى ئەكەلدى.بۇ خۇمدان زاۋودىدا بەزى ياز ئايلىرى ئىشچى سانى 10.000 دىن ئەشىپ كىتىدۇ.بۇ زاۋوتقا ئىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلىپ ئىشقا كىرەلىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر يوق

يىگىرمە بىرىنجى: غۇلجا شەھەرلىك تاش يول ئىدارىسى-ئورنى غۇلجا شەھەرنىڭ دۆڭ مەھەللە دىگەن يەرىدە بولۇپ،غۇلجا شەھەر ۋە ئەتىراپىدا چوڭ-كىچىك تاش يول،كۆۋرۈك ياساش،رىمۇنىت قىلىش ئىشلىرىنى قىلاتتى.500 دىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلەيتتى 95% ئى ئۇيغۇر ئىدى. “5.پەۋرال ۋەقەسى”دىن كەيىن “خۇسۇسلاشتۇرۇش” سىياسىتى بىلەن پارىخور خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىچكى ئۆلكىدىن ئېقىپ كەلگەن تۇققانلىرىغا بىرىۋەتىلدى.خىتاي خۇجايىنلار،ئۇيغۇر ئىشچىلارنى ئاستا-ئاستا ئىشتىن چىقىرىپ تۈگەتتى.ئورتا ئاسيا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تىجارەت ۋە قاتناشنىڭ تۈگۈنىگە ئايلانغان غۇلجا شەھرى بىلەن قورغاس ۋە باشقا ناھىيەلەر ئارىسىدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر،بىڭ تۈۋەن،ھەربىي قىسىملار…نىڭ چوڭ ھەجىملىك يەڭى-يەڭى ئىشلىرىنى ئالغانلىغى ئۈچۈن،بەزى يىللىرى ئىشلەتكەن كۆچمەن ئىشچى سانى 50.000 دىن ئەشىپ كىتىدۇ.بىراق ئۇزۇن يىل تاش يول،كۆۋرۈك قۇرۇلۇشلىرىدا ئىشلەپ تەجىربىگە ئىگە بولغان ئۇستا ئۇيغۇر ئىشچىلارمۇ،بۇ ئىدارىغا تەكرار ئىشقا ئەلىنمىدى

بىز ،تاقىۋەتىلگەن زاۋوت،فاپىرىكا،كارخانىلار ئىچىدە 200 نەپەردىن ئاز ئىشچى ئىشلىگەلىرىنى ۋە چوڭ تىپتىكى بولسىمۇ،50% دىن ئارتۇق ئىشچىسى خىتايلاردىن تەشكىل تاپقانلارى بۇ تىزىملىككە كىرگۈزمىدۇق
يۇقىرىدىك 21 ئورگاندىن چىقىرىلغان ئۇيغۇر ۋە قازاق ئىشچىلارنىڭ سانى 13500 نەپەردىن ئارتۇق.ھەر بىر ئىشچى ئۆزىنى قوشقاندا 4 كىشىلىك بىر ئاىلىگە باقىدۇ دەپ ھىساپلايدىغان بولساق. 54000 نۇپۇسنىڭ كىرىم مەنبەسى كىسىلدى دىگەن گەپ.ئىشىدىن ئايرىلىپ،يوقسۇللۇق پاتقىغىغا ئىتتىرىلگەن بۇ ئىنسانلارنىڭ ئىچىدە؛بەزىلىرىنىڭ تۇرمۇش قىيىنچىلىغى تۈپەيلى ئەر-خۇتۇنلارنىڭ ئايرىلىپ كىتىشى،بەزىلىرىنىڭ مۇھتاجلىقتىن قورۇ-جايلىرىنى سەتىپ ئۆي-ماكانسىز قەلىشى.بەزىلىرىنىڭ چۈشكۈنلىشىپ زەھەرلىك چىكىملىككە بىرىلىپ كىتىشى،ئەيدىز كىسىلىگە گىرىپتار بولىشى،بەزىلەرنىڭ يۇرتنى تاشلاپ چەتئەللەرگە چىقىپ كىتىشى،بەزىلەرنىڭ مىللى زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىككە قارشى قولىغا قۇرال ئەلىشى،تەۋەككۇلچىلىق ھەركەتلىرىگە كىرىشىشى،بەزى ياشلارنىڭ چارىشىزلىكتىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ،تەلىيىنى سىناش ئۈچۈن خىتاي ئۆلكىلىرىگە كىرىپ ياكى جىنايەتچىگە،ياكى جىنايەتچىلەرنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلىنىپ كىتىشى،ياشانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ باققۇچىسىز،ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپسىز قەلىشى،بۇۋاقلارنىڭ يىتەرلىك ئۇزۇققا ئىگە بۇلالماسلىغى،ياشلارنىڭ ۋاختىدا ئۆيلىنەلمەسلىگى… شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەڭ باي ۋە مەدىنىيەتلىك ئاھالىسى ھىساپلانغان غۇلجا ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈندىلىك ھاياتىغا جىددى تەھدىت ئەلىپ كەلمەكتە.

