logo

trugen jacn

بىڭتۇەن دائىرىلىرى تېررورلۇق ۋەقەلىرى ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 500 مىڭ سوم مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان

 

يېقىندا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ تېررورلۇققا قارشى خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى «تېررورلۇققا چېتىشلىق جىنايەتلەرنى پاش قىلغۇچىلار ۋە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى» نى ئېلان قىلغان.

بىڭتۇەن تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر «چارە» دىكى بەلگىلىمە بويىچە، تېررورلۇققا چېتىشلىق ۋەقەلەر ھەققىدە ئالدىن ئۇچۇر بەرگەن ياكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 500 مىڭ سومغا قەدەر مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

مەزكۇر «چارە» دە كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر ھەرقانداق كىشى بىڭتۇەننىڭ 96110 نومۇرلۇق ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن ئالدىن ئۇچۇر بەرسە، تەمىنلىگەن خەۋىرىنىڭ سالمىقى ۋە مۇھىملىق دەرىجىسىگە قاراپ تېگىشلىك مۇكاپاتىنى ئالالايدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بىڭتۇەنگە قاراشلىق ھەرقايسى دېۋىزىيە ۋە پولكلاردا ئاممىنى تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئۇلار تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارنى باھالاپ بېكىتىش ۋە مۇكاپات تارقىتىش خىزمەت گۇرۇپپىلىرى قۇرۇلماقتىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر «چارە» ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك ئورۇنلاردا ئالدى بىلەن تەجرىبە قىلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە بىڭتۇەن دائىرىلىرىنىڭمۇ بۇنى يولغا قويۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى ئاممىۋى خەلق ھەرىكىتى» قوزغاش ئىستراتېگىيەسىنىڭ رەسمىي كۈنتەرتىپكە كەلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر، دەپ قارىماقتا

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/terror-mukapat-11142016144729.html

Share
811 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.