2
غۇلجىدا بۇنچىۋالا ئۇيغۇر،قازاق ئاھالىسى ئىشتىن چىقىرىلىپتۇ-دە،بۇ شەھەردە ھىچ تەرەققىيات بولمىدىمۇ؟ دەپ سورايدىغانلار بولىشى مۇمكىن.بولدى،بەلكى غايەت زور تەرەققىياتلار بولدى.تەرەققىيات نىمە؟پايدىلانغۇچىلار كىم؟
تۈۋەندە،قىسقىچە بىر نەچئچە مىسال بىرەيلى؛

مىڭ توققۇز يۈز توخسىنىنجى يىلىدىن كەيىن غۇلجا شەھىرى،ئورتا ئاسىيانىڭ كۈنسىرى ئېشىۋاتقان تىجارى ئىھتىياجىغا جاۋاپ بىرىدىغان تىجارەت مەركىزىگە ئايلاندى.يەڭى تەرەققىياتلار تىز سۈرەت بىلەن يۈكسىلىشكە باشلىدى.غۇلجا ئۇيغۇرلىرى بۇ تەرەققىياتنىڭ چاڭ-تۇزاڭلىرىنى يۇتۇشتىن باشقا ھىچ بىر مەنپەتكە ئىرىشەلمىدى ۋە “5.پەۋرال ۋەقەسى”پارتلىدى.تەرەققىيات تەخىنۇ تىز ئىلگىرلىدى.ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ جەسەتلىرى،ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆز ياشلىرى،تۇل كەلىن،يەتىم بالىلارنىڭ دات-پەرياتلىرى ئۈستىدە ئورماندەك يەڭى بىنالار يۈكسەلدى.مەن،ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ كىرىپ-چىقىۋاتقان سودا سارايلىرىن بىر قانچە مىسال بىرىمەن؛

بىرىنجى: مەركىزى سودا سارىيى(ژۇڭ ياڭ سىچاڭ) خىتاي بازىرىدا قۇرۇلغان بۇ بازاردا 300 دىن ئارتۇق دۈكان بار. ئۆي سايمانلىرى(جا جۈي) بازىرى.بۇ يەردە 1000 دىن ئارتۇق كۆچمەن خىتاي، ئورتا ئاسىياغا مال ساتىدۇ

ئىككىنجى: ياشلار سودا سارىيى(چىڭ نىيان سىچاڭ)-500 ئەتىراپىدا دۇكان بار.ھەممىسى كۆچمەن خىتايلار تەرىپىدىن سېتىۋەلىنغان ياكى كىرالانغان.1000 دىن ئارتۇق كۆچمەن بۇ يەردە ئىشلەپ ئاىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ.بۇ يەردە خىتايدىن كەلگەن كىيىم-كەچەك سەتىلىدۇ

ئۈچۈنجى: ھىلال ئاي(يۈە لىياڭ ۋەن)سودا سارىيى-ئورنى ئايدۇروم يولىدا بولۇپ،ئۆي سايمانلىرى ساتىدۇ.1000 دىن ئارتۇق كۆچمەن خىتاي بۇ بازاردا سودا قىلىدۇ

تۆتىنجى: كەي فا سدا مەركىزى-بايانداي يولىدا.(كەي فا چۈي)دەپ ئاتالغان يەڭى كۆچمەن خىتايلارنى يەرلەشتۇرىۋاتقان بۇ يەردىكى سودا سارىيىدا مەخسۇس ئۆي دىكىراسىيون (ژۇاڭ شۇ فىن) ماتىرياللىرى سەتىلىدۇ خۇجايىن،ئىشچىلىرى بولۇپ 5000 خىتاي ئىشلىمەكتە

بەشىنجى: ئۈچ دەرۋازا سودا سارىيى-بۇ سودا سارىيىنى 2000 ئەتىراپىدا خىتاي كۆچمەن ئىشلەتمەكتە

ئالتىنجى: دۆڭ كۆۋرۈك مەھەللىسىدە ھەربى كۇلۇپنى چوڭ سودا سارىيى قىلىپ ئۆزگەرتكەن بولۇپ،بۇ يەردە 500 دىن ئارتۇق دۇككان بار.مەخسۇس ئاياق كىيىم سەتىلىدۇ.بۇ يەردە بايلىق ۋە ئىش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشكەن 1500 نەپەر كۆچمەن خىتاي پۇخراسى ماكان تۇتماقتا

يەتتىنجى: ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 7 قاتلىق بىناسى چېقىلىپ،ئورنىغا ناخىتى ھەشەمەتلىك سودا سارىيى سەلىندى ۋە 5000 خىتاي كۆچمەنگە ئىش ئىمكانى يارىتىلدى

سەككىزىنجى: چىنە-قاچا (تاو سى)سودا سارىيى-يەڭى ھايات مەھەللىسىدە.300 دىن ئارتۇق دۇككاندا 1500 خىتاي كۆچمەن چىنە-قاچا سەتىش بىلەن مەشخۇل

غۇلجا شەھىرىدە يەڭى سېلىنغان،100 بىلەن 30 ئارىسىدا دۇككان بولغان سودا سارıيı سانى 100 دىن ئارتۇق.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي كۆچمەنلەر ئىشلىتىدۇ

قورغاس چىگرىسىدا بولسا، يەڭى سېلىنغان سودا سارىيى،سادا ھەجىمى،ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر سانى جەھەتتىن غولجا شەرھەردىكىدىن ھەسسىلەپ كۆپ. “5.پەۋرال ۋەقەسى”دىن كەيىن غۇلجا ۋە قورغاس تا ئېچىلغان سودا سارايلىرىدا پەقەتلا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆچمەن خىتايلارنىڭ سانى 30.000 دىن ئارتۇق. ئۇلارنىڭ ئاىلىسىنى قوشقاندا،بىر ئاىلىدە 4 كىشى بار دەپ ھەساپلىساق،120.000 يەڭى كۆچمەن غۇلجا رايونىدا ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئەرىشكەن بولىدۇ

3

بەزىلەر ئويىشى مۇمكىن؛غۇلجىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقانلار شۇنچىلامۇ شەپقەتسىز؟ ئۇيغۇرلارغا ھىچ ئىش ئىمكانى بەرمىدىمۇ؟ بەردى. غلجا ئۇيغۇرلىرىدا بولۇپ باقمىغان 3 كەسىپنى بەردى.ئۇيغۇرلارغا،خىتايلار تەرىپىدىن ھەدىيە قىلىنغان 3 يېڭى كەسىپ تۈۋەندىكىلەردۇر؛
بىرىنجى: رىشىكچىلىك(سان لۇ چە شۇ)كەسپى-1980.يىللىرىڭ ئورتتۇرلىرىدىن باشلاپ شەقى تۈركىستاننىڭ ھەر يىرىدىكىگە ئوخشاش غۇلجا شەھىرىگىمۇ 3 چاقلىق مەپىچاق ھارۋا بىلەن ئادام تۇشۇيدىغان رىشىكچىلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى.بارغانسىرى كۆپەيگەن رىشىكچىلار قۇشۇنى “5.پەۋرال ۋەقەسى”دىن كەيىن،دۆلەت ۋە بانكىلارنىڭ قوللىشى ،قەرىز بىرىشى بىلەن تاكسى ئەلىپ تاكسىچى بولۇپ كەتتى.قولىدا قالغان ئۈچ چاقلىق ھارۋىلىرىنى ئەزان باھادا ئىشسىز ئۇيغۇرلارغا ساتتى ۋە ئۇلارغا رىشىكچىلىقنىڭ “ماھارىتى”نى ئۈگىتىپ قويدى.ھازىر،مەركىزى كوچىلاردا تاكسى ھەيدەپ كىتىۋاتقان خىتايلارنى،ئارقا كوچىلاردا رىشىك سۆرەپ يۈگرەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كۈرىسىز.خىتايلار رىشىكچى زامانلاردا،مەركىزى كوچىلاردىمۇ رەشىك قاتنىشىغا يول قويۇلاتتى.رىشىكچىلىك كەپسىنى ئۇيغۇرلار ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كەيىن،شەھەرلىك قاتناش ساقچىلىرى،ئۇلارنىڭ مەركىزى كوچىلارغا كىرىشىنى مەنئى قىلدى.ئۇيغۇر رىشىكچىلار پەقەتلا ئارقا كوچىلاردىلا رىشىك سۆرىيەلەيدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئەغىر جازاغا ئۇچىرايدۇ

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان قاسىمى،1946.يىلى،تەكلىپ بىلەن گومىنداڭنىڭ خەلق قۇرۇلتەيىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نەن جىڭ غا بارغاندا رىشىك دەپ ئاتالغان 3 چاقلىق ھارۋا بىلەن ئادەملەرنى تۇشۇپ يۈرۈۋاتقان ئادەملەرنى كۆرگەن.غۇلجىغا قايتقاندىن كەيىن،خىتاي خەلقىنىڭ قانچىلىك ئەغىر زۇلۇم ۋە جاپا-مۇشاقەت ئىچىدە ياشايدىغانلىغىنى سۆزلەپ كىلىپ،رىشىكچىلارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن ئىدى.بىراق،50-55.يىلدىن كەيىن ئۆز ئەۋلاتلىرىنىڭ رىشىك سۆرەيدىغان ئەھۋالغا چۈشۈپ قەلىشىنى ھىچ قاچان ئەقلىگە كەلتۈرۈپ باقمىغان بۇلغۇيتتى

ئىككىنجى: ياماقچىلىق كەسپى-مۆرىسىدە ئاياق ياماش ماشىنىسىنى كۆتۈرۈۋەلىپ كوچا-كوچىدا يۈرۈپ ئاياق يامايدىغان خىتايلارمۇ 80. يىللاردىن باشلاپ يامراپ كەتكەن ئىدى. “5.پەۋرال ۋەقەسى”دىن كەيىن دۆلەت ۋە بانكىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلار قىسقا زاماندا دۇككان،ئىش ئىگىسى بولۇپ قالدى. “غالىبىيەت”ئاياق كەيىم زاۋودىدىن چىقىرىۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئۇستىلار ۋە بىر مۇنچە ئىشسىز كىشىلەر ياماقچىلىق كەپسىنى قىلىشقا باشلىدى.ئۇيغۇرلار كوچا ئايلىنىپ يۈرۈپ ياماقچىلىق قىلىشقا ئادەتلەنمىگەنلىگى ئۈچۈن،يول-كوچا بويلىرىدا ئولتۇرۇپ ياماقچىلىق قىلىدۇ.بىر ياققا قارىسىڭىز تەر ۋە چاڭ-تۇزاڭ ئىچىدە رىشىك سۆرەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى.بىر ياققا قارىسىڭىز،كوچا بويلىرىدا توپا-چاڭ ئىچىدە تىزىلىپ ئولتۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ ئاياقلىرىغا تەلمۈرۈپ قاراۋاتقان ئۇيغۇر ياماقچىلىرى
خىتاي ئاھالىسىنىڭ تۈرمۇش سەۋىيىسى سۈرئەت بىلەن ياخشىلىنىۋاتقانلىغى ئۈچۈن،ئۇلارنىڭ رىشىكچىلارغىمۇ،ياماقچىلارغىمۇ ئىھتىياجى قالمىدى.رىشىكچىلارنىڭمۇ،ياماقچىلارنىڭمۇ مۇشتىرىلىرى يەنىلا يوقسۇل ئۇيغۇرلار

ئۈچۈنجى: تىلەمچىلىك كەسپى-بۈگۈنكى كۈندە جۈمە كۈنلىرى،غۇلجا شەھەرىنىڭ جامى-مەسچىتلىر ئالدىغا توپلانغان تىلەمچى سانى جامى جاماىتىدىنمۇ كوپ. “تارانچى”دەپ ئاتالغان ئىلى ئۇيغۇرلىرى يۇرتىدا تىلەمچى كۈرۈپ باققان ئەمەس.1960.يىللىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاچارچىلىق ئاپىتى يۈز بىرىپ غۇلجىغا قېچىپ كىلىپ قالغان بىچارە خىتايلار بىر مۈددەت تىلەمچىلىك قىلغان بولسىمۇ،شەھەر ئاھالىسى،ئۇلارنى ئۆيگە ئۇرۇنلاشتۇرۇش،كىيىم-كەچەك،يىمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق قىسقا ۋاخىت ئىچىدە غۇلجىدا تۇلىمۇ ئېيىپ ھىساپلىنىدىغان تىلەمچىلىك كەسپىنى تۈگەتكەن.قەھەتچىلىك ئەڭ ئەغىر بولغان “مەدىنىيەت ئىنقىلاۋى” دەۋرىدىمۇ غۇلجىدا تىلەمچى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.شۇڭا مەشھۇر،ئىلى خەلق چاقچاقچىسى ھىسام ئاكىنىڭ چاقچاقلىرى ئارىسىدا “غۇلجىلىقلار تىلەمچىلىكنى بىمىگەچكە،تىلەمچىلىككە مۇھتاج قالغانلىرى “پۇلۇڭ بولسا 10 سوم بىرىپ تۇرە”دەپ پۇل سورايدۇ”دەپ ھەجىۋى قىلاتتى
ئامما،ھازىر،غۇلجىلىق ئۇيغۇر ئاھالىسى ئىچىدە توپ-توپ “تىلەمچى”جاماىتى بارلىققا كەلمەكتە.قېرىلار،ئايالار،بالىلار،مەيىپلەر…مۇھتاج تىلەمچى ئۇيغۇرلار،ئۆزلىرىدىن بىرازلا پەرقى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئالدىدا كىزىپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىشماقتا
غۇرۇرلۇق غۇلجا ئۇيغۇرلىرى تارىخنىڭ ھىچ بىر دەۋرىدە بۈگۈنكى كۈنلەردىكىدەك يوقسۇل،مەزلۇم،چارىسىز ئەھۋالدا قلمىغان ئىدى

ئىشسىز ۋە ئاشسىز قالغان غۇلجا ئۇيغۇرلىرى چارىسىزلىق ئىچىدە،بالىلىرىنىڭ كىلەچېگىنى خىتايچە مەكتەپلەردە ئىزدەشكە باشلىدى.بۇ ھەقتە ئىككى مىسل بىرىمەن؛
ئىككى مىڭ تۆتىنجى يىلى.9.ئايدا غۇلجا شەھەر ئايدۆڭ مەھەللىسىدىكى ئونىنجى باشلانغۇچ مەكتەپكە (ئۇيغۇر مەكتىۋى) ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا بارلىق ئوقۇتقۇچى،مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ سەپەرۋەرلىككە كىلىشىگە قارىماي،يېڭى سىنىپقا تىزىملىتىلغان ئوقۇغوچى سانى 3 نەپەر
ئىككى مىڭ تۆتىنجى يىلى 9.ئايدا غۇلجا شەھەرلىك 11. ئوتتۇرا مەكتەپ قارمىغىدىكى باشلانغۇچ(خىتاي مەكتىۋى) نىڭ يېڭى سىنىپىغا تىزىملىتىلغان ئوقۇغوچى سانى 60 نەپەر بولۇپ،47 نەپىرى ئۇيغۇر،13 نەپىرى خىتاي .ئوقۇش باشلىنىپ 6 ئاي ئىچىدە 10 نەپەر خىتاي ئوقۇغوچى ئاتا-ئانىسى تەرىپىدىن ئەلىنىپ،ئۇيغۇرسىز خىتاي مەكتەپلىرىگە يۆتكەپ كىتىلدى.بۇ خىتاي تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈلىدىغان سىنىپتا 50 نەپەر ئۇيغۇر، 3 نەپەر خىتاي ئوقۇغوچى دەرسىنى داۋاملاشتۇرماقتا
بۇ ۋەزىيەت،ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كىلەچەككە قانداق بىر مەدىنىيەت بىلەن يىتىلىشى مەسىلىسىدە جىددى سۇئال ئىشارىتى تۇغدۇرۇپلا قالماي،نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىسىغا خىزمەت ئىمكانى يارىتىۋاتقان مائارىپ ساھەسىدە،ئۇيغۇرلارنى ئۇمۇمى يۈزلۈك ئىشسىز قالدۇرۇش دولقۇنىنىڭ كۈتۈرۈلۈش خەۋىپى ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ

شەرقى تۈركىستاننىڭ باشقا جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى قانچە ھەسسە ئېغىر ۋە پاجىيەلىك.ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەر يەردە ئىشسىزلىق،چارىسىزلىق.ئامما،بۇ زىمىندىكى “تەرەققىيات”قا ئەگىشىپ، ئىش كۈچىگە بولغا ئىھتىياج ۋە پۇل تەپىش ئىمكانلىرى توغرىسىدا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى بەزى سانلىق مەلۇماتلارغا باقايلى؛
شىن خۇا ئاگىنىتلىغىنىڭ 2004.يىلى،9.ئاينىڭ 24.كۈنىدىكى خەۋىرىدە،شەرقى تۈركىستانغا،خىتايدىن ھەريىلى 600.000 ئىشچى پاختا يېغىۋەلىش ئەمگىگى ئۈچۈن كىلىدىغانلىغىنى ئىلان قىلدى.2004.يىلى.9.ئاينىڭ 20.كۈنىدىكى “تەڭرى تاڭ “تور بەتىدە شەقى تۈركىستاندا ھەر يىلى 400.000 يەڭى ئىش كۇچى كۆپۈيۈۋاتقانلىغىنى،ئىشسىزلارنىمگ سانى بىر مىليۇندىن ئەشىپ كەتكەنلىگى يەزىلغان.باشقا بىر خىتاي تور بەتىدە،بۇ زىمىنغا ھەر يىلى ئۆزلىگىدىن ئەقىپ كەلگەن ئەمگەك كۇچى سانى 30.000 ئەتىراپىدا،ئۇلار يىلدا 10 مىليارت يۇان پۇل تەپىپ ئاىلەلىرىگە ئەۋەتىدىغانلىغى يەزىلغان
ئىككى مىڭ بەشىنجى يىلى.1.ئاينىڭ 1.كۈنىدىكى “شىن جىاڭ گەزىتى”خىتايچە سانىدا بىڭ تۇان دە “2004.يىلى كىشى بەشىغا توغرا كەلگەن مىللى دارامەت 11780 يۇان”ئىكەنلىگى،بىڭ تۇان قۇماندانى ژاڭ چىڭ لى نىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسەن يەزىلغان.يەنە،1.ئاينىڭ 2.كۈنىدىكى “خوتەن گەزىتى”خىتايچە سانىدا،”2004.يىلى خوتەن دىھقانلىرىنىڭ ئورتا ھىساپ بىلەن مىللى دارامىتى 980 يۇان گە ئۇلاشتى”دەپ خوشخەۋەر بىرىلگەن
خىتايلارنىڭ رەسمى ھۆكۈمەت دائىرلىرىدىن بىرىلگەن بۇ سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى نەخ كۈرۈۋالالايمىزكى،شەرقى تۈركىستاندا خىتاي دىھقانلىرىنىڭ يىللىق دارامىتى،ئۇيغۇر دىھقانلىرىنىڭكىدىن 12 ھەسسە ئارتۇق
شەرقى تۈركىستاننى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆز-ياشلىرى بىلەن تولغان بىر دەڭىز دەپ پەرەز قىلساق،ئىمتىيازلىق خىتاي كۆچمەنلىرى بۇ دەڭىزدا بەھۇزۇر ئۈزۈپ يايراۋاتقان بىلىقلارغا،ھەتتا لەھەڭلەرگە ئوخشايدۇ
خىتاي ھۆكۈمىتى،ئۇيغۇرلارنى ھىچ بىر زامان ئۆزىنىڭ پۇخرالىرى سۈپىتىدە كۆرمىگەنلىگى يۇقىرقى پاكىتلاردىن مەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.”5.پەۋرال ۋەقەسى”نىڭ پارتلىشىڭ سەۋەپچىسى ۋە جاۋاپكارى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىكەنلىگى خەلقارا جەمىيەت كۆردى.ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقارالىشىشىدا “5.پەۋرال ۋەقەسى” پەۋقۇلئاددە زور رول ئوينىدى
بەشىنجى پەۋرال روھى دەمەك- قۇللۇققا قارشى ئىسيان روھى دىمەكتۇر
بەشىنجى پەۋرال روھى دەمەك-ئەركىنلىك،ئازاتلىق روھى دىمەكتۇر
بەشىنجى پەۋرال روھى دەمەك -يۇقۇتۇپ قويغان ھوقۇقنى،غۇرۇرنى،شان-شەرەپنى قايتۇرۇپ ئەلىش روھى دىمەكتۇر
ئۇيغۇر خەلقى “5.پەۋرال”شەھىتلىرىنى،قەھرىماملىرىنى ئەبىدى ئۇنۇتمايدۇ
يولىمىز “5.پەۋرال” يولىدۇر

يىل2005 – 2.ئاينىڭ.4-5 كۈنى

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچىسى 2009.يىلى كۆپلىگەن تورلاردا م.ئازات ئىسىمى بىلەن ئىلان قىلىنغان

Share
3547 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.